ئوقۇتقۇچى دوستۇم ، سىز ئارتىس ئەمەس !
ئابلەت مەمەت
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق تەربىيەلەيدىغان مۇھىم بازا. مەكتەپنى كىچىكلىتىلگەن بىر جەمئىيەت، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى، ئالاھىدە بىر سەھنە دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ ھەممىمىزگە ئايان، ئەلۋەتتە.
بىراق، بىر قىسىم ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئورۇنلانغان بىر قىسىم نومۇرلار كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالماي قالمايدۇ.
قارايدىغان بولساق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشىغا ماس كەلمەيدىغان نومۇرلارنى ئۇستا ئارتىسلارنى دوراپ قېنىق گىرىم قىلىپ، يېرىم يالىڭاچ ھالەتتە ئويناپ كېتىشلىرى، تېكىستى نائېنىق چەت ئەلچە ناخشىلارنى دوراپ ئېيتىشلىرى، ھەتتا، ‹‹كۆيدۈم! پىشتىم!›› دېگەندەك مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئوقۇپ، ئۇسسۇل ئويناپ كېتىشلىرى مەسئۇلىيەتچان ھەر بىر ئاتا – ئانىنى ۋە ئوقۇتقۇچىنى ئويلاندۇرماي قويمايدۇ.
بىر قېتىملىق مەكتەپ پائالىيىتىدە مەلۇم بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نومۇر كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنغانىدى، ئۇ ھېچ تەپتارتماستىنلا يېرىم يالىڭاچ كۆرسىتىدىغان بىر كىيىمنى كېيىپلا سەھنىگە چىقتى – دە، پىلاستىنكىدىن ھېندىستاننىڭ مەلۇم بىر كېنوسىدىكى ‹‹گاراھى!›› دېگەن ناخشىنى قويغىنىچە، كاسىلىرىنى تولغاپ ھىندىستانچە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى قىياپىتىگە قارىغان ئادەم ئۇنى بىر ئوقۇتقۇچى ئەمەس، بەلكى بەزمىخانىدىكى ئۇسسۇلچىمىكىن دەپ ھېس قىلاتتى. ‹‹توۋا!›› دەپ ياقامنى تۇتتۇم. شۇ تاپتا سەھنىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقىنى ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان بىر ئوقۇتقۇچى، ئۇنى كۆرۈۋاتقىنى ئېغىزىدىن تېخى سۈت تېمىپ تۇرغان، ھەممىگە ھەيرانلىق، قىزىقىش ۋە ھەۋەس بىلەن قارايدىغان، سەل تۇرۇپ ئاۋۇ ئوقۇتقۇچىدىن غايە، كىشىلىك تۇرمۇش، ئەدەب – ئەخلاق، قائىدە – يوسۇندىن دەرس ئالىدىغان سەبىي بالىلار!
خىجىللىقتىن يۈزۈم ئوت ئېلىپ قىزىرىپ، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتىم، ئاشۇ ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلاردىن: ‹‹بالام، ئاۋۇ ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن مەن ناماقۇل بولاي!›› دېگۈم كەلدى.
بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا، بەزى ئوقۇتقۇچىلار قىلچىمۇ ھېيىقماستىن: ‹‹بۇ دېگەن سەنئەت! مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلدىم!›› دەپ ئۆزىنى ئاقلىشى، ‹‹باشقا ئارتىسلارمۇ سەھنىلەردە شۇنداق ئوينايدىكەن، مەن ئوينىسام نېمە بوپتۇ؟›› دەپ سەۋەب كۆرسىتىشى مۇمكىن، بىراق، بۇ ھەرگىزمۇ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ئورۇنلۇق سەۋەب بولالمايدۇ.
چۈنكى، مەكتەپ ئالاھىدە ئورۇن، ئۇ ھەرگىزمۇ جەمئىيەتتىكى ئېچىۋېتىلگەن سورۇن ئەمەس، بەلكى، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام بولغان جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن نىشانلىق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ئالاھىدە تەربىيە سورۇنى. مەكتەپتە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ساغلام ئىدىيە ۋە روھ بىلەن تەربىيەلىنىپ چىقىش ھوقۇقى باركى، ھېچكىمنىڭ ئۇنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ! شۇڭلاشقا، ئاشۇنداق ئوقۇتقۇچىلارغا شۇنداق خىتاب قىلغۇم كېلىدۇ: ئوقۇتقۇچى دوستۇم، سىز ئارتىس ئەمەس! ئوبرازىڭىزنى ساقلاڭ!
(تەھرىر : سەپەر)
« ئوقۇتقۇچى دوستۇم ، سىز ئارتىس ئەمەس !»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان سۇئاللار
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم ، سىز ئارتىس ئەمەس !
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئ
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمس
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يې
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگ
- مۇئەللىم كىم(بۇ ياخشى ئەسەر بولۇپ ئوقۇپ
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆرد
- ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- يىزا كەنت مەكتەپلەردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنى
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چ
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان سۇئا
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم ، سىز ئارتىس ئەمەس !
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە سەل
- مۇئەللىم كىم(بۇ ياخشى ئەسەر بولۇپ ئوقۇپ قويۇش
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىل
- ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى
- ئوقۇتقۇچىلار دەستورى
- مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى