بالىلارنىڭ ياخشى ئۇخلىيالماسلىقى خەتەرلىك ئىكەن
ئامېرىكىدىكى«ۋال كوچىسى گېزىتى»ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ئاتا–ئانىلار چارچاپ قالغان بالىلارنىڭ ئاسانلا غەزەپلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ . ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمىسا ، ئۇلارنىڭ گومۇشلۇق ۋەيۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچىيىدىكەن .
تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداقدېيىلدى : ياخشى ئۇخلىيالمىغان بالىلارنىڭ يەنە ھاراق ۋە زەھەرگە ئاسانلا خۇمار بولۇپ قالىدىغانلىقى دەلىللەندى . ئۇلاردا يەنە جىدەلخورلۇق ، ئۆگىنىش ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چېكىنىش ، سەمىرىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدىكەن .
|