بالىلاردىكى «مەكتەپتىن قورقۇش »ھادىسىسىگە ھەرگىز سەل قارىماڭ
پاتىمەنىڭ بۈگۈن يەنە قورسىقى ئاغرىپ، ئەتىگەندىن بېرى تۆت-بەش قېتىم ھاجەتخانىغا كىردى. ئۇ بۇ مەۋسۈمدە ھەر قېتىم ئىمتىھان يېقىنلاشقاندىلا قورسىقى ئاغرىپ، ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەيۋاتاتتى. بۇ يىل ئوقۇش باشلىنىش ئالدىدا پاتىمەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى مۇشۇ رايوندىكى نۇقتىلىق مەكتەپكە مىڭ تەستە يۆتكىدى. نۇقتىلىق مەكتەپ بولغانغا لايىق مەكتەپنىڭ دەرسلىرى ئېغىر، تۈزۈملىرى قاتتىقراق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساۋاقداشلىرى بىلەن بەكرەك تونۇشۇپ بولالمىغاچقا كۆنەلمەيۋاتامدۇ ياكى ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىنمۇ، ئۇ بارغانسېرى جىمىغۇرلىشىپ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئانچە پاراڭلاشمايدىغان بولۇپ قالغاننى ئاز دەپ، يېقىندىن بۇيان پات-پات ئاغرىپ قېلىپ مەكتەپكە بارمايدىغان، ئىمتىھاننىڭ گېپى چىقسىلا قورسىقى ئاغرىپ، ھاجەتخانىغا يۈگرەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋال ئۆيدىكىلەرنى ئەنسىرىتىپ قويىۋاتاتتى.
گۈلجاھانمۇ بۇ يىل ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشى بىلەنلا ھە دېسە زۇكام بولغاندەك بېشى ئاغرىيدىغان، پۈتۈن بەدىنى سىرقىراپ ئاغرىپ، پات-پات ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. بۇرۇن ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ئاسانلىقچە ئاغرىپ قالمايتتى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى دوختۇر بولغاچقا، ھەرخىل تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇرۇپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق كېسەل تاپالمىدى. ئۇ يەنە ئاغرىپ قالدى. بۇ قېتىم ئۇنى ئۆيدىلا ياتقۇزۇپ داۋالىغان بولسىمۇ، لېكىن كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولمايۋاتاتتى. ئاتا-ئانىسى گۈلجاھانغا دەرسلەردە بەك كەينىدە قالغانلىقىنى، شۇڭا چىداپ تۇرۇپ مەكتەپكە بېرىشنى ئېيتقاندا، ئۇ مەكتەپكە بارمايمەن دەپ يىغلاپ تۇرۇۋالدى. ئاتا-ئانىسى قىزىدا چوڭراق كېسەل بولمىغاندىن كېيىن دەرستىن قالمىسا بولاتتى، دەپ ئىچى تىت-تىت بولاتتى.
پاتىمە ئىمتىھاندىن، دېگەندەك تونۇشۇپ بولالمىغان ساۋاقداشلىرى ئارىسىغا بېرىشتىن قورقسا، گۈلجاھان ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەشتىن بىزار ئىدى. ئۇلار شۇلارنى ئويلىسىلا ئاغرىپ قالىدىغان بولىۋالدى. ئۇلارنىڭ مەكتەپكە پەقەت بارغۇسى يوق ئىدى. بۇ زادى قانداق ئەھۋال؟
پاتىمە بىلەن گۈلجاھاندا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل ئالامەتلەرنى زادى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟
پاتىمە بىلەن گۈلجاھان گىرىپتار بولغان بۇ خىل كېسەللىك پسىخولوگىيە ئىلمىدە ‹‹مەكتەپتىن قورقۇش كېسىلى›› دېيىلىدۇ. بالىلاردىكى ‹‹مەكتەپتىن قورقۇش كېسىلى›› نۆۋەتتە ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان بىر خىل روھىي جەھەتتىن توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامىتى بولۇپ قىزلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ئادەتتە بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتا قوللىنىدىغان بىر خىل ئۇسۇلدۇر. بۇنداق كېسەلگە گىرپتار بولغان بالىلار مەكتەپكە بارغۇسى كەلمىسىلا بېشى ۋە پۈتۈن بەدىنى سىرقىراپ ئاغرىپ، ماغدۇرسىزلىنىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۆيدە يېتىۋالىدۇ. بەزىلەر تېخى قورسىقى مۇجۇپ ئاغرىپ، ئىچى سۈرۈۋاتقاندەك بولۇپ كۆڭلى ئېلىشىپ، ياندۇرغىسى كېلىۋاتقانلىقىدىن زارلىنىپ، ئاتا-ئانىسىنى ئەنسىرتىدۇ-دە، مەكتەپكە بارمايدۇ. ئاغرىپ قالغاندا ياكى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بولسۇن ئوقۇش، مەكتەپ، مۇئەللىم، ساۋاقداشلىرى توغرىسىدا پاراڭ بولۇپ قالسىلا دەرھال جىددىيلىشىدۇ، ئاچچىقلىنىپ بىسەرەمجان بولىدۇ. بەزى بالىلار تېخى ئۆيدىن مەكتەپكە بارىمەن دەپچىقىپ كېتىپ كۆڭلى خالىغان يەرلەرنى ئايلىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. يەنە بەزىلىرى مەكتەپنىڭ يېرىم يولغا بېرىپمۇ ئاغرىپ قالدىم دېگەندەك بىر قىسىم باھانىلەرنى تېپىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار قورقۇنچاق، جىمىغۇر، چۇس مىجەز بولىدۇ.
‹‹مەكتەپتىن قورقۇش كېسىلى››نى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلەپنى قاتتىق قويۇشى، ساۋاقداشلىرىنىڭ كەمسىتىشى، مەسخىرە قىلىشى، مەكتەپ ئالماشتۇرۇش، ئۇزاق ۋاقىت ئاغرىپ يېتىپ قېلىش، كۆڭلىدىكى يېقىن دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى تېز ئۆسۈپ يېتىلىدىغان، پسىخولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر زور بولىدىغان دەۋر بولغاچقا، بۇلاردا ئاسانلا كىشىلىك ئالاقە مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق سەۋەبىدىن باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشتىن قورقۇپ مەكتەپكە بارغىلى ئۇنىمايدىغان ئەھۋاللار سادىر بولىدۇ. ئەگەر بالىلاردىكى بۇ خىل پسىخولوگىيىلىك روھىي ھالەتنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇنىڭغا ۋاقتىدا ماسلىشىپ، ياخشى كۆزىتىپ توغرا، ئۈنۈملۈك ياردەم بەرمىگەندە بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، سەرگەردان بولۇپ قېلىش، ئادەم بېدىكلىرىگە ئالدىنىپ كېتىش خەتىرىنىڭ سادىر بولۇشى مۇقەررەر. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ئەھۋالغا سەل قارىماسلىقى لازىم. بۇ ھەقتە بالىلارنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش جەمئىيىتى ئاتا-ئانىلارغا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى سىناپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
ھەر كۈنى بالىڭىزنىڭ روھىي ھالىتىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ. پات-پات ئۇنىڭ مەكتەپ، ئوقۇش، ساۋاقداشلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭ، ئەستايىدىل ئاڭلاڭ. ئۇنىڭ نارازىلىق كۆز قاراش، پىكىرلىرىگە توغرا مەسلىھەت بېرىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بالىلار بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ تۇرۇش بالىنىڭ روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ.
بالىڭىزغا چوقۇم ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ياش ۋاقتىدا مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىم ئېلىشنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل ئىكەنلىكىنى، بىلىم ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىغىلا تايىنىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ تۇرۇڭ.
بالىڭىزغا ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈڭ. مەكتەپتە تەنقىد ئاڭلاش، دوستلار ئارا زىددىيەتلىشىپ قېلىش، جەمئىيەتتە پېشكەللىككە يولۇقۇشنىڭ نورمال ھادىسە ئىكەنلىكىنى ھەمدە كىچىكىدىن بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا نورمال بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈڭ.
بالىڭىزغا دائىم ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، مەكتەپ، مۇئەللىم، ساۋاقداشلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇڭ.
بۇ تەدبىرلەر بالىلاردا مۇنداق روھىي كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىلىق. پسىخولوگىيىلىك داۋالاشتا:
(1) ‹‹مەكتەپتىن قورقۇش كېسىلى››گە گىرىپتار بولغان بالىنى مەكتەپكە بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ھەمدە بالىنىڭ مەكتەپكە بېرىش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش، بۇنداق چاغدا بالىغا ھەمراھ بولۇشنى، مۇئەللىمگە تاپىلاشنى ئۇنتۇماڭ.
(2) بالىڭىز ئاغرىپ قالغان چاغلاردا ئۇنىڭ يېنىدا مەكتەپ، ئوقۇش، ساۋاقداش تېمىسىدىكى سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
(3) بالىلاردىكى ‹‹مەكتەپتىن قورقۇش كېسىلى››نى تۈزەش تەدبىرى قانچە بالدۇر قوللىنىلسا، بالىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە شۇنچە پايدىلىق.
(4) پسىخولوگىيىلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىشتا دوختۇر، ئاتا-ئانا، مۇئەللىم، مەكتەپ ۋە شۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم. كېسەل پەيدا بولۇشتىكى ئامىل، كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە ئۇنى قانداق تۈزەش جەھەتتە بىللە ئولتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ بالىنىڭ ئۆزىگە كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاستا–ئاستا بىلدۈرۈش كېرەك.
(5) ‹‹مەكتەپتىن قورقۇش كېسىلى›› بالىلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى خورلىنىشىغا قارىتا قايتۇرغان ئىنكاسى بولۇپ، بۇ خىلدىكى بالىلارنى روھىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىق لازىم. بولۇپمۇ بالىلاردىكى زىيادە سەزگۈر بولۇپ كېتىش پسىخىكىسىنى سىستېمىلىق داۋالاپ تۈگىتىش زۆرۈر.
(6) مەكتەپتىن قورقۇشقائائىت ئالامەتلەرنى پسىخولوگىيە دوختۇرى، ئاتا-ئانا، كېسەل بولغۇچى بالا بىرلىكتە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى قايسى خىل ئەھۋاللارغا قارىتا بالىدا قانداق قورقۇش ھېسسىياتى شەكىللىنىدىغانلىقىنى بالىنىڭ ئۆزىگە ئەسلىتىش كېرەك ھەمدە قورقۇشنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارغا قارىتا ھېسسىيات جەھەتتىن قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا قايتا-قايتا، تەپسىلىي سۆزلىشىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا بالىدىكى روھىي بېسىمىنى يەڭگىللەتكىلى، قورقۇنچنى تەدرىجىي تۈگەتكىلى بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن بالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا شەكىللىنىپ قالغان غەلىتە، جاھىل، قورقۇنچاق، باشقىلارغىلا يۆلىنىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ناچار خاراكتېرىنى سېزىۋالغان ھامان توغرا ئۇسۇلدا يېتەكلەش ئېلىپ بېرىشمۇ بالىدا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇۋاپىق تەدبىرلەرنىڭ بىرى. شۇڭا بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ، بالىلارنىڭ ‹‹مەكتەپتىن قورقۇش كېسىلى››گە ھەرگىز سەل قارىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
|