ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

ئۇيغۇر تىلىدىكى بېقىندى باغلىنىش

ۋاقىت : 2011-06-21 15:34 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 ئۇيغۇر تىلىدىكى بېقىندى باغلىنىشتا كەلگەن سۆزلەرنىڭ جۈملىدىكى ۋەزىپىسى

 

نۇرنىسا ئەيسا

 

تولۇقسىز 3 - يىللىق ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدە بېقىندى باغلىنىشتا كەلگەن سۆزلەرنىڭ باغلىنىش يوللىرى دېگەن  بىر مەزمۇن بار. بۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ بېقىندى باغلىنىشتا كەلگەن شەكلى تۆت خىل بولۇپ كېلىشىش باغلىنىش، چىرمىشىش باغلىنىش، باشقۇرۇش باغلىنىش ۋە يانداش باغلىنىشتىن ئىبارەت.
  مەن بۇ مەزمۇننى ئۆتۈش جەريانىدا كېلىشىش باغلىنىشنىڭ ئىگە بىلەن خەۋەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كەسىپداشلار بىلەن باشقا باغلىنىشلار توغرىسىدا ئورتاقلاشماقچى بولدۇم. كېلىشىش باغلىنىش جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئۆز ئارا سان ۋە شەخس جەھەتتىن ماسلىشىپ كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. كېلىشىش باغلىنىشتا كەلگە سۆزلەر پەقەت باش كېلىشتىلا كېلىدۇ. شۇڭا كېلىشىش باغلىنىش ئىگە بىلەن خەۋەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى كۆرسىتىدۇ
  مەسىلەن: مەن تاپشۇرۇق ئىشلىدىم.
  سەن تاپشۇرۇق ئىشلىدىڭ.
 ئۇ تاپشۇرۇق ئىشلىدى.
  چىرمىشىش باغلىنىشتا بېقىنغۇچى سۆز ئىگىلىك كېلىشتە، بېقىندۇرغۇچى سۆزى شەخس ئىگىلىكتە كېلىدۇ.
  مەسىلەن:
  خوتەننىڭ گىلىمى،كورلىنىڭ نەشپۈتى،ئاكامنىڭ قولى…  بۇ سۆز بىرىكمىلىرى ئەگەر جۈملە ئىچىدە كەلسە بېقىنغۇچى سۆزى ئېنىقلىغۇچى، بېقىندۇرغۇچى سۆزى ئىگە بولۇپ كېلىدۇ. ئۇنداق بولسا چىرمىشىش باغلىنىشتا كەلگەن سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ ھەممىسىلا جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋە ئىگە بولۇپ كېلەمدۇ؟ بىز تولۇقسىز 2 - يىللىق ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنىڭ ئىسىملارنىڭ كېلىش قوشۇمچىلىرى دېگەن مەزمۇنىدا ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى نىڭ ئىسىملارغا ئۇلىنىپ كەلسە، جۈملىدە ئۇ ئىسىم ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىدە كېلىدۇ دېيىلگەن. بۇ قائىدىگە ئاساسلانغاندا يۇقىرىقى سۆز بىرىكمىلىرىدىكى بېقىنغۇچى سۆز ۋە چىرمىشىش  باغلىنىشتا كەلگەن كۆپ قىسىم سۆز بىرىكمىلىرى تەركىبىدىكى بېقىنغۇچى سۆز ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېلىدۇ،ئايرىم ئەھۋاللارداچىرمىشىش  باغلىنىشتا كەلگەن سۆز بىرىكمىلىرى جۈملىدە قوشما خەۋەر بولىدۇ.
  ئەمدى بېقىندۇرغۇچى سۆزنىڭ جۈملىدە ۋەزىپىسى جەھەتتىن ئۆزگىرىدىغان ياكى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
 مەسىلەن: خوتەن گىلىمى شىنجاڭدىن چىقىدۇ.
  كورلا نەشپۈتى  داڭلىق.
  ئۇنىڭ قولى  ھەقىقىي بايلىق يارىتىدۇ.
  بۇ جۈملىلەردە بېقىندۇرغۇچى سۆز ئىگە بولۇپ كەلگەن.
  مەسىلەن: مەن  ئۇنىڭ قولىدا كەتمەننى كۆردۈم.
  ئۇ  خوتەننىڭ گىلىمىدىن بىرنى  ئاپتۇ.
  ئەخمەت  باشقىلارنىڭ قەلىمىنى بېرىۋەت.
  يۇقىرىقى جۈملىلەرنى چىرمىشىش باغلىنىشتا كەلگەن سۆزلەرنىڭ باش سۆزى باش كېلىش ۋە ئىگىلىك كېلىشتىن باشقا كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ جۈملىدە تولدۇرغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن.
  يەنە تۆۋەندىكى جۈملىلەردە چىرمىشىش باغلىنىشتا كەلگەن سۆز بىرىكمىلىرى خەۋەر بولۇپ كەلگەن.
  مەسىلەن:
   ئۇنىڭ ئەكەلگىنى  -  خوتەننىڭ گىلىمى.
   سېنىڭ ئويلىغىنىڭ   -  ئۇنىڭ قولى.
  يۇقىرىقى جۈملىلەردە چىرمىشىش باغلىنىشتا كەلگەن سۆز بىرىكمىلىرى جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كېلىپ تۇراقسىز سۆز بىرىكمىلىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، جۈملىنىڭ خەۋىرى بولىدۇ، ئالدىنقى سۆز بىرىكمىسىمۇ چىرمىشىش باغلىنىشتا كەلگەن بولۇپ بۇ تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى جۈملىنىڭ ئىگىسى بولۇپ كەلگەن.
  باشقۇرۇش باغلىنىشتا كەلگەن سۆزلەر - باش كېلىش ۋە ئىگىلىك كېلىشتىن باشقا كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى بولۇپ، باش كېلىش ۋە ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىلىرىدىن باشقا كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەر بېقىندى سۆز، پېئىلدىن بولغان خەۋەر بېقىندۇرغۇچى باش سۆز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
  مەسىلەن:  مەن كىتابنى ئالدىم.
  ئەخمەت  قەلىمىنى ماڭا بەردى.  
  بىز  تاغقا چىقىمىز. 
  مەن ئۇنىڭ بىلەن  قۇمۇلغىچە پويىزدا ماڭدىم.
  يۇقىرىقى جۈملىلەردە بېقىنغۇچى سۆزلەر خىلمۇ خىل قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلىنىپ، ھالەت ۋە تولدۇرغۇچى بولۇپ كەلگەن.
  يانداش باغلىنىشتا كەلگەن سۆزلەر ئىسىم بىلەن ئىسىم، ئىسىم بىلەن سۈپەت، ئىسىم بىلەن پېئىل ۋە ياكى خىلمۇ  خىل شەكىللەردە مۇستەقىل سۆز ۈركۈمىدىكى سۆزلەرنىڭ تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارسىز باغلىنىشىدىن تۈزۈلىدۇ.
  تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە قاراپ باقايلى.
  مەن  ئېگىز بويلۇق بىر ئادەم بىلەن  كۆرۈشتۈم. 
  ئېنىقلىغۇچى تولدۇرغۇچى خەۋەر
  ئۇ  چىرايلىق باغنى    كۆرۈپ چىقتى.  
  ئېنىقلىغۇچى تولدۇرغۇچى خەۋەر
  يانداش باغلىنىشتا كەلگەن سۆزلەرنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا ئالدىنقىسى بېقىندى سۆز كېيىنكى باش سۆز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
  بۇ خىلدىكى باغلىنىشتا كەلگەن سۆزلەر جۈملىدىن ئېنىقلىغۇچى، تولدۇرغۇچى ۋە خەۋەر بولۇپ كېلىدۇ. يۇقىرىقى جۈملىلەرگە قارالسۇن
  يەنە: ئەقىللىق ئادەملەر كەمسۆز بولىدۇ.   مەغرۇر قوماندان  ھامان مەغلۇپ بولىدۇ. ئېنىقلىغۇچى ئىگە.
  جۈملىلىرىدە  يانداش باغلىنىشتا كەلگەن سۆزلەر ئىگە ۋە ئېنىقلىغۇچى ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
  …سىز ئۇنى  ئېگىز تاغلاردىن،   چەكسىز قۇملاردىن،  پايانسىز   دېڭىزلاردىن  ئىزدەڭ.
    يۇقىرىقى جۈملىدىن يانداش باغلىنىشتا كەلگەن سۆز بىرىكمىسى تەركىبىدىكى بېقىندۇرغۇچى سۆز ھالەت بولۇپ كەلگەن.

 

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ