ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى ئۆتۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتى

ۋاقىت : 2013-07-31 15:57 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : يالغۇز تۇيۇن | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى
 
 
باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىيات
دەرسىنى ئۆتۈشتە  دىققەت قىلىشقا
تېگىشلىك نۇقتىلار
 
 
 
 
 
ئاراتۈرۈك ناھىيىلىك مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ
 
گۈلشەن ياقۇپ
 
 
باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىيات
دەرسىنى ئۆتۈشتە  دىققەت قىلىشقا
 تېگىشلىك نۇقتىلار
      ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش بىلەن ئۇلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئاساسىنى تۇرغۇزۇش   باشلانغۇچ مەكتەپ
     تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپ،ئوقۇغۇچى ـ            لارنىڭ  كېيىنكى ئۆرلەپ ئوقۇش بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ.    باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار-
نىڭ يېشى تېخى كىچىك بولغاچقا، ئۇلاردا دىققىتىنى مەر-   كەزلەشتۈرەلمەسلىك،  ئۆگەنگەنلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. شۇڭا، باشلانغۇچ مەكتەپ تىل -  ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ھەربىر سائەت تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆتكەندە، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا دائىر مېتود ۋە ئۇسۇللار  ئارقىلىق ئىملا قائىدىسى، خەت يېزىش، كىتاب ئوقۇش ۋە سۆزلەش قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە ئاساس سېلىش لازىم.
      1. ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنى پىششىق ئىگىلىتىش لازىم. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبە  قائىدىسى بويىچە، ھەرپلەرنىڭ سۆز ۋە جۈملىلەردىكى يېزىلىش تەرتىپى ھەم شەكىللىرى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار بۇ نۇقتىدا  ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك يېتەكلەپ، مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتىش ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
      2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان خېتى ئۆلچەملىك، ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىنى چىڭ تۇتۇش لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى خەت  يازغۇرغاندا چوقۇم ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىق قائىدىسى بويىچە ئىملانىڭ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېزلىكتىن - چوڭقۇرلۇققا، ئاساندىن  قىيىنغا ئۆتۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يازغۇزۇش ھەم ھۆسنخەت يېزىش، سان - سېپىرلارنى ئۆلچەم-        لىك،  توغرا يېزىشقا يېتەكلەش لازىم. 
      3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ماھارىتىنى تېزلىتىش          تە، ھەر خىل  ژانىرلاردىكى تىكىستلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئوقۇپ يېتەكلەش لازىم. 
      4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا كۆرگەن ۋە  ئاڭلىغانلىرىنى توغرا، راۋان قىلىپ بايان قىلىشنى ئۆگەتكەندە، ئۇلارنىڭ نۇتۇق ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، شەيئىلەرگە قارىتا  چوڭقۇر كۆزىتىش، چۈشىنىش، مۇھاكىمە قىلىش تەپەككۇرى يېتىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا لوگىكىلىق  سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈپ، تېكىستلەرنى مەزمۇنىغا ئاساسەن بايان قىلىشقا يېتەكلەش لازىم.
      5. ئوقۇغۇچىلارغا كىچىكىدىنلا تىنىش بەلگىلەرنى تونۇتۇش لازىم. تىنىش بەلگىلەرنى جايىدا ئىشلىتىش ئەدەبىيات ئوقۇتۇ-    شىنىڭ مۇھىم  تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تىنىش بەلگىلەر توغرا ئىشلىتىلمىسە سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ، خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.
      شۇڭا، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا تىنىش بەلگىلەرنى توغرا ئىشلىتىشنى باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ  ئىگىلىتىىش لازىم. 
      6. ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كىتاب ئوقۇش ۋە كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا ئادەتلەندۇرۇش لازىم. 
 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(3)
75%
ناچاركەن
(1)
25%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
يالغۇز تۇيۇن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-10-09 17:10 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-31 15:07
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ