ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنىڭ ر

ۋاقىت : 2012-03-13 08:40 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 635241 | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم

تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنىڭ رولى
 

 


   تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتا ئارقىلىق بۇنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
 
   1.ئاغزاكى ئالاقە ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ‹‹تىل – ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى››دە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تىل – ئەدەبىيات دەرسىگە بىرلەشتۈرۈپ تەبىئەتنى كۆزىتىش، ئاغزاكى ياكى رەسىم – سىخېما قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، كۈزەتكىنىنى ئاغزاكى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 – يىللىق 1 – قىسىم تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ‹‹مەھەللەم›› دېگەن تېكىستنى ئۆتكەندە، ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەھەللىسىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاندىن مەكتەپ ئىچى، مەكتەپ ئەتراپى، ئاخىرىدا يۇرتىنى تونۇشتۇرۇپ، سۆزلىگىنىنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەشكە يېتەكلەش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ شەيئىلەرنى كۆزىتىش، تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.
   2. دەرس بايلىقىنى قېزىش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. تىل ئەدەبىيات دەرسى بايلىقى دەرسخانا ئوقۇتۇش بايلىقى ۋە دەرستىن سىرتقى ئۆگىنىش بايلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، دەرسلىكتە بېرىلگەن مەزمۇنلار ئۆرنەك بولۇپ، ئۇنى قانداق ئېچىش، قانداق بېيىتىش شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس بايلىقىنى قېزىش قابىلىيىتىگە باغلىق. دەرس بايلىقىنى قېزىش ئارقىلىق، ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىشتا، تېكىست مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ بېرىلگەن شەكىل ۋە كۆرۈنۈشلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. مەسىلەن: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 – يىللىق 2 – قىسىم تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ‹‹رەسىمگە قاراپ سۆز – جۈملە يېزىش›› دېگەن مەزمۇندىكى ‹‹شەھەر›› دېگەن رەسىمدە شەھەر مەنزىرىسى بىلەن شەھەردە قاتناۋاتقان ھەر خىل تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ كۆرۈنۈشى بېرىلگەن. بۇ مەزمۇننى ئۆتكەندە، ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن سىلەر قانداق ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ باققان؟ قانداق ئاپتوموبىللارنى كۆرگەن؟ بۇ رەسىمدىكى قاتناۋاتقان قانداق ئاپتوموبىل؟ قانداق جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ؟ دەپ سوراش ئارقىلىق شۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلىتىش ئورنى، رولىنى سۆزلىتىش بىلەن بىللە، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئاپتوموبىلنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرۇش، مودېلىنى ياسىتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، بىر سائەتلىك ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش نىشانىغا يەنىمۇ يېقىنلاشقىلى بولىدۇ.
   3.ھەر خىل ماھارەت ۋە مەشغۇلاتلار ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ھەر خىل ماھارەت ۋە مەشغۇلاتلار ئاساسلىقى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، بېزەكچىلىك ۋە مودېلغا ئوخشاش تەقلىدىي بۇيۇم ۋە قۇرۇلمىلارنى ياساش، ئىشلىتىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بۇ خىل قۇرۇلما ۋە مودېللارنى ياسىتىش ماھارىتى ۋە مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بىرىنچىدىن، دەرسنى قىزىقارلىق، ئەستە قالارلىق ئۆتۈشكە ئاساس سالغىلى، ئىككىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 – يىللىق 2 – قىسىم تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى 5 – بۆلەككە بېرىلگەن ‹‹مەشىق باغچىسى››نىڭ ‹‹كىچىك ئىجادىيەتچىلەر›› دېگەن دەرسنى ئۆتكەندە، ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا: سىلەر سېغىز لايدىن قانداق نەرسىلەرنى ياساپ باققان؟ كېرەكسىز قەغەز ۋە سۇلياۋ قۇتا، پارچە رەختلەردىن پايدىلىنىپ نېمىلەرنى ياسىغىلى بولىدۇ؟ دەپ سوراپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىنى بىلگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياسىغان نەرسىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغۇتقىلى، ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.
 
   4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىت قارىشىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىت قارىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 – يىللىق 1 – قىسىم تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ‹‹بىر مىنۇت›› دېگەن تېكىستنى ئۆتكەندە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى بىر مىنۇتتا قانچە مېتىر يىراقلىققا يۈگۈرگىلى بولىدۇ؟ قانچىنى سانىغىلى بولىدۇ؟ بىر مىنۇتتا يەنە قانداق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى جەدۋەل تۈزۈپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىت قارىشىنى تىكلەش ئارقىلىقمۇ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ