ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەن يىللىقلاردىن باشلاپ،كۆزىتىش ۋە

ۋاقىت : 2014-03-28 23:08 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : كارۋان1988 | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەن يىللىقلاردىن باشلاپ،كۆزىتىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك 
 
 
ھازىر بىز ئىسلاھات دەۋرىدە تۇرماقتىمىز،مەسىلىلەرگە ئىزدىنىش پوزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىمىزدا،ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز.مەن شۇ ھېس قىلغان مەسىلىلەر ئىچىدە باشلانغۇچ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولغان ماقالە ئوقۇتۇشىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ،باشلانغۇچتا ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەن يىللىقلاردىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش،ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك دېگەن نۇقتىنى تەتقىقات تېمىسى قىلىپ شۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىمەن.
تۆۋەندە بۇ نۇقتىنى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ بايان قىلماقچىمەن.
  1.نېمە ئۈچۈن ماقالە ئوقۇتۇشىدا ئىسلاھ ئېلىپ بارىمىز؟
 تىل ۋە يېزىق بولسا،كىشىلەر ئالاقە قىلىدىغان ۋە ئىدىيە ئالماشتۇرۇدىغان بىردىن-بىر قورال.كىشىلەرتىل ۋە يېزىقتىن ئىبارەت بۇ قۇرال ئارقىلىق تەبىئەت ۋە جەمىيئەتنى تونۇيدۇ.مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا تىل ۋە يېزىق تونۇشنىڭمۇ قورالى دەپ ئېيتالايمىز.باشلانغۇچ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا بالىلار مۇشۇ قورالنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك.ئوقۇغۇچىلار مانا بۇ قورال ئارقىلىق تەبىئەتنى،جەمىيئەتنى تونۇيدۇ،تەبىئەتنى ۋە جەمىيئەتنى ئۆزگەرتىدۇ.باشلانغۇچ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولغان ماقالە ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ۋە يېزىقنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.
  باشلانغۇچ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پىروگىراممىسىدا«ماقالە دېگىنىمىز-ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى كۆرگەن،ئويلىغان ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلارنى يېزىق بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشتۇر»-دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن،لېكىن ئۇزۇندىن بۇيان ماقالە ئوقۇتۇشى ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ۋە سىنىپ ئاتلاش ئۈچۈنلا بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ بالىلارنىڭ تونۇشىنىڭ تەرەققى قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كەلدى.
  ماقالە ئوبىكتىپ رىئاللىقتىن كېلىدۇ،تۇرمۇش ئۇنىڭ بۇلىقى.ئوقۇغۇچىلار ئوبىكتىپ رىئاللىق ئىچىدە ئۆزلىرى كۆرگەن،ئويلىغان ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان ئىشلارنى سۈرەتلەپ يېزىپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى،بىراق ماقالە دەرىسى دېسە كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ،ماقالە يېزىشقا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ.نىمە ئۈچۈن قىزىقمايدۇ؟ ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىگە كىرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئۇلارغا ماۋزۇ بەلگىلەپ، مۇھىم نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى بەلگىلەپ بەرگەن ماۋزۇ بويىچە يېزىشنى ئويلايدۇ.ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار كۆپ نەرسىلەرنى كۆرگەن،ئاڭلىغان،ھېس قىلغان بولسىمۇ نەق شۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەممىسىنى سېستىمىلاشتۇرۇپ يېزىپ چىقىشى ناتايىن.مانا مۇشۇنداق قىلىپ ماقالە يېزىشقا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ،شۇڭا ماقالە ئوقۇتۇشىدا ئىزدىنىپ ئىسلاھ ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر.
   2. ماقالىنى ياخشى يېزىشقا ئاساس سېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
   ئادەتتە 3-يىللىقتىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارغا ماقالە دەرىسى كىرگۈزۈلگەن.باشلانغۇچ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پۇروگىراممىسىدا 1-ۋە2-يىللىقتا ماقالە يازدۇرۇش تەلەپ قىلىنمىغاچقا بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 1-ۋە 2-يىللىقتا بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىدى.شۇڭا 3-يىللىققا چىققاندىن كېيىن ماقالە يېزىشقا تۇتۇش قىلىنسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش قابىلىيىتى چېنىقىپ يېتىلمىگەچكە نېمە يېزىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەن يىللىقتىن باشلاپ ئۇلارنى شەيئىلەرنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەش كېرەك.شايئىلەرنى توغرا تونىيالىغاندىلا ئاندىن ئۇنى سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ.توغرا تونۇش ئۈچۈن كۆزىتىش كېرەك.
   شەيئىلەرنى چوڭقۇر كۆزەتكەندىلا ئۇلارنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ.سۇئاللارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەش جەريانىدا،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى زىچ ھەمكارلىشىدۇ.بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىدا ئالاھىدە كۆزىتىش ئىقتىدارى بولمىسا،خاتا مەسىلىلەر ئالدىدا قايمۇقۇپ قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا يەرگە قاراپ قالىدىغان پاجىئە كېلىپ چىقىدۇ،ئوقۇتقۇچىدا كۆزىتىش ئىقتىدارى قانچىكى كۈچلۈك بولسا ئۇ تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچىدىمۇ بۇ خىل ئىقتىدار يېتىلگەن بولىدۇ.
   ئۇنداقتا كۆزىتىشكە قانداق يېتەكلەيمىز؟شەيئىلەرنىڭ ئورنىنى،شەكلىنى،رەڭگىنى،سۈپىتىنى،يورۇقلۇقىنى،قۇرۇلمىسىنى،
ئىشلىتىلىش جايىنى،مۇھىم تەرىپىنى،ئالاھىدە تەرەپلىرىنى تەكىتلەش ئارقىلىق كۆزىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك.شەيئىلەرنى كۆزىنى ئىشقا سېلىپ،ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرۈش،ئاۋازلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاش،قول بىلەن سىلاپ بېقىش،بۇرۇن بىلەن پۇراپ بېقىش،تىل بىلەن تېتىپ بېقىش قاتارلىق سەزگۈ ئەزالارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغاپ كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىشىمىز كېرەك.مەسىلەن:يۈز تېرىسىگە قىشنىڭ سوغۇق ھاۋاسى،باھارنىڭ ئىللىق شامىلى قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ئەلۋەتتە ئىككىسى ئىككى خىل تەسىر قىلىدۇ.مۇشۇنداق كونكرىت ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئەمەلىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم.يەنە كۆزىتىشنى ئېتىبارسىز ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش لازىم.بىر كۈندە نۇرغۇن مەسىلىلەر يۈز بېرىپ تۇرۇدۇ،مەيلى مەكتەپتە ياكى ئائىلىدە،ئۆيگە قايتقان ياكى مەكتەپكە كەلگەن چاغلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئۆزىگە تەسىر قىلغان،ئۆزىنى قىزىقتۇرغان ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى تەكىتلەپ تۇرۇش ئارقىلىق كۆزىتىش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇش لازىم.
كۆپىنچە ئەھۋالدا،ئوقۇغۇچىلار جىق خاتالىقلارنى بايقىيالمايدۇ،شۇڭا بۇنداق ئەھۋاللاردا،ئوقۇتقۇچى ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇپ،بايقالغان مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلاپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىشىغا،خاتالىقنىڭ تۈپ نېگىزىنى ئېنىقلاپ چىقىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.بۇنداق قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە باغلاش قابىلىيىتىنى،مەسىلىنى كۆپ تەرەپتىن ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
3.تۆۋەن يىللىقتىن باشلاپ كۆزىتىش، سۆزلەش،كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ماقالە يېزىشنىڭ ياخشى ئاساسى.
ماقالە دېگىنىمىز –ئۆز تىلى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئەكس ئەتتۈرۈش دېمەكتۇر.ماقالىنى ئوقۇغۇچىلار يازىدۇ،بىرىنجى سىنىپقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئەمدى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بولغاچقا ئۇلارنىڭ سىرتقى دۇنيانى تونۇش،بىلىش ئىستىكى ئىنتايىن زور بولىدۇ.دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن سىرلىق ۋە تېپىشماقتەك تۇيۇلىدۇ.‹‹نىمە ئۈچۈن ››دېگەن سۇئال ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە داۋاملىق ئەكس ئېتىپ تۇرۇدۇ.ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇنداق شەيئىلەرگەقىزىقىش ئالاھىدىلىكىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ،رەسىمگەقاراپ سۆزلەش دەرىسلىكىدىن پايدىلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش،يېزىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.رەسىمگەقاراپ سۆزلەش قوللانمىسىغا نىسبەتەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى بىر قەدەر يېتەرسىز بولۇپ كەلدى.باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات پروگىراممىسىدا:‹‹ماقالە ئوقۇتۇشى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەردىن پايدىلىنىپ جۈملە تۈزۈش،بۆلەكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى تەربىيلەش،شەيئىلەرنى كۆزىرىش،تەھلىل قىلىش ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.مۇشۇ ئىككى خىل ئىقتىدارنى بىرىنجى يىللىقتىن باشلاپ تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.رەسىمگە قاراپ سۆزلەش،رەسىمگە قاراپ يېزىش بولسا ماقالىنىڭ دەسلەپكى ئاساسى مەشىقى›› -دەپ كۆرسەتكەن.شۇڭا بىز بىرىنجى ۋە ئىككىنجى يىللىقتىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىمگە قاراپ سۆزلەش ۋە يېزىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ئەجىر سىڭدۈرۈشىمىز لازىم.
 يۇقۇرىدا دېگەندەك بالىلار ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە قىزىققان بولىدۇ.لېكىن بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى بىردەملىك بولىدۇ،ئۇزاققىچە داۋاملىشالمايدۇ.شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ.سىنىپتا بىر قەدەر ياخشى سۆزلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىغا چىقىرىپ تېكستلەرنى سۆزلەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۈلگە تىكلەش.بەزى چاغلاردا رەسىمگەقاراپ سۆزلەش دەرىسىدە ھېكايە ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ باھالاش ئېلىپ بېرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تەدرىجى ئىلگىرلىتىش بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك.رەسىمنى كۆپ كۆرۈشكە ئادەتلەندۈرۈش لازىم.كۆپ كۆرگەندە،كۆرگەنسېرى «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سۇئاللار پەيدا بولۇپ ئۇنىڭغا جاۋاپ ئىزدەيدۇ ھەم ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدۇ.كۆزەتكەندە يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك كۆزىتىشكە يېتەكلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك.
2-يىللىقتىن باشلاپ بالىلارنى كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا يېتەكلەش كېرەك.كۈندىلىك خاتىرە يازغاندا ئوقۇغۇچىلار كۈندە يېزىش ۋە ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ-دە،بالىلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن باغلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىر تەرەپتىن سۆزلەش ئىقتىدارى ئاشسا يەنە بىر تەرەپتىن خەت يېزىش ئىقتىدارى ئۆسىدۇ.ھەمدە كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.بۇنىڭدا ئاساسلىق مەسىلە خاتىرە يېزىشقا يېتەكلەشتە.تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى داۋاملىق پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى،قىزىقارلىق بولغان قىسقا ھېكايىلەرنى،يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى،كەلگۈسى قىياسلارنى،پىلانلىق،مەقسەتلىك ھالدا سۆزلەپ بېرىش كېرەك.مانا مۇشۇنداق قىلغاندا كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا ماتېرىيال ھازىرلانغان بولىدۇ.ھەمدە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ تەلىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ،بىر جۈملە بولسىمۇ ،ئىككى جۈملە بولسىمۇ يازدۇرۇش كېرەك ۋە خۇلاسىلەپ ياخشىلىرىنى تەغدىرلەپ ،تۈرلۈك يوللار بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرە يېزىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم.شۇنىڭ بىلەن قەلەمنى قولغا ئالسا يازالمايدىغان ،سۆزلىيەلمەيدىغان ئەھۋاللار ئازىيىپ،نېمە ئويلىسا شۇنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ.تۆۋەن يىللىقتىن باشلاپ خاتىرە يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىلسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرى قوزغىلىپ،كۆزىتىش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ ھەم چېنىقىدۇ.سۆزلەش بىلەن يېزىش بىرلىشىپ ماقالە يېزىشنىڭ دەسلەپكى مەشىقى ياخشى ئېلىپ بېرىلغان بولىدۇ.كۆزىتىش ئىقتىدارى يېتىلسە ئۆز نۆۋىتىدە باشقا پەنلەرگىمۇ تەسىر قىلىدۇ.مەسىلەن:ماتېماتېكا دەرسلىكىدە زور كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە-ھېسابلارنى چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە يېشىش ئىقتىدارى بىر قەدەر تۆۋەن.بالىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى ئۆسسە مانا بۇ قىيىن ئۆتكەلدىنمۇ ئۆتۈپ كېتىشكە بولىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلىنى ياخشى تولۇق ئىگەللەپ،كۆزىتىش ئىقتىدارى ئۆسسە باشقا پەنلەرنىمۇ ياخشى چۈشىنىپ ئىگىلەيدۇ.شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆۋەن يىللىقتىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىپ ئەجىر سىڭدۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.بالىلارنىڭ شەيئىلەرنى كۆزىتىشى،تونۇشى بىر پۈتۈنلۈك،ئەمدى ماقالە ئوقۇتۇشتا (تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ)بالىلارنىڭ تۆۋەن يىللىقلاردىكى سۆزلەش،كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بولسا بۇ بىر قىسمەنلىك.مەن مانا مۇشۇ قىسمەنلىك ئۈستىدە توختالدىم.تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئاساستا   تۆۋەن يىللىقلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ ماقالە يېزىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ،ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.شۇنداقلا ھەممىمىز ئىزدىنىپ باشقا پەنلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە زور تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشايلى.
 
 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
كارۋان1988 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-03-26 13:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-26 14:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ