ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ھەققى

ۋاقىت : 2013-03-13 14:24 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ۋولقان428 | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە
يەكەن ناھىيە بەشكەن بازار گۈلباغ باشلانغۇچ مەكتەپتىن: يۈسۈپجان داۋۇت
 
    ھەمىمىزگەمەلۇملۇق ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارى ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ مۇھىم بىر ئىقتىدار بولۇش سۈپىتى بىلەن،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا مۇھىم سالماقنى ئىگلەيدۇ.شۇڭلاشقا يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى بويىچە تۈزۈلگەن ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات  دەرىسلىكلىرىدە ۋە  ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ تىل –ئەدەبىيات دەرىس ئۆلچىمىدە ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم ئورنى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.گەرچە يىڭى دەرس   ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ كۆپ قىسىم  تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئالاقەئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، لىكىن بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىشقا ئىتبارسىز قارىماقتا. بۇ مەسلە بەلكىم يىزا مائارىپىدا بىر قەدەر ئېغىر بولسا كىرەك.بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىر ئەمەلى مىسالنى كۆرسەتمەكچىمەن.                                        
  -ئىسمىڭىزنىمە؟ئۆيىڭىزنەدە؟ .  
 -شۇ.شۇ، مىنىڭ ئىسمىم.مىنىڭ ئىسمىم مەمەت                                                                         .شۇ ئۆيۈم ..ئۆيۈم ئاۋۇ ئۆستەڭ بويىدىكى يولدا.
   يۇقارقى دىئالۇگ مەلۇم بىر يىزا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 5-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بىلەن مەكتەپكە يىڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرسىدا بولۇنغان گەپ سۆز.مىسالدىكى ئوقۇغۇچى قانداقتۇر تۇغما كېكەچ ئوقۇغۇچى ئەمەس.بەلكى، سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن قۇشقاچتەك چۇۋۇرلاپ قىزغىن پاراڭ سىلىشىدىغان ،ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. 5-يىللىقنىڭ ئەلاچى بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئالدىدا ئىككى ئىغىز گەپنى تۈزۈك قىلالمىغانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ.ئەجىبا بۇئوقۇغۇچى چوڭ بولغاندىن كىيىنمۇ باشقىلار بىر نىمىنى سورىسا سۆزىنى‹‹ جاۋاب››دەپ باشلامدۇ؟ئەگەر ئۇ چوڭ بولۇپ جەمىئەتكە چىققاندىن كىيىن ئۆگىنىدۇ دىيىلسە ،ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلاردا مۇشۇنداق ئەقەللى ئىقتىدارلارنى يىتلدۈرۈش مەكتەپنىڭ ،بىزئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ ياكى جەمىئەتنىڭ ،جەمىئەتتىكى كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ ؟ ئۇنداقتا بىز ئوقۇتقۇچىلار نىمە قىلىمىز؟ ....                         
  - مەكتىۋىمىزدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل .پالانى يىللىقنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى قانداق تەقسىم قىلساق بولار ؟                                 
  -شۇنچىلىك ئىشقىمۇ باش قاتۇرۇپ كىتىدىكەنسىز ؟-ئەدەبىيات دىگەن بارغۇ ،ساۋاتى بار ھەرقانداق ئادەم ئۆتەلەيدىغان دەرىس ئۇ ،مەكتەپتىكى سۈرىتى قاراباش ‹‹مەلىم›› دىگەننىڭ ھەر قاندىقىغا تەقسىم قىلساڭ بولىۋىرىدۇ .
   مانا بۇ مائارىپنىڭ سەركىسى سانىلىدىغان بىر قىسىم مائارىپ‹‹ئەمەلدار››ىنىڭ ئەدەبىيات دەرسىگە تۇتقان  مۇئامىلىسى ...
  -قاسىمجان ،دەرسىڭىز تۈگىدىمۇ ؟                      
  - نەدىكىنى دەيسىز ،يەنە بەش دەرس بار تىخى.
  - ۋاي ئۇكامەي ،ئەدەبىيات دىگەننى بىر ماۋسۇملۇق دەرىسنى ئېشىپ كەتسە ئىككى ئايدا ۋەتۋەرىكىنى چىقىرۋىتىمىز .ساڭا ئوخشاش  ئەزمە ئىزىپ سۆزلەپ- سۆزلىتىپ،يېزىپ-يازدۇرۇپ تۇرىدىغان ئىش يوق .ئوقۇغۇچىلارنى سۆزلىتىپ ئولتۇرساڭ ،خۇددى ‹‹تۆگىنى ئۇسسۇلغا سالسا ،تۆت تاختا قوغۇننى بۇزار››دىگەندەك قالايمىقان سۆزلەپ ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلىدۇ.ئەڭ ياخشىسى ،ئالدىنقى يىللاردا ئىشلەتكەن كونسىپىكتىن بىرنى تاپىسەن .ئاندىن سىنىپتىكى  ئۆگىنىش ھەيئىتى بولامدۇ ياكى سىنىپ باشلىقى بولامدۇ ئىشقىلىپ ساۋاتى بار بىر ئوقۇغۇچىغا تاشلاپ بىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا يازدۇرۋىتىسەن .ئاندىن ھەر سائەتتە ئوقۇغۇچىلارنى پەش چېكىتلىرىنىمۇ چالا قويماي يادلاتقۇزىسەن .ئەدەبىيات دىگىنىڭ پۈتتى دىگەن شۇ ...                                                     
   مانا بۇ خىلى پىشقەدەم سانىلىدىغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىغا بەرگەن تەلىمى.                       
   يۇقارقى مىساللاردىكى شامغا ئوخشىتىلىدىغان ،مەسئۇلىيەتچان سانىلىدىغان بىرقىسىم دەۋىر ئېقىمىغا قارشى پالاق ئۇرىۋاتقان ئۇستازلارنىڭ سۆزلىرى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.                                           
   گەرچە ئاز بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئەدەبىياتقا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يۇقارقىدەك ئىتبارسىز قاراۋاتقان بولسىمۇ ،كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمىز ،كۆپ قىسىم مائارىپ خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ بۇھەقتە تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىۋاتقانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. شۇڭلاشقا ئۆزۈمنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن.                                            
1.مەكتەپلەر چوقۇم شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ،تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈشكە تىل-ئەدەبىيات كەسپى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.
2. مەكتەپلەر دەرىستىن سىرىتقى نۇتۇق سۆزلەش ،تەسىرات سۆزلەش ،شېئىر دىكىلماتسىيە قىلىش ،قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ تەشكىللەشكە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.                                           
3. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى باھالاشتا نوقۇل ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگىلا ئىسىلىۋالماي ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارىنى باھالاشنىمۇ ،ئۇنۋىرسال ساپاسىنى باھالاشنىڭ مۇھىم بىر تۈرى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشى كىرەك.شۇندىلا ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىمۇ ماس ھالدا تەرەققى قىلىپ ماڭىدۇ.                                 
4. تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئىشتىن سىرىتقى چاغلاردا ئۆزىنىڭ كەسپى سەۋىيسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرگەندىن باشقا تىل –ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىنى ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ ،ھەر قايسى ئوقۇتۇش باسقۇچلىرىدا ۋە ھەرقايسى يىللىقلاردا ئوقۇغۇچىلارغا ئىگەللىتىشكە تىگىشلىك ئىقتىدارلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى لازىم.                                                   
5.تىل –ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە،ئوقۇغۇچىلارغا باشقىلاربىلەن پاراڭلىشىشتا ياكى ئۆز مۇددىئاسىنى باشقىلارغا ئىيتىشتا ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئىشىنىش ،تارتىنماسلىق ،ھودۇقماسلىق تەربىيسى بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
6. ئوقۇتقۇچى دەرىس جەريانىدا ،تۈرلۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۆزىنى ‹‹ئالاھىدە شەخىس››كە ئايلاندۇرۇۋالماستىن،ئۆزىنى ئوقۇغۇچى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ ،ئوقۇغۇچىدا باراۋەرلىك ،يىقىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىلكەش دوستىغا ئايلىنىشى كىرەك.                                           
7.تىل –ئەدەبىيات دەرسىدە ‹‹ئوقۇتقۇچى ئاز سۆزلەپ، كۆپ سۆزلىتىش››تىن ئىبارەت يىڭى دەرىس ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم ھالقىغا ئەھمىيەت بىرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ سۆزلەش ۋە پىكىر قىلىش پۇرسىتى بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.                        
8.تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتىكى قىلىپ ئىچىگە سۆرەپ كىرمەي ،ئوقۇغۇچىلارنى دەرىستىكى مۇھاكىمە سۇئاللىرى ،قىزىق نوقتىلار ھەققىدە دادىل پىكىر بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، دەرىسنى بىرمەيدان قىزىق بەس مۇنازىرگە ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.                  
9.ئوقۇغۇچىلار پىكىر بايان قىلىش جەريانىدا،خاتا سۆزلەپ قويغاندا، ‹‹دىگىنىڭ خاتا ››دىگەن بىر ئىغىز گەپ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر بىخلىرىنى‹‹ئۇجۇقتۇرۇۋىتىش››تىن ساقلىنىش كىرەك ،سۇئال سوراۋاتقاندا ئۇقۇغۇچىلار دۇدۇقلاپ قالسا ،كەسكىن ھالدا ‹‹بولدى قىل ،ئولتۇر››دەپ ئوقۇغۇچىلارنى نائۈمىد قويۇشنىڭ ئورنىغا ،ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا يىتەكلەش ئارقىلق ئىلھاملاندۇرۇپ،ئۇلاردا ئىشەنىچ پەيدا قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
  يۇقارقى نوقتىلارغا ئەھمىيەت بەرگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ساپاسى ۋە ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنى باشقىلار بىلەن ئەركىن-ئازادە پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ،ئىككى ئىغىز گىپىنى جايلاپ قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيلەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئاساسى مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلار ،خەلىق ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىمىزنى ئادا قىلالايمىز.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ۋولقان428 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-28 00:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-03-20 15:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ