ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

تولۇقىسز تىل- ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتاپدىكى >>مە

ۋاقىت : 2012-03-13 08:38 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 635241 | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

تولۇقىسز تىل- ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتاپدىكى >>مەھمۇت غەزنەۋىگە ھەجىۋى<<دىگەن ئەسەرنى ئوتۈشتەھىس قىلغانلىرىم توغىرىسدا

يىڭى دەرسىلىك كىتابنىڭ ئۆزگىرىشى تىل – ئەدەبىيات دەرىسنىڭ ئۆزگىرىشكە ناھايتى زۇر تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا تىل – ئەدەبىيات دەرسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسنى ماس قەدەمدە ئاشۇرۇپ ماڭدى ،بۇرۇنقى تىل – ئەدەبىيات دەرىسنى مەكتەپتە ھەممە كىشى ئوتۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان جان باقىدىغان دەرىستىن ھازىر ،مۇكەممەل كەسىپللىششنى تەلەپ قىلىدىغان ئىزىدىنىشچانلىق يۇقىرى دەرسكە ئايلاندى ،بولۇپمۇ تىل –ئەدەبىيات دەرسىدىكى كىلاسسىك ئەدەبىيات قىسمنىڭ كىرگۇزۇلۇشى بۇنىڭ يارقىن ئىپادىلنىشى بولۇپ قالدى ،چۇنكى كىلاسىك ئەدەبىيات قىسمنى ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچى ،تارىخ ،مەدەنىيەت ، تىل جەھەتتە بەلگىلىك بىلىم چۇشەنجىگە ئىگە  بولمىسا كىلاسسىك ئەدەبىيات قىسمنى ياخشى ئۆتكىلى بولمايدۇ ،بۇ يەردىكى تىل مەسىلىسنى تىلغائالغاندا كىلاسسىك ئەدەبىيات قىسىمىدىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى «چاغاتاي تىلىدا»يىزىلغاندىن باشقا  ئەرەپ ،پارىس تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئەھۋلى ئىنتايىن كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ ،

  كىلاسسىك ئەدەبىيات قىسىمدىكى دەرسىلىك مەزمۇننى ئوقۇغۇچىلارغا چۇشەندۇرۇشتە ئوقۇتقۇچىدا چوقۇم قەدىمكى زامان ئەدەبىيات تارىخى ۋە تىل توغىرىسدا ئازراق چۇشەنجىگە ئىگە  بولۇشى كىرەكلىكى بۇ نوقتىنى  ئسپاتىلدى.

مەن توۋەندە 9-يىللىق 2-قىسمدىكى ھەجىۋى شىئىر «مەھمۇت غەزنەۋىگە ھەجىۋى » دىگەن ئەسەرنى ئوتۇشتەھىس قىلغانلرىم توغىرىسدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .

«مەھمۇت غەزنىۋىگە ھەجۋى »دىگەن ھەجىۋى شېئىر ھەجىۋى «ساتىرىك » ئەسەرلەرنىڭ ئۆلگىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن مەشھۇر بولۇپ قالماستىن بەلىكى پارىس خەلىقنىڭ مەشھۇر ئەسىرى داستانچىلىق تارىخىدا زور شۆھرەتكە ئىگە بولغان مەشھۇر دىداكتىك داستان «شاھنامە»دىن ئىلىنغان پارچە بولۇش بىلەنمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ ،بۇ ھەجىۋى شىئىر «شاھنامە» داستاننىڭ خاتىمە قىسمىغا كىرگۇزۇلگەن ئەسەر بولۇپ بۇنىڭ مۇئەللىپى «شاھنامە» داستاننى يازغان  ،شەرىق بەدىئى تەپەككۇرنىڭ ئۇلۇغۋار نامايەندىسى ،پارىس –تاجىك شىئىرىينىڭ ئىپتخارى ئەبۇلقاسىم فىردەۋسىدۇر ،

بۇ ئەسەرنى ئوقۇتۇشتا توۋەندىكى بىرنەچچە نوقتىغا ئەھىميەت بىرىش كىرەك .

1.        بۇ ئەسەر داستانچىلىقتا ئىنتايىن زور شۆھرەت تاپقان ئەسەر بولغاچقا ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ۋە ئەسەرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرنۇشنى پۇختا بىلىش بولۇپمۇ ئاپتۇرنىڭ تەرجىمالىنى ئىگەللەشكە ئەھىمىيەت بىرىش ئوقۇغۇچىلارغىمۇ مەشھۇر ئەسەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇئەللىپى توغىرىسدىكى چۇشەنجىلەرنى ئەتىراپىلىق بىرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشھۇر ئەسەرلەرگە بولغان چۇشەنجىسنى ئايدىڭلاشتۇرش.

2.     ئەسەرنى ئوقۇتقۇچى ئالدى ئۆزى بىرنەچچە قتىم پىششق ئوقۇپ چىقىشقا ئەھمىيەت بىرشى ،بەزى ئاتالغۇلارنى توغرا ئىزاھلاپ چۇشەندۇرۇش ئۇچۇن ئەتىراپلىق ئىزىدنىشى لازىم .چۇنكى بۇ ئەسەردىكى كۆپ ساندىكى سۆز-ئىبارىلەر پارس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان ،مۇنداقچە ئىيتقاندا بۇ ئەسەر پارس تىلدا يىزىلغان كىيىن «چاغاتاي »تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بىزنىڭ كىتاۋىمىزغا كىرگۇزۇلگەن قىسمى «چاغاتاي » تىلغا تەرجىمە قىلىپ ئاندىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلغا تەرجىمە قىلىنغان قىسمىى بولغاچقا سۆز-ئىبارىلەردە يەنىلا «چاغاتاي»تىلىدىكى سۆز-ئىبارىلەر بار ،بۇ شىېئىرنى ئوقۇغۇچىلارغا چۇشەندۇرۇش ،مەزمۇنى بىلەن تونۇشتۇرۇشتا چوقۇم چاغاي تىلدىن قوبۇل قىلىنغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسنى بىلىشى كىرەك ئۇنداق بولىمغاندا دەرس مەزمۇننى ياخشى چۇشەندۇرگىلى بولمايدۇ .

ئاساسلىق ئۇچىرايدىغان يىڭى سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسى :

•      مەسىلەن : ئەجەم – پارىسلار ، ئىرانلىقلار

•        كىشۋەلەر -   (   پادىشاھ )

•        ئەجەم تىلى – پارىس تىلى

•        نامە – مەكتۇپ ، خەت  

•        نىگاھ- قاراش ،بىقىش

•        رەنىج-  مۇشاققەت ، قىيىن ،

•        گەنىج-  خەزىنە ، بايلىق ، مال – دۇنيا ،

تاجى زەر – ئالتۇن تاج

سىياھ- قارا

 

3- ئەسەر مەزمۇننى ئىگەللىتشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك .

بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارغا قايتا-قايتا ئوقۇتۇش ئۇنىڭ قىممىتنى ھىس قىلدۇرۇش شۇنىڭدەك ھەجىۋى ئەسەر ھەققىدىكى چۇشەنجىسنى مۇشۇ شېئىر ئارقىلىق ھىس قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك .

4-ئەسەرنى ،ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىنى چۇشەندۇرش بىرگە ئوقۇتقۇچى ئىمكانىيەتنىڭ يتىشچە «شاھنامە»داستانى ھەققىدىمۇ چۇشەنجە بىرىپ ئوتۇش كىرەك ،چۇنكى بۇ ئەسەر «شاھنامە» داستانىدىن ئىلىنغان بولغاچقا بۇنوقتىمۇ ئىنايىن مۇھىم .

5-دەرىسنىڭ مۇھىم قىيىن ،مۇھىم نوقتىسنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرك .

دەرسىنىڭ مۇھىم نوقتىسدا ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ۋە ئەسەرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرنۇشنى ھىس قىلدۇرۇش،

قيىن نوقىتسدا-ئەسەرنىڭ مەزمۇننى ئىگەللتىش ،ئەسەردىكى يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسنى بىلدۇرۇش ،قاتارلىق نوقتىلارغا دىققەت قىلشى كىرەك .

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ