ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

تىل-ئەدەبىيات دەرسى‹‹جان بېقىشنىڭ قورالى››مۇ؟

ۋاقىت : 2012-09-10 21:55 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

تىل-ئەدەبىيات دەرسى‹‹جان بېقىشنىڭ قورالى››مۇ؟

رىزۋانگۈل ئابلىز

    تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئوقۇتۇشتا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. ئۇ پەن ئوقۇتۇشىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى مائارىپنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بولغان تەلىم - تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ۋاسىتە. بىراق ھازىر بەزىلەردە »تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئاسان، جان بېقىشنىڭ قورالى، خەت تونۇيالايدىغان ئادەم بولسىلا ئۆتەلەيدۇ« دەيدىغان خاھىش پەيدا بولۇپ قالدى. مۇشۇ خاھىش بويىچە دېگەندە، تىل - ئەدەبىيات دەرسى راستىنلا »جان بېقىشنىڭ قورالى«مۇ؟

    ھەممىگە مەلۇم، ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئۇنىۋېرساللىقنى، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى، بىلىم زاپىسى مول بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇل پەن. تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۇنىڭ ياردىمىدە ئىلىم - پەن دۇنياسىغا بولغان تونۇشىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئادېمىيەلىك تەربىيەسىنى تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق تېخىمۇ سىستېمىلىق قوبۇل قىلىدۇ. بىراق، مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى بەزى سەۋەنلىكلەر تۈپەيلى تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ نوپۇزى ۋە رولى سەل ئاجىزلاپ، ئاساسى مائارىپنىڭ ئىزچىل يۈكسىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ ماتېماتىكا ۋە تىل ئۆگىنىشىگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، تىل - ئەدەبىياتقا سەل قاراۋاتىدۇ. بەزى جايلاردا باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ياكى قوش تىل ئوقۇتۇشىغا ماسلىشالمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى قىلىپ قويىدىغان، تىل - ئەدەبىيات دەرس سائىتىنى ئازايتىپ باشقا دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار سادىر بولۇۋاتىدۇ. ئېنىقكى، بۇ ئەھۋاللار مائارىپىمىزنى زور زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. چۈنكى تىل - ئەدەبىيات ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى، تەسەۋۋۇرى ۋە ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

    جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ماتېماتىك سۇبوچىڭ  « ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا» ناملىق ماقالىسىدە ئەدەبىيات بىلەن ماتېماتىكىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر دەلىللەر بىلەن قايىل قىلارلىق بايان قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق يېتىلدۈرىدىغان تەپەككۇر ۋە ئىدىيەۋى سىستېما تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شۇڭا، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا سەل قارايدىغان خاھىشلارنى تۈگەتمەي بولمايدۇ.

    مائارىپ قوشۇنىمىزدىكى تىل - ئەدەبىيات ھەققىدىكى يۈزەكى چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بۇ خاھىشلارنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەل قىلغۇچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دېمەك، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە رولىنى نېگىزىدىن تونۇپ يېتىشى، كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىم زاپىسىنى موللاشتۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرەلەيدىغان بولۇشى، يۇمۇرىستىك، جانلىق، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىشى، ئوقۇغۇچىلارنى دەرس ئەمەلىيىتىگە تولۇق قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى، كەڭ جامائەتچىلىك ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(8)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ