ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
قارىماسلىق كېرەك
ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈشتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ سائەتلىك دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ سائەتلىك دەرسكە بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، دەرسلىككە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ ھەر بىر سائەتلىك دەرسنىڭ جەلبكار بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ دەرخانا ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تىل –ئەدەبىيات دەرسىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشكە سەل قارىماسلىق كېرەك . ھەر بىر سائەتلىك دەرستە ياخشى ، ئۈنۈملۈك بولغان چارىلەردىن پايدىلىپ يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرگەندىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىككە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
مېنىڭچە تىل –ئەدەبىيات دەرسىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك دەپ بارايمەن.
1. تېكىستكە مۇناسىۋەتلىك بولغان رەسىملەرنى كۈزەتكۈزۈزۈش ۋە تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۈزەتكۈزۈش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش. مەسىلەن، بىرىنچى يىللىقلاردىكى « باھاردىكى ئۆزگىرىش » دېگەن دەرسنى ئۆتكەندە ، ئوقۇغۇچىلارغا باھار تەسۋىرلەنگەن رەسىملەرنى كۈزەتكۈزۈش ۋە تەبىئەتنى كۈزەتكۈزۈش ئارقىلىق « بۇ قايسى پەسىل ؟ »،« باھاركېلىشى بىلەن ئەتراپىمىزدا قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ » ، « باھار پەسلىدە سىلەر قانداق ئويۇنلارنى ئوينايسىلەر؟ » دېگەن سوئاللار سورىلىپ ، ئاندىن يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
2. ئەمەلىي مەشغۇلات ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.
مەسىلەن ،« مايمۇنچاقنىڭ خەت يېزىشى » دېگەن تېكىستنى ئۆتۈشتە، ئوقۇغۇچىلارنى مەشق دەپتەرگە ئوقۇتقۇچى ئېيتىپ بەرگەن بىر جۈملە خەتنى يازدۇرۇش ، يازغان خەتلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ باھالاپ قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ خەتنى ئەڭ چىرايلىق ، ئەڭ توغرا يازغانلىقىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خەتنى نېمە ئۈچۈن توغرا، چىرايلىق يازالىشىدىكى تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرگەندە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
3.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان ، دىققىتىنى تارتىدىغان سوئاللارنى سوراپ يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.
بۇ خىل ئۇسۇل ئوقۇتۇشتا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان، ئەڭ قولايلىق بولغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى.
مەسىلەن ، « ياز » دېگەن دەرسنى ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلاردىن « ساۋاقداشلار سىلەر ياز پەسلىنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ » ، « نېمە ئۈچۈن بۇ پەسلىنى ياخشى كۆرىسىلەر؟ »، « بىز بۈگۈن سىلەر ياخشى كۆرىدىغان بۇ پەسىل توغرىسىدا يېزىلغان شېئىرنى ئۆگىنىمىز ، ئۆگىنىشنى خالامسىلەر ؟ » دېگەن سوئاللار ئارقىلىق باشلاپ كىرسە، بىۋاستە يېڭى دەرسنى باشلىغانغا قارىغانغا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
4. ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسكە مۇناسىۋەتلىك « تېپىشماق» تاپقۇزۇش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.
بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاساسەن قۇشلار، ھايۋانلار، ھاشاراتلار، ئۆسۈملۈكلەر ، پەسىللەر توغرىسىدىكى دەرسلەرنى ئۆتكەندە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك تېپىشماقلارنى ئېيتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار تاپقاندىن كېيىن « ئۇنداق بولسا ساۋاقداشلار بۇ سائەتتە سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز دەل مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت،ىسلەربۇ ...توغرىسىدا تېخىمۇ ياخشى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشنى خالامسىلەر ؟» دېيىش ئارقىلىق باشلاپ كىرسەك بولىدۇ.
5.چۆچەك ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.
بەزى دەرسلىكلەرنى ئۆتكەندە شۇ دەرسلىك مەزمونىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشكىمۇ بولىدۇ.
مەسىلەن، ئىككىنچى يىللىق بىرىنچى مەۋسۈملۈك دەرسلىكىدىكى « ئاچچىق ۋە تاتلىق» دېگەن دەرسنى ئۆتكەندە، ئوقۇغۇچىلارغا شۇ دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك بولغان «تايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتۈشى » دېگەن چۆچەكنى سۆزلەپ بېرىش ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن چۆچەككە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى
سوراش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلاردا تايچاق زادى كىمنىڭ گېپىگە ئىشىنىش توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىۋېلىپ، ئاندىن « ئاچچىق ۋە تاتلىق » دېگەن دەرس ئۆتۈلگەندە ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ تېكىسىتتە ئۈزۈمنىڭ ئاچچىق ۋە تاتلىقلىقىنى قانداق بىلگەندۇ؟ دېيىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرگەندە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
(تەھرىر : admin)
«ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى ئۆتۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتى
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش
- تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسخانا ئۈنۈمىن
- مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەب
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدە
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلا
- تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى
- باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش
- چاتما رەسىملەرگە قاراپ ماقالە يېزىش ما
- بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش م
- تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلار
- تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ھەققىدە تەكلىپ
- تىل-ئەدەبىيات دەرسى‹‹جان بېقىشنىڭ قور
- دەرس ئىسلاھاتىدا تىل – ئەدەبىيات ئوقۇت
- تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئۇنىۋېرسال ئ
- تولۇقىسز تىل- ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتاپد
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
يالغۇز تۇيۇن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-10-09 17:10 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-31 15:07
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش ئۈچۈن
- تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسخانا ئۈنۈمىنى يۇقى
- مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغ
- باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا چى
- چاتما رەسىملەرگە قاراپ ماقالە يېزىش ماھارىت
- بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش ماھارى
- مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش ئۈچۈن
- باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات
- بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش ماھارى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسخانا ئۈنۈمىنى يۇقى
- چاتما رەسىملەرگە قاراپ ماقالە يېزىش ماھارىت
- تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغ