ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

باشلانغۇچ مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات

ۋاقىت : 2011-03-04 20:51 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : كۆك بۆرە | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 ئوقۇتقۇچى مەكتەپتە تەلىم – تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى. ساپا مائارىپى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشى ۋە ئوقۇغۇچى قارىشىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ھېلىغىچە ئۆزلىرىنىڭ كونا ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىدىن ۋاز كېچەلمەي، يېڭى دەرس شارائىتىدا ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرۈۋاتىدۇ.

   يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ‹‹تىل – ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى››دە ئېنىق قىلىپ: ‹‹ئوقۇغۇچى ئۆگىنىش ۋە تەرەققىياتنىڭ سۇبيېكتى››، دېيىلگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ئوقۇتقۇچى تەشكىللىگۈچى، يېتەكچى ئورنىدا تۇرىدۇ، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ‹‹ئوقۇتقۇچى مەركەز›› دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۇلارنى بىلىش ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكلەش دېگەنلىكتۇر. ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە مۇستەقىل ئورۇنغا ۋە ناھايىتى زور بىلىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىدۇر. بۇ، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹ھەقىقەتنى تەقدىم قىلىش››تەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ، ‹‹ھەقىقەتنى بايقاش›› ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
   مېنىڭچە، يېڭىدىن تۈزۈلگەن دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن:
   1 . ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىكىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئېسىدە ساقلىشى كېرەك.
   2 . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىتىشى، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى تاللاپ، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەشكىللىشى، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشى، بارلىق ئامال بىلەن ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆگىنىشنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك.
   3 . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇپ، ئوقۇتۇشتا خاس ئۇسلۇب يارىتىشى، كەسىپنى، جۈملىدىن ئوقۇتۇش نەزەرىيەسىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىپ، دەرس ئۆلچىمى، دەرسلىك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ۋە ئېھتىياجى قاتارلىقلارنى چۈشەنگەن ئاساستا ئوقۇتۇش پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خوجايىنلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، دورامچىلىقتىن ۋە فورمۇلىلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىشى، خاس ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
   شۇنداق قىلغاندىلا ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك، ئوقۇغۇچىنىڭ خوجايىنلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرگىلى، ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ خوجايىنلىق ئورنىنى، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولنى جارى قىلدۇرغىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇتۇش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(5)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
كۆك بۆرە تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-11 00:10 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-10-24 10:10
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ