بىر قىسىم سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ ئىشل
بىر قىسىم سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا
مەريەمگۈل ناسىر
جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويغان، ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى نەشىر قىلىنىپ، ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى دائىرىسىدە ئومۇملىشىپ، تىل - يېزىق قېلىپلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەر قايسى ساھە، ھەر خىل ياش ۋە ھەر خىل قاتلامدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ۋە يېزىش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، مىللەتنىڭ ئىناۋىتىگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال تەرجىمانلار، مۇخبىرلار، زىيارەت قىلىنغۇچى رەھبەرلەر ۋە دىكتور، ئارتىسلىرىمىزدا گەۋدىلىك كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن:
1. تۆۋەنلەرگە بارغاندا … ئەمەس، تۆۋەنگە بارغاندا … بولۇشى كېرەك. 200 دىن ئارتۇق دېھقانلار … ئەمەس، 200 دىن ئارتۇق دېھقان … بولۇشى كېرەك.
2. دوكلاتنى قاراپ چىقتى ئەمەس، دوكلاتنى كۆرۈپ چىقتى ياكى دوكلاتقا قاراپ چىقتى بولۇشى كېرەك. ئەمەتكە ساقلاپ كېچىكىپ قالدىم ئەمەس، ئەمەتنى ساقلاپ … بولۇشى كېرەك.
3. يالداما ئەمەس، يادنامە بولۇشى كېرەك. يالداما دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، تۈپ سۆز ياكى ياسالما سۆز ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. يادنامە سۆزى ياد + نامە شەكلىدىكى ئەستىلىك، خاتىرە، نەمۇنە مەنىسىدىكى ياسالما سۆزدۇر.
4. ئاللىقاچان ئەمەس، ئاللبۇرۇن دەپ ئىشلىتىلىشىمىز كېرەك. بۇ يەردىكى ئاللا ئېنىقسىزلىقنى بىلدۈرىدۇ. قاچان سوراقنى بىلدۈرىدۇ. تىلىمىزدا ئۇلار مەنزىلىگە ئاللىقاچان بېرىپ بولدى دېگەندەك گەپلەر بار. بۇ يەردىكى گەپ ۋاقىت ئۈستىدە كېتىپ بارغانىكەن، دەپ قوللىنىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ماشىنا ئاللىبۇرۇن قوزغىلىپ كېتىدۇ دېسەك، ماشىنىنىڭ خېلى بۇرۇنلا قوزغىلىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت مەنە ياخشى يورۇيدۇ. سوراقنى بىلدۈرىدىغان قاچان نى ئىشلىتىش توغرا ئەمەس.
5. زور دەرىجىدە ئەمەس، يۇقىرى دەرىجىدە … بولۇشى كېرەك. چۈنكى، بىرىنچىدىن، دەرىجە چوڭ، كىچىك بولمايدۇ؛ يۇقىرى، تۆۋەن بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، زور ھەجىمگە قارىتىلغان سۆز. دەرىجىنىڭ ھەجىمى بولمايدۇ. بۇ يەردىكى زور سۆزى خەنزۇ تىلىدىكى 大 نىڭ ئۆلۈك تەرجىمىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا زور دەرىجىدە … دېمەي، يۇقىرى دەرىجىدە … دەپ ئىشلىتىشىمىز كېرەك.
6. مەدەنىيلىك ئورۇن ئەمەس، مەدەنىيەتلىك ئورۇن ياكى مەدەنىي ئورۇن بولۇشى كېرەك. چۈنكى مەدەنىي سۆزى مەدەنىيەت سۆزىنىڭ قىسقارتىلما سۈپەت شەكلى. مىللىي، ئىلمىي دېگەندەك مەدەنىي سۆزى مەدەنىيەتلىك سۆزى بىلەن مەنىداش. مەدەنىي سۆزى سۈپەت، مەدەنىيلىك سۆزى ئىسىم تۈركۈمىگە تەۋە. ئورۇن دېگەن ئىسىمنى سان، سۈپەت، سۈپەتداش سۆزلىرى بىلەنلا ئېنىقلاشقا بولىدۇ. مەدەنىيلىك دېگەن ئىسىمنى ئورۇن دېگەن ئىسىم بىلەن بىرىكتۈرۈش جۈملە ۋە سۆز بىرىكمىلىرى تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىش قانۇنىيىتىگە خىلاپ.
7. بالا ئېلىش ئەمەس، پەرزەنتلىك بولۇش دەپ ئېلىنىشى كېرەك.
تىلىمىزدا ھايۋانلارغا قارىتىلغان تۆل ئېلىش دېگەن ئاتالغۇ بار. ھازىر بەزى تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە بالا ئېلىش دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بالا ئېلىش ئەخلاق - پەزىلىتىمىزگە ۋە تىل ئادىتىمىزگە يات بولغان تولىمۇ سەت ئاتالغۇ. بىز ھايۋانغا قارىتىلغان ئېلىش سۆزىنى ئادەمگە ئىشلەتمەي، ئىلمىي، چىرايلىق بولغان پەرزەنتلىك بولۇش دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك.
8. ئىشىكنى سولاپ قويۇش ئەمەس، قۇلۇپلاش بولۇشى كېرەك.
بۇ تىلىمىزدىكى ئايرىم شېۋىلەرگە سىڭىپ قالغان يېرىمى ئۇيغۇرچە، يېرىمى خەنزۇچە ئاتالغۇ. بۇ ئاتالغۇ ھازىر لۇغىتىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ بولدى. تىلىمىزدا قوينى قوتانغا سولاش دەيدىغان بىرىكمە بار.
9. بىرسى ئەمەس، بىرى بولۇشى كېرەك.
سۆزلەرگە ئىسىملارنىڭ ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسىنى قوشقاندا، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقاندا سۆزلەرگە - ى، سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە - ىسى قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ. بىر، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆز.
10. ×× ئاققۇناق ئۇمىچى، ×× بوۋاقلار قۇۋۋەت بۇلمىقى، ×× ئەتكەن چېيى
بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇماچ — قوناق ياكى تېرىق ئۇنىنى گۆش ۋە چامغۇر قاتارلىقلارنى سېلىپ قايناتقان سۇغا چېلىپ تەييارلىنىدىغان سۇيۇق تاماق.
بۇلماق — بوۋاق بالىلار ئۈچۈن سۈت، قوي يېغى، ئۇن، شېكەر قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلايدىغان سۇيۇق ھالەتتىكى ئوزۇقلۇق.
ئەتكەن چاي — قېنىق دەملەنگەن قارا چايغا سۈت ۋە تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ئېتىلگەن چاي.
دېمەك، ئوماچ، بۇلماق، ئەتكەنچاي قاتارلىقلار سۇيۇق ھالەتتىكى يېمەك - ئىچمەككە قارىتىلغان ئاتالغۇ بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆرسىتىدىغىنى سۇيۇق ھالەتتىكى تاماقلار. يۇقىرىدا بىز ئېيتقان ناملار بىلەن خالتىغا قاچىلانغىنى بولسا، ئوماچ، بۇلماق، ئەتكەنچايلارنىڭ خۇرۇچلىرى ياكى ماتېرىيالى. خالتىغا قاچىلانغان ئۇۋاق ھالەتتىكى نەرسىلەرنى تالقان دېيىش كېرەك. مېنىڭچە ×× ئاققۇناق ئوماچ تالقىنى، ×× بوۋاقلار بۇلماق تالقىنى، ×× ئەتكەن چاي تالقىنى دېسەك، تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن بولىدۇ.
يۇقىرىدا تىلىمىزدا توغرا ئىشلىتىلمەيۋاتقان بىرقانچە سۆز - ئاتالغۇ ھەققىدىكى ئىلمىي تەكلىپىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. تىل تەلەپپۇزىمىزنىڭ توغرا يۈرگۈزۈلۈشى، ئىلمىيلىشىشى ئۈچۈن ھەممىمىز مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز،بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىدىغان، خاتا تەلەپپۇز قىلىدىغان ئەھۋاللارنى تۈگىتىپ، ئىلمىي، توغرا، ئاممىباب سۆزلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم.
(تەھرىر : بەشتاش)
«بىر قىسىم سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ ئىشل»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىلاردىكى خەت ئوقۇش توسالغۇسى ھەققىدە ئومۇمىي ب
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش
- تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسخانا ئۈنۈمىن
- مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەب
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدە
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلا
- تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى
- باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش
- چاتما رەسىملەرگە قاراپ ماقالە يېزىش ما
- بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش م
- تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلار
- تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ھەققىدە تەكلىپ
- تىل-ئەدەبىيات دەرسى‹‹جان بېقىشنىڭ قور
- دەرس ئىسلاھاتىدا تىل – ئەدەبىيات ئوقۇت
- تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئۇنىۋېرسال ئ
- تولۇقىسز تىل- ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتاپد
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش ئۈچۈن
- تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسخانا ئۈنۈمىنى يۇقى
- مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغ
- باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا چى
- چاتما رەسىملەرگە قاراپ ماقالە يېزىش ماھارىت
- بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش ماھارى
- مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش ئۈچۈن
- باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات
- بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش ماھارى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسخانا ئۈنۈمىنى يۇقى
- چاتما رەسىملەرگە قاراپ ماقالە يېزىش ماھارىت
- تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغ