ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

نۇتۇق قابىلىيىتىڭىزگە سەل قارىماڭ

ۋاقىت : 2013-02-21 13:08 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
نۇتۇق قابىلىيىتىڭىزگە سەل قارىماڭ
رەھىم يۈسۈپ

نۇتۇق قابىلىيىتىڭىزگە سەل قارىما


نۇتۇق قابىلىيىتى(زۇۋاندارلىق)نى يېتىلدۈرۈش ھەممە ئۈچۈن، بولۇپمۇ دەۋرىمىز ياشلىرى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. چۈنكى، سۆز قابىلىيىتى بىر خىل قىممەتلىك بايلىق.
ئىجتىمائىيىتىمىزگە نەزەر سالساق، بۇنى روشەن ھېس قىلالايمىز. مەسىلەن، سىياسىي ئەربابلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئاممىنى قوزغاش، تەشكىللەش ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا نۇتۇق سەنئىتىنى قورال قىلىدۇ؛ مۇتەپەككۇرلار قاراشلىرىنى شەرھلەشتە نۇتقىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىدۇ ۋە ھاكازا. تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادىكى كۈندىلىك ئىشلارنىڭ %15ى يېزىق بىلەن، %85ى گەپ–سۆز بىلەن ئورۇندىلىدىكەن. بۇنىڭدىن گەپ–سۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىمىزدا قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىۋالالايمىز.
خەلقىمىز گەپ–سۆزنىڭ، جۈملىدىن تىل سەنئىتىنىڭ رولىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى خېلى بۇرۇنلا بىلىپ يەتكەن. بۇنى «ياخشى گەپ ئىسسىتقۇ، يامان گەپ سوۋۇتقۇ»، «ياخشى گەپ تاشنى يارار، يامان گەپ باشنى( يارار)» دېگەندەك ماقالىلەردىن، شۇنىڭدەك ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «نۇرغۇن مال–دۇنيا سەرپ قىلىپ يېتەلمىگەن نەتىجىلەرگە جايىدا ئىشلىتىلگەن بىر ياخشى سۆز بىلەن يېتىش مۇمكىن» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىدىنمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيمىز.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟
بۇ قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال بىلىمنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. يەنى، سۆزۈم مەزمۇنلۇق، قايىل قىلارلىق بولسۇن دېگۈچىلەر ئالدى بىلەن مول بىلىمگە ئىگە بولۇشى كېرەك. مەلۇمكى، بەزى ياشلىرىمىز سۆزلەش پۇرسىتى كەلگەندە، بىر بولسا ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ياكى نەچچە ئېغىز گەپنى راۋان قىلالماي تىرناق تاتلاپ تۇرىدۇ. بەزى ياشلىرىمىز بۇغداي نېنى بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆز قىلىشنى بىلمەي، كىشىلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ. بۇلار ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ تېيىزلىقىدىندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچى، ئانا تىلنى كۆپرەك ئۆگىنىشىمىز، ئەتراپىمىزدىكى ھەر خىل ھادىسىنى كۆپرەك كۆزىتىشىمىز، مۇلاھىزە قىلىشىمىز، بۇ ئارقىلىق ياخشى بىلەن ياماننى، ھەق بىلەن ناھەقنى، توغرا بىلەن خاتانى پەرقلەندۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ بىزنى شۇ ھەقتە مەلۇم يەكۈنگە ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشىمىزغا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار.
ئىككىنچى، نۇتۇق سۆزلەش ئەمەلىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. بىر ئادەمنىڭ سۆز قابىلىيىتى تۇغما بولمايدۇ. يولداش ماۋزېدۇڭ ئېيتقاندەك «ھەقىقىي بىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ». سۆز قابىلىيىتى دېگىنىمىز، بىر ئادەمنىڭ مۇئەييەن مەسىلىدىكى باھاسى، قارىشى، مەيدانىنى ئاغزاكى ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. سۆز قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھەر خىل نۇتۇق ئەمەلىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك. كونىلاردا «ئىشقا پىشقاننىڭ قولى چاققان» دېگەن گەپ بار. دېمەك، كۆپ مەشىق قىلىپ بەرگەندە، سۆز قابىلىيىتىمىز مۇقەررەر ئاشىدۇ. جەمئىيەتتە گەپ–سۆزلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق، سۆزمەنلەر بار، بۇمۇ ئۇلارنىڭ گەپ–سۆز مەشىقىنى كۆپ قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ھازىر بەزى ياشلىرىمىز ئاممىۋى سورۇندا گەپ–سۆز قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، سەھنىگە چىقسا جىددىيلىشىپ، يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالغاندەك قىينىلىدۇ، ئالدىن تەييارلىۋالغان سۆزلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. بۇلار ئۇلارنىڭ يېتەرلىك مەشىق قىلمىغانلىقىنىڭ ئالامىتى. كونىلاردا «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەن گەپ بار. ئەگەر ياشلىرىمىز گەپ قىلىش، نۇتۇق قابىلىيىتىنى تەشەببۇسكارانە يېتىلدۈرۈپ، ئاكتىپ پىكىر قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرسىلا، ئەجرىگە يارىشا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. قېنى بۇنى يۈرەكلىك سىناپ باقايلى!

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(3)
75%
ناچاركەن
(1)
25%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ