ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

ۋاقىت : 2014-03-17 23:15 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
دەرستە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

 بىلىقىز مامۇت

   ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەر دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئوقۇتقۇچىلار، بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرى بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىلھام بېرىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكلىشى، ياردەم بېرىشى كېرەك.

   دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ۋە ئۇلارنى دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش سىنىپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماي، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ يۈكسەك مەسئۇلىيىتى.

   سىنىپ مۇدىرى بىر سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى، ئائىلە ئەھۋالى، پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى چەتكە قاقماستىن ئۇلارنىڭ قىسمەن ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا كۆپچىلىك ئارىسىدا ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئاساستا ئىلھاملاندۇرۇپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، كەمچىلىكلىرىنى بايقىغاندا كۆپچىلىك ئالدىدا تەنقىدلەپ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئايرىم سۆھبەتلىشىپ سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئۈمىد، ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئادەتتە سىنىپ مۇدىرى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ، سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىشى ۋە يېتەكلىشى، ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالغا بېسىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

   سىنىپ مۇدىرى ھەرقايسى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ بىرلىكتە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردىن سىنىپ ئىچىدە ئاددىي سوئاللارنى سوراش، ئايرىم تاپشۇرۇق بېرىش، ئايرىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلىشىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىدىكى ئىش – پائالىيەتلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى ۋە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ئىش – پائالىيەتلىرىدىن ئاتا – ئانىلارنى خەۋەردار قىلىپ، بىر قەدەر ياخشى دەپ قارالغان تەرەپلەرنى ئاتا – ئانىلارغا كۆپرەك تەكىتلەپ بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ قەلبىدىكى ياخشى ئوبرازىنى يارىتىشىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرى ئۆزىنىڭ شۇ ئوقۇغۇچىنى يېتەكلەش جەھەتتە قوللىنىۋاتقان ئۇسۇللىرىنى ئاتا – ئانىلارغا يەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئائىلىدە تەربىيەلەش بىلەن مەكتەپتە تەربىيەلەشنى ماسلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىرلىكتە يېتەكلەشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

   سىنىپ مۇدىرى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى يېتەكلەشنى چىڭ تۇتقاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەلۇم جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۆپرەك پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بوش ۋاقىتلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب – ماتېرىياللارنى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىتاب كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق،ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

   قىسقىسى، سىنىپ مۇدىرى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ھەرقايسى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاتا – ئانىلار بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىپ سوغۇققان، سەۋرىچان، تەمكىن پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلىدە بولۇپ زېرىكمەي تەربىيە بېرىشنى كۈچەيتىشى ھەم داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

(ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە ياندۇما يېزا بىدىخانا باشلانغۇچ مەكتەپتىن)

 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ