يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى يېڭى مۇناسىۋەتكە بول
يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى يېڭى مۇناسىۋەتكە بولغان قاراشلىرىم
يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى دەرس ئۆتۈش جەھەتتىلا يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەل مەستىن يەنە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىمۇ يېڭى مۇناسىۋەت ۋە يېڭى قىياپەتنى ئېلىپ كەلدى. ھازىرقى دەۋردە تىپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇعۇچىلارمۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى يېڭى مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشتا ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىشى كېرەك .
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت – ئەدەپ ،ئەخلاق ھۆر- مەت مۇناسىۋىتى ۋە ھېسسىيات مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىشى كېرەك .
ھازىرقى مەكتەپلەردە ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە – ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇ- غۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ قالايمىقان بولۇشى ،
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتى داۋاملىق تېگىشلىك بولغان قوغداشقا ئېرىشەلمىگەچكە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدا ئەرزىمەس ئىشلار تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان ئىشلار يۈز بەرمەكتە ھەتتا بۇ ئىشلار ئېغىرلىشىپ ئەرز قىلىش سوتلىشىشتەك يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىپ ، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى ۋە جەمىيەتتە يامان تەسىرلەرنى قوزغىماقتا ۋە ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەل- مەكتە .
بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان،مەكتەپ تەلىم
تەربىيىسى ۋە ئەدەپ ئەخلاق تەربىيىسى كۈچەيتىلىۋاتقان ھەل قىلغۇچ شارائىتتا
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقى،
ئىشلارنى يېنىكلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلماسلىقى كېرەك .
چۈنكى ھازىرقى دەۋردە پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغان بولغاچقا ،ھەممە ئائىلى-
لەرنىڭ بىر ياكى ئىككىدىن ئەتىۋارلىق بالىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئاتا- ئانىلار-
نىڭ يۈرەك پارىسى ۋە كۆز گۆھىرى ، ئۇلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە تىرى- شىپ ئوقۇشىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلىرىغا خۇددى ئۆز بالىلىرىغا مۇئامىلە
قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىنى ، مۇلايىملىق ، سەمىمىلىك ، مېھرىبانلىق بىلەن بىلىم بېرىشىنى ، ئادىل ،باراۋەر مۇئامىلا قىلىشىنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلىدۇ.
نۆۋەتتە ئاتا- ئانىلار ياشلىشىپ،بالىلىرىنىڭ ئائىلە،مەكتەپ تۇرمۇشىغا ۋە بالىرىنىڭ ئەقىللىق ،ساغلام چوڭ بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە ۋە مەدەنىيەت
مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ،ئاتا- ئانىلارنىڭمۇ ساپاسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ ، بالىلىرىغا،ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇۋاتقان تەلىپى يۇقۇرى بولماقتا .
شۇڭا مەن ئويلايمەنكى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى بۇرۇنقىدەك
قاتمال ھالەتتە نېمە دىگۈمىز كەلسە شۇنى دەپ،نېمە قىلغۇمىز كەلسە شۇنى
قىلغۇزىدىغان ،بۇيرۇقۋازلىق بىلەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ ،ئوقۇغۇچىنىڭ
غورۇرى ۋە ھېسسىياتى بىلەن ئوينىشىدىغان ، ئۇلارغا خاتالىقىنى تۈزىتىشكە پۇر-
سەت بەرمەيدىغان ھالەتلەرگە خاتىمە بېرىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى .
ھازىرقى دەۋردىكى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا،تولۇپ تاشقان ھۆرمەت، دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات روھىغا ئىگە بولغان ييېڭى تىپتىكى
ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئەدەپ –ئەخلاق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ شۇڭا مەن، ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە جەھەتلەردىن تىرىشىپ
ئىشلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن .
1. يېڭى مائارىپ ئىسلاھاتىغا ماسلاشقان دېموكراتىيە ئىدىيىسىنى تىكلەش .
باراۋەرلىك – ھازىرقى زامان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئەدەپ- ئەخلاق مۇناسىۋىتىنىڭ يادرولۇق تەلىپى .
دېموكراتىك ئىدىيە بىرىنچىدىن ئوقۇتقۇچىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئادەم» لىك
قىممىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ھوقۇق – مەنپەئەتى ۋە ئىززەت- ئابرويى ،تېخىمۇ مۇھىمۇ ئىدىيە ھېسسىياتى ۋە ئۆزىگە خاس ئېھتىياجى بولىدۇ . ئىككىنچىدىن،
ئوقۇتقۇچىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ بۇ خىل ھۆرمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە ئىندىۋىدىئۇئاللىق ھەركىتىنىڭ ئىپادىسىنى قوبۇل قىلغاندا ۋە ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندائىپادى-
لىنىدۇ .ياخشى شارائىت ۋە مۇھىتنى ھازىرلاپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى
تولۇق بايقىشىغا يول قويغاندا،ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تونۇپ
يەتكەندە ،ئۆزلىرىدە كىشىلەرنىڭ ئىززەت – ئابرويى ۋە بەخت تۇيغۇسى بار-لىقىنى ھېس قىلغاندا ئىپادىلىنىدۇ .
2. قانۇن- تۈزۈم ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەن-
پەئەتىنى قوغداش .
ئوقۇتقۇچىلاردا قانۇن – تۈزۈم ئېڭى تۆۋەن بولغاندا ،ئوقۇغۇچىلاردا بار بولغان ،دەخلى- تەرۇز قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇق –مەنپەئەتىنى تونۇپ يەتكىلى بولمايدۇ .بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى –تەرۇز قىلىش
ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ سە-ۋەبى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم قانۇن تۈزۈم ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ ،
ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ھوقۇق –مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى
ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى لازىم .
3. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ،ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار-
نىڭ مۇناسىۋىتىنى ساپلاشتۇرۇش .
ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتى بىر خىل تەلىم تەربىيە مۇناسىۋىتى يەنى ئەخلاق پاكلىقىغا ئىگە بولغان ئالاھىدە ئىجتىمائى مۇناسىۋەت .شۇڭا بىز
ئوقۇتقۇچىلار ئۆز –ئۆزىمىزنى تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ،يامان ئىجتىمائى
كەيپىياتنىڭ چىرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاكتىپچانلىقىمىزنى ۋە ئېقتىدارى-مىزنى ئۆستۈرىشىمىز كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقۇرۇش ئىېقتىدارىمىزنى يېڭىلاپ،ئادەمنى ئاساس قىلىپ باشقۇرۇش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ،ئوقۇت-قۇچى ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتىنى ساپلاشتۇرۇش پايدىلىق بولغان تەلىم – تەر-بىيە مۇھىتىنى ھازىرلىشىمىز كېرەك .
4. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى،ئۇلارغا كۆ-يۈنىشى ۋە ئۇلارنى ئاسرىشى كېرەك .
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ياخشى ھېسسىيات مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش
ئۈچۈن،ئوقۇتقۇچى چوقۇم ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن بەدەل تۆلىشى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ،ئاسرىشى ئۇلارغا ئادىل ،باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى بىرنى ئەتىۋارلاپ يەنە بىرىگە ئېتىۋارسىز قارىماسلىقى،ئۆگۈنىش نەتىجىسى
ياخشى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا كۆپرەك ئىلھام بېرىشى،كۆپرەك غەمخور-
لۇق قىلىشى ،ئۇلاردا يوشۇرۇن كۈچنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ ،ھەقىقىي چىن
يۈرۈگىدىن كۆيىنىپ ياردەم بېرىشى كېرەك ، مۇشۇنداق قىلىشنى داۋاملاش-
تۇغاندىلا ھامان بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ،ھېسسىيات قايتۇ-
رۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ .
5. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.نۇرغۇنلىغان بالىلار بىر سىنىپ كوللىكتىپىنى تەشكىل قىلىپ ئوقۇيدۇ، سىنىپ كوللىكتىپىدىكىنۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ھەر خىل مىجەز خارەكتىرى بولىدۇ، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش جەريانىد ائۇلارنىڭ مىجەز –خارەكتىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئوقۇغۇچى-لارنىڭ مىجەز –خەرەكتىرىگە قاراپ ئىش قىلىشى،كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك.
6. كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئۆتۈپ ، ئۆز ئېقتىدارىنى نامايەن قىلىپ ، ئوقۇ-
غۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋەھۆرمىتىگە ئېرىشىش كېرەك .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ھېسسىيات كەچۈرمۈشلىرىنى ئاشۇرۇپ
ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى ياخشىلاپ ۋە جانلاندۇرۇپ ،ئوقۇتۇش جەريانىنى قىزىقىش ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش لازىم . ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايەن قىلىپ،ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ تارتىشىش كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىيات مۇناسىۋىتىنى ئەلالاشتۇرۇش-تىكىمۇھىم تاكتىكا .
7. ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ خارەكتىرىنى ياخشىلاپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك .
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇ-
چىنىڭ ئۆزىدە جەلپ قىلىش كۈچى بولۇشى كېرەك. ئۆزىنىڭ خارەكتىرىنى
تىرىشىپ ياخشىلاپ ،ئۆزىنى قىزغىن سەمىمىي كەڭ قوساق،مەسئۇلىيەتچان
يۇمۇرىستىك قاتارلىق پەزىلەتلەرگە ئىگە قىلىشى كېرەك .
بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئاڭلىق ھالدا ئۆز –ئۆزىنى تەربىيلىش،كۆپرەك ماتىريال كۆرۈپ،بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىشى،ئۆز كەسپىگە پۇختابولۇش ۋەھۆرمەت قىلىش روھىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ،تەلىم –تەربىيە سەنئىتىنى ئۆستۈرۈپ ، مول جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تىرىشى
كېرەك .
ئومۇمەن ، مېنىڭ قارىشىمچە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مۇ-ناسىۋەت ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىرىنىڭ تولۇق ئارلىشىشى ئاسا-سىدائورنىتىلغان يېقىنلىق ، يېقىملىق مۇناسىۋەت بولۇشى كېرەك .
ئۇ بىر خىل ھەقىقىي تۈردىكى ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ قەلب ئالماشتۇرۇشى بو-لۇپ،ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزارا كۆيۈنىشىنىڭ نەتىجىسى .
ئۇ ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادكارلىقىنىڭ تولۇق نامايەن بولۇشىدىكى كاتالىزاتور بولۇپ ،ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىرى ۋە رو-
ھىنىنىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇنبەت تۇپراق .
ئۇ بىر خىل ئىناقلىق ،سەمىمىيلىك ۋە سىلىق –سىپايە بولغان پىسخىك
كەيپىيات بولۇپ ،ھەقىقىي چىنلىق،ئاق كۆڭۈللۈك گۈزەللىكنىڭ بىرلەشكەن
گەۋدىسىدۇر . كونىلار «ياخشى گەپ تاشنى يارار » يۇمشاق،ياخشى سۆز،ياخشى مۇئامىلە
ھامان بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ،ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئىستىگىنى ئويغۇتىدۇ.شۇ سەبىي قەلبلەرنىڭ ئويغۇ-نىشىنى كۆيۈمچان باغۋەنلىرىمىزسەۋرىچانلىق بىلەن ساقلىغاندىلامىۋىسىنى
كۆرىدۇ .
(تەھرىر : ئىزدەن)
« يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى يېڭى مۇناسىۋەتكە بول»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان سۇئاللار
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يې
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمس
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يې
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگ
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆرد
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چ
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
كارۋان1988 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-03-26 13:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-26 14:03
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يېتىلدۈ
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە يېمەك
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان سۇئا
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە سەل
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى
- مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ
- بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ياز
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيە–ئەخلا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ