ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆردۈم

ۋاقىت : 2013-11-10 01:15 | مەنبەسى : باغداش | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆردۈم

   مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆردۈم
 
     بىر پىراپپىسور سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى baltimore شەھرىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پەقەتلا تەرەققى قىلمىغان بىر يېزىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ كېلىش ۋە ئۇ يەردىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقپالى توغۇرلۇق تەخمىنەن پەرەزلىرىنى يېزىپ كېلىش ئۈچۈن  ئەۋەتتى.
     پىراپپىسورنىڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇ يېزىغا بارغاندىن كېيىن يەرلىك ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىرەرقۇر ئىگەللىدى ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ كەلگۈسىدە ھىچقانداق بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىغى توغۇرلۇق پەرەزلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشتى.
     ئارىدىن دەل 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن باشقا بىر  پىراپپىسور ئۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان تەخمىنەن پەرەزلىرىنى ئۇچرۇتۇپ قالدى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئۇ يېزىدا ياشايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى.
     ئوقۇغۇچىلار ئۇ رايونغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلگەن ياكى باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن 20 ئوقۇغۇچىدىن باشقا 180 ئوقۇغۇچىدىن 176 سىنىڭ ياخشى ئوقۇپ، ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ئادۇۋكات، دوكتۇر ۋە مىليونىرلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىغىنى ئېنىقلاپ چىقتى.
     پىراپپىسور قاتتىق تەسىرلەندى ۋە بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاپ چىقىش قارارىغا كەلدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر بولۇپ، ئائىلە باشلىقلىرىغا ئايلانغان ئىدى. ھەممىسى بىر رايوندا ياشىغانلىغى ئۈچۈن پىراپپىسورنىڭ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولدى.
     پىراپپىسورنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن:- ئاشۇنداق قالاق ۋە ناچار مۇھىت ئىچىدە قانداق قىلىپ ياخشى ئوقۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندىڭلار دىگەن سۇئالىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا بىر ئېغىزدىن:- يېزىمىزدا بىر ئوقۇتقۇچىمىز بار ئىدى بىز ئاشۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ سايىسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق دەپ جاۋاپ بىرىشتى.
     پىراپپىسور ئۇ ئوقۇتقۇچىغا بەكلا قىزىقىپ قالدى. ئوقۇتقۇچىنىڭ ھازىرمۇ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە ئانچە قىينالمايلا ئۇ ئوقۇتقۇچىنى ئىزدەپ تاپتى. پىراپپىسورنى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يۈزىنى قۇرۇق بېسىپ كەتكەن بولسىمۇ ھازىرمۇ تىتىك تۇرغان قېرى بىر ئايال چىقىپ كۈتۈۋالدى. پىراپپىسور ئوقۇتقۇچىدىن، ئاشۇنداق چەت، قالاق بىر يېزىدا، ناچار مۇھىت ۋە ئىمكانلار ئىچىدە بالىلارنى قانداقلارچە تەربىيلەپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەنلىكىنىڭ سىھىرلىك پورمۇلاسىنى ئېيتىپ بىرىشنى ئۆتۈندى.
     ياشىنىپ قالغان ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزلىرىدە يېقىملىق بىر نۇر پەيدا بولدى ۋە ئاغزىدىن بىر خىل كۆلۈمسىرەشنىڭ ئىپادىسى كۆرۈلدى. "بەكمۇ ئاددى،" دېدى ئوقۇتقۇچى "مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆردۈم" دەپ جاۋاپ بەردى.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ