سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇلغان ئويلار
بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپ بويىچە ئۆتىلىدىغان مۇھاكىمىلىق دەرس تىڭشىغىلى ئوندىن ئارتۇقراق ئوقۇتقۇچىلار يىغىلىپ سىنىپ ئالدىغا باردۇق .( مەكتەپ بويىچە مۇھاكىمىلىق دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسمى ،دەرس ئۆتىدىغان چىسلا ، قايسى سىنىپقا قانچىنچى سائەتتە دەرس ئۆتىدىغانلىقى ... قاتارلىقلار جەدىۋەللەشتۈرۈپ ئىشخانىلارغا چاپلاپ قويۇلغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنتۇپ قالمىسۇن دەپ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئەسكەرتىپ قويىلىدۇ ) سىنىپ ئىچىگە قارىساق دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ ،ئوقۇغۇچىلار بەخارامان ھالدا ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوچۇق دەرس ئۆتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقان - ئېيتمىغانلىقىنى ئوقۇغۇچىلاردىن سورۇدۇم ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەۋىرى يوقكەن ،دەرس ۋاقتى توشۇشقا بىر نەچچە مىنۇتلا قالدى ، مەن جىددىيلىشىپ ئۇ سىنىپ بۇ سىنىپقا كىرىپ قاراپ باقسام ، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى مەلۇم بىر سىنىپتا غېمىدە يوق ئىشىككە ئارقىسىنى قىلىپ چېچىنى تاراپ ئولتۇرۇپتۇ ، ئوقۇغۇچىلار سىنىپ ئىچىدە ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ ، شۇنداق غەزىۋىم كەلدى ،<< سىز پالانى سىنىپقا مۇھاكىمىلىق دەرس ئۆتەتتىڭىزغۇ؟ ئوقۇتقۇچىلار سىنىپتا سىزنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ ، سىز غېمىڭىزدە يوق ئولتۇرىسىزا ؟ >> دېدىم ئاۋازىمنى يۇقۇرىراق چىقىرىپ ، << ئۆتەتتىم شۇ ، سەل مىجەازىم يوق ، خوشياقماي قالدى ، تەييارلىقمۇ قىلىپ بولالمىدىم >> دېدى ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ،<< ئۇنداق ئادەم دەرسنى بۈگۈن ئۆتەلمەيمەن دەپ ئىلمىي بۆلۈمنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويسىڭىز بولمامدۇ ؟ ئوقۇتقۇچىلارنى گالۋاڭ قىلىپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇچە ، >> دېدىم ، قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى ، تىللىۋەتكۈم كېلىپ كەتتى .ئۇنىڭغىچە دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى ،مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتىم.ھېلىقى سىنىپقا كىرىپ ، ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇھاكىمىلىق دەرس ئۆتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتىم ، ئوقۇتقۇچىلار قاتتىق خاپا بولۇپ سىنىپتىن يېنىپ چىقتى . ھېلىقى ئوقۇتقۇچى دەرس ۋاقتى توشۇپ ئارىدىن ئالتە مىنىۇتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئاندىن دەرسكە كىردى ،ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى مەكتەپ خاتىرسىگە ئېلىندى ، لېكىن خاتىرگە ئېلىنغان بىلەن ، بەرىبىر بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئارقىغا قايتۇرغىلى بولمايدۇ - دە ، دەرس تىڭشاش ئۈچۈن كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلىمىساقمۇ ، شۇ ئوقۇتقۇچى كېچىكىپ كىرگەن سىنىپتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالتە مىنىۇتتىن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە سىنىپتىكى 40 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەچچە مىنۇتلۇق ۋاقتىغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ ؟ 16 يىللىق خىزمەت سىتاژىغا ئىگە بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپ بويىچە ئۆتىلىدىغان مۇھاكىمىلىق دەرسكە تۇتقان پوزىتسىيىسى شۇ تۇرسا ، ئادەتتە ئۆتىدىغان دەرسكە قانداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ ؟ خىزمەتتتە ئەستايىدىللىق دېگەن نەرسە بولمىسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنىپ ئىچىدە ئەينەككە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىشىچۇ ؟ <<ھەي ، قايېرىڭ ئوقۇتقۇچى سېنىڭ ،سەن ئۆزۈڭنىڭ خۇنۈك ئوبرازىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە قانداقمۇ ئورۇن ئالالايسەن ؟ >> دەپ ئويلۇدۇم مەن . بىز ئوقۇتقۇچىلار كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرىنى تەربىيلەيمىز ،بىز تەربىيلىگەن ياش -ئۆسمۈرلەر كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ، مىللەتنىى تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلار ،ئۇلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىم ھەرگىزمۇ ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ ،بىز بىر تەربىيلىگۈچى تۇرۇپ ئۆزىمىزدە تەربىيلىگۈچىگە خاس ساپا ، مېتود ، بىلىم ھازىرلىمىساق ، ، تەربىيلەنگۈچىلەرنى قانداقمۇ يارملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالايمىز .ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلغان ھالدا ، دەرس ئىنتىزامىنى تەشكىللەپ تۇرۇپ ،بىر سائەتلىك دەرسنى ئەتراپلىق ، توغرا ،قىزىقارلىق ،چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ يەتكۈزۈش دەرس ئۆتكەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مېتودىغا باغلىق ئىش .مېتود دېگەنننى بىر ئادەم ئۈگۈتۈپ قويىدىغان نەرسە ئەمەس ،ئۇ ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا ئوقۇتقۇچىدا ئۆزلىكىدىن يېتىلىدۇ ، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدى يىگىرمە نەچچە يىللىق ، كەينى 7- 8 يىللىق خىزمەت سىتاژىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار ، شۇنچە يىلدىن بۇيان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى دېگەننى ئۆگىنىپ بولالماي ، ئوقۇغۇچىلارنى گالۋاڭ قىلىپ ، ئۆزىگىمۇ ، مىللەتكىمۇ يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە ،ئوقۇتقۇچى دېگەن شەرەپلىك نامنىڭ يۈزىنى تۆكسە ، بۇنى قانداقمۇ ئادەم تەربىيلىگۈچى دېگىلى بولىدۇ ؟ بۇنداق دېگىنىم مەن دەرسنى بەك ياخشى ئۆتىمەن ، ھەممە جەھەتتە مۇكەممەل دېگىنىم ئەمەس ، شۇنداقلا ھەممە ئوقۇتقۇچىلار غا قارىتىلغان ئەمەس ، ئارىمىزدا مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ، مائارىپ خىزمىتى ئۈچۈن جاپا - مۇشەققەتلەرگە جان پىدالىق كۆرسىتىۋاتقان ، بارلىقىنى مائارىپ خىزمىتى ئۈچۈن ئاتىغان ئوقۇتقۇچىلار ناھايتى نۇرغۇن ، ئۇلار ھاردىم - تالدىم دېمەي مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن - تۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتىدۇ ،يەنە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغاندەك بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بار ، ئۆزى مائارىپچى تۇرۇپ ئوقۇتۇشنى چۈشەنمەيدىغان ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە چۆكمەيدىغان ، ئوقۇغۇچىلارنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدىغان ،مائارىپ سېپىگە ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار ، مۇشۇنداقلاردىن ھەر بىر ئۇيغۇر مەكتەپتە ئىككى - ئۈچتىن چىقسا بىر ۋىلايەت تەۋەسىدە نەچچىسى چىقىدۇ ،ھەر بىرسى ئۆزىگە ئوخشاش ساپاسىز ئوقۇغۇچىدىن بىرنى يېتىشتۈرسە ، شۇنداق مىللەتكە يۈك بولىدىغان ئوقۇغۇچىدىن نەچچىسى چىقىدۇ ،<< كۆتۈمدە ئىشتان يوق ، ئېتىم مارجان بۈۋى >> دېگەندەك تېخى بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گېپىنىڭ چوڭلىقى ،بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنىڭ لاھىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ،<< مېنى مانچىنچى ئورۇنغا تەكلىپ قىلماي باقسۇن قېنى ، ئانى دېيىشىمەن ، مانى دېيىشىمەن >>دەپ پوپوزا قىلىشىلىرى ، خىزمەت باھالاشلار بولۇپ قالسا << مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلاپ ،ئۆزەم تەربىيلەۋاتقان ياش - ئۆسمۈرلەرگە كۆيۈنۈپ ، ئەتراپلىق بىلىم بېرىپ ،ساپا ، مائارىپىنىڭ تەلىۋى بويىچە دەرس ئۆتۈپ .....>> دېگەندەك يادىلىۋالغان دەبدەبىلىك ئىبارىلەرنى شاتۇتىلاردەك ئوتتۇرىغا قويۇپ كېتىشلىرىچۇ ،تېخى ئۇلار راستىنلا بارلىقىنى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىسا ، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىشتە ئەستايىدىل بولغان بولاتتى ، مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان بولاتتى ،ئۇلار بىر سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ دەرس ئۆتەلمەي ،گۇنانى بالىلارغا قويۇپ ، <<ھازىرقى بالىلار بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇيەي ، بالىلارغا چىڭراق گەپ قىلغىلى بولمايدۇيەي ....>> دېگەندەك چويلىدا توختىماس گەپلەرنى قىلىشىدۇ ،بىرەر ئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا كەپسىزلىك قىلىپ قويسا ، سىنىپ مەسئۇلىنى چاقىرتىدۇ ،خۇددى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىر سىنىپ مەسئۇلىنىڭلا بالىسىدەك ،ئۆزى ئوقۇتقۇچى ئەمەستەك ،سىنىپ مەسئۇلى ئالغان مۇئاشنى ئۆزى ئالمايدىغاندەك ،پارتىيە -ھۆكۈمەتمۇ شۇ ئوقۇتقۇچىغا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتىدۇ ، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ دەپ مۇئاش بېرىدىغۇ ؟ ئۇلار قاچانغىچە تۆمۈر تاۋاقتىن قۇتۇلالمايدۇ ،ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق دەرس ئۆتىۋاتقىنى بىلەن ھېساپلاشماي ، << ھازىر مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتتى >> دەپ قاخشىشىدۇ ،كۆپىنچىلىرى مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتى تۆۋەن دەپ پەرزەنتلىرىنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بەردى ،يۇقۇرقىغا ئوخشاش بىر قىسىم ساپاسى تۆۋەن ئوقۇتقۇۇچىلار ئوقۇتۇشقا مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتسا تۆۋەنلىمەي يۇقۇرلامتا مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتى ؟ سىز ئۆزىڭىز مائارىپچى تۇرۇپ، 40 مىنۇتلۇق دەرس ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلالمىسىڭىز ، ،ئۆزىڭىز دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ مىللىتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارغا بىلىم بېرىشتە ئەستايىدىل بولماي ئوقۇغۇچىلارنى كىچىك ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ دەپ گوللا پ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدا يۈرسىڭىز ، مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈلمەيدۇ ئەلۋەتتە ، مىللى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۈستۈمىزگە ئالمىساق ، باشقا كەسپتىكىلەر مەكتەپلەرگە كېلىپ بىزنىڭ ئورنىمىزدا دەرس ئۆتۈپ، مىللى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ بەرمەيدۇ ،<< مائارىپنىڭ گۈللىنىشى ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىق ، مىللەتنىڭ راۋاجلىنىشى كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ياش -ئۆسمۈرلەرگە باغلىق >>بىز مائارىپچىلار مائارىپ ئىشلىرىدا ساختىلىق ئىشلىتىدىكەنمىز ، ئۇنداقتا مىللىتىمىزگە زىيانكەشلىك قىلغىنىمىز بولىدۇ ،بۇنى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ ،مېنىڭ بۇنى يېزىشىمدىكى مەقسىدىممۇ ، مائارىپ سېپىنى جان باقتىلىقنىڭ يولى قىلىۋالغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشى ئۈچۈن ، مەن ئويلايمەن ،ئەگەر تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ باھالىشىغا قويغان بولسا ، ئۇلار ئەڭ ئادىل باھالىغۇچى بولۇپ ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ قويغان بولار ئىدى ، چۈنكى ئۇلار كىچىك بولسىمۇ ياخشى -ياماننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بار ، قايسى ئوقۇتقۇچىنى دەرس ئۆتۈشتە ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى ، قايسى ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ئايرىپ چىقالايدۇ ،مېنىڭ يۇقارقى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېيتىدىغىنىم << سەبىيلەرنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىپ قويايلى ، ئۇلار ئالدىدىكى مىللەت ئالدىدىكى ، جەمىيەت ئالدىدىكى شەرەپلىك ئوبرازىمىزغا داغ كەلتۈرمەيلى ، ئۇلار كەلگۈسىدىكى مىللىتىمىزنىڭ ئۈمۈدلىرى ، ئۇلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن نابۇت قىلمايلى >>
مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى
(تەھرىر : بەشتاش)
«سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يې
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمس
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يې
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگ
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆرد
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چ
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يېتىلدۈ
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە يېمەك
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان سۇئا
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە سەل
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى
- مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ
- بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ياز
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيە–ئەخلا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ