ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
مۇئەللىم— ئىلىمسىزگە ئىلىم ئۆگەتكۈچى. ئىلىم ئارقىلىق جاھىللىق- جاھالەتنى، بىلىمسىزلىك- نادامەتنى ئاداققىي رەۋىشتە تۈگەتكۈچى. مۇشۇ ئەمەلىيەت ۋە ئەھمىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇئەللىم بۇ جاھاندا ئۆزىنىڭ قىلغان ھالال ئەمگىكى بىلەن غورۇرلىنىشقا ھەقلىق بىرىنچى بۈيۈك ئىنسان!
مۇئەللىم شۇغۇللىنىدىغان كەسپ ئادەتتە «مۇئەللىمچىلىك» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇئەللىمچىلىك كەسپى مۇئەللىمىنى بىر ئۆمۈر ئۆگىنىشكە دالالەت قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان يېرى شۇكى، مۇئەللىم بۇ ئۆمۈرۋايەتلىك ئۆگىنىشتىن مۇتلەق ۋايسىمايدۇ، ھەرگىز داتلىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ شۇنى ئوبدان بىلىدۇكى، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەن، ئۆمۈر بويى توختاۋسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق يېڭىدىن يېڭى مەيدانغا كېلىپ تۇرىدىغان زۆرۈر ئىلىم نېمىتى بىلەن ئۆزىنى تويۇندۇرۇپ تۇرۇشنى خالىمايدىغان ئادەم پەقەت مۇئەللىمچىلىك كەسپىنى سۈيئىستىمال قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان كۈندارچى بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى مۇئەللىم بولالمايدۇ. مۇشۇ قىممەت ۋە سۈپەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇئەللىم— ئىلىم ئۆگىنىشتە ھەمىشە ئالدىنقى سەپتە ماڭغۇچى ئاۋانگارت ئىنسان!
مۇئەللىم— ئاڭلىق، جاپاكەش ئىنسان. ئۇ ئالدى بىلەن، ئۆزى تەكرار-تەكرار ۋە پىششىق ئۆگىنىدۇ. ئۆگەنگەننى ياخشى ھەزىم قىلىدۇ، ئەتراپلىق مۇھاكىمىدىن ئۆتكۈزىدۇ؛ ئاندىن، ئۇنى ئوقۇغۇچى- شاگىرتلارغا ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆگىتىدۇ؛ ئاندىن، ئۇ ئۆگەتكەنلىرىنى پىششىقلاپ ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلىرىغا تاپشۇرۇق بېرىدۇ، تەجرىبە ئىشلىتىدۇ؛ ئاندىن، ئاخشام-كەچلىرى چىراق ئاستىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، تاپشۇرۇقلارنى خەتمۇ خەت، جۈملىمۇ جۈملە كۆرۈپ تەكشۈرىدۇ، خاتالىقلارنى، نوقسانلارنى ئېرىنمەي، بىردىن- بىردىن تۈزىتىپ چىقىدۇ؛ بۇبىر كالۇن تەكرارلانما ئىشنىڭ نەقەدەر ئۇششاق، ئىنچىكە ۋە تەس ئىكەنلىكىنى پەقەت مۇئەللىم بولغۇچىلا ئوبدان بىلىدۇ. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، مۇئەللىم بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بۈيۈك سەمىمىيەت ۋە يۈكسەك ھىممەت بىلەن ئاڭلىق، رازىمەنلىك بىلەن قىلىدۇ .
مۇئەللىم — ئىمانلىق ئىنسان. «ئىمان» دېگەن نېمە؟ ئىمان- ئىشەنچ دېمەكتۇر. مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ئىلىمسىزگە ئىلىم ئۆگىتىشتىن ئىبارەت ئەمگىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ بەختىيار ياشامى ئۈچۈن پايدا يەتكۈزگۈچى ھالال ئەمگەك ئىكەنلىكىگە چىن ئەقىدىسى بىلەن ئىشىنىدۇ. ئەۋلادلارنى، ياش شاگىرتلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت كۈندىلىك خىزمىتىنىڭ خەلققە، ۋەتەنگە ۋە مىللەتكە نەپ يەتكۈزىدىغان زۆرۈر خىزمەت ئىكەنلىكىگە كامىل ئىمانى بىلەن چىنپۈتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ھەقىقىي مۇئەللىمنىڭ ۋۇجۇدىدا روھسىزلىق، ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. ھەرقانداق ئەھۋالدا، مەيلى ئامەت ئۇنىڭ ئۈچۈن يۈز ئاچقان چاغدا بولسۇن ۋە مەيلى خۇسۇمەت ئۇنى بىر مەھەل ناھەقلىق ئىسكەنجىسىگە ئالغان چاغدا بولسۇن، ئىلىمنىڭ غۇرۇرى، ئىلىمپەرۋەرلىكنىڭ ئىپتىخارى ئۇنى نۇسرەت قۇچۇش يولىدا ھامان دادىل ئىلگىرلەشكە ئۈندەپلا تۇرىدۇ.
مۇئەللىم — ۋىجدانلىق ئىنسان. «ۋىجدان» دېگەن نېمە؟ ۋىجدان دېمەك ھالال- ھارام ئېڭى قېنىق ۋە قۇۋۋەتلىك بولغان ئاقكۆڭۈل دېمەكتۇر. زامانىۋىلىك چۈشەنچىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئىنساندا تىجارەت ئېڭى بولۇش يامان ئىش ئەمەس، بەلكى ياخشى ئىش، ئەلۋەتتە. ئەمما مۇئەللىمدە: «بۇ شاگىرتىمغا مۇنۇ بىلىمنى ئۆگىتىپ قويسام، ماڭا بۇ شەخستىن قانچىلىك نەپ يېتەر ۋە نەچچىلىك ساپ پايدا قالار؟» دېگەن تىجارەت ئېڭى بولمايدۇ. ئەكىسچە، ئۇنىڭ كۆڭلىدە «مەن بۇ ئىنسانغا مۇشۇ بىلىملەرنى ئۆگىتىپ قويسام، مۇشۇ ئۆگىتىشنىڭ شاراپىتى بىلەن مەزكۇر ئىنسان ئۆز ھاياتىدا، نادانلىقتىن خالىي بولغان بىلىك ئىچىدە مەدەنىي ياشاپ ئۆتسە» دېگەن خالىس نىيەتتىن باشقا ھېچقانداق غەيرىي ئوي بولمايدۇكى، بۇ پەقەت ئىلىم ئۆگەتكۈچى مۇئەللىمگىلا خاس بولغان ئاق كۆڭۈللۈكتۇر. ئاق كۆڭۈل ساھىبى بولمىغان ئادەم مۇئەللىم بولالمايدۇ. ۋىجدان ئىگىسى بولمىغان ئىنسان ئاخىرقى ھېساپتا، «مۇئەللىم» دېگەن شەرەپنامىغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئېرىشەلمەيدۇ.
مۇئەللىم — سالاپەت ۋە شاراپەت ئىگىسى. ئۇنىڭ بويى ئېگىز بولۇشىمۇ مۇمكىن، پاكار بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن ئۇنىڭدىكى مۇئەللىمگە خاس بولغان ئەخلاق بىلەن ئىلىم ئۆگەتكۈچىگە مۇناسىپ بولغان سۇبات، ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان سالاپەت ھەممە ئادەمنى قايىل قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل سالاپەت ئەمەلىيەتتە، ئىلىمدارلىقنىڭ غەيۇر سىماسى بولۇپ، ئۇ مۇئەللىمنى ھەمىشە شەرەپشانلىق نۇرىغا پۈركۈپ تۇرىدۇ. مۇئەللىم — باشقا ئادەملەر ئۈچۈن گويا قىلىق- قىياپەت ئەۋرىشكىسى. ئۇ ئېغىز تىلى بىلەنمۇ ئۆگىتىدۇ، بەدەن تىلى بىلەنمۇ بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ كىيىنىشى، يۈرۈش-تۇرۇشى، ھەتتا گەپ-سۆز ، تەلەپپۇزلىرىمۇ ئوقۇغۇچى- شاگىرتلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئۈلگە ئېلىش سەزگۈسىنى ئۆزىگە رام قىىلپ تۇرىدۇ.
ئەلۋەتتە، مۇئەللىم قۇسۇرسىز ئەۋلىيا ئەمەس. ئۇمۇ كەمچىلىك سادىر قىىلدۇ، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالىدۇ. ئەمما ئۇ سادىر قىلغان كەمچىلىك ۋە ئۆتكۈزۈپ قويغان خاتالىقلىرىنى سەمىمىيەت ۋە ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن تونۇپ، شىجائەت ۋە جاسارەت بىلەن تۈزىتىپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيادىكى ھالال ياشامغا ئۆرنەك ئىنسانلىق سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتەلەيدۇ. چۈنكى، مۇئەللىم دېگەن مۇئەييەن مەلۇماتلارنى تەشۋىق قىلىشنىلا بىلىدىغان جانسىز كاناي ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىلىم بىلەن يېتىلگەن ئىقتىدار ئىگىسى، بىلىك بىلەن قەددىنى رۇس قىلغان ئىختىساس ئىگىسى. نامى ئىش- ئەمالىغا مۇناسىپ بولغان مۇئەللىمدىكى سەمىمىيەت پىرىنسىپى، پاكلىق- دىيانەت ئۆلچىكى ۋە پەزىلەت نۇرمىسى ئۇنى ھامان باشقا بولمىغۇر ئىللەتلەردىن خالاس تاپقۇزۇپ، مەردانىلار مەيدانىدا غالپ قىلىدۇ!
مېنىڭ تۇنۇشۇم ۋە چۈشەنچەمدىكى مۇئەللىم ئەنە شۇنداق. شۇڭا مەن مۇئەللىمچىلىكنى قەۋەتلا سۆيىمەن، ئىلىمدارلىققا چىندىن كۆيىمەن. ئىسمى- جىسمىغا مۇناسىپ بولغان، ئىشچان ئەمما قانائەتچان ئىنسان — مۇئەللىمىنى چىن دىلىم بىلەن ھۆرمەتلەيمەن. شۇ تۇرقتا، ئىجازەت بولسا، يۈرەكتىكى ھۆرمىتىمنى مۇنۇ بىر جۈملىگە مۇجەسسەملەيمەن:
-ھارمىغايسىز مۇئەللىم، يېڭى يىلىڭىز، يېڭى يېشىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
مەنبە : «سادا» ژورنىلى 3-ساندىن ئېلىندى.
(تەھرىر : بەشتاش)
«ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يې
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمس
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يې
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگ
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆرد
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چ
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يېتىلدۈ
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە يېمەك
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان سۇئا
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە سەل
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى
- مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ
- بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ياز
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيە–ئەخلا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ