مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
ئەركىم
بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا توردىن بىر يازمىنى تەرجىمە قىلىپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇنۇم سايراپ كەتتى. - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دەپ تېلېفۇننى ئالدىم، قارشى تەرەپ سالىمىمغا جاۋاپ قايتۇرۇپ بولۇپ، بالا-چۇلام، ئاتا-ئاناملارنى بىرەر قۇر سوراپ، ئۇلارغا ياخشى تېلەك، سالام-سەھەت يوللاپ بولۇپ، :- مېنى تونۇدۇڭىزمۇ؟ دەپ سورىدى. مەنمۇ دەرھاللا كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىللار بولغان، ھازىر پىنسىيىگە چىقىپ كەتكەن پەزۇل مۇئەللىمنى كۆز ئالدىمغا ئېلىپ كەلدىم، دە - پەزۇل مۇئەللىممۇ ئۆزلە؟ ئامان-ئىسەن، ساق-سالامەت كېتىۋاتاملا، دېدىم، مۇئەللىمنىڭ ئاۋازدىدىن بىر خوشاللىق ئەكىس ئېتىپ كەتتى، ۋاي مەنمۇ ياخشى كېتىۋاتىمەن، بۈگۈن توردىن سىزنىڭ بىر يازمىڭىزنى ئوقۇپ، تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى كەنجى ئوغلۇمدىن سوراپ سىزگە تېلېفۇن ئۇرۇۋاتىمەن، ياخشى نەرسىلەرنى يېزىۋاتىسىز، تەرجىمە ئەسەرلىرڭىزمۇ ياخشى چىقىۋاتىدۇ، سىزنىڭ ھەر بىر يازمىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ سىزگە تېلېفۇن ئۇرۇپ مۇبارەكلەپ قويغۇم كەلدى. دېدى، بۇ چاغدا مېنىڭ خىيال ئاتلىرىم ئاللىمۇ قاچان بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى دەۋىرلەرگە چېپىپ كەتكەنتى، بىز بەك شوخ ئىدۇق، پەزۇل مۇئەللىم تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، خەتتالىقتىمۇ كامالەتكە يەتكەن مۇئەللىم بولسىمۇ سىنىپتىكى كەپسىز بالىلار ئۇنى بەك قاخشىتاتتۇق، بىر قېتىم ئۇ ئادىتىدىكىدەك چېكىپ بولالمىغان موخوركىسىنى ئۆچۈرۈپ تامنىڭ تۆشۈكىگە تىقىپ قويۇپ سىنىپقا كىردى، بۇنى كۆرۈپ قالغان بىر كەپسىز ئوقۇغۇچى مۇئەللىم دېققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دەرىزىدىن ئاستا چىقىپ تاماكىنىڭ ئىچىگە پوجاڭزا تىقىپ قويدى، دەرستىن چۈشكەن مۇئەللىم، ئۇ قالدۇق تاماكىنى قايتا تۇتاشتۇرۇپ بىر قانچىنى كۈچەپ تارتتى، پاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كەينىگە يىقىلىپ كېتەي دېدى، بۇ قىزقارلىق كۆرۈنۈشنى كۆرگەن سىنىپتىكى بالىلار ئۆچەيلىرىمىز ئۈزۈلگىدەك كۈلۈشتۇق. ئۇ بىردەم زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىشخانىسىغا جىمجىت يۈرۈپ كەتتى. يەنە بىر قېتىم، مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپلا، بۈگۈن دەرس ئاڭلىغۇسى يوقلار چىقىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، دېگەنتى، شۇئان سىنىپتا بىرمۇ بالا قالماي چىقىپ كەتتۇق...ئۇ ئاچچىق موخوركىسىنى چەككىنىچە ئىشىك تۈۋىدە بىزنىڭ كەينىمىزدىن قارىغنىچە ئازاپلىنىپ قالدى...
پەزۇل مۇئەللىم بىلەن بىردەم سۆزلەشكەندىن كېيىن، ئۇ خوشلاشماقچى بولدى، بىراق، مېنىڭ شۇ تاپتا ئۇنىڭغا بىر گەپنى قىلغۇم كېلىۋاتاتتى، ئاخىرى غەيرەتكە كەلدىمدە:- مۇئەللىم، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىگە يۈرەك سۆزۈمنى دەۋالغۇم بار؟ دېدىم، مۇئەللىم بۇرۇنقىدەكلا مۇلايىم ئاۋازدا: -بولىدۇ، بولىدۇ، قېنى نىمە گەپتى، دەڭ، دېدى. مەن يۈرۈكۈمنىڭ تېگىدە ئۇزۇندىن بېسىلىپ ياتقان بىر جۈملە سۆزنى ئاخىرى دېدىم:
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم، كەپسىزلىكىمدىن، شوخلۇقۇمدىن ئۆزلەگە جىق ئاۋارىچلىقلارنى تېپىپ بەرگەنتىم، چوڭ بولۇپ ئەقلىمنى تاپتىم، پۇشايمان قىلدىم، بىراق ئۆزلەدىن كەچۈرۈم سوراش پۇرسىتى تاپالماي يۈرەتتىم، بۈگۈن تېلېفۇندا بولسىمۇ ئۆزلەدىم كەچۈرۈم سورۇۋالغۇم كەلدى، مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم، بىزنى كەچۈرسىلە!...بۇ گەپتىن كېيىن قارشى تەرەپ ئالاھىزەل بىرەر مىنۇتلارغىچە جىمىپ كەتتى، كەينىدىن يىغىدىن تىتىرىگەن بىر مۇلايىم ئاۋاز كەلدى: رەھمەت بالام....كەچۈرۈم سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سىزلەرنىڭ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولغىنىڭىزلارنىڭ ئۆزى بىز مۇئەلىملەرنىڭ بەختىمىز، شان-شەرىپىمىز...قەلىمىڭىزنىڭ، تەپەككۈرىڭىزنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، رەھمەت...رەھمەت! خوش، ئامان بولۇڭ....
-تېلېفۇن ئۈزۈلدى، ئاۋازلىرىم بوغۇلۇپ، مېنىڭ كۆزۈمدىمۇ ياش لىغىلداپ قالغانتى، لېكىن، يېىنىكلەپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. پۇرسەت بولسا بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كەچۈرۈم سوراشنى ۋە ئۇلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيىتىشنى قەلبىمگە پۈكتۈم.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يې
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمس
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يې
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگ
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆرد
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چ
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يېتىلدۈ
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە يېمەك
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان سۇئا
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە سەل
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى
- مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ
- بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ياز
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيە–ئەخلا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ