ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يىتەكلەش كىرەك؟

ۋاقىت : 2013-03-06 22:46 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يىتەكلەش كىرەك؟
ئۈگۈنىشتە تىرىشچان،يىتەكلەشكە ئاكتىپ ماسلىشىدىغان،ئادەتتىكى ئىشلاردا چىچەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنى شۇنداق مەمنۇن قىلىدۇ،ئەكسىچە ئىنتىزامسىز،ئەخلاقسىز ھورۇن ئوقۇغۇچىلار ئادەمنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.ئۇلارغا ئادەتتىكى تەربىيە كار قىلمايدۇ،قاتتىق تەربىيە ئۇلارنىڭ قارشىلىشىش تۇيغۇسىنى تىز قوزغايدۇ،ئەگەر ئوقۇتقۇچى سالماق بولمىسا ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆچمەنلىكىگە دۇچ كىلىشى ،ھەتتا ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلىشىپ تىركىشىش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۈمكىن.
   مۇنبەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ باققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ‹‹تەم››نى تېتىپ باققان بولىشى مۈمكىن.بولۇپمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلار.دەرىستىن چىققاندىن كىيىنكى ۋايساشلار،‹‹دەرتمەنلەر››نىڭ دەرتلىرى ئشخانىلاردا دائىم قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇردۇ.”ئوقۇتقۇچى بولغانغا دات!“ دىگەنلەرمۇ بار تېخى.
   بۇنداق ئەھۋاللارغا تولا ئۇچراپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىرغان ۋاخلىرىم تولا بولدى،”بەزى ئايال ئوقۇتقۇچىلارمۇ خېلى يامان ئەمەس تەشكىللەپ بىر ئوبدان دەرىس ئۆتۈپ چىقىدىكەن،مەن نىمىشقا...“دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى،قارىسام بۇنداق كىتىۋەرسە بولمايدىكەن،بېشىمنى سىلكىۋىتىپ رىئاللىققا دادىل يۈزلەنمىسەم بولمايدىكەن.كۆپ ئويلىنىپ ئاخىر مۇنداق قاراشلارغا كەلدىم :  
   1)كۆز قاراشنى ئۆزگەرتش
ئۇلار بەرىبىر ئوقۇغۇچى،مەن ئوقۇتقۇچى،ئۇلاردىن رەنجىپ يۇرشىمنىڭ ھاجىتى يوق،بەزىلەرنىڭ ياخشى قىلالىغانلىقى مەندە مەسىلە بارلىقنى چۈشەندۈردۇ،ئۆزۈمدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ تۈزتىشىم،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۈگىنىشىم كىرەك.
   2)ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىش
بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەربىيسى ياخشى ئەمەس،ياكى ئىزچىل ئەمەس،ئىقتىساد ياكى مەدىنى تۇرمۇش جەھەتتە ئۇچرىغان روھى توسالغۇلار ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،شۇڭا ئۇلارغا سەمىمى،ياخشى مۇئامىلىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرشۇم،خۇددى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى،بىر تۇققان قېرىنداشلىرىدەك تەربىيە بىرىش، مەسلىھەت ۋە كۆيىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرشۇم كىرەك.ئۇلار ئۇزاققا قالماي مىنىمۇ چۈشىنىپ قالىدۇ.
   3)ئادەتتىكى مۇئامىلە
دەرىستىن سىرىتقى چاغلاردا پات پات كۆرىشىپ، ئەھۋاللىشىپ مۇڭدىشىپ قوياي،ئاڭلىغان ،كۆرگەن ئەھۋاللاردىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇن،ياكى سىلىقلاپ تەربىيە بىرىپ تۇراي،شۇنداق قىلسام، بەلكىم ئاستا ئاستا مىنى يېقىن كۆرىشى ۋە ھاجەتلىر-نى،كۆڭۈل سۆزلىرىنى تارتىنماي ئېيتىشى،ھەممە ئىشلار ياخشىلىنىپ كىتىشى مۈمكىن.
4)ئائىلە سۆھبىتى
 پۇرسەت كەلگەندە سىنىپ مۇدىرى بىلەن بىللە ئائىلە سۆھبىتىگە چىقىپ،ئوقۇغۇچىنىڭ ياخشى گىپىنى قىلىپ،پەرزەىتىگە تىخىمۇ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ قوياي.بۇنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ياخشى تۇيغۇلىرىنىڭ ئويغىنىشىغا پايدىسى تىگىپ قالار.
   5)دەرىس تەييارلىقى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
دەرىسنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلگۈدەك،ئۇلار ئاسانراق ئۈگۈنەلىگۈدەك تەييارلاي،يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىشتە ھىكايە شەكلىدىن كۆپرەك پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلاي،ھەربىر ئوقۇغۇچىنى بارلىق بىلىم نۇقتىللىرىنىڭ ھەممىسنى ئۈگىنىشكە مەجبۇرلىماي،تاللاپ ئۈگىنىشكە يول قوياي،رىغبەتلەندۈرۇشكە ئەھمىيەت بىرىپ،ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىنى قولغا كەلتۈرەي،ھەر بىر سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە ماختاپ ۋە ياخشى نومۇر قويۇپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ قوياي،ئەگەر دەرىس ئىنتىزامى،دىققىتى تەكرار ياخشى بولمىسمۇ ،چىرايلىقچە ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى،ھەرگىز ئاچچىقلاپ چېچىلىپ يۈرمەي.بۇنداق ئاچچىق ۋە چېچىلىش ئۇلارنىڭ ئىلگىركى”بوينى قاتتىق“لىقىنى قايتا قوزغاپ قويۇشى مۈمكىن.
   6) دەرىس ئىچىدىكى ئەخلاق تەربىيە
كۆڭۈل قويۇپ ئىزدىنىپ ،ھەر بىر دەرىستىكى ئەڭ  ياخشى بولغان ئەخلاق تەربىيە نۇقتىسىنى تاپاي،شۇ نۇقتىدىن پايدىلىنپ تۇرمۇش،جەميەت ياكى تارىختىكى مەشھۇر شەخىس،ۋەقەلەرنى،ئۇلارنىڭ رولىنى تەسىرلىك بايان قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ئازراقتىن بولسىمۇ مەرتلىك،باتۇرلۇق،پەزىلەت ئۇرۇقلىرىنى چاچاي،شۇنداق قىلىپ بەلكىم،ئۇلارنىڭ ئۆزلىگىدىن كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە ”ئەزىمەت“لەرچە ئادەم بولۇش ئىرادىسىگە تۈرۈتكە بولۇپ قالسام ئەجەپ ئەمەس.
   7) تاپشۇرۇق
  ھەر قېتىملىق تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ۋە باھا سۆزى يېزىپ،تاپشۇرۇق ئارقىلىق سۆزلىشىش— تەربىيلەش ئۇسۇلىنى قوللىناي،بۇنىڭمۇ چوقۇم پايدىسى بولىدۇ.
   8) نەتىجە ۋە پوزىتسىيە
ئەخلاقسىز ۋە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار خېلى بار،ئۇلارنىڭ ھەممىسگە ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈپ بولالىشم تەس،ئۇلارنىڭ يامان ئادىتى قىسقا ۋاقىتتىلا پەيدا بولمىغان،شۇڭا قىسقا ۋاقىتتىلا ياخشى بولۇپ كىتىشىدىن بەك ئۈمۈتۋار بولۇپ كەتمەي،ئىزچىللىقنى ساقلىشىم كىرەك.شۇنداق قىلالىساملا چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئىرىشەلەيمەن
 
 

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(6)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ