ئەرەبلەرنىڭ «ساغلاملىق بولسا ئۈمىد بولىدۇ، ئۈمىد بولسا ھەممە نەرسە بولىدۇ» دەيدىغان گېپى بار، ساغلام بولۇش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ «ئۈچ ئاق يېمەكلىك» نى ئاز يەپ، «ئۈچ قارا يېمەكلىك» نى كۆپرەك يىيىش كېرەك.
«ئۈچ ئاق يېمەكلىك» تۇز، شېكەر، ماي
تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قان بېسىم ئۆرلەپ، قان-تومۇرلار قېتىشىۋالىدۇ. بۆرەكنىڭ بېسىمى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ھەركۈنى ئالتە گرام ئىستېمال قىلساقلا مۇۋاپىق. شېكەر ئادەم بەدىنىگە زۆزۈر بولسىمۇ، كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قان بېسىم ئۆرلەپ، سېمىزلىك، جىگەر ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
ھايۋاناتنىڭ مېيى قان-تومۇرلارنىڭ قېتىۋېلىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇڭا كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ھەركۈنى 25-30 گرام ئىستېمال قىلساقلا بولىدۇ. ئۆسۈملۈك مېيى بىلەن ھايۋانات مېيىنى 10:7 نىسبەتتە ئىستېمال قىلىش كېرەك. «ئۈچ قارا يېمەكلىك» زەمبۇرۇغ، قېرىنقۇلاق، قارا گۈرۈچنى كۆرسىتىدۇ.
زەمبۇرۇغ راكنىڭ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قېرىنقۇلاق: قان تولۇقلايدۇ، ئارتېر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لېكىن بىر ھەپتىدە پەقەت ئىككى قېرىم ئىستېمال قىلىش كېرەك.
قارا گۈرۈچ: قول-پۇتلىرىدا ماغدۇر يوق ياشانغانلارغا بەكرەك ماس كېلىدۇ، قارا گۈرۈچنى قاينىتىپ ئۇماچ قىلىپ ئىچسە، ھەزىم قىلىشقا ياردىمى بولۇپلا قالماستىن، قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !