ئەرلەرنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە جىنسى ھەۋىسى بولامدۇ؟
ئاياللارنىڭ كىلىماكتىرىيە دەۋرى بولىدۇ، ئەرلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا بۇلىدۇ. ئەرلەر 50 ياشتىن ئاشقاندا، كۆپۈنچىسى كلىماكتىرىيە دەۋرىنى باشتىن كەچۈرىدۇ: جىنىسىي ھەۋىسى بولماسلىق، ئاسانلا ھېرىش، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، تۇرۇپلا قىززىغاندەك ھىس قىلىش، كۆپ تەرلەش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئىچى تىتىلداش... قاتارلىق ئالامەتلەر بىر قانچە يىل ھەمرا بولىدۇ
ئەرلەرنىڭ كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى يۇقارقى مەسىلىلەر، ئاساسلىقى بەدەندىكى ئەرلىك ھورموننىڭ ئازايغانلىقىدىن بولىدۇ ۋە بۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەدەن ۋە روھىي خاراكتىرلىق توسالغۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇ دەۋرىدە، جىنىسىي تۇرمۇش جەھەتتە نۇرغۇن باش ئاغرىقى بولىدۇ:
بىرىنچىدىن، جىنىسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بەزىدە ئايالىنىڭ جىنىسىي تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، جىنىسىي تىكلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ئەتىگەنلىك تىكلىنىش قېتىم سانى ئازلايدۇ، ئۆزىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ئۈچىنچىدىن، جىنىسىي تۇرمۇش جەريانىدا روھى ۋە بەدەن كۈچىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ، ياش ۋاقتىغا ھەۋەس قىلىدۇ.
ئەرلەر، كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى يۇقارقى مەسىلىلەردىن بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمەڭ، بوغدا دوختۇرخانىسى بۇ مەسىلىنى ئۆزىنىڭ كەسپىي قوشۇنى ۋە تەجرىبىلىرى بىلەن ياخشى ھەل قىلىدۇ. بوغدا دوختۇرخانىسى شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، ئالدى بىلەن بۇ دەۋر بىر نورمال فىزىئولوگىيەلىك دەۋر، ھەر بىر مۇشۇ ياشقىچە ياشىيالىغان ئەركەكنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، شۇڭلاشقا بەك جىددىيلىشىپ كەتمەسلىك، ئۆلچەملىك، كەسپىي دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىپ داۋالىنىش ۋە شۇنداقلا تۆۋەندكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش لازىم: بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلاش، تىنچ ۋە ئۈمىتۋار كەيپىيات تىكلەش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. يەنە، ئايالىنىڭ قوللۇشى ۋە چۈشىنىشى ناھايىتى مۇھىم، يەنى، ئادەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، جىنىسي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن كۆپرەك سىلاش ۋە سۆيۈش قاتارلىق غىدىقلاشلارنى ئېلىپ بېرىشى، ئايالىنىڭ كۆپرەك ئېرىنى رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ماختىشى زۆرۈر. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بۇ دەۋردە مۇنتىزىم كەسپىي دوختۇرخانىدا ئەرلىك ھورموننى تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم، بۇنىڭ بىلەن ئەركەكلەر بۇ دەۋردىن بۇرۇنقى دەۋردىكى ئەركەكلەردىن ناھايىتى يەڭگىل ۋە ئازادىلىك بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇدۇ، ئائىلە تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىدۇ ۋە مۇستەمكەملەيدۇ، ئىجتىمائىي ئالاقىسى تېخىمۇ روناق تاپىدۇ، ئەڭ مۇھىمى نۇرغۇن بىھۇدە دىشۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئەگەر سىزدە يۇقارقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بوغدا دوختۇرخانىسى ھەر ۋاقىت سىز ئۈچۈن خىزمەتكە تەييار.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !