ئاياللار ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئاياللار >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-02-22 03:35:54

نۇرغۇن ئاياللار كۆكسىنىڭ پات-پات چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. تېببىي ئالىملار ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاياللاردىكى كۆكسى چىڭقىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالتە چوڭ سەۋەبتىن بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان.

    1. ياشلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: بۇ خىل ھالەت ئادەتتە توققۇز ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى قىزلاردا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ ۋە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالىدۇ.

    2. ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: نۇرغۇن خانىم–قىزلار ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ، تولۇپ، قاتتىقلىشىپ قالغانلىقىنى، بېسىلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بولۇپمۇ كۆكسى سىلكىنگەندە ياكى بىرەر نەرسىگە تەگكەندە بىئارام بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى ئانىلىق ھورمۇن ۋە سۈت بېزى تۈرلۈك ئاجرالمىلارنى ئاجرىتىپ چىقارغاچقا، بۇ خىل ئاجرالمىلار كۆكسىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا سۇلۇق ئىششىقنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ھەيز كېلىپ بولغاندىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ.

    3. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: ئادەتتە ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ 40 كۈنلەر بولغاندا، بالا ھەمراھى كۆپ مىقداردا ئاياللىق ھورمۇن، پىروگسىتىن، پىرولەكتىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، سۈت بېزىنى چوڭايتىپ، كۆكرەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئېغىر بولغاندا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە داۋام قىلىدۇ. لېكىن بۇنى داۋالاش ھاجەتسىز.

    4. تۇغۇتتىن كېيىنكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: تۇغۇتتىن كېيىنكى ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە تۇغۇتلۇق ئاياللاردا كۆكسى چىڭقىلىپ، كۆبجۈپ، ئەمچەك تۈگمىسى قاتتىقلىشىپ ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل چىڭقىلىشنى لىمفا سۇيۇقلۇقىنىڭ يىغىلىشى، ۋېنا تومۇرىنىڭ تولىشى ۋە ئارىلىقتىكى سۇلۇق ئىششىق سەۋەبىدىن سۈت بېزى راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    5. بالا ئالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىنكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: بۇنىڭدا ھامىلىدارلىق تۇيۇقسىز ئاياغلاشقاچقا، بەدەندىكى ھورمۇن تۆۋەنلەپ، ئەمدىلا تەرەققىي قىلغان كۆكرەك يوغىناشتىن توختىغاچقا كۆكرەكتىكى سۈت بېزى پارچىلىرى ھەم كۆكرەك ئاغرىيدۇ.

    6. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىنكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: ئاياللارنىڭ كۆكسى بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، جىنسىي ھەۋىسى ئاجىز ياكى جىنسىي تۇرمۇشتا كېلىشەلمىگەنلەرنىڭ كۆكسىگە قان تولۇپ، ئاسانلىقچە يانماي ياكى تولۇق يانماي ئىزچىل قان تولۇش ھالىتىدە تۇرغاچقا كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئاياللارنىڭ يۇقارقىدەك ئەھۋاللاردا كۆرۈلگەن ئاغرىقلار ئۈچۈن غەم يەپ كېتىشى ھاجەتسىز. لېكىن كۆكسى ئۇزۇن مۇددەت چىڭقىلىپ يانمىسا ياكى كۆكرەكنى تۇتقاندا ئېگىز-پەسلىك بايقالسا، قىرى ئېنىق بىلىنمىسە، ھەرىكەتلەنمەيدىغان مونەكچە بايقالسا دەرھال دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىيدىغان بولغاچقا بۇنى كىچىك ئىش دەپ قاراپ دوختۇرغا بارمايدۇ. لېكىن بۇ بىر خىل خاتا قاراش. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن، كېلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقارغاندا كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىسا، ئىچ كىيىم تەگسە بىئارام بولسا بۇ كېسەللىكنىڭ بېشارىتىدۇر. بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ئاسانلا تۇغماسلىق ۋە سۈت بېزى ئۆسمىسى كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.

    ھەيزدىن بۇرۇن كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ كۆكسى كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاياللىق ھورمۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر مەلۇم باسقۇچتا ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى ياكى تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىسا، قالايمىقانچىلىق يۈز بەرسە، ھەيزنىڭ كېلىشىگە ياكى ئاياللارنىڭ كۆكسىگە تەسىر قىلىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولسا، ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشتۇر. ئەگەر تېگىشلىك داۋالاش ياكى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمىغاندا، ھەيزدىن بۇرۇن باش ئاغرىش، ئىچى تىتىلداش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەتتا پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، يېنىك دەرىجىدىكى ئىششىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر ھەيزدىن كېيىن ئاستا-ئاستا يوقىسىمۇ ھەر ئايدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ. بۇ مېدىتسىنادا ھەيزدىن بۇرۇنقى جىددىيلىشىش يىغىندا كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئۇزارغانسېرى سۈت بېزى ئاغرىقى، سۈت بېزى ئۆسمىسى، ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيز ۋاقتى قالايمىقانلىشىش، ھەيز توختاش ھەتتا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دادىسى كۆپ باققان بالا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ
  • خانىم-قىزلار سەمىگە
  • ساغلام ئورۇقلاشتىكى يېڭى مەخپىيەتلىك
  • گېن سىزنىڭ ئۇخلاش ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
  • يۈرەكنىڭ سوقۇشى نېمە ئۈچۈن بەزىدە تېز بولىدۇ؟
  • ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيۇتېرغا قاراش كۆز تورلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ
  • قاتتىق چۆچۈش سالامەتلىككە زىيانلىق
  • ئەرلەردىكى نورمالسىز دەپ قارىلىدىغان نورمال ئەھۋاللار
  • ھامىلىدارلارنىڭ بالدۇر تۇغۇپ قويۇش-قويماسلىقنى ئالدىن بىلگىلى بولىدىكەن
  • ئاياللار قانداق چاغلاردا قان تولۇقلاش كېرەك؟
  • يانفون ئويناپ تۇرۇپ بالا ئېمىتمەڭ
  • بەزى ئاياللار نېمە ئۈچۈن «داشقال» ئەرلەردىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ؟
  • ھۆسنخەت يېزىش، رەسىم سىزىشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق
  • بالام ئەقىللىق چوڭ بولسۇن دېسىڭىز...
  • ھەپتىدە ئىككى كۈن يېمەكلىكتىن پەرھىز تۇتۇش ئاياللارغا پايدىلىق
  • ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئوغۇللارنىڭ جىنسىي يېتىلىشىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك؟
  • ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاش ئۇسۇللىرى
  • ئۆزىڭىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈتۈپ سالامەتلىكىڭىزنى ئاسىراڭ
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئاياللار ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قانداق قىلغاندا جىگەرنى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ئاسرىغىلى بولىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يېگەن نەرسە ئارقىلىق بەدەندە نېمە كەملىكىنى بىلگىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ساغلاملىققا پايدىلىق بولغان ئىلمىي تۇرمۇش ئادەتلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دادىسى كۆپ باققان بالا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • خانىم-قىزلار سەمىگە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ساغلام ئورۇقلاشتىكى يېڭى مەخپىيەتلىك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىراشنىڭ ئاياللارغىمۇ ئوخشاشلا تەسىرى چوڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كولا بىلەن تەييار چۆپتىن قايسىسى «يامان»؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • گېن سىزنىڭ ئۇخلاش ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەكنىڭ سوقۇشى نېمە ئۈچۈن بەزىدە تېز بولىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سۇلۇق سېرىق داغنى داۋالاش تەس ئەمەس

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇيقۇڭىزنى مۇنداق ياخشىلاڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيۇتېرغا قاراش كۆز تورلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆز ئەتراپىدىكى قارا داغنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئوبامادا قۇللار قانداشلىقى بار، دېگەن ياپونىيە پارلامىنت ئەزاسى تەنقىدلەندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى كۈچلۈك ھېسابلانمايدىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى ئالمىنى بايقۇت قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىشىش ۋە ئايرىلىشى ماجىراسى تېخىمۇ كۈچەيدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كېچىكىپ تۆۋە قىلىشنى يەنىلا كېچىكتى دېگىلى بولمايدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پۇتىن ھەرگىزمۇ ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئىتتىپاقداش ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گۇگىل تەرجىمانى قاچان ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تۈركىيە ئەنقەرە ۋەقەسى سەۋەبلىك رۇسىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيە، تۈركىيە زۇڭتۇڭلىرى تېررورلۇققا زەربە بېرىشكە بەل باغلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015