كولا بىلەن تەييار چۆپتىن قايسىسى «يامان»؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-02-18 11:38:17

 

ئېرفانجان ياسىن

 

    كولا بىلەن تەييار چۆپ ياشلار ياخشى كۆرىدىغان، ئەمما سالامەتلىككە زىيانلىق ئىچىملىك ۋە يېمەكلىكتۇر. شۇڭا كىشىلەر بۇلارنى ئەخلەت ئىچىملىك ۋە ئەخلەت يېمەكلىك دەپ ئاتىغان. ئۇنداقتا بۇلاردىن قايسىسى بەكرەك زىيانلىق بولىدۇ؟

    ئوزۇقشۇناسلار كولا ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىرىنچىدىن، كولانىڭ قەنت مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. بىر دانە چاقماق قەنتنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 4.5 گىرام كېلىدۇ. مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا 500 مىللىلىتىرلىق بىر بوتۇلكا كولادا تەخمىنەن 12 دانە چاقماق قەنت، يەنى 54 گىرام قەنت بولىدۇ. دېمەك، كولا ئىچكەندە بەدەن قوبۇل قىلىدىغان قەنت مىدارى ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، مېتابولىزم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپى، بولۇپمۇ سېمىزلىك ۋە قەنت مېتابولىزم نورمالسىزلىقى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇلاردىن باشقا قان قويۇقلىشىش، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، قان تومۇر كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بىرەر بوتۇلكا كولانى قىسقا ۋاقىت (ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت) ئىچىدە ئىچىۋەتكەندە، قان قەنتى جىددىي ئۆرلەپ ئاشقازان ئاستى بېزىنى غىدىقلاپ، كۆپ مىقداردا ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ناھايىتى ئاسانلا ئىنسۇلىنغا قارىتا قارشىلىق پەيدا بولىدۇ، ھەتتا قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

    ئىككىنچىدىن، كولا بىر خىل كاربونات كىسلاتا ئىچىملىكى بولۇپ، ئۇنى ئىچكەندە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ئېچىتىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، كىسلاتالىق ماددىلار باكتېرىيە توپلانمىسى ھاسىل قىلىپ، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، كاربونات كىسلاتا ئىچىملىكىنىڭ pH قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا چىشنى مىنېرالسىزلاشتۇرۇپ، چىش چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كىچىك بالىلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەر ئەڭ ياخشىسى كولانى ئىچمەسلىكى كېرەك.

    تەييار چۆپ تەركىبىدە ماي ۋە ناترىي مول بولۇپ، ۋىتامىن ۋە ئاقسىللار كەمچىل بولىدۇ. بۇ خىل ماي بىلەن ناترىي يۇقىرى، ۋىتامىن ۋە ئاقسىل كەمچىل يېمەكلىكلەردە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر ئاسانلا سېمىزلىك، قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سېمىزلىك ۋە قاندا ياغ كۆپ بولۇش بەدەندە ئىنسۇلىنغا تاقابىلچانلىق ۋە يۇقىرى قان قەنتى پەيدا قىلىدىكەن.

    يۇقىرى ناترىيلىق يېمەك – ئىچمەكلەر ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمى پەيدا قىلىدۇ. جۇڭگو ئوزۇقلۇق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ قارىشىچە يۇقىرى قان بېسىمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ناترىينىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 2000 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن، ئەمما بىر قاچا دۈملەپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشى تەييار چۆپىدىكى ناترىينىڭ مىقدارى 2089.5 مىللىگىرامغا يېتىدىكەن. ئەگەر تەييار چۆپ بىلەن قېزا ۋە تۇزلۇق سەيلەرنى بىللە يېگەندە ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بولىدىكەن. ئەگەر بۇ خىل ئىستېمال ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا يۇقىرى قان بېسىمدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىكەن.

    تۆۋەن ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ كىچىك بالىلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تېخىمۇ زىيانلىق. ئەگەر بالىلار ھەر كۈنى تەييار چۆپنى تاماق ئورنىدا يېگەندە، بەدەندە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يېتىلىشى نورمالسىز بولۇپ قالىدۇ.

    ئۇنداقتا، كولا بىلەن تەييار چۆپتىن قايسىسى بەكرەك ‹‹يامان››؟

    تەييار چۆپلەر ئادەتتە تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئۈچ ۋاقلىق تاماقتىن سىرت ئىستېمال قىلىدىغان ئەھۋال ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما كولا تەييار چۆپكە قارىغاندا كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىدۇ، كۈنىگە بىرنەچچە بوتۇلكا كولا ئىچىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە قەنتنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىگە چۈشۈرىدىغان بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كولانىڭ زىيىنى تەييار چۆپتىن ئېشىپ كېتىدۇ.

 


تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • گېن سىزنىڭ ئۇخلاش ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
  • يۈرەكنىڭ سوقۇشى نېمە ئۈچۈن بەزىدە تېز بولىدۇ؟
  • ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيۇتېرغا قاراش كۆز تورلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ
  • قاتتىق چۆچۈش سالامەتلىككە زىيانلىق
  • ئەرلەردىكى نورمالسىز دەپ قارىلىدىغان نورمال ئەھۋاللار
  • ھامىلىدارلارنىڭ بالدۇر تۇغۇپ قويۇش-قويماسلىقنى ئالدىن بىلگىلى بولىدىكەن
  • ئاياللار قانداق چاغلاردا قان تولۇقلاش كېرەك؟
  • يانفون ئويناپ تۇرۇپ بالا ئېمىتمەڭ
  • بەزى ئاياللار نېمە ئۈچۈن «داشقال» ئەرلەردىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ؟
  • ھۆسنخەت يېزىش، رەسىم سىزىشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق
  • بالام ئەقىللىق چوڭ بولسۇن دېسىڭىز...
  • ھەپتىدە ئىككى كۈن يېمەكلىكتىن پەرھىز تۇتۇش ئاياللارغا پايدىلىق
  • ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئوغۇللارنىڭ جىنسىي يېتىلىشىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك؟
  • ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاش ئۇسۇللىرى
  • ئۆزىڭىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈتۈپ سالامەتلىكىڭىزنى ئاسىراڭ
  • ئاياللار بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزسە تېخىمۇ ئاسان ھامىلدار بولىدۇ
  • زىيادە چارچاپ ئۆلۈپ كېتىشنىڭ بېشارەتلىرى
  • كېسەلگە قاراپ مېۋە يېيىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • كولا بىلەن تەييار چۆپتىن قايسىسى «يامان»؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • گېن سىزنىڭ ئۇخلاش ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەكنىڭ سوقۇشى نېمە ئۈچۈن بەزىدە تېز بولىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سۇلۇق سېرىق داغنى داۋالاش تەس ئەمەس

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇيقۇڭىزنى مۇنداق ياخشىلاڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيۇتېرغا قاراش كۆز تورلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆز ئەتراپىدىكى قارا داغنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سۇنۇق ئاغرىقلىرىغا باب يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تور خۇمارى ئادەمنى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • (ئەرلىك ئەزانى كىچىك دەپ قاراش)

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئۆزىنى ئاسىرىشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەردىكى تەرلەش ۋە كېسەللىك ئالامىتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن يەنە تېزلا جىنسىي مۇناسىۋەتكە كىرەلمەسلىكلىنى جىنسىي ئاجىزلىق دەپ قاراش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماكا چېكىدىغانلار كۆكتاتنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغىنى ياخشى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • خۇڭ لى: ئاۋسترالىيە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا ئائىت يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سۈرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى مۇئالىم سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئاگاھلاندۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەنقەرەدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يۈزگە يېقىن ئادەم ئۆلۈپ-يارىلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چاغاندىن كېيىن ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسى ئالامەت چۈشىدىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بىخەتەرلىكى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پەۋقۇلئاددە زور ساختا تالون كېسىش دېلوسى پاش قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2016-يىلى جەمئىي 19 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەسى: تۈركىيەنى ئۇرۇشقا سۆرەيدىغان قارارلارغا قارشى تۇرىمىز

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015