ياشانغانلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتىكى لەززىتى باشقىچە بولىدۇ
60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ جىنسىي فۇنكسىيىسىدە روشەن چىكىنىش بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنىڭ ئاجىزلىشىنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ. ينە كېلىپ خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ جىنسىي پسىخىك ھەۋىسى ۋە قىزىقىشى يەنىلا بەك كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە زىدىيەت پەيدا بولىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ياشانغان ئەر-خوتۇنلار پسىخىسى ۋە ھەركىتىنى بىر ئاز تەڭشىمىكى زۆرۈر.
بىرىنچىدىن، جىنسىي پسىخىكىسىنى ئوتتۇرا ياشلىقتىكىدىن ياشانغاندىكىگە ئۆتكۈزۈشنى ئۈگىنۋىلىش كېرەك. ياشانغان ئەر-خوتۇنلار بەزىبىر جىنسىيەت ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىپ، جىنسىي جەھەتتىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا ئۆزىنى بىمالال تۇتۇشى لازىم. رېئاللىققا يۈزلىنىپ، مادارىغا بېقىپ ئىش قىلىشى، قېرىغىنىغا تەن بېرىشى، نوچىلىق قىلماسلىقى كېرەك. ئۆزىنىڭ يەنىلا «بىڭسى» بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن جىنسىي ئالاقە قېتىم سانىنى كۆپەيتىشكە ئۇرۇنۇش ئۆزىگە جىسمانىي ۋە جىنسىي جەھەتتە جەزمەن ئىنتايىن زور زىيان كەلتۈرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا ياشانغانلارنىڭ جىنسىيەت مەسىلىسىنى تەتقىقاتىدا ناھايىتى زور ئىلگىرلەش بولدى. «ياشانغانلار قانۇنيەتلىك (تەرىتىپلىك) ھالدا جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ بەرسە جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ» دېگەن نەزەريىسىنى كىشىلەر بارغانسېرى قوبۇل قىلدى.بىراق ياشانغانلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ رولىنى زىيادە كۆپتۈردىغان بىر خىل خاتا نەزەرىيە مەيدانغا كېلىشىگە باشلاپ، كىشىلەرنى خاتا يولغا باشلاپ، بەزى كىشىلەرنىڭ پسىخىك يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتتى. بۇ ھەقتە جىنسىيشۇناس كېتچادۇرىيان مۇنداق تەكىتلەيدۇ: «ئۇلارنى جىنسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا زورلاشنىڭمۇ ئوخشاشلا ئەھمىيىتى يوق. جىنسىي تۇرمۇش سالامەتلىككە پايدىلىق دېگەنلىك ھەر بىر ئادەمنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى يېتەرلىك بولۇشى شەرت دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ». شۇڭا، ياشانغان ئەر-خوتۇنلار جىنسىي تۇرمۇشنى چوقۇم ئۆز لايىقىدا ۋە ئۆزىنى ئەھۋالىغا يارىشا ئۆتكۈزۈشى، ھەممىدە «ئۆز سېزىمى ياخشى بولۇش» نى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك.
ئىككىنچىدىن، ئىنسانلارنىڭ جىنسىي سادلىققا ئېرىشىش يولى خىلمۇ-خىل، يەنە كېلىپ ياشانغانلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ئاساسلىقى تەگكۈۈش ھەۋىسى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا جىنسىي ئالاقىگىلا تايىنىپ جىنسىي شادلىققا ئېرىشىش كويىدا بولغاندا، ئىككەيلەندە ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولۇشى ناتايىن. بىر جۈپ ياشانغان ئەر-خوتۇن ماڭا خەت يېزىپ ئۆزلىرىنىڭ مەيلى قايسى جىنسىي ئالاقە بەدەن ھالىتىنى قوللىنىشدىن قەتئىينەزەر ئىككەيلەننى رازى قىلالمىغانلىقى، بەزىدە ئەكىسچە بىھۇدە قورساق كۆپۈكى پەيدا قىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئۇلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنى ئاددي ۋە تار مەنىدە چۈشۈنگەنلىكىدە.
شۇڭا، ياشانغان ئەر-خوتۇنلار جىنسىي تۇرمۇشتا جىنسىي ئەركىنلىكى ۋە جىنسىي ئويۇننى ئاساس قىلىشى كېرەك. زەكەرنى بىۋاستە كىرگۈزۈپ جىنسىي ئالاقە قىلشقا زورۇقماي، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككەيلەنىڭ ئامراقلىقى ۋە مېھرى-مۇھەببىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. تەتقىقاتتىن ئىسپاتلاندىكى، نىكاھتىن قانائەتلىنىش تۇيغۇسى ياشانغانلارنى جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشغا ياردىمى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جىنسىي تۇرمۇشتا سىلىقلاتقۇچ دورا قاتارلىق ياردەمچى ۋاستىلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، بەزىبىر جىنسىي فۇنكىسىيە توسالغۇسىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك. ياخشى ئارام ئېلىش ۋە ئىككەيلەننىڭ يېڭىلىق تۇغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇۋاپىق پەيىتتە باشقا-باشقا ئورۇن ياكى ئۆيدە ياتسا بولىدۇ.
ياشانغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ ئاچقۇچى زەكەرنى كىرگۈزۈپ جىنسىي ئالاقە قىلىشنى خىلمۇ-خىل كۆڭۈل ئېچىپ ئىشقۋازلىق قىلىشقا ئۆزگەرتىشتە، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئەر-خوتۇننىڭ ئىناق، كۆڭۈللۈك ئۆتۈشى ئاساسىغا قۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇنى ھەر خىل شەكىلدە داۋاملىق ساقلاپ قالغىلى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !