ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئاياللار >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-09 12:05:54

 بەزى ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھالبۇكى، تاتلىق يېمەكلىك زىيادە ئىستېمال قىلىنسا، سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ، بەزى كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. چاچقا بالدۇر ئاق كىرىدۇ. 50 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېگەندە، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەنت كىسلاتالىق يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەن سۇيۇقلۇقىنى نېيترال ياكى ئاجىز كىسلاتالىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ھۈجەيرىلەرنى قېرىتىپ، چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

 2 . كۆرۈش نېرۋىسى يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كېسەلنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ بولىدۇ، ئەمما ۋىتامىن B1 نىڭ كەملىكى ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋىتامىن B1كۆرۈش نېرۋىسىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم ماددا. قەنت بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا كۆپلەپ ۋىتامىن B1 نى سەرپ قىلىدۇ. شۇڭا تاتلىق يىمەكلىكنى ئۇزاق ۋاقىت كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ ‹‹ ئوزۇقلۇق كەملىك ›› كە سەۋەب بولۇپ، كۆرۈش نېرۋىسى يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 3 . سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەنت بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا نۇرغۇن ئارىلىق مەھسۇلاتنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: پايرۇۋىك كىسلاتاسى، سۈت كىسلاتاسى قاتارلىقلار. بۇنداق ماددىلار بەدەننى كىسلاتالىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بەدەندىكى ئىشقارلىق ماددىلار(كالتسىي، ماگنىي)نى خورىتىدۇ، بۇ كالتسىي كەملىكتىن بولىدىغان سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 4 . ئۆتتە تاش پەيدا قىلىدۇ. 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش ئېھتىمالىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. چۈنكى، زىيادە ئىستېمال قىلىنغان قەنت ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى كۆپەيتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولېستېرىن، ئۆت كىسلاتاسى ۋە لېتسىتېننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېشىنچا قەنت ئۆزلۈكىدىن ياغقا ئايلىنىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم سېمىز بولسىلا ئۆتتە چوقۇم تاش شەكىللىنىشى ناتايىن، ئەمما ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللاردا سېمىزلىك ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش بىۋاسىتە قەنت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئۇزاق مۇددەت زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى كۆپەيتىپ، قەنت ۋە ياغنىڭ ماددا ئالمىشىش جەريانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىچكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدۇ. نەتىجىدە، ھەر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر (مەسىلەن: يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسىلى، قەنت كېسىلى، سېمىزلىك، كۆزگە ئاق چۈشۈش) نى پەيدا قىلىدۇ.

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى:



تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك
  • خىزمەت ئالدىراشچىلىقىنى باھانە قىلىپ جىنسىي تۇرمۇشىڭىزدىن مەھرۇم قالسىڭىز
  • يۈرەكتىكى توكسىننى ھەيدەش ئانچە تەسمۇ ئەمەس
  • بۆرەكنى زەھەرسىزلەندۈرۈش ئەمەلىيەتتە بەك ئاددى
  • ئەرلەرنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە جىنسى ھەۋىسى بولامدۇ؟
  • جەلىپكار ئايال بولاي دېسىڭىز ...
  • زىبۇ-زىننەت بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى
  • دادىسى كۆپ باققان بالا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ
  • خانىم-قىزلار سەمىگە
  • ساغلام ئورۇقلاشتىكى يېڭى مەخپىيەتلىك
  • گېن سىزنىڭ ئۇخلاش ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
  • يۈرەكنىڭ سوقۇشى نېمە ئۈچۈن بەزىدە تېز بولىدۇ؟
  • ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيۇتېرغا قاراش كۆز تورلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ
  • قاتتىق چۆچۈش سالامەتلىككە زىيانلىق
  • ئەرلەردىكى نورمالسىز دەپ قارىلىدىغان نورمال ئەھۋاللار
  • ھامىلىدارلارنىڭ بالدۇر تۇغۇپ قويۇش-قويماسلىقنى ئالدىن بىلگىلى بولىدىكەن
  • ئاياللار قانداق چاغلاردا قان تولۇقلاش كېرەك؟
  • يانفون ئويناپ تۇرۇپ بالا ئېمىتمەڭ
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆرۈش ئىقتىدارى تېز چۈشۈپ كەتسە نېمە يېيىش كېرەك؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • روھى كېسەل ئۆزى قانداق كېسەل بولسا شۇ كېسەلدىن جورا تاللايدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يىگىتلەردىن سوئال: قىزلارنى چۈشىنەمسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • خىزمەت ئالدىراشچىلىقىنى باھانە قىلىپ جىنسىي تۇرمۇشىڭىزدىن مەھرۇم قالسىڭىز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يېشىڭىزغا ئاساسەن جىنسىي تۇرمۇش رېتىمىڭىزنى مۆلچەرلەڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئىسپېرما رىئاكسىيەسىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يىگىتىڭىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھى بولاي دېسىڭىز...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەكتىكى توكسىننى ھەيدەش ئانچە تەسمۇ ئەمەس

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەدەن ساغلاملىقىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەش خىل قورۇق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نېمىشقا بەزىلەر تاماكا چەكسىمۇ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئادەمنىڭ مېڭىش سۈرئىتى تېزلەشسە...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماقنى كۆڭۈل قويۇپ يېمەيدىغان ئادەم ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بۆرەكنى زەھەرسىزلەندۈرۈش ئەمەلىيەتتە بەك ئاددى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە جىنسى ھەۋىسى بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئىسپانىيە كوچىلىرىدا ‹‹ئاياللار›› سىگنال چىرىغى ياندۇرۇلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ياخشى، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۈرۈمچىدىن يىۋۇغا نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تويوتا ياغاچ قۇرۇلمىلىق توك ئاپتوموبىلنى نامايەن قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىل گەيتىس ئالىي مەكتەپ مائارىپىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن چاغلىماسلىقنى ئېيتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېرىدىن ئاجراشقان ياپونىيەلىك ئاياللار 100 كۈنگىچە قايتا توي قىلالمايدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رۇسىيە شىمالىي قۇتۇپقا 16 دانە يادرو بومبىسى قويۇپ بېرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدىكى بىر يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئىقتىسادى كرىزىس رۇسىيەنى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى %5 تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015