قارا گۆش، كالا قوي، ئۆچكە دېگەندەكلەرنىڭ جىگىرى، راك بېلىق گۆشى، ئاقسىل پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، بۇ خىل يېمەكلىكلەردە ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، چۈنكى ھۈجەيرىلىرىنى تۈزگۈچى ئاساسلىقى ئاقسىل. توقۇلما قايتا ھاسىل بولۇشى نۇرغۇن ئاقسىل كېرەك، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ۋىتامىن A بەك پايدىلىق. ۋىتامىن A كەمچىل بولغاندا، كۆزنىڭ قاراڭغۇ مۇھىتقا ماسلىشىشى تۆۋەنلەيدۇ، بەك ئېغىرلىشىپ كەتكەندە ئاسانلا كەچ سەيلىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ۋىتامىن A كۆز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ، ئۈنۈمىمۇ بەك يۇقىرى. ھەر كۈنى ئازراق ۋىتامىن ئا تېمىتىپ بەرسە كۆز ياشاڭغىراش، ھارغىنلىقى يوقاتقىلى بولىدۇ. ۋىتامىن ئا نىڭ كېلىش مەنبەسى ھايۋاناتلارنىڭ (قوي، كالا، ئۆچكە) قاتارلىقلار جىگىرى، بېلىق جىگىرى يېغى، سۈت، تۇخۇم، كۆكتات، مېۋە-چىۋە دېگەندەك، مەسىلەن :سەۋزە، تۇرۇپ، كۈدە، كۆك لازا، ئۆرۈك قاتارلىقلار… تەركىبىدە ۋىتامىن C بار يېمەكلىكلەرمۇ كۆزگە پايدىلىق، چۈنكى ۋىتامىن C كۆز شارچىسىدىكى خىرۇستالنىڭ ئاساسلىق تەركىبى. ۋىتامىن C ئاساسلىق مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىدە بار.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !