قورۇق دائىم ئادەم تېرىسىنىڭ قېرىشنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر قورۇقنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن، چوڭ كۆرۈنۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ، ئەمما بەزى قورۇقلارنىڭ يوشۇرۇن سالامەتلىك مەسىلىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ «كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تور بېكىتى يېقىندا بەدەن ساغلاملىقىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەش خىل قورۇقنى يەكۈنلەپ چىقتى.
1. سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى. ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات خادىمىنىڭ بايقىشىچە، تېرە سۆڭەكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشتىكى بىر كۆزنەك ئىكەن. تەتقىقاتچىلار 100 دىن ئارتۇق كېلماتىرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارنى تەكشۈرۈپ، قورۇق ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ چوڭقۇر بولغان ئاياللارنىڭ سۆڭەك زىچلىقى ئەڭ ئەڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ تەتقىقات مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرىشىچە كوللاگېن ئاقسىلى سۆڭەك بىلەن تېرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ سانى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كېمىيىپ كېتىدىكەن.
2. يۈرەك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى. قۇلاق يۇمشىقى ئۈستىگە قىيپاش سىزىق شەكلىدە چۈشكەن قورۇق بەلكىم يۈرەك مەسىلىلىرىگە ئالدىن بېرىلگەن سىگىنال بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا لوس ئانجىلىس شىدىس سىناي داۋالاش مەركىزىنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، قۇلاق يۇمشىقىدا بۇ خىل قورۇق بار ئادەمنىڭ يۈرەك كېسىلى بولۇشى مۇمكىنلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل قورۇقنى قۇلاق يۇمشىقى يۆنۈلىشىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇ يۈرەك ئەتراپىدىكى قان تومۇر ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.
3. يۇقىرى قان بېسىمى. گوللاندىيە لېيدېن ئۇنىۋېرسىتېتى داۋالاش مەركىزىنىڭ تەتقىقات خادىمىنىڭ بايقىشىچە، قارىماققا ئۆزىنىڭ يېشىدىن ياش كۆرۈنىدىغان، قورۇق ئاز ئاياللارنىڭ قان بېسىمى تۆۋەن بولىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئۇخشاش ياشلىقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئائىلىلەردىن كەلگەن قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۈستۈنكى بىلىكىگە قورۇق چۈشمەيدىكەن.
4. ئېغىر بېسىم. غەم - ئەندىشە تۈپەيلىدىن ئادەمگە ئوڭاي قورۇق چۈشىدۇ. ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى دېرماتولوگىيە مۇتەخەسسسى جەنېت پولىستوۋىسكىينىڭ بىلدۈرىشىچە، كىشىلەر بېسىمغا دۇچ كەلگەندە قوشۇمىسىنى تۈرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، پېشانىسىدە ئاسانلا مەڭگۈلۈك قورۇقلار پەيدا بولىدىكەن. يۈز قىسىمىنىڭ باشقا يېرىدىكى قورۇقلارمۇ داۋاملىق ئەندىشە ۋە جىددىيلەشكەن ۋاقىتتا بەدەن ئاجرىتىپ چىقارغان كۆپ مىقتاردىكى جىددىيلەشتۈرگۈچى ھورموننىڭ تېرىدىكى كوللاگېن ئاقسىلىنى پارچىلىشى بىلەن مەلۇم مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.
5. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يېيىش . تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا شېكەر بىلەن ئاقسىل بىرلىشىپ، ئادەم تېنىدە ئاسانلا «ئاخىرقى باسقۇچتىكى گلىكوزا»نى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىل ماددا كوللاگىن ئاقسىلى ۋە ئېلاستىك ئاقسىلنى پارچىلاپ، تېرىدە تېخىمۇ كۆپ ئىنچىكە سىزىق ۋە قورۇقلارنى پەيدا قىلىدۇ.بۇ جەھەتتە تەتقىقاتچىلار ئەڭ ياخشىسى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئورنىغا مېۋىنى ئالماشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. چۈنكى كۆپ قىسىم مېۋىلەرنىڭ شېكەرلەشتۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار بۇلۇپ، تېرە زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !