ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا تاماملىغان تەتقىقاتتىن مۇنداق يەكۈن چىقتى: تاماكا چەكسىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ گېنىدا تاق ھۈجەيرىلىك گىلوكوزىد كىسلاتانىڭ كۆپ خىل ھالىتى مەۋجۇت ئىكەن. بۇ خىل كۆپ ھالەتلىك تاق ھۈجەيرىلىك گلۇكوزىد كىسلاتا پەيدا قىلىدىغان ئۈنۈم شۇكى، ئۇنىڭغا ئىگە ئادەملەرنىڭ بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. يەنى ئۇلار تاماكا چەكسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەردە بۇزۇلۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بولىدۇ.
80 ياشتىن ئېشىپ ئۆمۈر كۆرگەن تاماكا چېكىدىغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايانكى، ئۇلارنىڭ قان بېسىمى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىڭكىدىن پەرق قىلىپ كەتمەيدىكەن. ئەمما ئۆمرى قىسقا بولغان تاماكا چېكىدىغان كىشىلەر ئىلگىرى بەدەن تەكشۈرتكەندە قالدۇرۇلغان خاتىرىدىن ئايانكى، ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن خېلىلا ناچار بولىدىكەن.
دېمەك، بەزى كىشىلەرنىڭ گېنى تۇغما قالتىس بولىدۇ. ئۇلار تاماكا چەكسىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئەمما بۇنداق كىشىلەر يوقنىڭ ئورنىدا. شۇڭا ئادەتتىكى ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىغا قويۇۋالساق ئېنىقلا ئەخمەقلىق قىلغان بولىمىز.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !