ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
بۆرەكنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇش بىھاجەت. شۇڭا بۆرەكنى زەھەرسىزلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش تولىمۇ مۇھىم. ئادەتتە بۆرەكنى سەھەر سائەت 5دىن 7گىچە بولغان ۋاقىتتا زەھەرسىزلەندۈرۈشنىڭ پايدىسى بەك چوڭ. چۈنكى پۈتۈن بىر كېچە ئەسلىگە كېلىش بىلەن بەنت بولغان بەدەن بارلىق توكسىننى مۇشۇ چاغدا بۆرەككە توپلايدۇ، شۇڭا سەھەردە ئورنېدىن تۇرغاندا بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بۆرەكنى چايقاش زۆرۈر. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇنداق ئىشلارنى بىلىپ قويۇشنىڭ زىيىنى يوق.
تەكىيە كاۋا بۆرەكتىكى زەھەرنى ھەيدەيدۇ. تەكىي كاۋا سۇلۇق كېلىدۇ، ئۇ بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ھەيدىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۆرەكتىكى زەھەر سۈيدۈك بىلەن بەدەن سىرتىغا ھەيدىلىدۇ. تەكىيە كاۋىنى دۈملەپ پىشۇرۇپ ياكى قورۇپ يېسە ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ، ئامال بار تۇزسىزراق بولغىنى ياخشى.
پىچەكگۈل بۆرەكنىڭ زەھەرسىزلىنىش كۈچى. پىچەكگۈل بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن ئەزاغا پايدا بەرسىمۇ، لېكىن ئاخىردا يەنىلا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەشنى باش نىشان قىلىدۇ. شۇڭا پات-پات پىچەكگۈل يەپ بەرسە، بۆرەكنىڭ زەھەرگە قارشى تۇرۇش كۈچى زورىيىدۇ. قەلەمچە قىلىپ يېيىش پىچەكگۈل يېيىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. شېكەر قىيامىغا چىلانغان پىچەكگۈلنىڭ زەھەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !