ئادەمنىڭ بەدىنى ئادەم يېگەن ھەرقانداق تاماقنى يادىدا چىڭ تۇتالايدۇ، شۇڭا تاماق يېگەندە ئەستايىدىل بولۇش تولىمۇ مۇھىم. تاماق يەۋاتقاندا تېلېۋىزور كۆرۈش، يان تېلېفون ئويناش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ دىققىتىنى چېچىپ، تاماقتىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە سەۋەب بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سەمرىپ كېتىش خەتىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر بەدەن ساپاسى نورمال 39 ئايالنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ ئاندىن ئۇلارغا ئېنېرگىيەسى ئوخشاش تاماق بەردى. 1- گۇرۇپپىدىكىلەر بىر تەرەپتىن تاماق يېسە، يەنە بىر تەرەپتىن كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينىدى؛ 2- گۇرۇپپىدىكىلەر بىر تەرەپتىن تاماق يېسە، يەنە بىر تەرەپتىن يان تېلېفوندا ئويۇن ئوينىدى؛ 3- گۇرۇپپىدىكىلەر پۈتۈن دىققىتى بىلەن تاماق يېدى. نەتىجىدە چۈشتىن كېيىن كەچكە يېقىن ئۇلارغا پىرەنىك دېگەندەك ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە، 1- گۇرۇپپىدىكىلەر 3- گۇرۇپپىدىكىلەرگە قارىغاندا، ئۇششاق يېمەكلىكنى %69، 2- گۇرۇپپىدىكەر %28 كۆپ يېدى».
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !