خىزمەت ئالدىراشچىلىقىنى باھانە قىلىپ جىنسىي تۇرمۇشىڭىزدىن مەھرۇم قالسىڭىز

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > جىنسىيەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-04 17:39:26

خىزمەت ئالدىراشچىلىقىنى باھانە قىلىپ جىنسىي تۇرمۇشىڭىزدىن مەھرۇم قالسىڭىز، زىيىنى سىز ئويلىغاندىكىدىنمۇ چوڭ


 

خىزمەتتىكى ئالدىراشچىلىق، بېسىم، تۈگىمەيدىغان ئادىمگەرچىلىكلەر، ئۇيقۇسىراش... قىسقىسى، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىكى نۇرغۇن ئامىللار ئەر-ئايال جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ جىنسىي تەلىۋېنى تۆۋەنلىتىپ، جۆرىلىرىدىن يىراقلاشتۇرماقتا. ئامېرىكا «ئالدىنى ئېلىش» تىببىي ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىشىچە، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئازلاپ كېتىشى جىسمانىي روھىي ساغلاملىققا ئېغىر تەسىرى بولىدۇ، شۇڭا ئەر-ئاياللار ئەگەردە جىنسىي تۇرمۇشتىن توختىغان بولسا، چوقۇم ئەڭ تېز ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشى كېرەك دىيىلگەن. ئىنسانلارنى جىنسىي تۇرمۇشقا ئەھمىيەت بېرىشقا ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، جىنسىيەت تىببىي ئالىملىرى جىنسىي تۇرمۇش ئازلاپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىكنى ئېنىقلاپ چىققان.

ئادەمنى ئاسانلىقچە تەشۋىشكە سېلىپ قويىدۇ. جىنسىي تۇرمۇش كىشلەرنىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىشكە پايدىلىق. شوتلاندىيەنىڭ بىرتۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر ئادەم جىنسىي تۇرمۇشتىن توختىغاندىن كېيىن، قانۇنىيەتلىك جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۋاتقانلارغا قارىغاندا بېسىمغا قارشلىق قىلىش كۈچى تۆۋەنلەپ، ناھايىتى ئاسانلا ئاۋارىچىلىققا ئۇچىرايدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ دىيىشىچە، جىنسىي تۇرمۇشتا چوڭ مېڭە ھوزۇرلىنىشتىن كېلىپ چىققان ئوكسىتوتسىن چىقىرىپ، ئادەمگە ئاراملىق ھېس قىلدۇردىكەن. جىنسىي تۇرمۇش ئازلاپ كەتكەندە، كىشلەر نۇتۇق سۆزلەش، ئىجتىمائىي ئالاقە مەسلىلىرىگە يولۇققاندا، ئاسانلا تاقەتسىزلىنىدىغان، ئاچچىقى كېلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.

ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ. ئامېرىكا ئۇرولوگىيە (سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش بۆلۈم) جەمئىيىتىنىڭ بايقىشىچە، قانۇنىيەتلىك جىنسىي تۇرمۇش رېتىمىنى ساقلىغان ئەرلەرنىڭ، كەلگۈسىدە مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %20 تۆۋەن بولىدىكەن. چۈنكى كۆپلەپ سپېرما چىقىرىش مەزى بېزىغا مۇناسىۋەتلىك زىيانلىق ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىغا ياردەم قىلىدىكەن.
ئاسانلا شامالداراپ زۇكام بولۇپ قالىدىكەن. جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئاز بولۇشى كېسەللىك باكتېرىيىسى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى تۆۋەنلەتكەن بىلەن، ئەمما ئادەمنىڭ ئىممۇنتنى كۈچەيتىش  پۇرسىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئامېرىكا پىنسىلۋانىيە ۋېلكىس ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرىنىڭ بايقىشىچە، ھەرھەپتىدە 1قېتىمدىن 2قېتىمغىچە جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزىدىغان ئادەم، بۇنىڭدىن ئاز ھەتتا يوق دىيەرلىك بولغان كىشىنىڭكىگە قارىغاندا، ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىن A نىڭ سانى %30 كۆپ بولىدىكەن، تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن، ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىن A ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيىسىدۇر.

نىكاھقا نىسبەتەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يوقۇتۇش. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، جىنسىي تۇرمۇشتىن توختىغاندا ئەر-ئاياللارنىڭ بەخت، يېقىنلىق ۋە نىكاھ مۇناسىۋىتىگە بولغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدا پۈتۈنلەي ئەكىس تەسىر پەيدا بولىدۇ. "نىكاھنى قۇتۇلدۇرۇشنى باشتىلا باشلاڭ" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، پىسخىلوگ دوكتۇر لەيس پالوت نىڭ كۆرسىتىشىچە: "جىنسىي تۇرمۇش بولمىغان نىكاھ ئادەمنىڭ غورۇرىغا تېگىپ، غەشلىك ئېلىپ كېلىپ، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھورمون ئاجرىتىلىشىنى ئازلىتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىدىن كۆڭلى نارازى بولۇپ تالاغا قاراپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەرسا مىجەزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. "بىراق دوكتۇر پالوت يەنە مۇنداق كۆرسەتمە بەرگەن، بىرقىسىم كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزەلمىگەن ئەر-ئاياللارغا نىسبەتەن، سۆيۈشۈش، قول تۇتۇشۇش، ئۆز-ئارا ماختاش ۋە ياكى تۇيۇقسىز ھەيران قالدۇرۇپ سوۋغاتلارنى بېرىش ئارقىلىق ھېسيات ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

ئەرلەردىكى جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا گىرىپتا بولۇش خەۋپىنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ. ئەرلەرنىڭ جىنسىي سايمىنىنىڭمۇ كاردىن چىقىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ "تىببىي" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەرھەپتىدە ئاز دىگەندە بىرقېتىمدىن ئارتۇق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، دائىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەيدىغان ئەرلەردە جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. چۈنكى زەكەر مۇسكۇلدىن تۈزۈلگەن بولغاچ، بەدىنىمىزنى چېنىقتۇرۇپ كۈچلەندۈرگەندەك، جىنسىي مۇناسىۋەتمۇ ئەركەكلىك ھەيۋېسىنى كۆرسىتىشكە پايدىلىق ئىكەن.

ئاياللارنىڭ ھەيز دەۋرىلىنىشى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. «جىنسىيەت ئارخىبى» ژورنىلىدىكى بىر تەتقىقاتتا مۇنداق دىيىلگەن: ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىكى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا، ناھايىتى ئاسانلا روھى چۈشكۈنلۈككە گىرىپتا بولىدۇ، ھەمدە ھەيزنىڭ دەۋرىلىنىش رېتىمسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ. تەتقىقاتچىلار كوللىكتىۋې مۇنداق قارىغان، مەنىي سۇيۇقلۇقىدىكى بىرقىسىم بىرىكمە ماددىلار مەسىلەن: مالتونىن( (褪黑激素MLT، سېروتونىن (血清素) ۋە ئوكسىتوتسىن (催产素)قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ۋە بەدىنىگە پايدىلىق تەركىبلەر.

ئادەمنى بالدۇر قېرىتۋېتىدۇ. ئەنگىلىيە خان جەمئىيىتى ئىدىنبۇرگ دوختۇرخانىسى ياشانغانلار پىسىخىلوگ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسىسى داۋېي ۋېيكىس دوكتورنىڭ 50ياشتىن يۇقىرى كىشلەرنى ئىزقوغلاپ تەكشۈرۈش تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىشىچە، سىرتقى قىياپىتى قارىماققا ياشىراق كۆرۈنگەنلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى تەڭتۇشلىرىغا قارىغاندا %50 كۆپ ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا چىقارغان ئۆستۈرگۈچى ھورمون تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، بالدۇر قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

ئەسلى مەنبە: ھاياتلىق ژورنىلى



تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • خىزمەت ئالدىراشچىلىقىنى باھانە قىلىپ جىنسىي تۇرمۇشىڭىزدىن مەھرۇم قالسىڭىز
  • يۈرەكتىكى توكسىننى ھەيدەش ئانچە تەسمۇ ئەمەس
  • بۆرەكنى زەھەرسىزلەندۈرۈش ئەمەلىيەتتە بەك ئاددى
  • ئەرلەرنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە جىنسى ھەۋىسى بولامدۇ؟
  • جەلىپكار ئايال بولاي دېسىڭىز ...
  • زىبۇ-زىننەت بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى
  • دادىسى كۆپ باققان بالا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ
  • خانىم-قىزلار سەمىگە
  • ساغلام ئورۇقلاشتىكى يېڭى مەخپىيەتلىك
  • گېن سىزنىڭ ئۇخلاش ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
  • يۈرەكنىڭ سوقۇشى نېمە ئۈچۈن بەزىدە تېز بولىدۇ؟
  • ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيۇتېرغا قاراش كۆز تورلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ
  • قاتتىق چۆچۈش سالامەتلىككە زىيانلىق
  • ئەرلەردىكى نورمالسىز دەپ قارىلىدىغان نورمال ئەھۋاللار
  • ھامىلىدارلارنىڭ بالدۇر تۇغۇپ قويۇش-قويماسلىقنى ئالدىن بىلگىلى بولىدىكەن
  • ئاياللار قانداق چاغلاردا قان تولۇقلاش كېرەك؟
  • يانفون ئويناپ تۇرۇپ بالا ئېمىتمەڭ
  • بەزى ئاياللار نېمە ئۈچۈن «داشقال» ئەرلەردىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ؟
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • خىزمەت ئالدىراشچىلىقىنى باھانە قىلىپ جىنسىي تۇرمۇشىڭىزدىن مەھرۇم قالسىڭىز

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يېشىڭىزغا ئاساسەن جىنسىي تۇرمۇش رېتىمىڭىزنى مۆلچەرلەڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئىسپېرما رىئاكسىيەسىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يىگىتىڭىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھى بولاي دېسىڭىز...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەكتىكى توكسىننى ھەيدەش ئانچە تەسمۇ ئەمەس

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەدەن ساغلاملىقىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەش خىل قورۇق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نېمىشقا بەزىلەر تاماكا چەكسىمۇ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئادەمنىڭ مېڭىش سۈرئىتى تېزلەشسە...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماقنى كۆڭۈل قويۇپ يېمەيدىغان ئادەم ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بۆرەكنى زەھەرسىزلەندۈرۈش ئەمەلىيەتتە بەك ئاددى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە جىنسى ھەۋىسى بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جەلىپكار ئايال بولاي دېسىڭىز ...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ياشانغانلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتىكى لەززىتى باشقىچە بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تەشەببۇسكار بولۇشمۇ ئاياللارنىڭ جىنسىي ھوقۇقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • زىبۇ-زىننەت بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئامېرىكا رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋاقتىنى ئۇزارتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ​ئامېرىكىدا تۆت ئوقۇغۇچى دەرستىن توختىتىلغاچقا مەكتەپ مۇدېرىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ ئۆچ ئالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلان ياسىماقچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئىككى يىغىندا ئوقۇش مۇددىتىنى 10 يىلغا قىسقارتىش تەشەببۇس قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سان فرانسىسكودا قانۇنلۇق تاماكا چېكىش يېشى 21 ياشقا ئۆستۈرۈلىدىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنا خاككېرلار ھۇجۇمىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقماقچىمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەمەندىكى تىرىك ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئىچىدىغان «قانخور» ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جەرەنبۇلاق رايونىدىكى مېھرىباغ ئانىلار «8-مارت» ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كورىيەلىك ئاياللارنىڭ %60 ى چىرايىدىن رازى ئەمەسكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015