ئاياللار ئىسپېرما رىئاكسىيەسىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك
---جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن سۇلۇق ئىششىق، قىچىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلىرى بار.
بەزىلەرگە گۈل چېڭى، بەزىلەرگە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى رىئاكسىيە قىلىدۇ، لېكىن كۆپ كىشىلەر ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنىڭمۇ رىئاكسىيە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
خېلى كۆپ ئاياللاردا جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن، جىنىسي ئەزاسى قىزىرىش، قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئۇلار بۇنى مىكروپلىنىش ياكى جىنىسي يول ياللۇغى دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ھەتتا جىنىسي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن گۇمان قىلىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىسپېرما رىئاكسىيەسىنىڭ ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. چەتئەلنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 12%تىن ئارتۇق ئاياللاردا ئىسپېرما رىئاكسىيەسى كۆرۈلگەن تارىخى بولۇدىكەن، بۇلارنىڭ بەزىلىرى تۇنجى قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا، بەزىلىرى بولسا توي قىلىپ خېلى يىلدىن كېيىن كۆرۈلگەنىكەن. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئاياللاردا جىنىسي يول ياكى جىنىسي ئەزاسىدا سۇلۇق ئىششىق بولۇش، قىچىشىش، ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىسپېرما رىئاكسىيە قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى.
ئىسپېرما ئەرلەرنىڭ جىنسىي غىدىقلىنىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە ئېتىلىپ چىقىدىغان، ئاقسىللىق ماددا، كېيىنكى ئەۋلاتلارنى پەيدا قىلىدىغان "ئۇرۇق"، نىمىشقا ئاياللارغا رىئاكسىيە قىلىدۇ؟ بۇ ئىسپېرمىنىڭ بەزى تەركىپلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئىسپېرمىنىڭ ئىچىدە نەچچە ئون خىل ئانتېگىن بار، ئەگەر ئاياللارنىڭ سەزگۈرلىكى يۇقىرى بولغاندا، جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن بىر يۈرۈش رىئاكسىيە ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئالامەتلىرى ۋە ئېغىر يىنىكلىگى ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىدە ئەرلەر گاندون ئىشلەتسىمۇ ۋە ياكى جىنىسي يولدا ئىسپېرما چىقارمىسىمۇ، ئاياللاردا يۇقارقى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن.
يەنە بەزى ئاياللاردا باشتا رىئاكسىيە ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمون سەۋىيەسىدە ئۆزگۈرۈش بولغاندا، بىر خىل يېڭىچە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بالىياتقۇسىنى ئېلىۋېتىش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، بىردىنلا ئىسپېرمىغا رىئاكسىيە ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. يەنە بۇ خىل ئەھۋال، ئەرلەر پېنىتسىللىن ياكى يەر ياڭىقى قاتارلىق بەزى دورا ۋە يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلغاندىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئەگەر رىئاكسىيە ئالامەتلىرى ئېغىر بولمىسا، يەنە بىر قانچە قېتىم سىنىغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنى ئىسپېرمىغا كۆنۈپ، رىئاكسىيە ئالامىتى ئاستا ئاستا يوقاپ كېتىدۇ. لېكىن رىئاكسىيە ئېغىر بولۇپ، نورمال تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزسە، جىنسىي تۇرمۇشتا گاندون ئىشلىتىشى ۋە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !