گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى
ئۇيقۇسىز كېچىلەر باشلاندى. ھەئە، نەچچە سائەت بۇرۇن ئۆگزىدە ئۆتكەن شېرىن دەقىقە ئۇ! ۋەلىگاڭ دىلفۇزەنىڭ قولىدىكى كىتابنى ئالغاندا، كۆزى قىزنىڭ ئوتلۇق كۆزىگە قادالغان. قىز كۆزىنى نېمىشقىدۇر ئەپقاچاتتى، سۈتتەك ئاپئاق مەڭزى ئۆپكە سۈيى قىزىرىشقا باشلىغانىدى. لەۋلىرىدە ئىچ-ئىچىدىن ئوقچۇپ چىقىۋاتقان خۇشاللىقتىن بولسا كېرەك، تەبەسسۇم ئەگىپ تۇراتتى. ۋەلىگاڭ دىلفۇزەنىڭ شۇ چاغدىكى ھۆر پەرىدەك گۈزەل ھۆسنى-جامالىنى كۆز ئالدىدىن نېرى قىلالمىدى. ئاي-يۇلتۇزلارغا قاراپ كۈلۈپ، ئۇ يەنە نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى.
تۇرپاننىڭ يېزىلىرىدا بولۇپمۇ ئاساسەن قورو-جايلىق ئائىلىلەردە، سەھەر تۇرۇپ ھويلىغا سۇ سېپىپ سۈپۈرىدىغان ئادەت داۋاملىشىۋاتقانغا ئۇزۇن يىللار بولغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇ ئۆيدە كېلىن بولمىغاچقا، ئادالەتخان شۇنچە يىلدىن بۇيان ئۆزى سۈپۈرۈپ كەلگەن. ئۇ ھويلا سۈپۈرگەندە، ۋەلىگاڭ ئاللىبۇرۇن تەككە ئىشلىگىلى كەتكەن بولاتتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ كۈنلەردە مېھمانلار ئىسسىق دەستىدىنمۇ ياكى خىجىللىق ھېس قىلغانمۇ، سەل بالدۇر تۇرىدىغان بولدى. ھەرقانچە بالدۇر تۇردى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتخان باغ-ھويلىنى تازىلاپ، سۇغۇرۇپ، ماللارغا ئوت بېرىپ، ناشتىلىقنى تەييار قىلىپ بولغاندا كېرىلىپ، بىردىن ئىككىدىن چىقىشاتتى. مېھمان دېگەن شۇنداق ئەتىۋار بولىدىكەن، بولۇپمۇ شەھەردىن كەلگەنلەر، ھەتتا كۆرپە ئۈستىگە سالىدىغان كىرلىكتىن تارتىپ ئەكىلىۋالغاچقا، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىنى يىغىش ئۈچۈنمۇ بەك ئاۋارىچىلىق ھېسابلىنىدۇ ئەلۋەتتە. مېھمانلار قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ، بىر-بىرىگە چۆگۈندە سۇ قۇيۇپ بېرىپ چاچلىرىنى يۇيۇۋاتقاندا، ئادالەتخان ئۇلار كېچە ياتقان ئۆيلەرنى تازىلاشقا باشلايتتى. ئىككى كۈندىن بۇيان، دىلفۇزە شۇ ئالدىراش چاغلاردا قاچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، يۇيۇپ جاي-جايىغا قويۇپ قويىدىغان بولدى. بۇ ئىشلارنى قوشماق قىزنىڭ ئانىسى ئۆگەتكەن ئەمەس، ئۆگەتكەن بولسا گۈلفىزەمۇ ئۇنچە ئەركە چوڭ بولمايتتى-دە! زادى ئىككى بالىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىدىلا ئەمەس، ئەدەب-ئەخلاقىدىمۇ پەرق خېلىلا چوڭ.
دىلفۇزە ئۇزۇن گۈللۈك كۆينىكىنىڭ ئېتىكىنى بىر قولىدا تۇتىۋېلىپ، بىر قولىدا يۇندا چېلىكىنى كۆتۈرۈپ دەرۋازا تېشىغا قاراپ ماڭدى. بۇنى كۆرگەن ئادالەتخان تەمتىرەپ، ھەيرانلىق ئىچىدە سۆزلىگەچ تېز-تېز مېڭىپ كېلىپ:
- ۋاي بالام، شۇ نازۇك ئاپئاق قوللىرىڭىز بىلەن يۇندا چېلىكىنى كۆتۈرۋالدىڭىزما؟! قويۇڭ، قويۇڭ! ھە، ئەكىلىڭ، مەن ئۆزۈم تۆكۈۋېتەي!- شۇنداق دېگەچ، دىلفۇزەنىڭ قولىدىكى يۇندا چېلىكىگە قول ئۇزاتقانىدى، دىلفۇزە چاققانلىق بىلەن چېلەكنى يەنە بىر قولىغا ئېلىۋېلىپ:
- ياقەي، ئۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ھېلىمۇ سىزنى بەك ئاۋارە قىلىۋاتىمىز، بىزمۇ چوڭ بولدۇق، ئىش قىلىپ ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ، ھامما...
بۇ چاغدا قوشماق قىزلارنىڭ ئانىسى گۈلقەمبەر ئەمدىلا يۇيۇپ بولغان چېچىنى تارىغاچ، قىزىغا قاراپ:
- دىلفۇزە تاتلىق قىزىم، كىيمىڭنى مەينەت قىۋالىسەن، بوپتۇ بېرە، ھامماڭغا. ھامماڭ ئۆزى تۆكۈۋەتسۇن، ھەرقانچە چوڭ بولساڭمۇ بۇنداق يۇندا تۆكۈشلەرنى ئۆگەنمىسەڭمۇ بولىدۇ، بەرىبىر بىنا ئۆيلەردە چېلەك كۆتۈرۈپ يۈرمىگەندىكىن...- دېدى چىرايىنى ئۆزگەرتمەستىنلا. ئادالەتخان تۇرغان جايىدا بىردەم داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. بۇ چاغدا دىلفۇزە ئانىسىغا رەددىيە بېرىپ:
- كۆينىكىمگە تەگكۈزمىدىم ئانا، ئۇنىڭ ئۈستىگە توي قىلغاندا بىنادا ئولتۇرامدىم، ياكى يېزىلاردا ئۆي تۇتامدىم بۇنى مەن بەلگىلىيەلمەيمەندە! ھى ھى ھى، بىلىسەنغۇ، مېنىڭ شەھەر تۇرمۇشىنى ئۇنچە خالاپ كەتمەيدىغانلىقىمنى...
بۇ چاغدا يوغانلا كۈچلۈك بىر قول كېلىپ، دىلفۇزەنىڭ قولىدىكى چېلەكنى تارتىپلا كۆتۈرۈپ ماڭدى-دە، دەرۋازىدىن چىقىپلا ياندىكى يۇندا كۆلچىكىگە تۆكۈۋەتكەندىن كېيىن، قايتىپ كىردى. بۇ ۋەلىگاڭ ئىدى، ۋەلىگاڭ دىلفۇزەگە قاراپ قويۇپ، ئاپىسىغا:
- ئېغىر نەرسىلەرنى سىلەر كۆتۈرمەڭلا، مەن كەلگەندە تۆكىدىغاننى تۆكۈپ، ئەكىردىغاننى ئەكىرىپ بېرىمەن.
دىلفۇزەنىڭ قەلبى شۇقەدەر ئىللىقلىققا تولغانىدىكى، ئۈشبۇ دەمدە خۇددى ئۆزىنى بۇ ئۆينىڭ ئەتىۋارلىق يېڭى كېلىنىدەك ھېس قىلماقتا. ھەي، قىز بالا دېگەن شۇنداق كۆپ خىيال قىلىدىغان، خىيال قىلغاندىمۇ ساپ خاملا خىيال قىلىدىغان كېلىدىكەن دېسە!
خۇشال كۈنلەر ئاقار يۇلتۇزدەك ئۆتكەن بىلەن، ئۇيقۇسىز كېچىلەر تۈگمەن تېشىدەك ئاستا چۆگىلەپ ئۆتمەكتە. نېمىلا دېگەن بىلەن سەھەر ئويغانغاندا كۆزىنى ئېچىپلا بىرىنچى بولۇپ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئادىمى كۆز ئالدىدا. بۇ چۈشەنگەنلەر شۇنداقلا قەلبىدە مۇھەببەت قونۇپ باققانلار ئۈچۈن زور بەخت!
تۇرپاندىكى گۈزەل مىنۇتلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولاتتىمۇ؟! ئۆگزىدىكى ئۇچرىشىش، پېشايۋاندىن داڭگال ئېتىپ شەپە بېرىشلارنىڭمۇ ئاياغلىشىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. دىلفۇزەلەر ئۆيگە قايتماقچى، بۇ چاغدا ۋەلىگاڭنىڭ يۈرىكىنى ئېيتقۇسىز ئازاب چىرمىۋالغانىدى. ئەنە، دىلفۇزە يۈك-تاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ، مېھمانلار بىلەن بىرگە دەرۋازىدىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇ كەينىگە بىردە-بىردەم قاراپ كىملەرنىدۇر ئىزدەيتتى. كۆزىدە لىق ياش، بىرەرى گەپ سوراپ قالسىلا پاڭڭىدە يىغلىۋېتىشى ئېنىق. ۋەلىگاڭ بىلەن خوشلاشماي كېتىپ قېلىشتىن بەكمۇ قورقاتتى، ئەپسۇس، قورققانسېرى ھەقىقەتەن ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەستىن ماشىنىغا چىقىپ بولدى.
ھەركىم ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە تەلىيىگە قارىتا ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتتى. چاقىرىقنى ئالغان تۇنجى كۈنى دىلفۇزەنىڭ پۈتۈن خىيال-پىكرى ۋەلىگاڭنىڭ قايسى مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىدىلا ئىدى. «ئۇ مەن تاللىغان مەكتەپنى تاللىمىغان بولسىمۇ، ئىككىمىزنىڭ تاللىغىنىمىز بىر شەھەردىكى مەكتەپلەرغۇ، ئاھ خۇدا، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلاردىن ئۈمىدلەندۈرمىگىن، ئارزۇلىرىمنى دەرمانسىز قويمىغىن!»
- ئاپا، ئاپا، مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپتىمەن! قارا مانا چاقىرىق!- ۋەلىگاڭ چوڭ قەدەملەر تاشلاپ يۈگرىگەندەك كىرىپ كەلدى. ئۇ قولىدىكى چاقىرىق قەغىزىنى ئاپىسىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
- مانا قارا، «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى» قانۇن فاكۇلتېتىدىن كەپتۇ.
- مۇنداق قىلە! ئاتتام، راستكەنغۇ!؟ ۋاي بالامەي، سەنمۇ چوڭ بوپسەن مانا، سەنمۇ تاشلاپ كېتىسەن، مەن يالغۇز قالىدىكەنمەندە بۇ جىن تەگكەن ئۆيدە!- ئادالەتخان ئوغلىنىڭ بۇ خۇشاللىقىغا تەڭ جۆر بولۇپ خۇش بولۇۋاتامدۇ ياكى كېيىنكى يالغۇزلۇقىنى ئويلاپ سەل گەردىنى ئۆرلەپ قالغانمۇ ئىشقىلىپ چۈشىنىكسىز پوزىتسىيە بىلدۈردى. ۋەلىگاڭ ئاپىسىنىڭ ئالدىدا ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئىزا تارتتى بولغاي، ئاپىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ:
- ئاپا، سەن غەم قىلما، ئاتاممۇ پات ئارىدا كېلىمەن دېدىغۇ، پەقەت مۇشۇ بىر نەچچە يىل شۇنداق يالغۇزلۇق تارتىپ قالارسەن، لېكىن ئەنسىرمە، خۇدايىم بۇيرىسا مەن مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا سېنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىمەن.
- تىلىگىنىڭنى بەرسۇن خۇدايىم! - ئادالەتخان قەلبىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى سىرتىغا ئىپادىلەپ چىقىرالمايدىغان، شېرىن-شېكەر سۆزلەرنى قىلىشنى ئەسلا ئۇقمايدىغان ئايال بولغاچقا، داۋاملىق ئېغىزى ئىتتىكلىك قىلىپ، باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ قوياتتى. مانا ھازىرمۇ ئوغلىنىڭ تەقدىرىدە زور بۇرۇلۇش بولىدىغان پەيتتە ئۇنىڭ شاد كۈلكىلىرىگە بەھرىمان بولالمىدى. چۈنكى بىچارە ئايالنىڭ بۇ ئائىلىدە پەقەت ۋەلىگاڭدىنلا كۆڭلى سۇ ئىچىدىغانلىقىنى، يولدىشىنىڭ ئۆيگە قايتماس بولىۋالغانلىقىنى، ھەتتا نەچچە ئايدا بىر قېتىم قايتىپ كەلگەندىمۇ، ئۆزىگە يېقىن يولىمايدىغانلىقىنى ئۆزىدىن باشقا پەقەت ياراتقۇچىغىلا ئايان ئىدى.
ھەرھالدا بەخت قۇشى تىلىگەن ئادەمنىڭ بېشىغا قوناركەن. دىلفۇزە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا تىزىمغا ئالدۇرغىلى كىرگەن تۇنجى كۈنىلا، ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرغان ۋەلىگاڭنى ئۇچراتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى خۇشاللىق ۋە ھاياجاندىن ئاغزىغا كەپلىشىپ قالاي دېگەندە، ۋەلىگاڭمۇ ئۇنى كۆرۈپلا، ئۆچىرەت بىلەنمۇ كارى بولماستىن، دىلفۇزەنىڭ يېنىغا كەلدى:
- ۋۇي، سىزمۇ مۇشۇ مەكتەپكە ئۆتتىڭىزما؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ مەكتەپنى تاللىغانلىقىڭىزنى ماڭا دېمىگەنغۇ؟ قايسى كەسپنى تاللىدىڭىز؟- ۋەلىگاڭ ھەيرانلىقتا قىزنى سوئالغا كۆمۈۋەتتى. دىلفۇزە ئىچ-ئىچىدىن چىقىۋاتقان كۈلكىسىنى زورىغا بېسىپ:
- ئاخبارات كەسپى.
- تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەپ بېرىسىز ھەقىچان؟!
- سورىسىڭىز دەپ بېرەمە؟
- بولدى، سورىماي ئەمسە، يانفونىڭىزنى ئەكىلىڭە!- ۋەلىگاڭ شۇنداق دەپلا دىلفۇزەنىڭ قولىدىكى يانفونىنى ئالدى ۋە ئۆزىگە تېلېفون قىلدى.
- مانا ئەمدى بولدى، سەل تۇرۇپ بىكار بولغاندا تېلېفون قىلىمەن، بىللە تاماق يەيلى، شۇ چاغدا پاراڭلىشارمىز!
دىلفۇزە تېخىچە ئىنكاس قايتۇرالماي تۇرغان جايىدا قېتىپلا قالدى، ئەمما ئۇنىڭ تەبەسسۇم قىلغان لەۋلىرىدە بەخت يالتىرايتتى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قىزلار، تونۇشۇپ قالايلى! مەن تۇرپاندىن، ئىسمىم پەخرىيە، ئاخبارات كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن قەشقەردىن، رەيھانگۈل.
- مەن ئۈرۈمچىدىن، تۇمارىس.
دىلفۇزە قىزلارغا دوستانە كۈلۈمسىرەپ قويغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تونۇشتۇردى:
- مەنمۇ ئۈرۈمچىدىن، ئەمما بىزنىڭ ئاساسەن تۇغقانلىرىمىز تۇرپاندىن. ئىسمىم دىلفۇزە، مەنمۇ ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇماقچى.
پەخرىيە ئاقسېرىق كەلگەن، چېچىنى ئېگىزدىن بىر تال بوغۇۋالغان، يالاڭ قاپاق ئوماق قىز ئىدى، ئۇ دىلفۇزەنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم تۇرپاندىن دېگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، خۇددى ئۇزۇن مەزگىل ئۇچراشمىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندەك ھاياجانلىنىپ يۈگرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپ:
- ھەي، تۇغقانلىرىڭىز تۇرپاننىڭ نەرىدىن؟ ئۆزىدىنمۇ ياكى؟
- پىچان لۈكچۈندىن، سىز نەرىدىن؟
- مەن پىچان ئۆزىدىن.
تونۇشۇش مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز دىلفۇزەنىڭ يانفونى سايرىدى.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھە، مەنمۇ ئەمدى ئورۇنلىشىپ بولدۇم شۇ، ئون مىنۇتتىن كېيىن چىقاي دېگەن... ھەئە، كۆل بويىدا ئۇچرىشايلى! ماقۇل، خوش!
دىلفۇزە ياتاقنى تازىلاپ، ئېغىر-يېنىك نەرسىلەرنى جاي-جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغۇچە، ئۈستى-بېشىدىن تەر قۇيۇلۇپ كەتكەچكە، سۇس قىلىنغان گىرىمىنى بولسىمۇ سەل ئوڭشاپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ چىقىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك. ئەمدىلا رەتلەپ سېلىنغان كىيىم ئىشكابىدىكى كىيىملىرىنى قالايمىقان ئاختۇرۇپ، گۈللۈك ئۇزۇن كۆڭلىكىنى قولىغا ئالدى. ئۇنىڭ بەدىنىمۇ يۈز تېرىسىدەك شۇنچىلىك سۈزۈك ئاق ئىدى، ئۇ كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئىشىكىنى قايرىپ قويۇپ، ئايرىم ئېلىۋالغان پەردىسىنىڭ كەينىگە مۆكۈۋېلىپ، قىينىلىپ دېگۈدەك ئاران تەسلىكتە كىيمىنى يەڭگۈشلىۋالدى. قىزلار بەس-بەستە ئۇنىڭغا نارازىلىقى بىلدۈرۈشتى:
- ھەممەيلەن قىز بالا تۇرساق ئۇنچە مۆكۈنۈپ كىيىم ئالماشتۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوققۇ؟!
- بىزدىن ئارتۇق ياكى كەم يېرىڭىز بارمۇ يە؟ ھى ھى، چاقچاق ھە!
پەقەت پەخرىيەلا ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇراتتى، قىزارغان يۈزىگە قاراپ ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ئۇنى تېخىمۇ خىجىل قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى سەزگەنىدى. دىلفۇزە قىزلارغا كۈلۈمسىرەپ قويۇپلا:
- قىزلار خوش، كەچتە كۆرۈشەيلى!- دەپلا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشىگە، تۇمارىس رەيھانگۈلگە قاراپ ئاغزىنى ئۇچلايتىپ:
- پاھ، يامانغۇ، كېلىپلا كۆرۈشۈشكە چىقىدىغان گەپ!
- تېلېفون ئۇرغانغا قارىغاندا، بۇرۇنقى تونۇشى ئوخشايدۇ. دىلفۇزە ئۇنداق قىزلاردەك قىلمايدۇ! - پەخرىيە ئىچ-ئىچىدىن دىلفۇزەگە يان بېسىپ سۆز قىلدى.
«شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ خوڭخۇ كۆلى نەچچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بىر كۆل»، ھەي، ھازىرقىدەك گۈزەل مىنۇتلاردا، بولمىغۇر خىياللارنى ئويلىمايدىغان! دىلفۇزە ئۆزىنىڭ خىيالىنى ئۆزى باشقا ياققا بۇراپ ئۇششاق قەدەملەر ئېلىپ كۆل بويىغا كەلدى. ۋەلىگاڭ ئۇچىسىغا ئاق گاڭسار، ئاستىغا ئاقۇچ پادىچىلار ئىشتىنى كىيگەن بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى، بەستىنىڭ خېلىدىن بېرى چېنىققان يىگىتلەردەك تولغانلىقى، شۇنداقلا شەھەرلىكلەرگە خاس سۈزۈك چىرايى ئۇنى شۇنچىلىك جەلپكار كۆرسەتكەنكى، كۆل بويىدا ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ، ئايلىنىۋاتقان شوخ ياسانچۇق قىزلار ئۇنىڭغا قەستەن سوقۇلۇپ، تونۇشۇشنى ئىستەۋاتاتتى. ئۇ بولسا، قىممەتلىك سۆزلىرى تۈگۈل، گۆھەردەك تەبەسسۇمىنىمۇ ئۇلاردىن ئايىغاندەك قىلاتتى.
- بەك ساقلىتىۋەتتىممۇ؟
دىلفۇزە تۇيۇقسىز ۋەلىگاڭنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى، ۋەلىگاڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- ئەمدى ساقلاش باشلىنىدىغان ئوخشايدۇ ماڭا! ھېچقىسى يوق...
- شۇ، ئەمدى قىز بالا ئەمەسمۇ، سەل تۈزەشتۈرۈپ چىقمىسا بولمىغان.
- ھە، توغرا چۈشىنىشلىك!
ھەر ئىككىيلەن بىردەم راسا كۈلۈشتى، بۇ كۈلكىدىن ۋەلىگاڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بۇ ھۆر-پەرىدەك گۈزەل قىزنىڭ ھۆسنى جامالىنى نەچچە يىلدىن بۇيان كۆرۈشكە تەقەززا بولغاندەك، شۇنچىلىك تويماي باقتىكى، ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن دىلفۇزە خىجىللىق ھېس قىلىپ، نازۇك قوللىرى بىلەن يۈزىنى توسۇپ، باشقا ياققا قارىۋالدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بايا تىزىم ئالدۇرىۋاتقان چاغدا بۇ نەرسىڭىز چۈشۈپ قاپتىكەن، سىزنى ئاران تاپتىم،- تۇيۇقسىز بىر مودېللاردەك ياسانغان ئۇزۇن پۇتلۇق قىزدىن بىرى كېلىپ، ۋەلىگاڭغا قولىدىكى كارتىنى ئۇزاتتى. ۋەلىگاڭ دىلفۇزەگە قاراپ قويۇپ، سۇنۇلغان كارتىنى ئالدى-دە، ھەيرانلىق بىلەن:
- بۇ، بۇ مېنىڭ ئەمەس!
- ئۇنداق ئەمەستۇ، ئىسمىڭىز ئالىمجان ئەمەسما؟ قانۇن كەسپىدىنغۇ؟
- ياق، ئىسمىم ئابدۇۋەلى.
- ھە، كەچۈرۈڭ، شۇنداقتىمۇ تونۇشۇپ قالايلى، مەنمۇ قانۇن كەسپىنىڭ يېڭى قارار ئوقۇغۇچىسى، ساۋاقداشكەنمىز!
- ھە، بىلدىم،- ۋەلىگاڭنىڭ بۇ سوغۇق پوزىتسىيەسىدىن ئوساللاشقان قىز دىلفۇزەگە قاراپ ئالىيىپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
دىلفۇزە ئىچىدە كۆيۈۋاتقان رەشك ئوتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن قورقۇپ، قاقاقلاپ كۈلۈپ يوشۇرماقچى بولدى:
- ھا ھا ھا ھا، ۋوي، كېلىپلا قىزلارنى كەينىڭىزدىن يۈگرەيدىغان قىلىۋاپسىز ھە! مۇبارەك بولسۇن!
- نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز! ساۋاقداش دەيدۇ ئەنە! خاتا تونۇپ قاپتۇ.
- ئۇ قىزنىڭ ئەسلى سىز بىلەن تونۇشۇپ قالغۇسى بار، شۇڭا شۇنداق باھانە تاپقان گەپ!
- قىزلارنىڭ ھىيلىسى ئەجەب جىقكەن دېسە!
- ھە، شۇنداقمۇ؟ - دىلفۇزە قەستەندىن چىرايىنى بىردەمدە ئۆزگەرتىپ، ۋەلىگاڭدىن سورىدى، ئۇ:
-ياق، ياق ھەممىسى ئەمەس! سىزدەك سەمىمىيلىرىمۇ بارغۇ مانا!
- ھا ھا ھا، ھەي راست، بىر گەپ دەي دېگەن!
- نېمە گەپ ئىدى؟
- ئەمدى ئىسمىڭىزنى ئابدۇۋەلى دەپ ئاتاي ھە!
- ماقۇل، دېمىسىمۇ سىز بىر چوڭ ئاپام بولمىغاندىكىن مېنى ئەركىلىتىپ گاڭ دېمىسىڭىزمۇ بولاتتى ئەسلى!
- ھا ھا ھا ھا ... ساراڭ!
ئىككىيلەن تاماق يېيىش ئۈچۈن، مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىردى. ئەمدىلا كىرىپ ئولتۇرىشىغا، يىراقتىن پەخرىيەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. پەخرىيە دىلفۇزەنى ئەمەس، بەلكى ئابدۇۋەلىنى چاقىردى:
- ئابدۇۋەلى؟! ۋوي سەن قاچان كەلدىڭ؟ - ئۇ ئەمدى ئابدۇۋەلىنىڭ يېنىدىكى دىلفۇزەگە قاراپ تېخىمۇ ھەيران قالدى،- ۋاي ئاتتام، دىلفۇزە ئىككىڭلار تونۇشامسىلەر؟
- ھە، بىز بىر ئەۋرە تۇغقان كېلىمىز،- دېدى ئابدۇۋەلى جاۋابەن،- مەن تۈنۈگۈن كەلگەن ئۈرۈمچىگە، سەنچۇ؟
- ئۈچ كۈن بوپقالدىمىكى، ھەي دىلفۇزە، بايا ياسىنىپ چىقىپ كەتسىڭىز بىز تېخى يىگىتىڭىز بىلەن كۆرۈشەمدىكى دەپتىكەنمىز، ئەسلى ئابدۇۋەلىكەندە!
دىلفۇزە تېخىچە ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمىغانىدى. ئىككىيلەننىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرگە تاماق يېيىشى سۇغا چىلاشتى. پەخرىيە دىلفۇزەنىڭ يېنىدا، يەنى ئابدۇۋەلىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۇنى يەۋەتكۈدەك قاراپ ئولتۇراتتى. دىلفۇزە بۇ چاغدا ئالاھىدە كەمسۆز بولۇپ قالدى، پەخرىيە بولسا ئابدۇۋەلى ئىككىسىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا ئۈچ يىل ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇغانلىقى، شۇنداقلا، ئابدۇۋەلىنىڭ سىنىپ باشلىقى، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى ئىكەنلىكىنى، ئۆگىنىشتە داۋاملىق رىقابەتلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بەردى. ئابدۇۋەلى بولسا، بىردە- بىردەم دىلفۇزەگە قاراپ، تاماق يېيىشىنى بۇيرىغاندەك ئىشارەت قىلىپ ئولتۇردى. بۇ قېتىمقى كۈتۈلمىگەن ئۇچرىشىش دىلفۇزە بىلەن ئابدۇۋەلىنىڭ تۇنجى پاك مۇھەببىتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىرىنچى چېقىر تىكەننى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولدى.
بىرىنچى قىسمى: http://www.nur.cn/news/2015/08/238681.shtml
داۋامى كېلەر شەنبە كۈنى يوللىنىدۇ.