باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-25 02:55:16

‹‹ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

\


ئانار تەركىبىدە شېكەر، ئالما كىسلاتاسى، ۋىتامىن قاتارلىقلار مول بولۇپ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش ھەمدە باكتېرىيەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا كەيپىياتنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئانار مەستلىكنى يېشىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يېمەكلىك.

   جۇڭگو تېبابىتىدە، ئانارنىڭ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش ، قان توختىتىش رولى بار، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. تاتلىق ئانار ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، گال قۇرۇش، ئېغىز جاراھىتى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاچچىق ئانارنىڭ قان توختىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار، لېكىن جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىدىن كېلىپ چىققان ئىچ سۈرۈشنى ئانار ئارقىلىق داۋالىغىلى بولمايدۇ.

   ئانارنى كۆپ يېگەندە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، چىشى قارىداپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زۇكام بولغۇچىلار، جىددىي خاراكتېرلىك ياللۇغ، قەۋزىيەت ھەمدە دىيابېت بىمارلىرى ئانارنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك .

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2