باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! چۈشلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى يەكشەنبە
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

[نىيازى] مۇھەببەت بوسۇغىدا، نىكاھ تۆرىدە (2)

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-13 21:38:46

‹‹[نىيازى] مۇھەببەت بوسۇغىدا، نىكاھ تۆرىدە (2)›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

مۇھەببەت بوسۇغىدا، نىكاھ تۆرىدە (2)

  گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى

         بىزنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان چاغلىرىمىز ئىدى. مەن ئۇنىڭ چىرايىنى يەنىلا ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن، ئەمما ماڭا ساۋاقداشلار خاتىرىسىنى سۇنۇۋاتقان بالىنىڭ قەيسەر ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇنىڭ خاتىرىسىنى قولۇمغا ئېلىپ، ئىلھامىمنىڭ كەلگىنىچە يېزىشقا باشلىدىم:

     سالام، قەدىرلىك ساۋاقدىشىم قەيسەر:

     خۇددى ئۆزگىچە مۇڭلۇق بولغان بىر ناخشىنى تەكرار ئاڭلىغاندەك ئۆتكەن ئوقۇش ھاياتىمىزنىڭ دەل يېرىمى ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىز ئۈچۈن بىر ئارزۇ، ئالىي مەكتەپ بولسا بىر چۈش كەبىدۇر. ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتەلەمدىم يوق، بۇنىسى نامەلۇم. ئەمما ئىشىنىمەنكى ساۋاقداشلار مەيلى قەيەردىلا بولايلى، ئۈچ يىللىق بەزىمىزنىڭ توققۇز يىللىق مېھرىمىز ئۈزۈلمەيدۇ. 

    يۈرىكىم تۇيۇپ تۇرىدۇ، بەلكىم مۇشۇ قېتىمقى ئايرىلىش بىز ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىللىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ساڭا دەيدىغىنىم، سېنىڭ يېشىڭغا ماس كەلمەيدىغان سالماقلىقىڭ، گىتتار چالغان ھالىتىڭ، ۋاسكېتبول ئوينىغاندىكى چەبدەسلىكىڭ مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. مەن ساڭا قانداق تەسىرلەرنى قالدۇردۇم بۇنى ئۇقمىدىم. بەلكى مېنى پەقەت جىق گەپ قىلىدىغان، كۆزەينەكلىك ساۋاقدىشىم دەپلا ئەسلەپ ئۆتۈپ كېتىشىڭ ۋە ياكى ماقالە يازالايدىغان، رەسىم سىزالايدىغان ئەمما تەنتەربىيە دەرىسىدىن قاچىدىغان، موللاق ئاتسىلا يانغا قىيسىيىپ قالىدىغان كالاڭپاي دەپ ئويلىشىڭمۇ مۇمكىن. بوپتۇ، مەيلى مېنى قانداق سۈپەتتە ئەسلىگىن، ئىشقىلىپ ئۇنتۇپ قالما! ساۋاقداشلىق مېھرى دېگەن ئىنساننىڭ ئەڭ ساپ بولغان تۇيغۇسى ھېسابلىنىدۇ. 

                                                                    سېنى مەڭگۈ ئەسلەپ:

                                            ساۋاقدىشىڭ نۇرزىيە

     خاتىرىنى ياپتىم-دە، ئۆزۈمنىڭ خاتىرىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم:

    -مانا سېنىڭ پۈتتى، ئەمدى مېنىڭكىگە يېزىپ بەرگىن،-قولۇمدىكىسى سىنىپ بويىچە ئەڭ ئېسىل بىر ساۋاقداشلار خاتىرىسى ئىدى. چۈنكى مەن بۇنى گۇاڭجۇدا ئوقۇيدىغان نەۋرە ئاچامغا دەپ، ئاتايىن سالدۇرغان. باشقا ساۋاقداشلىرىم:«ۋاھ، زادى باينىڭ بالىسى دېگەن ئوخشىمايدۇ-ھە!؟»، «ۋۇييۇ! نەدىن ئالدىڭ؟ بۇ قېتىم مەن ئۈرۈمچىگە بارغاندىمۇ مۇنداقلىرىنى ئۇچراتمىدىم دېسە!» دېيىشىپ بىرسى بىر قېتىمدىن سىلىشىپ چىققانىدى. ئەمما قەيسەر كۈلۈپ قويۇپلا، قولۇمدىن ئېلىپ پارتىسىغا سېلىپ قويدى. بەلكىم سەل تۇرۇپ يازىدىغاندۇ، دېگەن ئويدا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدىم. 

     مەن ھەربىر تەنەپپۇستا تاساددىپىي ئوقۇتقۇچۇم چاقىرىپ ياكى سۇخانىغا چىقىپ قالمىساملا، خىيال سۈرۈپ تۇرىدىغان شۇ دېرىزە تۈۋىگە يەنە كەلدىم. نېمىلەرنى ئويلىغىنىم تازا يادىمدا يوق، ئۇنىڭ چىرايى يەنىلا شۇنداق غۇۋا، مەن پەقەت ئۇنى قەيسەر دەپلا بىلەتتىم. خىيالىمدا مەنمۇ ۋاسكېتبول مەيدانىدا، ئۇنىڭ توپ ئوينىشىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. ئۇ ھەر بىر ئېتىشىدا بىر گارغا توپ سالالايتتى. مەن ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن زوقلىنىپ ھاياجاندا قىن-قىنىمغا پاتماي كېتەتتىم. ئەمما تۇيۇقسىز ئۇ ۋاسكېتبول مەيدانىدا يىقىلدى، ئۇنى يۆلەشكە باراي دېسەم، پۇتۇمدا جان يوق، ھەرقانچە كۈچەپمۇ پۇتۇمنى مىدىرلىتالماي قالدىم. ئۇنىڭ بېشىدىن قان ئېقىۋاتاتتى، ئۇنىڭ قانلىرىنى يېنىدا تۇرغان بىر قىز ئاپئاق لۆڭگە بىلەن سۈرتىۋاتاتتى.... 

      -نۇرزىيە، ئويغاندىڭمۇ قىزىم؟- ئاپامنىڭ چاقىرىشى بىلەن كۆزۈمنى ئېچىپ، ئاستا ئەتراپىمغا قارىدىم. مەن يەنىلا شۇ دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن. ئۇف! نېمىشقىدۇر، بۇ چۈشنى مەن داۋاملىق كۆرۈۋاتقاندەك، ئاشۇ خاتىرىنى قولۇمغا ئېلىشىم، ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى شۇ يازغانلىرىمنىڭ ئەينەن كۆرۈنۈشلىرى ئېنىق ئېسىمدە. ھەرقېتىم چۈشۈمنىڭ ئاخىرىدا قەيسەر ۋاسكېتبول مەيدانىدا يىقىلىدۇ، مەن يېنىغا باراي دەيمەن، بارالمايمەن، باشقا بىر قىز ئۇنى يۆلەيدۇ. 

    مەن دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنۈم، ئەڭ يېقىن دوستۇم كامىلەمۇ ئۆيگە كەلدى. دوختۇر مېنى زىيادە چارچاپ كېتىپتۇ، قان ئاز، بەدەندە قۇۋۋەت يوق، شۇڭا ياخشى ئارام ئالغاچ، قۇۋۋەتلىك يەپ بەرسۇن دەپ تاپىلىدى. بۇ شەھەر بىزنىڭ يۇرتىمىز ئەمەس، ئەمما مېنىڭ بۇ يەردە ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرۇشۇمنى جاپا كۆرۈپ، ئۆيدىكىلەر چىداپلا بىر يۈرۈش چاققانلا ئۆي سېتىۋالغانىدى. شۇ ئۆيگە كىردۇق، ئاپام بىزگە تاماق ئېتىۋاتاتتى، كامىلە ئىككىمىز ھۇجرامدا ئولتۇرۇپ، پاراڭغا چۈشتۇق، پاراڭلىرىمىز ئارىسىدا ئۇنىڭ ۋە مېنىڭ ئورتاق تونۇشلىرىمىزدىن قەيسەر ۋە ئۇنىڭ شىركىتىدە مۇئاۋىن دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يەھيانىڭ گەپلىرى تولاراق چىقاتتى. قەيسەر ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى كامىلەگە ئايان، ئەمما يەھيانى كامىلە ياخشى كۆرىدۇ، ئوچۇق ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن ياخشى كۆرىدۇ جۇمۇ! 

    كامىلە- ئۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى مەكتەپدىشىم، ئۆزى گۈزەل قەشقەر دىيارىدىن، مىجەزى تولىمۇ يېقىملىق ئېسىل بىر قىز. چىرايىغىغۇ گەپ كەتمەيدۇ، راستىمنى دېسەم، كامىلە مەندىن تۆت ھەسسە چىرايلىق، تېرىسىمۇ شۇنداق سۈزۈك، ئۇنى كۆرگەن يىگىتلەر ئاۋۋال يۈزىگە كېيىن مىجەزىگە كۆيۈپ قېلىپ، بۇ ئوتتىن ئۆزىنى تارتىپ چىقىرالمىقى تەس!

     يەھيا- ئۇ قەيسەرنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى، شۇنداقلا شىركەتتىكى بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىغان بىردىنبىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك خىزمەتچىسى. ئۇنىڭ يۇرتى ئاقسۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم، بىز كۆپ ئۇچرىشىپ باقمىغان بولساقمۇ قەيسەرنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلىشىدىن مەندىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى شەكىللەنگەنىدى.

     - ئاداش،- دەيتتى كامىلە بىردە-بىردەملا،- سېنىڭچە يەھيا مېنى ياخشى كۆرەرمۇ؟ 

     - ئۇف، سوراۋەردىڭ بىر سوئالنى، مەندىن سورىماي، بېرىپ ئۆزىدىنلا سوراپ باقامسە يا؟

     - ھوۋۋۋۋ، ماڭە ۋاي، نومۇس قىلماي «يەھيا، سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟» دەپ سورامدىمما؟ ۋاي توۋا، ما يۈزۈمنى نەگە قويىمەن ئەمدى!؟

     - مەن سوراپ بېرەيمۇ ئەمسە؟ «يەھيا، سىز كامىلەنى ياخشى كۆرەمسىز؟» دەپ؟

     - كۆزۈم ئاجىز، ياخشى كۆرەلمەيمەن دېسە ھە؟ ھاھاھا...

     - پاھ، نېمدا قىززىق؟! ئۆزۈڭچە قىززىقچىلىق قىلغىنىڭما بۇ؟ يىغا تۇتۇپ كەتتىمۇ يا سېنى؟

     كامىلە قۇچىقىدىكى ياستۇقنى بېشىمغا ئاتتى، شۇنداق قىلىپ، ئىككىمىز بىردەم ياستۇق جېڭىگە قاتناشقاندىن كېيىن، چاچلىرىمىز چۇۋۇق ھالەتتە بىر-بىرىمىزگە قاراپ راسا كۈلۈپ پۇخادىن چىقتۇق. 

     كامىلە دەيدۇ:

    - يەھيا مېنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەكلا، ئاداش ساڭا دېسەم باغۇ قارا، يەھيانىڭ ئۆيىمۇ مۇشۇ قورودا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىشقا بارسام ئاتايىن ئىككى ئاپتوبۇس ئالمىشىمەن، ئاتايىن شۇ بىر يولدا ماڭارمەنمىكىن دەپ... ئەمما مەن ئۇنى بىرەر قېتىممۇ ئۇچرىتىپ باقمىدىم دېسە، تەقدىر ئەسلىدىلا بىزنى بىر جۈپ قىلىپ ئورۇنلاشتۇرمىغانمىكى يا؟! 

     مۇھەببەت دېگەن شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، مەن شۇ ناھىيىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، قەيسەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالارمەنمىكىن دەپ، يولنى ئۇزارتىپ مېڭىشلىرىمنى ئويلاپ، كۈلۈپ كەتتىم. ئەجىبا، كامىلەمۇ مەندەك ساپ بىر مۇھەببەتكە مۇپتىلا بولغانمىدۇ؟ ئەمما، مەندە شەكىللەنگەن مۇھەببەتنىڭ ۋاقتى دېگەن يەتتە سەككىز يىل بۇرۇنقى ۋاقىتلار ئىدى. ئۇ چاغلاردا بىز ئەڭ ياخشى يېرى بىر سىنىپتا ئىدۇق. مەن قەستەن ئۆچۈرگۈچۈمنى تاشلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن ئۆچۈرگۈچ سورايتتىم، يەرگە دەپتىرىمنى تاشلىۋېتىپ، ئۇنى ئېلىپ بېرىشكە سالاتتىم. ئىشقىلىپ، ئەڭ قىسقىسى ئۇ ماڭا گەپ قىلمىسىمۇ، كۈندە كۆرۈپ تۇرالايتتىم. ماۋۇ بىچارە بايقۇش، ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى ھەتتا نەچچە كۈنلەپ كۆرەلمەيدۇ ئەمەسمۇ!؟ 

    - ھەي، ساڭا بىر ياردەم قىلايمۇ؟ ئەمما سەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ماڭا بىر ئىشتا ياردەم قىلىسەن... قانداق؟

    كامىلە يەھيا ئۈچۈن ھۇجرامنى تازىلاپ، كىتاب جاھازىلىرىمنى رەتلەپ، يەنە تېخى ئاپاملار كەتكەندىن كېيىن كۆچۈپ كېلىپ، ماڭا كۈندە تاماق ئېتىپ بېرىدىغانمۇ بولدى. ئەلۋەتتە ئۇ ئىشەنچلىك بىر دوستتە!

    ئىككىمىز تەييارلىقلىرىمىزنى پۈتتۈرۈپ بولالماي ئىككى سائەت ئۆتتى، مانا دېيىشكەن ۋاقىتمۇ توشۇپ قالدى. كامىلە يەنىلا ئەينەك ئالدىدا ئۇ كىيىمنى، بۇ كىيىمنى سېلىشتۇرۇپ تۇرىدۇ:

    - ئاداش، مېنى ئالدىراتما ھە! خاپومماي ئاخىرقى قېتىم بىر دەۋېتە، جېنىم ئاداش!

    - ئۇف، مۇشۇ ئۇچاڭدىكى بولدى دېدىمغۇ؟! بىر چىرايلىق كىيىمنى يەنە ئالماشتۇرامسەن؟ 

    - خەقنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن بولمامدۇ شۇ؟! سېنىڭمۇ قەيسىرىڭ مۇقىم بولۇپ بولغان ئەمدى، شۇڭا قورقمايسەن!

   - ۋاي توۋا، ھەي سەن يەھيانىڭ سېنىڭ تاشقى قىياپىتىڭنىلا ياخشى كۆرۈشىنى خالامسەن ياكى؟

   - پەيلاسوپ خېنۈممممم، ماقا، ماقا، مانا قوپقويدۇم، ماڭايلى ھە! 

   پەلەمپەيدىن چۈشۈۋېتىپمۇ، ئۇ توختىماي مەندىن سورايتتى:

    - ئاداش، چېچىمنىڭ بىر يېرى بىر قاندا ئەمەستۇ؟ گىرىمىم جايىدىدۇ ھە؟

    - ھوۋۋۋ، ۋاي ئانامەي، كۆزۈڭنىڭ ئەتراپىنى سۈرتمىدىڭما؟ نېمدا لاك يۇقى بۇ؟

    - راستما؟ توختا ھە، مەن قاراي،- ئۇ سومكىسىدىن ئەمدىلا ئەينىكىنى چىقىراي دېيىشىگە كۈلۈپ تاشلىدىم:

    - ئۇف، ۋاي چاقچاق! بەك ئاشۇرىۋېتىدىكەنسە، ياسانچۇق!

    ئىككىمىز پەسكە چۈشكەندە ئۇلار ئاللىبۇرۇن ماشىنىدىن چۈشۈپ بىزنى ساقلاۋاتقان ئىكەن. يەھيا شۇنداق ئىللىق چىراي ھەم ئەدەبلىك بالا ئىدى، ئۇ ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ، بىزنىڭ چىقىپ بولۇشىمىزغا يېپىۋېتىپ، ئاندىن قەيسەرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇردى. قەيسەر ماشىنىنى قوزغىتىپ، ئەينەكتىن ماڭا قاراپ قويۇپ سورىدى:

    - ياخشى بوپ قالدىڭمۇ؟ كامىلە كۆچۈپ كەلگەندىن بۇيان خېلىلا خاتىرجەم بوپ قالدىم سەندىن،- ئۇ كامىلەنى ماختاش ئارقىلىق يەھياغا بۈگۈنكى مەقسەتنى پۇرىتىپ قويماقچى ئىدى. كامىلە بىردەمدىلا شۇنداق نازۇك كەمسۆز بىر قىزغا ئايلىنىپ قالدى، ئويلىساملا كۈلگۈم كېلىدۇ دېسە، ئۇ ۋىللىدە قىزىرىپ، مىيىقىدە كۈلۈپ قويغانىدى، مەن ئىچ ئىچىمدىن قىستاپ كەلگەن كۈلكىنى زورىغا بېسىپ، لېۋىمنى چىشلەپ ئولتۇردۇم.

    تاماق ۋاقتىدا قەيسەرنىڭ ماڭا ئالاھىدە كۆيۈنۈشلىرى، قىززىقچىلىق قىلىپ كۈلدۈرۈپ تۇرۇشلىرىدىن ئۆزىنى خېلىلا قويۇۋېتىپ ئولتۇرغان يەھيامۇ كامىلەگە كۆيۈنگەندەك مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا كامىلەنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتەتتىم، قەيسەر ماڭا «ئۇنداق چاندۇرما» دېگەندەك قىلىپ ئىشارەت قىلاتتى.

    يەنىلا قەيسەر جىق ئىش كۆرگەن، خېلىلا كاللىسى ئىشلەيدۇ، ئۇ:

    - يەھيا، شىركەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئېلان تەشۋىقات ئىشلىرىغا بەكرەك كۈچەپ قويىلى جۇمۇ!- يەھيا قولىدىكى پىيالىنى قويۇپ، قەيسەرنى قۇۋۋەتلىدى:

    - پىلانىمدا بار، داڭلىق تور بەتلەرگە ئېلان بېرەيلىمىكى دېگەن، ھازىر شۇ ئۇقۇشىۋاتىمەن، مۇۋاپىقلىرىنى تاللاپ ساڭا كۆرسىتەي!

    - ۋوي راست، مانا كامىلە دەل شۇ ئەڭ داڭلىق تور بېكەتتە ئىشلەيدۇ ئەمەسمۇ، نۇر تورى، نۇر تورى شۇنداققۇ ھە؟ 

    كامىلە يەنە قىزىرىپ بېشىنى لىڭشىتتى، مەن گەپ قىستۇردۇم:

    - ھەئە، كامىلە شۇ نۇر تورىنىڭ ئېلان بۆلۈمىگە مەسئۇل، ئېلان ئىشلىرى بولسا بىۋاستە كامىلەنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. 

    يەھيا بۇ قېتىم ھەيرانلىق بىلەن كامىلەنى تۇنجى كۆرۈۋاتقاندەك قاراپ كەتتى. ئۇلار بۇرۇن نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ باققان، ئەمما بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىپ باقمىغان ھەمدە تۈزۈك تونۇشلۇقمۇ بېرىشمىگەنىدى. كامىلەنىڭ مەڭزى ئاناردەك قىزىرىپ تۇرسىمۇ، خۇشاللىقتىن لەۋلىرى يۇمۇلماي قېلىۋاتاتتى. كۆزلىرىدىن بەخت نۇرى چاقناپ، تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. خوشلىشىدىغان چاغدا ئىككىسى بىر بىرىنىڭ ئىسىم كارتىلىرىنى ئالماشتۇرۇشتى. قەيسەر يەھياغا:

   - ئەمدى ئىزدىشىپ تۇرۇڭلار، بىر تونۇشۇڭ جىقلىسا بىر يولۇڭ ئېچىلىدۇ دەپتىكەن. ئۆمۈرلۈك يوللارمۇ ئېچىلىپ كېتەمدۇ تېخى ھە! - دەپ مۈرىسىگە يەڭگىل ئۇرۇپ قويدى. 

    

    داۋامى بار. 

  داۋامى ئەڭ ئاۋۋال نىيازىم تورىدا http://www.niyazim.com يېڭىلىنىدۇ. 

 



بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2