ھەر قېتىم يامغۇر ياققان چاغدا يامغۇردا يالغۇز مېڭىش ماڭا ئادەتكە ئايلانغان ئېدى . بۇ قىلىقىمدىن باشقىلار ‹ يامغۇردا جېنى يايرايدۇ بۇنىڭ › دەپ زاڭلىق قىلىشاتتى ، ئۇلار نېمىنى چۈشۈنىدۇ ؟ بۇنى پەقەت ئۆزەملا بېلىمەن . مەن يامغۇردا يۈرسەم خۇددى ئۇ قېشىمدا پەيدا بولغاندەك ، بىر -بىرىمىزنى قولتۇقلىشىپ يامغۇر سەيلىسى قىلىۋاتقاندەكلا بىلىنىدۇ . يامغۇرنىڭ بىر خىل رېتىمدا شىۋىرلاپ يېغىشى خۇددى قاغجىرىغان يۈرىكىمدىن چىقىۋاتقان سېغىنىش مۇقاملىرىمنىڭ تەڭكەش مۇزىكىسىدەك بىلىنسە ، يۇپۇرماقلار يۈزىدىكى تامچىلار بولسا شۇ مۇقامدىن تۈكۈلگەن ئادىمىلىك دۇردانىلىرىدەك تۇيۇلاتتى .
1.
ماشىنىنىڭ يىلان باغرى كەتكەن يولدا كېتىۋاتقىنىغا 4 سائەت بۇلۇپ قالدى ، دېرىزىدىن سىرتقا تىكىلىپ قارىغىنىمچە كىتىپ باراتتىم . يول بۇيىدىكى گۈزەل مەنزىرلەرمۇ مېنى ئۆزىگە تارتالمايتتى . گەرچە كۆزۈم دېرىزە سىرتىدا بولغىنى بىلەن خىياللىرىم ئاللىقاچان ئاشۇ توپىلىق مەھەللەمدە ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇينىغان ئالمىلىق باغلاردا ئېدى . مەھەللەمگە ئاياق باسمىغىلى مانا ھەش- پەش دېگىچە 8 يىل بوپتۇ . ‹ بىزنىڭ ئوينىڭ كەينىدىكى قېرى جىگدە دەرىخى ھازىرمۇ بارمىدۇ ؟ ئىليار نېمە ئىشلار بىلەن يۈرگەندۇ ؟ ئۇ توي قىلغانمىدۇ ؟ دەريا بۇيىدىكى تېرەككە ئۇيۇپ قويغان ئىسمىمىز ھازىرمۇ بارمىدۇ ؟ ناۋادا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالسام قانداق قىلارمەن ؟ تۇنىمىغانغا سېلىپ ئۆتۈپ كېتەيمۇ ياكى ئۇنىڭغا 8 يىلدىن بېرى مۇشۇ كۈننى كۈتىۋاتقىنىمنى ئېيتايمۇ ؟ ›
مۇشۇنداق خىياللار بىلەن ئاپتۇۋۇزنىڭ بىكەتكە كىرگىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن . يېنىمدىكى ئايالنىڭ ‹ ئاي خېنىم كەلدۇق ، ماۋۇ ئۇزۇن يولدا مۇڭدىشىپ زېرىكمەي ماڭامىزمىكىن دېسەم ، دېرىزىدىن كۆزىڭىزنى ئۈزمەيلا ئولتۇردىڭىز ، تەبىئەت گادىيى ئەمەستۇرسىز › دېگەن قوپال ئەمما يۇمۇرىستىك سۆزلىرىگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ قۇيۇپلا ، يۈك -تاقلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ماشىنىدىن چۈشۈشكە تەمشەلدىم .
—ھەدە ، ماۋۇ سومكا سىزنىڭمۇ ؟
كەينىمدىن چىققان بۇ ئاۋازدىن ئىتتىك كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ،16 ياشلار چاممىسىدىكى بىر قىز ماڭا كۈلۈمسىرگىنىچە بىر سومكىنى تۇتۇپ تۇراتتى .
— ياق سىڭلىم ، بۇ سومكا مېنىڭ ئەمەس ، بەلكىم يېنىمدا ئولتۇرغان ھەدەشنىڭ بۇلىشى مۇمكىن ، ھەي ھەدە ... ھەدە سۇمكىڭىز ، — دېدىم ماشىندىن چۈشۈپ كېتىۋاتقان بايامقى ئايالغا .
— ھە ، قارىمامسىز ماۋۇ ئۆيدىكىنى كۆرۈپلا سومكامنىمۇ تاشلاپ ماڭغىنىمنى ھى ھى ھى
بۇ ئايالنىڭ قىزىقچىلىقىدىن ئاپتۇۋۇزدىكىلەرمۇ تەڭلا كۈلۈشتۇق .
ئەمما ئاپتۇۋۇزدىن چۈشۈپلا ئالدىمدا تۇرغان ئىيارنى كۆرۈپ ، نېمە قىلىشىمنى بىلمەيلا قالدىم .توۋا ، مۇشۇنداقمۇ تاسادىبىلىك بۇلامدۇ ؟ يەنە تېخى بايام يېنىمدا ئولتۇرغان ئايالنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان يىقىنچىلىقىدىن ‹ بىزنىڭ ئۆيدىكى › دېگىنىنى چاقماق تېزلىگىدە چۈشۈنىپمۇ يەتتىم .
ئىليار مېنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى بولغاي ، ھەيرانلىقتىن كەينىگە مۈدۈرلۈپ كەتتى . يۈرىكىم قانچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ ھېجرانىدا پۇچىلانغان بولسا ،مانا ھازىرقى بۇ رىياللىقتىن تېخىمۇ پۇچىلانماقتا ئېدى . مەن يۈك تاقلىرىمنى سۆرەشتۈرۈپ بۇ يەردىن تېزراق كېتىشكە ئالدىردىم . ئەمدى ماشىنا توساپ ، چىقاي دەپ تۇرسام كەينىمدىن ئىنتايىن تۇنۇش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى .
— گۈزەلئاي بۇ سىزمۇ ؟ توختاپ تۇرىڭە ...
قەدەملىرىم جايىدىلا توختاپ قالدى ، شۇنچە يىل ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان يىقىملىق ئاۋاز ، كۆزلىرىمگە سۈرتكىدەك بولغان ئاشۇ نۇر يىغىپ تۇردىغان چىراي ماڭا يىقىنلاپ كەلمەكتە . مانا ئىككى قەدەم ، بىر قەدەم ...
مەن چىداپ تۇرالماي كەينىمگە ئۆرۈلدۈم . كۆزلىرىمدىن تۈكۈلۋاتقان ياشلىرىمنى يۇشۇرۇپمۇ ئالالمىدىم . ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزەمنى شۇنداق ئاتقۇم كەلدىيۇ ، ئەمما يەنىلا ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم .
—ئىليار ، ياخشى تۇردۇڭىزمۇ ، — ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ تەسلىكتە مۇشۇ گەپنىلا قىلالىدىم .
— توۋا ، بۈگۈن چۈش كۆرمىگەندىمەن . بۇ ... بۇ ... ئەستا ! شوپۇر ئۇستام بىر دەم ساقلاپ تۇرامسىز ، مەن ئاۋۇ سىڭلىمنى ماشىنىڭىزغا سېلىپ قۇياي . سىزنى مەن ئاپىرىپ قۇياي گۈزەلئاي ...
—بولدى ئىليار ، سىز ئۆز ئىشىڭىزغا بېرىۋېرىڭ ، ئايالىڭىز ساقلاپ قالدى .
— نېمە ئايالىڭىز ؟ ۋاي نېمە دەيدىغانسىز ، ئۇ بايامقى يېنىمدا تۇرغان ئاغىنەمنىڭ ئايالى ، مەن سىڭلىمنىڭ ئالدىغا چىققانتىم ، قارىڭە ئۇياقتا تۇرغان سىڭلىم ئاسىيە بۇلىدۇ ، تۇنۇيالمىدىڭىزما ؟
ئەسلىدە بايامقى قىز ئىليارنىڭ سىڭلىسى ئاسىيە ئىكەن . شۇنچە يىللاردىن بېرى بۇ ئۇماققىنە بودەك قىز بوي تارتىپ ، ئەمدىلىكتە كۆزنىڭ يېغىنى يىگىدەك گۈزەل قىزغا ئايلىنىپ كەتكىنىدىن راسلا تۇنۇيالماي قالغان ئىكەنمەن .
ئىليار يەنىلا بۇرۇنقىدەك تېتىك كۆرۈنەتتى ، گەرچە يىللار ئۇنىڭ نۇر يېغىپ تۇرىدىغان چىرايىغا نۇرغۇن ئىزنالارنى سالغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم يەنىلا بۇرۇنقىدەك جىلۋىلنىپ تۇراتتى .
ئۇ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي سىڭلىسىنى بايامقى تاكسىغا سېلىپ قۇيۇپ ، مېنى ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن ماشىنىسىنى قوزغاتتى .
— توغرا گۈزەلئاي ، سىزنى كىمنىڭكىگە ئاپىرىپ قۇياي ؟
— موماملارنىڭ ئۆيىگە .
— نېمە ؟ ئۇ ئۆيدە ھازىر ئادەم بولمىسا ؟
— بۇنى بىلىمەن ، ئەمما شۇ ئۆيگە بارغىم بار ، كىچىكىمدىن شۇ ئۆيدە چوڭ بولغان ئېدىم ، سىزمۇ بىلىسىز ئۇلاردىن باشقىمۇ ئۇرۇق -تۇققىنىم يوق .
— لېكىن ئۇ ئۆيدە ئادەم تۇرمىغىلى خېلى يىللار بۇلۇپ كەتتى . ئادەم يوق ئۆينىڭ قانداق بۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى بەلكىم ..
مەن ئىليارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ باياتىدىن ئاران تەستە تۇتىۋاتقان توۋغۇنىم بىراقلا ئېلىپ ، كۆزلىرىمدىن ياشلار چېلەك بىلەن قويغاندەك تۈكۈلىشكە باشلىدى . ئىليارمۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى بولغاي ،ماشىنىسىنى توختۇتىپ ؛
— گۈزەلئاي ، ناۋادا مېنى يەنىلا بۇرۇنقى ئىليار دەپ بىلسىڭىز ، سىزنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇياي ، ئۇ يەرگە بارىمەن دېسىڭىز ئاپىرىمەن ، لېكىن كۆرۈپ بۇلۇپ ياتاققا قايتىپ كېلىڭ . ھازىر بۇ ناھىيەدىمۇ ئۆزگىرىش زور ، نۇرغۇن جايلارنى چېقىپ بولدى . مومىڭىزنىڭ ئۆيىمۇ بۇلتۇر چېقىلىپ ، ئورنىغا بىنا ئۆي چۈشۈپ كەتتى .
مەن ئۈمتسىزلىك ئىچىدە ئىليارغا قارىدىم ، ماڭا شۇنداق قىلماقتىنمۇ باشقا ئامال يوق ئېدى ، ماقۇللىقىمنى بىلدۈرۈپ بېشىمنى لېڭشىتىپ قويدۇم .
ئىليارنىڭ تەبەسسۇملۇق چىرايى بىلەن مۆلدۈرلەپ تۇرغان ئوتلۇق كۆزلىرى ئەمدىلىكتە ئېيتقۇسىز بىر خىل ئازاپتا ماڭا تىكىلدى . ۋىسال تەشنالىقىدا رەتسىز سوقۇۋاتقان يۈرىكىم شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئازاپ ۋە خوشاللىقنىڭ ئاچىلىدا تىپچەكلىمەكتە . 8 يىلدىن بۇيان ئىچىمگە سېلىپ كېلىۋاتقان ئازاپلىرىم ، شۇنداقلا تاقىتى تاق بولغان سېغىنىشلىرىم بۈگۈن بىراقلا ئېغىز ئالغاندەك ئۆزەمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ تۇتىۋالالمىدىم ، گويا كەينىمدىن بىرى ئىتتىرگەندەكلا ئىليارنىڭ باغرىغا ئۆزەمنى ئېتىپ ھوڭرەپ يىغلاپ كەتتىم .
2.
مەن ئېسىمنى بىلسەملا بوۋام بىلەن موماملارنىڭ ئۆيىدە تۇراتتىمكەن . ئاتا-ئانامنىڭ كېملىكىنىمۇ بىلمەيتتىم . مومام ماڭا سىز كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئۇلار ماشىنا ھادىسىدە تۈگەپ كەتكەن دېگەنتى . كىچىك ۋاقتىلىرىمدا بۇ سۆزگە ئىشىنىپلا يۈرەتتىم . تۇرمۇشىمىزمۇ بوۋامنىڭ تېرىغان ئىككى مو يېرىگە تايىنىپ جان باقاتتۇق . مەكتەپ يېشىغا توشقان يىلىم ، بوۋام قۇلۇمدىن يېتىلەپ مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى . بۇ مەكتەپ لاي بىلەن سۇۋالغان ئىككى كورپۇس ، ئىشىك -دېرىزىلىرىنىڭ ئەينەكلىرىمۇ يوق دېيەرلىكلا كونا ئۆيلەر ئېدى . مەن كىرگەن سىنىپتا 9 نەپەر بالا بۇلۇپ ، ئىليارمۇ شۇ سىنىپتا ئېدى . سىنىپىمىزدا توت دانە كونىراپ كەتكەن پارتا بىلەن ئولتۇرسىڭىز غىچىرلاپ ئۆرلۈپ چۈشكىدەكلا ئۇزۇن ئىككى كىشلىك ئۇرۇندۇقتىن تۆتىسىلا بار ئېدى . 9 بالىغا تۆت ئورۇندۇق ، تۆت پارتىنى قانداق تەقسىملەشتە مۇئەللىمنىڭمۇ بېشى قېتىۋاتقاندەك قىلاتتى . بۇ چاغدا ۋىجىككىنە كەلگەن بۇغداي ئوڭلۈك خوشنىمىزنىڭ قىزى ئايگۈل ؛— مۇئەللىم گۈزەلئاي يەردە ئولتارسۇن ، - دېدى ماڭا ئالىيىپ قاراپ . كىچىككىنە سەبى قەلبىم مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنىلا باشقىلارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچۇردى . مۇئەللىم ھەيرانلىق بىلەن ؛— نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز ؟ — ئۇ دېگەن ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق . — بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ ، — دېدى مۇئەللىممۇ ئايگۈلگە تەربىيە بېرىپ . — مەن ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق ئەمەس ، دادام -ئاپاملار كىچىك چېغىمدا تۈگەپ كەتكەن ، — دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي .— ئاپام سېنى بوۋاڭ مەسچىتنىڭ ئالدىدىن تېپىۋالغان دەيدۇ . — يالغان ...مەن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يىغلىغىنىمچە سىنىپتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم . كەينىمدىن مۇئەللىم چىقىپ ، ‹ ئۇلارنىڭ قالايمىقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭ › دەپ بەزلەپ سىنىپقا ئېلىپ كىرىپ ، ئىليار ، ھەنىپە لەر بىلەن بىر پارتىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى . ئىليار بىزنىڭ مەھەللىدىكى سودىگەر مەمەت شاڭخەينىڭ ئوغلى ئېدى . ئۇنىڭ دادىسى بىر قېتىم شاڭخەيگە بېرىپ كىلىشى بىلەن مەھەلىدىكىلەر ئۇنى مەمەت شاڭخەي دەپ ئاتايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىكەن . ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالى مەھەلىدىكىلەردىن ياخشى ئېدى . شۇڭا ئۇ دائىم ماڭا قەلەم ، ئۆچۈرگۈچلىرىنى بېرەتتى . بالىلار مېنى‹ يىتىم ئوغلاق› دەپ چاقىرسا ، ئۇ مەن تەرەپتە تۇرۇپ ئۇلارنى تىللايتتى . مەن نېمىشقا ئۇنداق قىلىسەن دېسەم ‹ مەن ئەسلىدە قوش كېزەك ئېكەنمەن ، بىر سىڭلىم باركەنتۇق ، ئەمما تۇغۇلۇپ 3 كۈندىن كېيىن تۈگەپ كېتىپتىكەن ، سېنى شۇ سىڭلىمغا ئوخشۇتىمەن › دەپ جاۋاپ بەرگىنى ھازىرمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇراتتى .مەن مومامدىن ئاتا -ئانام توغرۇلۇق يەنە نەچچە رەت سورىغان بولساممۇ ، مومام يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا جاۋاپ بەرگەن ئېدى . شۇڭا بالىلارنىڭ مېنى ‹يىتىم ئوغلاق› دەپ ئاتاشلىرىغىمۇ كۈنۈپ كەتتىم .كۈنلەر ئايلارنى ، ئايلار يىللارنى قوغلىشىپ باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ ئەلا نەتىنجە بىلەن پۈتتۈردىم . مەھەللىمىزدىكى بۇ مەكتەپتە ئوتتۇرا مەكتەپ بولمىغاچ ، ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى . بىر كۈنى كېچىدىكى مومامنىڭ ئۆكسۈپ يىغلىغان يىغا ئاۋاز ىدىن ئۇيغۇنىپ كەتتىم . — مەيلى قانداق جاپا تارتساقمۇ بالىنى ئوقۇتساق بۇلاتتى دادىسى ، بىزمۇ ياشىنىپ قالدۇق ، ئۇ بىزدىن قالسا يا بىر ئۇرۇق -تۇققىنى بولمىسا ، قانداقمۇ قىلار ؟!—مېنىڭمۇ شۇنداق ئوقۇتقۇم بار ، ئۇنىڭ چېچەن ئەقىللىقلىغىغا قارىمامسەن ، ئۇنى تاشلىۋەتكەن ۋاپاسىز ئاتا -ئانىسىغا ئىلگىرى مىڭ لەنەت ئوقۇغان بولساممۇ ، ئەمما ھازىر گۈزەلئاينىڭ بۇنداق ئەقىللىق ، ئىش بىلىدىغان قىز بۇلۇپ چوڭ بولغىنىنى كۆرۈپ ، ھازىر ئۇلارغا رەھمەت داۋاتىمەن . قارىغىنا ئۇنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئۆي ئىشلىرىغا قوللىرىنىڭ ئەپلىك كېلىشلىرىنى ، يەنە تېخى ئېتىز ئىشلىرىمغىمۇ ئوغۇل بالىدەك ياردەملىشىدۇ . — شۇنى دېسىلە دادىسى ، بىز يۇرتنى تاشلاپ قېچىپ چىقىۋالغىنىزغىمۇ 40 يىل بۇلاي دەپتۇ ، بۇ جەرياندا ئاز جاپالارنىمۇ تارتمىدۇق ، ئەمما بىرلا ئۈكۈنىشىم بار ، ئۇ بولسىمۇ سىزگە بالا تۇغۇپ بېرەلمىدىم . مومامنىڭ مىچىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ دېگەن بۇ سۆزلىرىدىن مەھەلىدىكى بالىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مېنى ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق دەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك قىلدىم ، ھەم شۇنداق خورلۇق ھېس قىلدىم ، شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ھەتتا چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ، ئاتا-ئانام بولغۇچى ئىنسان ئاتلىق كىشىلەرگە بىر خىل نەپرەت ، كىچىككىنە سەبى قەلبىمنى قاماللىدى . — نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن موماي ، ھېچقىسى يوق ، خۇدايىم مانا بىزگە گۈزەلئاينى بەردىغۇ ، ئۇنى ئۆز كۆز قارچۇغاڭنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ چوڭ قىلدىڭ ، مەن بىلەن جاپادىمۇ تەڭ يۈرۋاتىسەن . شۇنچە يىلاردىن بېرى گەرچە ئاتا-ئاناڭنى ، يۇرتنى سېغىنغان بولساڭمۇ ، مېنى دەپ بىرە قېتىم ئالدىمدا ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلىپ باقمىدىڭ ، بەزىدە كۆزلىرىڭدىكى ھارغىنلىقتىن ئەينى چاغدىكى قىلغان يەكۈنىمدىن پۇشايمەنمۇ قىلىپ قالىمەن . لېكىن سەن بىرەر قېتىممۇ مەندىن نارازى بۇلۇپ باقمىدىڭ . ساڭا يا راھەت ياشىغىدەك تۇرمۇشمۇ ئاتا قىلالمىدىم . كونىلارنىڭ ‹ ئاتا رازى خۇدا رازى › دېگىنى توغرىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە . ناۋادا ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ سەن بىلەن بىرگە بولغان بولسام ، بەلكىم كۈنلىرىمىزمۇ بۇنچىلىك غۇربەتچىلىكتە ئۆتمەسمىكىن . ئىشقىلىپ سېنى بەكلا جاپادا قويدۇم . كىچىككىنە قەلبىم بوۋام دېگەن سۆزلەرنى تازا چۈشۈنىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما مومامنىڭ ئىسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ ‹‹ مەن سىلىدىن رازى دادىسى ›› دېگەن سۆزلىرىدىن ئۇلارنىڭمۇ مەن ھېس قىلىپ كېتەلمەيدىغان نۇرغۇن ھېكايىلىرىنىڭ بارلىقى چىقىپ تۇراتتى . — ئەتە گۈزەلئاينى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيايلى . مەن ئېتىزدا باشقىلارنىڭ پاختىسىنى تېرىپ بولسىمۇ ئۇنى ئوقۇتىمەن دادىسى ،— دېدى مومام بىر ھازادىن كېيىن ئۇلۇغ كىچىك تېنىپ . — ماقۇل ، ئەتە ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيايلى ، ھاياتلا بولسام ئۇنى ئوقۇتۇپ ، كېيىن ئۆز نېنىنى ئۆزى تېپىپ يىگىدەك قىلىپ قۇيۇپ ، بۇ ئالەمدىن كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق . — شۇنداق قېلىلى ...بوۋام بىلەن مومام جىمىپ قېلىشتى . بەلكىم بوۋام قۇرلۇش ئورنىدا خىش كېسەك توشۇپ ، مومام بولسا باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىدا پاختا تېرىپ چارچىغان بۇلىشى مۇمكىن . مەن خېلى ۋاققىچە ئۇخلىيالمىدىم ، كاللامدا نۇرغۇنلىغان ‹ نېمە ئۈچۈن › لەر جاۋاپ تاپالماي يا يىغلاشنى يا كۈلۈشنى بىلمەيتتىم . ئەتىگەندە مومامنىڭ يېرىلىپ يىرىكلىشىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن چېچىمنى مېھرىبانلارچە سېلىشىدىن كۆزۈمنى ئاچتىم .— تۇرىڭە قىزىم ، مەكتەپكە بارىمىز .— موما ، بىر گەپ قىلسام خاپا بۇلامسىز ؟— ۋۇتتان ، شەيتان قىزنىڭ گەپلىرىنى ، قېنى دەڭە ، نېمە گەپتى ؟— مومام مېنى ئەركىلىتىپ مەڭزىمنى چىمداپ قويدى . — مەن مەكتەپكە بارمايمەن .— نېمىشقا ؟— سىلەرنى كۈندە كۆرەلمەيدىكەنمەن ئۇ يەردە — ئارانلا بەش كۈن كۆرەلمەيسىز قىزىم . جۈمە كۈنى بوۋىڭىز بېرىپ قايتۇرۇپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ ؟!— ياق ، بارمايمەن . مېنىڭ ئوقۇغۇم يوق موما ، سىزگە ياردەملىشىپ مەنمۇ پاختا تېرىمەن . جىق پاختا تېرىپ سىزگە ھەم بوۋامغا يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىمەن موما ! — رەھمەت بالام رەھمەت ، ئەمما مەكتەپتە ئوقۇسىڭىز ، كېيىن كادىر بۇلىسىز ، ئۇ چاغدا بىزگە كىيىملا ئەمەس ، چوڭ ئازادە ئۆيلەرنىمۇ ئېلىپ بېرەلەيسىز ئەمەسمۇ ؟!— راستلا مەن ئوقۇسام كادىر بۇلامدىم ؟— ئەلۋەتتە ، سىز دېگەن ئەقىللىق قىز تۇرسىڭىز ..........شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىن باشلاپ ناھىيىدىكى ئوتتۇر مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇشنى باشلاپ كەتتىم . ئىليارمۇ مېنىڭ كەلگىنىمدىن تولىمۇ خوشال بولدى . ئىككىمىز دائىم بىرگە دەرس تەكرار قىلاتتۇق . ئۇ ماڭا شۇ يىللاردا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى . مەنمۇ بوۋام بىلەن مومامغا ئېغىرلىقىمنى سالماسلىق ئۈچۈن كۈندە بىر ۋاقلا تاماق يەيتتىم ، باشقا چاغلاردا ئۆيدىن ئەكىلۋالغان نان بىلەن چاي ئىچەتتىم . بوۋام مېنى ياخشى تاماق يىسۇن دەپ تاماق پۇلى بېرىپ تۇراتتى ، ئەمما مەن مومامغا ‹ سەن ياققان نان مەكتىۋىمىزدىكى ئېسىل تاماقلارغا يەتمەيدۇ › دەپ ھەر ھەپتىدە قايتىپ كەلگۈچە ناندىن نەچچىنى سومكامغا سېلىۋالاتتىم . كەچلىكى نان بىلەن قايناقسۇ ئىچىپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرگەن ئىليار ، ئاشخانىدىن تاماق ئەپچىقىپ ئۇنىمىساممۇ ئۇنىماي ماڭا بېرەتتى . ئۇنى شۇ چاغلاردا ئۆز ئاكامدەكلا تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم . ئوقۇشتا ھەر ئىككىمىز سېنىپنىڭ ئالدىدا ماڭاتتۇق ، سىنىپ مەسئۇلىمىز مېنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمدىن خەۋەردار تاپقاندىن كېيىن ، نۇرغۇن جەھەتتە ماڭا ياردەم قىلىپ . كىتاپ پۇلىنىمۇ مەندىن ئالمايدىغان بولدى . ئاخىرى تۇلۇقسىزنىمۇ ياخشى نەتىنجىلەر بىلەن پۈتكۈزۈپ ، ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىم مەكتىۋىگە ئىمتىھان بەردىم . ئىليار تۇلۇق ئوتتۇردا بىللە ئۇقۇپ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرەيلى دەپ شۇنچە گەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما جاپاكەش بوۋام بىلەن مومامنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇلارنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ يۈكىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغان ئېدىم . ئىمتىھاننىمۇ شۇنداق ياخشى بەرگەن ئېدىم ، ئەمما ‹ دېھقاننىڭ بالىسى ھامان دېھقان بۇلىدۇ › دەپ ، شۇنچە تەلمۈرۈپ كۈتكەن چاقىرىق قەغىزى ماڭا ئەمەس ، بەلكى سىنىپىمىزدىكى مەندىن ئوقۇش جەھەتتە خېلىلا تۆۋەن ئۇقۇيدىغان خوشنىمىزنىڭ قىزى ئايگۈلگە كەلدى . مەن ھېچ چۈشىنەلمەي مۇئەللىمنىڭ يېنىغا بارسام ، مۇئەللىم بىر ئوھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن ؛— گۈزەلئاي ، سىز ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپسىز ، ھېچقىسى يوق يەنە بىر يىل قايتىلاپ ئوقۇسىڭىز بۇلىدۇ ،— دېدى . بوۋام بىلەن مومامنىڭ شۇنچە جاپادا مېنى ئوقۇتقىنىنى ئويلاپ ، ئۇلارغا بۇ خەۋەرنى قانداق ئېيتىشنى بىلمەي بېشىم ساڭگىلغان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ، بوۋام بىلەن مومام تەڭلا ئالدىمغا چىقىپ — ھېچقىسى يوق قىزىم ، بىز سىزنى ئەيىپلىمەيمىز ، سىز ئەسلىدە ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەن ، ئەمما ... ھەي بولدىلا قىزىم . بولغىلىق بوپتۇ . كېلەر يىلى يەنە بېرىڭ ، بىز سىزنى قاچان ئىمتىھاندىن ئۆتكىچە ئوقۇتىمىز . ئۇلارنىڭ بۇ مېھرىبانلىقىدىن پاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم .
3مانا بۈگۈن قۇلۇمغا چاقىرىق قەغىزىنى ئالغان ھاياتىمدىكى ئەڭ بەخىتلىك كۈنىم ئېدى . ئىچ -ئىچىمدىن چىقىۋاتقان ھاياجان ھەم خوشاللىقىمنى يۇشۇرۇشقا ئاجىز ئېدىم . بىردەم بوۋامنىڭ بوينىغا خۇددى كىچىك چاغلىرىمدەك ئېسىلسام ، بىردەم مومامنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ، ئۇنىڭ يول -يول قوۋرۇق باسقان يۈزلىرىگە چوكىلدىتىپ سۈيەتتىم . تۇرمۇش غۇربەتچىلىكىدە چاچ -ساقاللىرى ۋاقىتسىز ئاقىرىپ ، ئېغىر جىسمانى ئەمگەكتىن بەللىرى مۈكچىيىپ قالغان بوۋامنىڭ كۆزلىرىدىن خوشاللىق ھەم ھاياجان ياشلىرى ئاشۇ ئاپپاق ساقاللىرىنى بويلاپ ئاقماقتا ئېدى . ئالدىمدا تۇرغان بۇ پەرىشتە سۈپەت ئاق كۆڭۈل ،كۈيۈمچانلىرىم ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئوقۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتىم . شۇ ئاخشىمى ھاياجاندىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئېدى ، ‹ ئىليار بۇ خوش خەۋىرىمنى ئاڭلىغانمىدۇ ؟ ئاڭلاپ قانچىلىك خوش بولغاندۇ ؟ قانىتىم بولسا ئېدى ئۇچۇپ بېرىپ بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا يەتكۈزسەم ، ئۇ چوقۇم خوشاللىقىدا ئىككى قۇلۇمدىن تۇتۇپ چورگىلەپ سەكرەپ كېتىدۇ › دېگەن تاتلىق خىياللاردىن ئۆزەمچە پىسىڭڭىدە كۈلۈپمۇ قۇياتتىم . ئەسلىدە ئالدىنقى يىلى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكىمنىڭ سەۋەبى باشقىلار تەرىپىدىن غەرەزلىك ئالماشتۇرۋېتىلگەنلىكىمنى ئىلياردىن ئاڭلىغىنىمدا ، ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىم بىراقلا سوۋۇپ كەتكەن ئېدى . ئەمما بوۋام ، موماملارنىڭ قاتتىق تۇرىشى ھەم ئىليارنىڭ ئاكىلارچە قىلغان نەسىھەتلىرى بىلەن مەكتەپ قوينىغا قايتا قەدەم باسقان ئېدىم . بۇ بىر يىل جەريانىدا ئىليار ماڭا روھى ئۇزۇق بولدى دېسەممۇ بۇلاتتى . چۈنكى مومام بىلەن بوۋامنىڭ ئاشۇ كېچىدىكى سوھپىتىنى تولا ئويلايدىغان ، ئادەملەرنىڭ رەززىللىكىدىن ئۇھ تارتىدىغان بۇلۇپ قالغان ئېدىم . ئىليار دەرىستىن چۈشۈپلا مېنى ئىزدەيتتى ، سۇلغۇن چىرايىمغا قاراپ ھە دېسە يۇمۇر ئېيتىپ كۈلدۈرەتتى . ئۇنىڭ ھاياتقا ، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈتلۈك سۆزلىرى مېنىڭ قاراڭغۇ يولىمنى يۇرۇتۇپ ، ئۈمۈتسىزلىككە تولغان سەلبى قەلبىمدە ئۈمۈت چىراقلىرى پىلدىرلاپ ، روھلىنىپ تېتىكلىشىپ قالاتتىم . تاڭ سەھەر ... ئۇپۇق تەرەپ سۈزۈلۈپ ئاقىرىشقا باشلىدى ، خۇددى غايىپ بىر قول تۈننىڭ قارا پەردىسىنى ئاستا سېرىپ ئېچىۋاتقاندەك ، قارامتۇل تاغلار ، ئىگىز -پەس تۇرخۇنلار ، دەل -دەرەخلەر بىرمۇ -بىر نامايەن بۇلىشقا باشلىدى . گىرىمسەن تاڭ نۇرى ئۇلارنى سۈيۈپ ئويقىدىن ئۇيغاتماقتا ...مەن بۈگۈن بۇ توپىلىق مەھەللەمنىڭ تاڭ مەنزىرسىنىڭ بۇنچىلىك گۈزەللىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىشىم ئېدى . تاڭ مەنزىرسىگە زوقلانغان ھالدا ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى قېرى جىگدە دەرىخى ئالدىغا كېلىپ ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئالدىم . يىقىنلا يەردىن ئاياق تېۋىشى ئاڭلاندى . ئىتتىك بۇرۇلۇپ كۈلۈمسىرىگىنىچە كىلىۋاتقان ئىليارنى كۆرۈپ خوشاللىقىمدا ۋاقىرۋەتكىلى تاسلا قالدىم . — بۇنچە ئەتىگەندە جىندەك بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن ئىليار ؟— مېنى خوشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولما دىمەكچىمۇ سەن ؟ — ھە سەن خەۋەر تېپىپسەندە ؟ مەن تېخى قانداق بولغاندۇ دەپ كېچىچە تىت -تىت بۇلۇپ چىقتىم .— ئەلۋەتتە خەۋەر تاپىمەندە ، بۇ كىچىككىنە مەھەللىدە بۇنداق خەۋەرنىڭ بىردەمدىلا ھەممە ياققا تارقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى سەنمۇ بىلىسەن ، ئاخشام كەچتە ئاڭلاپلا كەلگەن ئېدىم ، ئەمما ئۆيىڭلەرگە شۇنچە كەچتە كىرىشكە پېتىنالماي ، خېلىغىچە سىرتتا ئايلىنىپ يۈرۈپ قايتىپ كەتتىم . سېنى تەبرىكلەيمەن گۈزەلئاي . سەن ئۈچۈن بەكمۇ خوشال بولدۇم . ئىليار شۇنداق دېگىنىچە بىر تۇتام ياۋا گۈلنى ماڭا ئۇزاتتى . — ۋاھ ، نىمانداق چىرايلىق !— ياقتۇردۇڭمۇ ؟— ئەلۋەتتە !— سېنى دەپ قاق سەھەردە ئېتىزمۇ -ئېتىز يۈرۈپ ئۈزۈپ كەلدىم . — رەھمەت ساڭا ، ناۋادا مېنىڭ ئۆز ئاكام بولسىمۇ بەلكىم سەنچىلىك قىلماس بولغۇيتتى . مېنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈپ ، نىمىگە ئامراقلىغىمنى سەنلا بىلىسەن . — ياق گۈزەلئاي ، مەن ئەمدى ساڭا ئاكا بولمايمەن .— بۇ نېمە دېگىنىڭ ، ياكى ئاپاڭ ساڭا سىڭىلدىن بىرنى تۇغۇپ بەردىمۇيا ؟— ئەخمەق قىز ، كىينچە چۈشۈنىپ قالىسەن . بولدى مەن قايتاي ، ئۆيدىكىلەرگە تۇيدۇرمايلا چىققان ئېدىم . كەچتە سېنى مۇشۇ يەردە ساقلايمەن . خوش !ئىليار شۇنداق دېگىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپلا تېز -تېز مېڭىپ كىتىپ قالدى ، ئۇنىڭ چەبدەس قەدەملىرىدىن چىقىۋاتقان توپىغا قارىغىنىمچە ، بايامقى گېپىنى ئويلاپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم . ‹ ئەجىبا ئىلياردىمۇ مەندەك ، ئۆزەممۇ چۈشەنمەيدىغان تۇيغۇلار پەيدا بۇلۇپ قالغانمىدۇ ؟ ياكى بۇ كىتاپلاردا تەسۋىرلەنگەندەك مۇھەببەتمىدۇ ؟ › دېگەن خىياللار بىلەن ئاستا ئۆيگە قاراپ ماڭدىم . شۇ كۈنى كۈن تولىمۇ تەستە كەچ بولدى ، كۆزلىرىم يولغا تەلمۈرەتتى ، قەدەملىرىم ئىختىيارسىز مېنى قېرى جىگدە دەرىخى تەرەپكە سۆرەيتتى . نەچچە رەت ئەينەككە قاراپ ، ئۆزەمدە بولىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ئىزدەپ باقتىم . قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز ئىنتىلىش ئۇخچۇپ ، ۋۇجۇدۇم ئىسسىق بىر سىزىمدە بىھۇشلىناتتى . تەققازالىق بىلەن كۈتكەن كەچمۇ بولدى ، تامىقىمنى مومامنىڭ زورلىشىغا قارىماي چالا -بۇلا يەپلا ، ئېغىلدىكى بار -يوقى بىرتاللا قويىمىزغا ئوت ئەكىرىشنى باھانە قىلىپ ئويدىن چىقتىم . خۇددى بوۋامنىڭ ناخشىسىدەك يۈرەكنى ئېزىدىغان مۇڭ بىلەن شىۋىرلاپ سوقۇپ تۇرغان مەيىن شامال ، تاغ باغرىدىكى بۇ خىلۋەت يېزىنى كېزىپ يۈرەتتى . شالاڭ يانتاق ،قۇمۇش ئۆسكەن توپىلىق دۆڭلەرنىڭ باغرىلىرىدا ، قاغجىراپ ياتقان توپىلىق يوللارنىڭ قىرلىرىدا ئۆسكەن ياۋا گۈللەرنىڭ ئۇسسۇزلىقتىن تۈكۈلگەن بەرگىلىرى توزغاقلارغا قوشۇلۇپ ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچاتتى ، ئوتلاقتىن قايتقان پادىنىڭ ئايىغىدىن توزىغان توپىدىن ئاققۇچ تۇمانغا قاپلانغان مەھەللە پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ ئاجىز نۇرىغا يۆلەنگەن ھالدا سوزىلىپ ياتاتتى . مەن يىراقتىنلا ئىليارنىڭ جىگدە دەرىخىگە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خوشاللىقىمدا يۈگۈرۈپلا باردىم . ئەمما ئۇ مېنىڭ يېنىغا كەلگىنىمنى سەزمىدى بولغاي ، كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىككەن ھالدا خىيال سۈرۈپ ئۆلتۇراتتى . — نېمىنى خىيال قىلىپ كەتتىڭ ئىليار ،— دېدىم مەن ئۇنىڭ مىسكىن چىرايىغا قاراپ .— ھە كەلدىڭمۇ گۈزەلئاي ، ھېچنىمە ، كېلە بۇ يەردە ئولتۇرە .— ھېچنىمە دەيسەنغۇ ، قارىغىنە ئەپتىڭگە .—شۇ ...شۇ ...— ۋاي ۋۇي ، تېلىڭنى چاينىماي گاچ -گاچ دېگىنە ، بىرە ئىش بولمىغاندۇ ساڭا ؟— ياقەي ! شۇ سەن ئوقۇشقا كىتىپ قالساڭ ، سەندىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئويلاپ مۇشۇنداق ...— نەدىكى گەپنى قىلمىغىنە ، مەن ئوقۇشقا كەتسەم ئولگىلى كەتمەيمەنغۇ ؟!—ئەمما سېنى باشقىلار بوزەك قىلمىسۇن دەپ ئەنسىرەپچۇ ؛—ئۇنداق بولمايدۇ ،سەندەك ئاكام بار يەردە مېنى كىم بوزەك قىلالايتتى ، - دېدىم مەن قەلبىمدە ئۇلغۇيۋاتقان ئىزتىراپلىق خىياللىرىمنى يۇشۇرۇپ .ئىليار ئويچان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرۇپ ، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن قوللىرىمنى مەھكەم قىستى-دە ، مېنى ئالدىغا تارتىپ ئوتلۇق باغرىغا باستى . شۇ تاپتا يۈرىكىم گويا قېپىدىن قاڭقىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك ، كۆكرەك قەپەسلىرىمگە كۈچلۈك سوقماقتا ، تۇمۇرلىرىمدا قانداقتۇر بىر ئىللىق ئېقىم يامراپ ، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا كۈچلۈك ماگما ھاسىل قىلماقتا ، ئۇنىڭ باغرىدىن چىقىۋاتقان كۈچلۈك بىر ئوت - يالقۇن پۈتكۈل جىسمىمنى سىماپتەك ئېرىتىپ كۆيدۈرمەكتە ئېدى . 4ئوقۇشقا كېلىۋالغىنىمغىمۇ ئىككى ئايدەك بولدى ، بۇ جەرياندا ئىليار بىلەن كۈندە دېگىدەك خەت ئالاقە قىلىپ يۈردىم . خېتىمىزنىڭ مەزمۇنى بولسا ئوقۇش ھەم سىنىپىزدىكى قىزىقارلىق ئىشلار توغرۇلۇق ئېدى . مەن ئۇنىڭ ئالى مەكتەپكە چوقۇم ئۆتىشىگە ئىشىنەتتىم . ئۇمۇ ماڭا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ ،ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈشىمنى تەكىتلەيتتى . گەرچە خەتلىرىمىزنىڭ مەزمۇنى شۇنداق بولسىمۇ ئەمما بىر -بىرىگە تەشنا بۇ يۈرەكلەرنىڭ ئۈنتىنسىز سېغىنىشلىرىنى بىلىۋالغىلى بۇلاتتى . ئۆزەمنى بەختلىك ساناپ كېلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلىمىز تۇيۇقسىز مېنى ئىشخانىسىگە چاقىرىپ ؛— گۈزەلئاي ، بوۋىڭىزنىڭ كېسىلى ئېغىركەن . دەرھال ئۆيىڭىزگە قايتىڭ ،— دېدى جىددى قىياپەتتە . مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم .‹ بوۋام مەن ماڭغاندا ساپ-ساقلا قالغان تۇرسا ، قانداقسىگە كېسىلى ئېغىر بۇلۇپ قالىدىغاندۇ ؟ › دېگەن خىيال كاللامدا چاقماق چاققاندەك پەيدا بۇلۇپ ‹‹ بوۋا !›› دېگىنىمچە سىرتقا يۈگۈردىم . مەھەللە دوقمىشىدىن قايرىلىپلا گويا چوڭقۇر قېقىلغان قوزۇقتەك ، پۇتلىرىمنى بىر قەدەممۇ يۆتكىيەلمەي كۆزلىرىمنى چەكچەيتكىنىمچە تۇرۇپ قالدىم . دەرۋازا ئالدىدا قېرى -ياش بىر توپكىشى باشلىرىنى ساڭگىلاتقان ھالدا تۇراتتى . ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرگەندەك بولۇپ ، يۈرىكىم بىردىنلا ئەنسىز ئېغىپ كەتتى . ئالدىمدا توساتتىن پەيدا بولغان ئىليارغا ئېسىلغىنىمچە ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم .ئەسلىدە بوۋام مېنى ئوقۇشتا ئىقسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ ، كۈندۈزى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىسە ، كېچىسى باشقىلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغۇرۇپ تىنىم تاپماي ئىشلەپتىكەن ، شۇ كۈنىمۇ كېچىچە يەر سۇغۇرۇپ ،ئەتتىگەندە قۇرلۇش ئورنىدا يوغان بىر تال لىمنى كۆتۈرىشىگە سەمتۈرلۈپ يىقىلىپ ، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ، دوختۇرخانىگە ئاپارغىچىلا جان ئۈزگەن ئىكەن . بوۋامنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى بىلەن ، مېنىڭ دارىلمۇئەللىمدە ئوقۇپ ، ئوقۇتقۇچى بۇلۇشتەك ئارزۇلىرىم سۇ ئۈستىدىكى كۈپۈكتەكلا غايىپ بولدى .مەھەللە ئىش باشقۇرۇش كومىتىتنىڭ كادىرلىرى ئەھۋالىمنى مەكتەپكە ئىنكاس قىلىپ ماڭا ئوقۇش ياردەم پۇلى بىجىرىپ بېرىشكە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ ، ئەمما ياشىنىپ قالغان مومامنى تىكەندەك يالغۇز تاشلىغۇم كەلمىدى . شۇڭا ئىليارنىڭ نەسىھەتلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي مەكتەپتىن چىكىندىم . شۇندىن بۇيان بۇ ئائىلىنىڭ ھەم ئوغلى ھەم قىزى بۇلۇپ ، ئىككى مو يېرىمىزگە چامامنىڭ يېتىشىچە ئىشلىگەندىن باشقا ، باشقىلارنىڭ ئېتىز ئىشلىرىغا كۈنلۈك ئىشلەپ ، مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم . مومام بوۋام كەتكەندىن بۇيان تولىمۇ جىمغۇر ، كۆزىدىن ياش قۇرىمايدىغان بۇلىۋالدى . بەلكىم ، شۇنچە يىلدىن بېرى ئىناق، ئىجىل ئۆتكەن ھەمرايىنىڭ بىرەمۇ ئۇرۇق -تۇققىنى يوق بۇ يۇرتقا بىزنى تىكەندەك قالدۇرۇپ كېتىشى ئېغىر كەلگەن بۇلىشى مۇمكىن . مەنمۇ كىيىنكى كۈنلىرىمىزنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم . ئىليار ھەر ھەپتە مەكتەپتىن كەلگەندە يېنىمغا كىلىپ ماڭا تەسەللى بېرەتتى . كۈنلەر شۇ تەرىقىدە داۋام قىلىپ مانا ئىليارنىڭمۇ ئالى مەكتەپكە ئۆتكەنلىك خەۋىرى پۈتۈن مەھەللىگە پۇر كەتتى .
5.ئىليارمۇ مەكتەپكە ماڭغىلى ھەش -پەش دېگىچە يېرىم يىل بۇلاي دېدى ، كۈنلىرىم ئۇنىڭ خېتىغا تەلمۈرۈش ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى . بىر كۈنى خوشنىمىزنىڭ مومامغا دېگەن گەپلىرىدىن سېغىنىشقا تولغان قەلبىمنى قورقۇش ، ئەنسىرەش چىرمىۋالدى . شۇ كۈنى ئېتىزغا قىر چاپقىلى ماڭغان ئېدىم ، بوۋامنىڭ مەمەت قارىم دەيدىغان بىر قەدىناسى بوۋام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ، ئېتىز -ئېرىق ئىشلىرىمىزغا ئوغۇللىرى بىلەن ھەمدەمدە بۇلاتتى . شۇ كۈنىمۇ مەمەت بوۋام ئېتىزغا قىر چېپىش ئۈچۈن ئەتىگەندىلا ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كەپتىكەن ، ئۇلار بىلەن ئېتىزغا ماڭغان ئېدىم . ئەمما مەمەت بوۋامنىڭ ‹ چۈشتىمۇ ئېتىزدا چاي ئىچىپ ئىشنى تۈگۈتىپلا قايتىلى › دېگەن سۆزى بىلەن ئۆيگە نان ، چاي ئېلىۋېلىش ئۈچۈن كىرگەن ئېدىم ، ئىشىكنىڭ يېنىغا كىلىشىمگە مومام بىلەن مەمەت بوۋامنىڭ ئايالى سارىخان مومامنىڭ قىلىشقان گەپلىرى ،مېنى ئىشىك ئالدىدا توختۇتىپ قويدى . — گۈزەلئايمۇ چوڭ بۇلۇپ قالدى ، قىز بالا دېگەن پاختا ئىچىدىكى ئوت ، تېزراق بىرەسىگە بېرىپ ، خاتىرجەم ئولتۇرماملا خوشنام !—داۋاتاتتى سارىخان مومام . — بالا تېخى كىچىك سارىخان ، بۇ ئىشنى تېخى كىيىنچەرەك ئويلىساممۇ كېچىكمەسمەن .— ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن ھازىرقى ياشلار بەكلا يامان ، ئاۋۇ تۆۋەنكى مەھەللىدىكى ئايشەمخاننىڭ قىزى 16 گە كىرگەن تېخى ، نەچچە كۈندىن بېرى مەھەللىدە ئۇ قىزنى توي قىلماي تۇرۇپ قوسىقى يۇغۇناپ قاپتۇ دەپ سۆز -چۆچەكلەر ئېقىپ يۈرىيدۇ . شۇڭا مەنمۇ ياخشى كۆڭلۈم بىلەن سىلىگە داۋاتىمەن . — مەنمۇ ياخشى كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم خوشنام ، قىز بالىنىڭ غېمى يامان بۇلىدىكەن ، ئەمما مۇۋاپىقراق كىم بار دەيسىز بۇ مەھەللىدە ، يىراق يەرگە بېرىشكە كۆزۈم قىيمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ياتلىق قىلۋەتسەم تىكەندەكلا يالغۇز قالىمەن ،رەھمەتلىك بوۋاي دائىم ماڭا ‹ قىزىمىزنىڭ تويىنى چوڭ قىلىپ ، ئەل -جامائەتكە بارلىق بىساتىمنى بولسىمۇ چىقىرىپ داستىخان سالىمەن › دەيدىغانتى . ئەپسۇس بۇ كۈنلەر نېسىپ بولمىدى . گۈزەلئاينىڭ كىشىنىڭ كۆزىنىڭ يىغىنى يىگىدەك چوڭ بۇلىۋاتقىنىغا قاراپ ، كېچىلىرى بۇ ئىشنى ئويلاپ كۆزۈمگە ئويقۇمۇ كەلمەيدۇ ، يىقىنراق يەر بولسا كۆزۈمنىڭ ئەتراپىدا يۈرسە ياخشى بۇلاتتى . . . — مەھەللىدىكى ئەمىتاخۇننىڭ ئوغلى سىلىچە قانداق بۇلا ؟ ناۋادا ماقۇل كۆرسىلە بۇ ئىشلارنى ئۆزەملا جۆندەيمەن . — ھېلىقى بىر پۇتى ئاقساپ ماڭىدىغان ئوغلىنى دەملا سارىخان ؟— ھە ، بۇ بالا مىيىپ بولغىنى بىلەن بەكلا يۇۋاش ، گۈزەلئاينى ھەرگىز بوزەك قىلالمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلە شارايىتى خېلىلا ياخشى ، گۈزەلئاي ئۇ ئائىلىگە كىرسە ، قوساقتىن ، كىيىم -كېچەكتىن غەم قىلمايدۇ .— ئەمما تۇتقاق كېسىلىمۇ باركەن دەپ ئاڭلايمەنغۇ ؟— ۋاي ئۇ كېسىلى ناگاندا @ بىر قوزغىلارمىش ، ھازىر يۇۋاش بالىلارنى تاپماق تەس ، سەل چارچاڭ بۇلۇپ قالسا ، جۈمەلىكىڭ تولا بۇلۇپ كەتتى ، ھە دېسە موماڭنىڭكىگە قاترايسەن دەپ مۇشتىنى تەڭلىسە ، ۋاي خۇدايىم ئۇ خاپىچىلىقنى بۇ قېرىغان جېنىڭىزدا نەدە كۆتۈرۈپ يۈرىيلا ؟!— ئەمما قىزىم بۇنىڭغا قۇشۇلماسمىكىن ، ھازىر نىكا ئەركىنلىكى دەپ ، بالىلار ئالىمەن دېگەننى ئالىدىغان ، تېگىمەن دىگەنگە تىگىدىغان بۇلۇپ كەتتى . بۇرۇنقى بىزلەرنىڭ زامانىمىزدا چوڭلار نېمە دېسە شۇ ئېدى خوشنام . تەگمەيمەن دەپمۇ ھەددىمىز ئەمەس ئېدى . ھەي ... ھازىر بالىلار بەختلىك جۇمۇ !— ۋاي نېمىسىنى دەيسىز ، ھازىر شۇ نىكا ئەركىنلىكى دەپ ئۆزلىرى تاپقانغا تېگىپ ،ئالىمەن دېگەننى ئېلىپ ، ئىككى كۈن ئۆي تۇتمايلا ئاجىرشىپ يۈرمەمدۇ ئەنە ! چوڭلارنىڭ كۆرگىنى كۆپ بۇلىدۇ ، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ تېگى -تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ، ئوبدان ئادەملەردىن بولسا ئاندىن ماقۇللىقىنى بىلدۈرىدۇ . ھازىر ياشلار شۇ ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ تېگى -تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەيلا كۆيدۈم -پىشتىم دېيىشىپلا توي قىلىشىدۇ . بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقىرىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس خوشنام . — ئۇ دېگەنلىرىغۇ راست ، قىزىم گۈزەلئاينىڭ بەختىنى كېچە -كۈندۈز خۇدايىمدىن تېلەۋاتىمەن . پىشانىسى پۈتۈلگەن بولسا بۇلا ، بولمىسا ئۇنىڭغىمۇ ئىلاجىمىز يوق سارىخان . — ئەمىسە سىز گۈزەلئايدىن سوراپ بىقىڭ ، ئاندىن بۇ ئىشنى دىيىشەيلى . گۈزەلئايغۇ بەكلا ئوڭ ياخشى قىز ، چوقۇم گېپىڭىزنى يارمايدۇ . — ماقۇل ، مەن كەچتە بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىپ باقاي ، قېنى نېمە دەيدىكىن ؟!— ئەمىسە مەن ئەتىگىچە يەنە كېرەمەن ، خوش مەن چىقاي !— خوش ئەمىسە . مەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىليار بىلەن قىلغان ۋەدەمنىڭ ئاسانغا توختۇمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ھوجۇدۇم ئازاپلىق تىترەپ كەتى . ئەمما پاك مۇھەببىتىمدىن بۇنداقلا ۋاز كېچىشكە يۈرىكىم يول قويمايتتى ، شۇڭا ناۋادا مومام بۇ گەپنى قىلىپ قالسا قەتئىلىك بىلەن رەت قىلىش توغرۇلۇق ئويلىنىپمۇ قويدۇم .ئىش ئەمگەكلەر قىزىغان ، ئەمگەك ناخشىلىرى ئۈزۈلمەي ئېيتىلىپ ، ھارغىن دىللارغا غەيرەت ، جاسارەت ئاتا قىلغان قايناق بۇ كۈنمۇ ئاخىرلىشىپ ، بىپايان زىمىنغا گۈگۈم پەردىسى يېيىلغان چاغدا ئېتىزدىن قايتىپ كەلدۇق . مومام ئۇچاققا ئوت يىقىپ ، كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئېدى . مەن كىلىپ ئۇچاق بېشىدىكى ئوتۇنلارنى ئۇشتۇپ ئۇچاققا سالغاچ ،مومامنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتتۈم . ئەمما مومام خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ماڭا بۇ توغرۇلۇق گەپ قىلمىدى . تاماقمۇ يىيىلىپ ،قاچا- قۇچىلارنىمۇ يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ ، ئارام ئالاي دەپ ياتسام ، مومام ئاستا بېشىمغا كىلىپ ئولتۇردى ؛— قىزىم سىزدىن سوراپ باقسام ، كەلگۈسىدە قانداقراق يىگىتكە ياتلىق بۇلاي دەيسىز ؟ ئارزۇيىڭىزنى ماڭا دىيىشنى خالامسىز بالام ؟— ۋاي -ۋۇي موما ، مەن تېخى يىگىرمە ياشقىمۇ كىرمىسەم ، نېمە ئۇ توينىڭ گېپىنى قىلىپ كەتتىڭىز ؟!— ياق ئەمدى دەيمەنغۇ قىزىم ، قىز بالا دېگەن ھامان تالانىڭ ئادىمى دەپ سىزنى ھېچكىمگە بەرگىم بولمىسىمۇ ، لېكىن يەنىلا بىر كۈنى ئۇچۇپ كېتىسىز يېنىمدىن ، ئەمما سىزنىڭ قانداق ئويلىرىڭىز بار بىلىپ باققىم كىلىۋاتىدۇ . — موما ، مەن ئەتتىگەن سارىخان مومام بىلەن دېيىشكەنلىرىڭلەرنى ئاڭلاپ قالدىم ، مېنىڭ ئۇ ئابلىز بىلەن توي قىلغۇم يوق . — ۋۇي شەيتان قىز ، ئەسلىدە ئوغرۇلىقچە قىلىشقان گەپلىرىمىزىنى ئاڭلىۋاپسىز-دە!— ياق موما ، مەن ئوغرۇلۇقچە ئاڭلىمىدىم ، توغرا كىلىپ قالدى شۇڭا ئاڭلاپ قالدىم ، مەن تېخى كىچىك ، يەنە كىلىپ توي قىلمىساممۇ قىلمايمەنكى ، سىزنى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمەن . — رەھمەت بالام ئىنساۋىڭغا ، لېكىن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىلار چوڭ بولسا ياتلىق قىلىش ، ئۆيلەش مەجبۇرىيىتى بار ، ئەمما مەن سىزنى ھەرگىزمۇ مەجبورلاپ بىرسىگە توي قىل دېمەيمەن قىزىم . بۇنداق مەجبۇرلاش مېنىڭ بېشىمدىنلا كەتسۇن ،— مومام شۇنداق دېگىنىچە مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى .—ۋاي -ۋۇي موما ، مەن توي قىلمايمەن بولدى ، يىغلىمىڭە ، خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن ھەرگىز سىزنىڭ ھەم رەھمەتلىك بوۋامنىڭ يۈزى تۆكۈلدىغان ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەيمەن . — ساڭا ئىشىنىمەن قىزىم ، ئەمما قىز بالا دېگەن ئاجىز بۇلىدۇ . خۇدايىم ساقلىسۇن بالام ، مەنمۇ سېزىپ تۇرۋاتىمەن ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئىليار بار ، شۇنداقمۇ ؟— موما ... سىز ،—مەن قىزارغىنىمچە ياتقاننى تارتىپ بېشىمنى ياتقاننىڭ ئىچىگە تىقىۋالدىم . — خىجىل بولماڭ قىزىم ، مەن بۇنى خېلى بۇرۇنلا ھېس قىلغان بالام ، ئىليار ياخشى بالا ، ئاتا-ئانىسىمۇ شۇنداق ياخشى كىشىلەر ، ئەمما ئۇ ھازىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۇ يېزىغا كەلمەي ، شۇ چوڭ شەھەرلەردە قالامدۇ تېخى !— ياق موما ، ئۇ قايتىپ كىلىدۇ ، مەن ئۇنى ساقلايمەن . —راست ساقلامسىز ؟ —راست موما ، ئۇ ماڭا كىچىكىمدىن ياردەم قىلىپ كەلدى ، كىچىك ۋاختىمدا مەكتەپتە بالىلار مېنى ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق دەپ ھاقارەتلىسە ، ئۇ ئۇلار بىلەن تەڭ تۇراتتى . ناھىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىمۇ ماڭا جىق ياردەملەرنى قىلغان . —بۇلارنى بىلىمەن ، ئەمما بەش يىل ئوقۇپ كەلگىچە كىم بىلىدۇ قىزىم ، شەھەرلىك بىرەسىنى تېپىۋالامدۇ تېخى ، ئۇنداق بولسا سىزگە بەكلا ئازاپ بۇلىدۇ . —مەن قانچە ئازاپ چەكسەممۇ ، ئىليار بىلەن بىللە بۇلىدىغانلا ئىش بولسا ماڭا ھېچقانچە ئىش ئەمەس موما . —بارىكاللا قىزىم ، مۇھەببەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى تارتقان جاپا مۇشەققەتلەر ئالدىدا ھېچ گەپ ئەمەس . ئەمىسە سىزنى مەجبۇرلىمايمەن . خۇدايىم پىشانىڭىزگە ئىليار پۈتۈلگەن بولسا رېسقىڭلار قوشۇلار . مەنمۇ كېچە -كۈندۈز سىزنىڭ بەختىڭىزنى خۇدادىن تېلەۋاتىمەن ...—ۋۇي موما ، قارىسام گەپلىرىڭىز ئىچىدە گەپ باردەكلا قىلىدۇ ، قېنى ماڭا سۆزلەپ بېرىڭە ، بوۋام بىلەن ئىككىڭلار مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانمۇ ؟—ھوي شەيتان قىز ، ئۇ چاغلاردا مۇھەببەتلىشىش نېمە قىلسۇن قىزىم ، دەپ بەرسەم گەپ تولا ، ئىشقىلىپ مەنمۇ شۇ بوۋىڭىزغا تېگىمەن دېسەم ، ئۆيدىكىلەر قوشۇلماي ، باشقا بىرسىگە ياتلىق قىلماقچى بولدى ، يىغلاپ قاھشاپ يالۋۇرۇپمۇ باقتىم ، ئاتا -ئانامغا گەپ ئاڭلىتالمىدىم ، بوۋىڭىز شۇ چاغلاردا تولىمۇ قاۋۇل يىگىت ئېدى ، ئۇمۇ مېنىڭ باشقىلارغا ياتلىق قىلىشىمغا چىداپ تۇرالمىدى . ئاخىرى توي كۈنى كېچىدە بوۋىڭىز مېنى توينىڭ مەشرىپى قىلىۋاتقان يەردىن ئېلىپ قېچىپ كەتكەن . مانا شۇ قاچقانچە تا ھازىرغىچە مەن ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا بارىمەنمۇ دەپ باقمىدىم ، ئۇلارمۇ كىيىن بىزنىڭ نەدىلىكىمىزنى بىلىپتۇ ، ئەمما مەندەك قىزىمىز يوق دەپ مېنى يوق قاتارىغا چىقىرۋېتىپتۇ . شۇندىن بېرى بوۋىڭىز بىلەن ئىككىمىز ياققا -يۇرتلاردا يۈرسەكمۇ ئىككى بىلىكىمىزگە تايىنىپ ، تۇرمۇشنىڭ بەختىنى سۈرۈپ كەلدۇق . مال -دۇنيا ، بايلىقىمىز بولمىسىمۇ ، ئىككىمىزنىڭ بىر -بىرىمىزگە سادىق مېھرى -مۇھەببىتىمىز بار ئېدى قىزىم ، ئەمما بوۋىڭىز مەندىن بۇرۇن كېتىپ قالدى ! مېنىڭمۇ كۆرىدىغان كۈنىم ئاز قالدى ، شۇڭا كۆزۈمنىڭ مىدىراپ تۇرغان ۋاقتىدا ، سىزنى ياتلىق قىلىپ ، بىرەسىنىڭ پىشىگە ئېسىلدۇرۇپ قۇيۇپ كەتسەم ئارمىنىم يوقتى . سىز ئەمدى ئىليارنى ساقلايمەن دەپ تۇرۋالسىڭىز مېنىڭمۇ ئامالىم يوق قىزىم . مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتۈلگەن ئىش مېنىڭ بېشىمدىنلا كەتكەي . —رەھمەت موما ، مېنى چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت ،— مەن ئەركىلەپ مومامنىڭ مەڭزىگە چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويدۇم . موماممۇ مەڭزىمنى بىرنى چىمداپ قۇيۇپ ئورنىغا بېرىپ ياتتى . گەرچە مومامنىڭ گەپلىرىدىن خاتىرجەم بولغان بولساممۇ ، ئەمما يەنىلا كۆڭلۈم بىر شۇملىقنى سەزگەندەك ئېغىپ كەتتى . بۇ ئىش بۇلۇپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۆيىمىزگە تۆۋەنكى مەھەللىدىن ئىككى ئايال ئەلچىلىككە كەپتۇ ، بۇ مەزۇملارنىمۇ مومام چىرايلىق گەپلەر بىلەن ‹ قىزىم تېخى كىچىك › نى باھانە قىلىپ يولغا سالدى . شۇ كۈنلەردە ئۆيگە بىرەسى كىرسىمۇ ئەندىكىدىغان بۇلۇپ قالدىم . ئىليار ئوقۇشقا كېتىپ بىر يىل بولماستىن ئۆيىمىزگە ئۇ يەر -بۇ يەرلەردىن ئەلچىلەر كىلىشكە باشلىدى . بۇ گەپلەرنى ئىليارغا دەپ ، ئۇنى ئەنسىرتىشنىمۇ خالىمىدىم . خېتىمدە پەقەت ياخشى تۇرۋاتقىنىمنى ، مەندىن ئەنسىرمەسلىكنىلا يازاتتىم . ئۆزەمنىڭ چوڭ بولماي شۇ يېشىمدىلا تۇرۇپ قېلىشىمنى ئۈمۈت قىلاتتىم . ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەستە ! مەھەللىدە بىرە ئىش بولسىلا تاختا كۆۋرۈك بېشىدا ئولتۇرۇپ گازىر چاققاچ غەيۋەتكە چۈشىدىغان بىر نەچچە ئاياللارنىڭ ئاغزىدىن ئۆزەم توغرۇلۇقمۇ سۆز -چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ قالاتتىم . ‹ نېمە دېسە دېمەمدۇ › دەپلا يۈرىۋەردىم .بىر كۈنى مومام ئېتىزدىن كىلىشمگە مېنى ئوينىڭ ئىچىگە تارتۇشتۇرپ ئەكىرىپ ؛—قىزىم ، مەن بۈگۈن غەلىتىلا گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم ، بەلكىم بۇ باشقىلارنىڭ تاپقان گېپىدۇ ، ئەمما يەنىلا ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلاي قىزىم ، دەڭە ، سىز مەمەت بوۋىڭىزنىڭ چوڭ ئوغلى بىلەن قانداق مۇناسىۋېتىڭىز بار ؟— نېمە دەيدىغانسىز موما ؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ ئاكامنىڭ ئورنىدىكى ئادەم ، يەنە كىلىپ ئايالى خەيرىنىسا ئاچامغىمۇ مەن بەكلا ئامراق ، ئۇلارنىڭ قىزىنى ئۆز سىڭلىمدەكلا ياخشى كۆرۈمەن .— ۋاي جېنىم بالام ، بايام ئۆيدە ئولتارسام ، سارىخان موماڭ كىرىپ بىرمۇنچە كايىپلا كەتتى . سىزنى‹ ئوغلۇم بىلەن غەيرى مۇناسىۋىتى باركەن ، شۇ سەۋەپتىن كېلىنىم خەيرىنىسا ئوغلۇم بىلەن بالىسىنى تىرىك يىتىم قىلىپ ئاجىرشىمەن دەيدۇ › دېمەسما قىزىم ، بېشىمدىن تۈتىن چىقىپ كەتتى . ئەمما سارىخان مومىڭىزغا چۈشەندۈرۈپ ، سىزگە كەلگەن ئەلچىلەرنى نېمە سەۋەپتىن ياندۇرۋاتقىنىمنى دەپ بەرسەم ، شۈك بۇلۇپ چىقىپ كەتتى . — توۋا ، ئەمدى مەھەللىدىكىلەرنىڭ تاپمايدىغان شۇ گېپى قالماپتىدە ، يا مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە نان تېلەپ بارمىسام ، ئەمدى قىلىدىغان گەپ تاپالماي ، مەندەك بىر قىزغا تىغنىڭ ئۇچىنى قاراتقىنىغا ھەيران قالدىم . —قىزىم تىل دېگەننىڭ سۈڭىكى يوق ، نېمە دېگىسى كەلسە دەۋېرىدۇ . ئەمما ئۆزىمىزگە پۇختا بولساقلا بۇلىدۇ . چۈشەندىڭىزمۇ قىزىم گېپىمنى ؟—چۈشەندىم موما ، ئەمدى مەن خەيرىنىساخان ئاچاملارنىڭكىگە جىق كىرمەي ، ئېتىز ئىشلىرىمىزغا ياردەم قىلغاندىكىن دەپ ، ئۆي ئىشلىرى بولسا قىلىشىپ بېرەي دەپلا تولا كىرەتتىمكەن . قارىغاندا بۇنداق قىلسام باشقىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويغان ئوخشايمەن . دىققەت قىلاي بۇندىن كىيىن موما !— بالام ، مەن سىزدىن ئەنسىرەپلا قېلىۋاتىمەن ، سىزنى مەن ياتلىق قىلغۇچە مەھەللىدىكىلەر ياتلىق قىلىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ . مۇشۇ كۈنلەردە مەھەللىدە گەپ تولا ، ئىليارغا يەنە توت يىل باركەن ، ئۇ كەلگىچە خېلى گەپلەرنى ئاڭلايدىغان ئوخشايمىز — مەن قوقمايمەن موما ، ئۇلار نېمە دېسە دەۋەرسۇن ، مېنىڭ قوقىدىغان يېرىممۇ يوق .
ناگاندا —— بىرە -بىر دېگەن مەنىدە
مومام گەپلىرىمدىن قايىل بولدىمۇ ياكى يەنە جىق سۆزلەشنى خالىمىدىمۇ ، ئىشقىلىپ بېشىنى ساڭگىلاتقان ھالدا چىقىپ كەتتى . مومامنىڭ چىرايىدىكى تەشۋىشتىن ئۇنىڭمۇ بۇ ئىشلاردىن ئەنسىرەپ تۇرغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى . شۇ كۈنى كېچىچە ئۇيقۇم كەلمىدى ، قەلبىمنى چىرمىۋالغان تاتلىق سېغىنىش بىلەن مومامنىڭ چىرايىدىكى تەشۋىش مېنى ئارامىمدا قويمايتتى . بىلمىدىم قاچانلاردا كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتتىكىن ، بىر چاغدا قۇلاق تۆۋۈمدىلا ‹ قەتئى ئىرادە ھاياتلىق يولىڭدىكى نۇرلۇق مەشئەل ، پەقەت سەن ئۇنى قانات قىلىپ يولىڭدىن قايتمىساڭلا ، ئۇ سېنى كۆزلىگەن نىشانغا يەتكۈزىدۇ › دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى . مەن چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچتىم . ئۆينىڭ ئىچى يۇپيۇرۇق ئېدى . يېنىمدا ياتقان موماممۇ ھويلىدا تاراق -تۇرۇق بىر ئىشلار بىلەن ھەپىلىشۋاتقان ئېدى . ‹توۋا ، بايامقى ئاۋاز بوۋامنىڭ ئاۋازىغۇ ؟! ئەجىبا بوۋاممۇ مېنىڭ بەل قۇيۇۋەتمەسلىكىمنى ئۈمۈت قىلىدىكەندە ؟!› دېگىنىمچە روھلىنىپ يىنىكلەپ قالدىم . چۈنكى مۇشۇ كۈنلەردە سېغىنىش . كۈتۈش ، تەلمۈرىش ، تەققازالىق ئىچىدە ئۆزەمنى شۇنداق يىتىمسىرەپ قالغاندەك ھېس قىلدىغان بۇلۇپ قالغان ئېدىم . تەققازالىق بىلەن كۈتۈشنىڭ قانچىلىك ئازاپلىق ، مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ، كىشىنى چەكسىز شېرىن خىياللار بىلەن مەست قىلىدىغان ئىشەنچ -ئۈمۈتنىڭ ئۈزۈلىشى پاك قەلبكە قانچىلىك ئازاپ ، ھەسرەت ، قايغۇ -ئەلەم تۇمانلىرىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تۇلۇق ھېس قىلىپ يەتكەن ئېدىم . مانا ئەمدى مېنىڭ يىغامدا يىغلاۋاتقان بىر موماملا بولماستىن رەھمەتلىك بوۋامنىڭ روھىمۇ مېنى يۆلەۋاتقان ئېدى。
6.سېغىنىش ، كۈتۈش ، تەلمۈرۈش ، تاپا -تەنە ، پىتنە -پاسات ، غەيۋەت ، گۇمانخورلۇقلار بىر -بىرگە چىرمىشىپ ، گىرەلىشىپ كەتكەن ھايات يولىدا تەمكىنلىك بىلەن كىتىپ باراتتىم . مەھەللىدىكى قېرى يىگىتلەرنىڭ ماڭا شەھۋانىلارچە قاراشلىرىغا ، غەيۋەتچى خوتۇنلارنىڭ گومانلىق ھومىيىشلىرىغىمۇ كۈنۈپ كەتتىم ، ئىليارمۇ ئوقۇشىنى داۋام ئەتكىنىگە 3 يىل بولغان ئېدى . ئۇ ھەر تەتىلدە كەلگەندە مېنى ئۈمۈتلەندۈرۈپ ، كەلگۈسىدىكى بەختلىك كۈنلىرىمىز توغرىسىدا سۆزلەپ ، ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچەمنى ئاشۇرۇپ قۇيۇپ ماڭاتتى . مەن شۇ شېرىن خىياللار بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىپ ، ئىزتىراپلىق كۈنلىرىمنى تۈنگە ئۇلاپ كىتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بېرىدە تۇيۇقسىز مومامنىڭ ئاغرىپ قېلىشى مېنىڭ بارلىق ئارزۇ -ئۈمۈتلىرىمنى يوققا چىقاردى . شۇ كۈنى سەھەردە ئېتىزغا سۇ باشلاش ئۈچۈن دادۇي كادىرى قاسىمكامنىڭ ئۆيىگە سۇ سوراپ بارغان ئېدىم ، ئىشىكتىن كىرىشىمگە ئۇنىڭ ئايالى ؛— ھوي خېنىم ، قاچانغىچە ئەرگە تەگمەي يۈرىيسىز ، مەھەللىدىكى ئەرلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىپ ، نېمە قىلاي داۋاتىسىز ؟ سىزنىڭ شاپىقىڭىزغا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشەمۇ ئەرلىرىمىز دەپ ، ئەنسىرەپ كېچىسى تۈزۈكرەكمۇ ئۇيقۇ يوق بىزلەرگە خېنىم . كەلگەن ئەلچىلەرنى بىر -بىرلەپ يولغا سېلىپ ئىليارنى ساقلاۋاتىمەن دەڭ ، ئۇ ئىليار ئوقۇش پۈتتۈرىپ كەلسە سىزدەك يىتىم ئوغلاقنى يارىتامتى ؟!...ئايال ھە دەپ سۆزلەۋاتاتتى ، مەن ھېچنىمىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ بۈگۈن ئېتىزغا سۇ تۇتماقچى بولغانلىقىمنى قاسىم دۇيجاڭغا ئېيتتىم . قاسىمكام ؛— مۇشۇ خوتۇن خەقنىڭ ئاغزىنىزە ، نېمە قالايمىقان كۆتۈلدايسەن ، باشقىلار ئەرگە تەگمىسە سېنىڭ نېمە كارىڭ ، ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى باردۇ ! —دېدى ئايالىغا كايىپ ، ھەم سۇنى باشلىسام بۇلىدىغانلىقىنى دېدى . مەن ئۇ ئۆيدىن كۆڭلۈم بىر قىسمىلا ھالدا قايتىپ چىقتىم . گەرچە ئىليارغا ئىشەنسەممۇ ، ئەمما شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە ‹راست دەيدۇ ، ئۇ دېگەن بۇ مەھەللىگە كەلسە كادىر بۇلىدۇ ، مەنچۇ ؟ مەندەك ئاتا-ئانىسىنىڭ كېملىكىنىمۇ بىلمەيدىغان قىزنى ئىليارنىڭ ئاتا-ئانىسى يارىتارمۇ ؟! › دېگەن بىسىرامجان خىيال كاللامدا چاقماق چاققاندەكلا شۇنچە تېز ، يالت -يۇلىت قىلىپ پەيدا بولدى . ئەسلىدىكى ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىلىرىم بىردىنلا داۋالغۇشقا باشلاپ ، قەدەملىرىم مېنى ئېتىزلىققا ئەمەس دەريا بويىغا باشلاپ ماڭدى . قۇياش ئەتتىگەنلىك سېخى نۇرىنى بۇ توپىلىق مەھەللىمىزگە ئايىماي چېچىپ تۇراتتى ، قوي -كالىلىرىنى تاغ باغرىغا بېقىش ئۈچۈن ھەيدەپ ماڭغان پادىنىڭ ئايىغىدىن توزىغان توپا مەھەللىنى ئاققۇچ تۇمان بىلەن قاپلىغان ئېدى . مەن كىتىۋاتقان پادىلارنىڭ ئايىغىدىن چىقىۋاتقان توپا-چاڭلارغا قاراپ ،يامغۇرنى ئەسلەپ قالدىم . مۇشۇ پەيتتەشاقىراپ بىر يامغۇر ياققان بولسا ، بارلىق توپا -چاڭلار بېسىققان ، ئىچ -ئىچىمدىن ئىسيان كۈتۈرۋاتقان يىغىلىرىممۇ يامغۇر بىلەن قوشۇلۇپ تۇپراققا سىڭىپ كەتكەن بولسا قانچە ياخشى بۇلاتتى-ھە ! ، ئىليار مۇشۇ تاپتا سەن نېمىمۇ قىلىۋاتقانسەن ؟ ئۇ يەردە بۇ يەردىن ئىككى سائەت بۇرۇن تاڭ ئاتىدۇ دەۋاتقان ئېدىڭ ، بەلكىم دەرستە بۇلىشىڭ مۇمكىن ، مېنى سېغىنغانسەنمۇ ؟ مەن سېنى سېغىندىم ، بەك بەك سېغىندىم ئىليار ! — گۈزەلئاي ، ھەي گۈزەلئاي بۇلىڭە قىزىم مومىڭىز ،— دېگەن ئەنسىز چاقىرغان ئاۋازدىن ، ئېسىمنى يىغىپ قارىسام ، سارىخان مومام يىراقتىن قول پۇلاڭشىتىپ ، يۈگۈرگىنىچە كىلىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ ئايىقى ئاستىدىن توزىغان ئۈلۈك توپا ، ئۇزۇن كۆڭلىكىنىڭ لەپىلدىشىى بىلەن ،خۇددى تار توپىلىق بۇ يولدىن بىر قۇتان پادا ئۆتكەندەك چاڭ -تۇزاڭ چىقىرىپ كېلىۋاتاتتى . مەن ئەندىككىنىمدىن سارىخان مومامنىڭ ئالدىغا يۈگۈرەپلا باردىم ؛—موما نېمە ئىش بولدى ؟—ۋاي قىزىم ، مومىڭىز يىقىلىپ چۈشتى ،—دېدى ھاسىرەپ تۇرۇپ ، —بۇلىڭە تېز دوختۇرغا ئاپىرىشنىڭ ئامالىنى قىلايلى !—نېمە ،قانداق بۇلۇپ؟—دېدىم جىددىلىشىپ ئالدىراپ ماڭغاچ .—قىزىم بايام ئىليارنىڭ ئاپىسى كەپتىكەن ، بىر ئوبدان پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ، مومىڭىز ئۇ چوكاننى ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ كىرىپلا كەينىگە ئۆرلىپ چۈشتى . ھېلىمۇ ياخشى مەنمۇ ئۆيىڭىزلەردە باركەنمەن قىزىم . بولمىسا مومىڭىز ..مەن سارىخان مومامنىڭ كېيىنكى گەپلىرىگىمۇ قۇلاق سالماستىن ئۇچقاندەك ئۆي تەرەپكە يۈگۈردىم ، شۇنچە يىلدىن مېڭىپ يىراق بىلىنمىگەن بۇ تار توپىلىق مەھەللە يولى ماڭا تولىمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتىكى ، ئۆزەمنىڭ دەريا بويى تەرەپكە قاراپ ماڭغىنىمدىنمۇ مىڭ پۇشايمان قىلىپ كەتتىم . مومام ھويلىدىكى سۇپىدىلا سوزۇلۇپ ياتاتتى ، ئۇنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى مەھكەم يۇمۇلغان بۇلۇپ ، پىشانىسىدىكى ئېغىر تۇرمۇشنىڭ يالدامىسى بولغان يول -يول قۇرۇقلىرى بوۋام كەتكەندىن كېيىن خېلىلا كۆپىيىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى ، تاتىرىپ كەتكەن ياداڭغۇ چىرايى قۇياش نۇرى ئاستىدا ساپسېرىقلا كۆرۈنەتتى . مەمەت بوۋام ۋە بىر قانچە خوشۇنلىرىمىز ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئالاقزادە بۇلۇشۇپ تۇرىشاتتى . ‹ موما › دېگىنىمچە كىلىپ مومامنىڭ ئۈستىگە ئۆزەمنى ئاتتىم . بىر چاغدا سارىخان مومامنىڭ ‹قىزىم مومىڭىز نى دەرھال دوختۇرغا ئاپىرايلى › دېگەن سۆزىدىن ئېسىمنى يىغىپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتراپىمدىكىلەرگە قارىدىم . —گۈزەلئاي سىز كىرىپ ئاپىڭىزنىڭ بىر نەچچە قۇر كىيىملىرىنى ئېلىۋېلىڭ ، مەنسۇر ئاكىڭىز ماشىنا ئالغىلى كەتتى ،—دېدى مەمەت بوۋام جىددىلىك بىلەن . —ھە ماقۇل ،-دېدىم ئوكسۈپ تۇرۇپ ھەم ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ مومامنىڭ كىيىملىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم . بۇ چاغدا سارىخان مومام كەينىمدىن كىرىپ ؛— قىزىم ، ئەھۋالىڭىزلار بىزگە ئايان ، ھەقىچان مومىڭىزنى دوختۇرغا ئاپارغىدەك پۇل -پىچەك يوق ئۆيدە . شۇڭا مەھەللىدىكىلەر ئازراق يىغىش قىلىشتۇق . يەتمىگەن يېرىگە يەنە بىر ئامال بۇلۇپ قالار قىزىم ،—دەپ قۇلىدىكى پۇلنى ماڭا سۇندى . مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي يىغلىغىنىمچە سارىخان مومامنىڭ بوينىغا ئېسىلدىم . دېمىسىمۇ بوۋام تۈگەپ كەتكەندىن بېرى مومام بىلەن ئىككىمىز ئەتىياز كىرىشى بىلەن باشقىلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ مۇشۇ تاپقان پۇل بىلەن ئىككى مو يېرىمىزنى تېرىپ تۇرمۇشنىمىزنى قامداپ كىلىۋاتاتتۇق . باردى -يوقى بىر دانە قويىمىزنى بوۋام تۈگەپ كەتكەندە نەزىر -چىراق ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ بۇ قىسىنچىلىقتىنمۇ چىقىۋالغان ئىدۇق . سارىخان مومام دېگەندەك ئۆيدە مومامنى دوختۇرغا ئاپارغىدەك پۇل يوق ئېدى . مەن گەرچە ئۇرۇق -تۇققان بولمىساقمۇ بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە ساخاۋەت قوللىرىنى سۇنغان بۇ مېھرىبانلىرىمدىن سۆيۈنىپ كەتتىم .مومامنى ناھىيىلىك دوختۇرخانىگە ئېلىپ كەلدۇق . دوختۇرلار بىر قاراپلا مومامنى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە ئەكىرىپ كەتتى . مەن قورقۇنىمدىن نىمە قىلىشنىمۇ بىلمەي ،ئىشىك ئالدىدا ئۇياقتىن -بۇياققا ماڭاتتىم . كاللام قوپ-قۇرۇق ئېدى . سارىخان مومام بىلەن ئوغلى مەنسۇر ئاكام دوختۇرخانىدا پالاقشىپ يۈرۈپ ، بىر دوختۇردىن مومامنىڭ زادى نېمە كېسەل ئىكەنلىكىنى سورىدى .— قارىغاندا جىگەردە مەسىلە باردەك قىلىدۇ ، تەكشۈرۋاتىمىز ،—دېدى دوختۇرمۇ قەتئىلىك بىلەن . بۇنى ئاڭلاپ بايامقى مومامنىڭ چىرايىدىكى سېرىقلىق ئېسىمگە كەلدى .نەچچە كۈن بۇرۇنلا مومامنىڭ چىرايىنىڭ سارغىيىپ ، ھەتتا كۆز چاناقلىرىمۇ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ، مومامدىن بىر يەرىڭىز ئاغرامدۇ دەپ سورىسام ئۇ ‹ياق بالام ، ئەتىياز پەسلى ئەمەسمۇ شۇڭا چىرايىم شۇنداق كۆرەنگەندۇ › دېسە ،مەنمۇ ئانچە پىسەنت قىلمىغان ئىكەنمەن .‹ بىچارە مومامنىڭ تارتمىغان جاپاسى قالمىغان ئېدى ، ئەمدى ئاللا ئېگەم بۇ كېسەلنى ئۇنىڭغا سالغىنى نېمىسى ، بۇ دۇنيا نېمىدىگەن رەززىل ؟! › دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە . ئارلىقتىن ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ، بىر سېستىرا بىزنى دوختۇرخانە ئىشخانىسىگە باشلاپ كىردى . 50ياشلار چاممىسىدىكى ، پىشانىسىدىكى چاچلىرىغا ئاق سانچىلغان ، دۇغلاق يۈزلۈك دوختۇر بىزنىڭ كىرىشىمىزنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىكەن ، بىز كىرىشىمىزگىلا ؛—سىزلەر موماينىڭ قانداق تۇققانلىرى ،—دەپ سورىدى . مەن ئۆزەمنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىمنى ، سارىخان مومام خوشنىمىز ئىكەنلىكىنى دېدىم . —مومىڭىزنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ، جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىلىپ قاپتۇ ، ئوپىراتسىيە قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ ، يەنە كىلىپ مومىڭىز ياشىنىپ قاپتۇ ، بۇ خىل ئوپىراتسىيەنى كۆتۈرەلمەيدۇ . ئەڭ ياخشىسى مومىڭىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ بىر نەچچە ئاي بولسىمۇ بېقىۋېلىڭلار ، -دېدى جىددى قىياپەتتە . مەن دوختۇرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، ‹ ئاخىرقى باسقۇچى › دېگەن بۇ سۆز بىلەن كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ ، ئولتۇرغان جايىمدىن تۇرالماي سەنتۈرلۈپ بېرىپ يىقىلدىم . ‹دوختۇر ، مومامنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلا ئىش بولسا ، مەن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىشقا تېرىشىمەن ، ئولتۇرۋاتقان ئاشۇ ئۆيىمىزنى سېتىپ بولسىمۇ مومامنى داۋالىتىمەن !›دېگىنىمچە ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ دوختۇرنىڭ قۇلىغا ئېسىلدىم . — قىزىم ، كۆڭلىڭىزنى چۈشۈنىمەن ، ئەمما بەكلا كېچىكىپتۇ ، پايدىسى يوق ، ئەڭ ياخشىسى ئۆيدە كۆڭلى نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۋالسۇن . —مومام يەنە قانچىلىك ياشالايدۇ دوختۇر ؟— بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس قىزىم ، بەلكىم ئىككى يىل ياكى ئىككى ئاي ياشىشى مۇمكىن . دوختۇرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن بەدەنلىرىم بوشىشىپ ، پۇتلىرىم دىر -دىر تىترەۋاتاتتى ، ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمەي قالدى . سارىخان مومامغا ئۆزەمنى تاشلاپ يىغلاپ كەتتىم . سارىخان موماممۇ كۆڭلۈمنى چۈشەندى بولغاي ،‹ بوپتۇ قىزىم يىغلىۋېلىڭ ، تازا يىغلىۋالسىڭىز ئىچىڭىز بوشاپ قالىدۇ › دەپ چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىمنى سىلاشقا باشلىدى ...مومامنى دوختۇرخانىدىن ياندۇرۇپ كەلدۇق ، شۇ كۈندىن باشلاپ كۆزۈمدىن ياش قۇرۇماسلا بولدى ، خۇددى ياغاچتىن ياسالغان ياغاچ قوچاقتەك روھىم تېنىمدىن سۇغۇرلۇپ كەتكەندەك ، بىر يەردە ئولتۇرسام ئولتۇرۇپلا كېتىدىغان، نېمىنى ئويلىغىنىمنىمۇ ئۆزەممۇ بىلمەي ئۆزەمگە ئۆزەم سۆزلەپ كىتىدىغان گاراڭلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم . ئىليارغا خەت يېزىپ مومامنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى دەپ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىلىپ قالغانلىقى توغرۇلۇق گەپ قىلمىدىم ، چۈنكى ئۇنى ئەنسىرتىشنى خالىمىدىم . مومامغا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېيتماسلىق توغرۇلۇق سارىخان مومام بىلەن مەسلەھەتلىشىۋالغان ئىدۇق ، شۇڭا مومام ئۆزىنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرقى ئاچىلىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى .بىز مومامغا بىر ئىشلارغا ئارتۇقچە چېچىلىپ ھاياجانلانماسلىق كېرەكلىكىنىلا دەپ قويدۇق . بىر كۈنى مومام مېنى يېنىغا چاقىرىپ ؛—قىزىم ، سىلەر ماڭا دېمىگەن بىلەن كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ ، مېنىڭ كۈنلىرىم ئاز قالدى ، ئاخشام بوۋىڭىزنى چۈشەپ قاپتىمەن ، چۈشىدە ئۇ مېنى چاقىرۋاتقۇدەك . ئەمما سىزگە قىيمايمەن قىزىم ،— دېدى نۇرسىز كۆزلىرىگە ياش ئەگىتىپ .—نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز موما ، بىر ئوبدانلا تۇرمامسىز ، مېنىڭ تويىمنى قىلىپ نەۋرىڭىزنى تەڭ بېقىشىپ بېرىدىغان بولغانغۇ ؟ — دېدىم مومامنىڭ كۆڭلىنى ياساپ .—ۋاي شەيتان قىز ، قېنى سىز بىلەن توي قىلىدىغان يىگىت ؟ كۆزۈمنىڭ تېرىكىدە ئىككىڭلارنىڭ بېشىنى قوشۇپ قۇيالىغان بولسام دەپلا ئويلايتتىم ، ئۆتكەندە ئىليارنىڭ ئاپىسى كىلىپ ئىليار مەكتەپ پۈتتەرسە ئۈرۈمچىدە قالىدۇ ، بۇ يېزىغا كەلمەيدۇ ، ئۈرۈمچىدىكى تاغىسى بۇ ئىشقا يول مېڭىۋاتىدۇ دېگەن ئېدى ، سىزدىن ئەنسىرەپلا قالدىم بالام . ناۋادا شۇنداق بۇلۇپ قالسا ، سىز قانداق قىلىسىز قىزىم ؟ — مەن ئىليارغا ئىشىنىمەن ، ئۇ ھەرگىز ئۈرۈمچىدە قالمايدۇ ، ئۇ ماڭا ۋەدە بەرگەن موما !— بۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن ئاتا-ئانىسى مەجبۇرلاپ تۇرىۋالسا ئۇمۇ ئامالسىز قالىدۇ بالام ، شۇڭا كۆزۈمنىڭ مىدىراپ تۇرغان ۋاقتىدا سىزنى بىرەسىنىڭ پېشىگە ئېسىلدۇرۇپ قويغان بولسام ، ئاندىن ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوقتى . —موما سىز مېنى باشقىلارغا مەجبۇرلىمايمەن دېگەن —ئۇغۇ شۇنداق ، ئەمما ئىليارنىڭ كىلىشىگە يەنە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت باركەن ، ئۇ چاققىچە مەن ھايات تۇرالىسامغۇ ياخشى ، ناۋادا ئۇنداق بولماي قالغاندا بىر كۆزۈم ئۇچۇقلا كېتىدۇ مېنىڭ قىزىم . — قالايمىقان خىياللارنى قىلمىڭە موما ، سىز ھايات تۇرىسىز ، مەنمۇ ئىليار بىلەن توي قىلىمەن . قانداق دېدىم تاتلىق موما ؟—مەن ئەركىلەپ تۇرۇپ مومامنى قۇچاقلىۋالدىم ، گەرچە چىرايىمدا كۈلكە بولغىنى بىلەن ئىچىمدە يىغلاۋاتقان ئېدىم . مومامنىڭ گەپلىرى توغرا ئېدى ، سارىخان مومامدىن ئاڭلىسام ، ئىليارنىڭ ئاپىسى مەھەللىدە ‹ ئوغلۇم ئۈرۈمچىدە كاتتا ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشۈدۇ ، شەھەرلىك قىزلارنى ئېلىپ بېرىمەن › دەپ يۈرگىدەكمىش . ئىلياردىن خەت يېزىپ بۇ ھەقتە سورىسام ئىليار ئاتا-ئانىسى شۇنداق دەپ يۈرگەنلىكىنى ، ئەمما ئۆزىنىڭ يەنىلا مەھەللىگە قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى ، قانداقلا ئىش بولسۇن مېنىڭ ساقلىشىم كېرەكلىگىنى دەپ جاۋاپ خەت قايتۇرغان ئېدى . لېكىن مانا ھازىر مومامنىڭ ئەھۋالى بۇ ، ناۋادا مومامدىن ئايرىلىپ قالسام كىممۇ مېنىڭ بۇ ھالىمغا يېتەر ، كىممۇ مەن ئۈچۈن ئىككى ئېغىز ئادىل گەپ قىلار ؟ مەھەللىدىكىلەرچە بولسا مېنى ھازىرلا بىرەسىگە ياتلىق قىلىپ مومامنىڭ ئاخىرقى ئۈمۈدىنى يەردە قويماسلىق ئېدى . ‹مۇھەببەت ھېجراندا تاۋلىنىدۇ › دەپ كىم ئېيتقان بولغۇيتتىكى ، قەلبىمدىكى ھېجران ئوتلىرى ئولغايغانسېرى ئىليارغا بولغان سېغىنىشىم ھەسسىلەپ ئېشىپ ، ئۇنىڭ خەتلىرىنى قايتا- قايتا ئوقۇيتتۇم ، ئىليارنىڭ ھەر بىر خېتىنىڭ ئاخىردا يازغان ‹ دەرت -ئەلەم ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن قەلب يارىسى پەيدا قىلىدىغان رەھىمسىز قامچا بولغىنى بىلەن ئىرادىسى كۈچلۈك كىشىلەر ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى بۇلىدۇ › دېگەن سۆزلىرى ئۈمۈت ،ئىشەنچ ئوتلىرىمنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ ، ‹مەيلى قانداق ئىش يۈز بەرمىسۇن سېنى ساقلايمەن › دەپ ئۆز ئۆزەمگە مەدەت بېرەتتىم . 7يېرىم كېچىدە مومامنىڭ نوقىشى بىلەن كۆزۈمنى ئېچىپ قورقۇپلا كەتتىم . مومامنىڭ يۇتقان -كۆرپىلىرى خۇددى بىر جاۋۇر قاننى چېچىۋەتكەندەك قىپ-قىزىل تۇراتتى . مومامنىڭ چىرايى بولسا قاپ-قارا كۆمۈردەك قارىداپ كەتكەن ئېدى . مەن قوققىنىمدىن جالاقلاپ تېتىرەپ كەتتىم ،—موما نېمە بولدۇڭىز ؟ گەپ قىلىڭە ،—دېيەلىدىم ئارانلا ، مومام ماڭا قاراپ بىر كۈلۈمسىرەپ ئاغزىنى ئۈمەللەتتىيۇ گەپ قىلالمىدى . مەن يۈگۈرۈپ چىقىپ سارىخان موماملارنىڭ دەرۋازىسىنى كۈچەپ ئۇردۇم . قاراڭغۇ ، ئايسىز كېچىنىڭ جىمجىتلىغىغا چۆككەن مەھەللە ،قاتتىق ئۇرۇلغان ئاۋازدىن ئۇيغۇنىپ ، قاياقلاردىن ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى ئاڭلانسا ، بىر كىملەرنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئېچىلىپ -يېپىلغانلىقى ئاڭلاندى . ئىشىكتىن مەمەت بوۋام ھاسىسىنى توكۇلدۇتۇپ چىقىپ كەلدى ،—بوۋا مومام ئۇ ،—دېيەلىدىم ئارانلا . مەمەت بوۋامنىڭ كەينىدىن سارىخان موماممۇ چىققان ئېدى ، چىرايىمدىكى قورقۇشتىن بىر نىمىنى چۈشەنگەندەك ئىتتىكلا ھويلىغا قاراپ يۈگۈردى .
— بوۋا مومام ئۇ ،—دېيەلىدىم ئارانلا . مەمەت بوۋامنىڭ كەينىدىن سارىخان موماممۇ چاپىنىنىڭ بىر يېڭىنى كىيىشكە ئۈلگۈرمەيلا يۈگۈرۈپ چىقتى . ئۇلار مەندىكى ئالاقزادىلىكنى كۆرۈپ ، كۆڭلى بىر ئىشنى تۇيدى بولغاي ، نېمە ئىش بولغىنىنى سورىمايلا ھويلىمىزغا يۈگۈردى . بىز ئۆيگە كىرسەك مومام يەنە قان قۇسۇۋاتاتتى . سارىخان مومام يۈگۈرۈپ بېرىپ مومامنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزدى . مەن مومامغا قاراپ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتىم . مومامنىڭ نۇر -زىيا يېغىپ تۇرىدىغان پەرىشتە سۈپەت چىرايى ئەمدىلىكتە كۈيۈپ كۈل بولغان قاھشال دەرەخدەك قاپ-قارا بۇلۇپ ، ئۆچۈپ قالايلا دەپ قالغان ، شامدەك پىلدىرلاپ تۇرغان نۇرسىز كۆزلىرى نېمىگىدۇر ئىنتىلگەندەك ئۇياق -بۇياققا قارايتتى .قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرى جانسىز مىدىرلاپ نېمىنىدۇ پىچىرلايتتى .سارىخان مومام ئېڭىشىپ تۇرۇپ قۇلىقىنى مومامنىڭ ئېغىزىغا يېقىن ئەپكېلىپ تىترەپ چىقىۋاتقان جانسىز ئاۋازغا قۇلاق سالدى ، ۋە مېنىمۇ يىقىن كېلىڭ دېدى . مەن مومامنىڭ قاداق بېسىپ كەتكەن ياداڭغۇ قوللىرىنى چىڭ تۇتقاچ قۇلىقىمنى يىقىن قىلىپ مومامنىڭ پىچىرلاشلىغا قۇلاق سالدىم .— گۈزەلئاينى سىلەرگە تاپشۇردۇم سارىخان ، ئۇنىڭغا ئاتىدارچىلىك قىلىپ قۇيغان بولساڭلار ،—دېدى مومام تولىمۇ تەستە تىترەپ تۇرۇپ . —خاتىرجەم بولسىلا ، گۈزەلئاي ئۆز قىزىمىزدەكلا تۇرسا ، ھەرگىز ئەنسىرمىسىلە گۈلئايىمخان ،—دېدى سارىخان مومام كۆزلىرىگە ياش ئەگىتىپ . مەن مومامنىڭ بۇ سۆزلىرىگە چىداپ تۇرالماي ؛—موما ، سىز ساقىيىپ كېتىسىز ، مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتمەيسىز موما ،—دەپ مومامغا ئېسىلىپ ئۈنلەپ يىغلاپ كەتتىم . مومام يەنە بىر نىمىلەرنى دەپ پىچىرلىدى ، ئەمما ئاۋازى بارغانچە پەسلەپ ئېنىق ئاڭلانغىلى بولمىدى . شۇ تاپتا مەن ئادەملەرنىڭ ھامان بىر ئۆمۈر ئارمان ، ئىستەكلەر قاينىمىدا ياشايدىغانلىقىنى ، ئۆلۈمنىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشۈنىپ يەتتىم . مومام كۆزلىرىنى يوغان ئاچقان ھالدا ماڭا بىر قارىغىنىچە جىم بۇلۇپ قالدى . مەمەت بوۋام ئالدىراپ كىلىپ ، مومامنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ قىرائەت قىلىشقا باشلىدى . سارىخان موماممۇ ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى . دېمەك مومام جان ئۈزگەن ئېدى . 16 يېشىدا پاك مۇھەببىتى ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەنچە 70يىللىق ھاياتىدا نۇرغۇن جەۋرى -جاپالارنى چەككەن ، ئەمما قىلچىمۇ ۋايسىماي ھاياتقا رازىمەنلىك بىلەن قاراپ كىلىۋاتقان بىچارە مومام مانا ئەمدى تىنىمسىز تېپىرلاشلارنىڭ ، ھارغىنلىقنىڭ خاتىمىسى ، ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك ئارامگاھى بولغان ئۆلۈم يولىغا قاراپ ماڭغان ئېدى . گەرچە تۇغۇلۇش ،ئۆلۈش ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەس قانۇنى بولسىمۇ ، ئەمما بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىشكە ئادەم چىدىمايدىكەن . مومامنىڭ قېتىپ قالغان مۇزدەك يۈزلىرىگە يۈزۈمنى يىقىپ قانچىلىك ياتقىنىمنى بىلمەيمەن ، ئىچ -ئىچىمدىن چىقىۋاتقان پىغانلىق ياشلىرىم موماننىڭ مۇزدەك يۈزلىرىنى بويلاپ ئاقاتتى . سارىخان مومامنىڭ مېنى تارتىشلىرىغىمۇ بوي بەرمەيتتىم . ھەسرەتلىك يىغام ئۇيقۇغا كەتكەن پۈتۈن مەھەللىنى ئۇيغاتتى بولغاي ، بىردەمدىلا ئوينىڭ ئىچى خۇلۇم -خوشنىلار بىلەن تۇلۇپ كەتتى . ئۇلارنىڭ بىرلىرى ماڭا قاراپ ئىچ ئاغرىتسا ، بىرلىرى مېنى ئەيىپلەپ ‹ بالدۇرراق بىرەسىگە تىگىۋالغان بولسا ، بۇنداق تىكەندەك يالغۇز قالمايتتى › دىيىشىپ كوسورلىشاتتى .مومامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى مەمەت بوۋام بىلەن سارىخان موماملار شۇنداقلا خۇلۇم خوشنىلار يىغىلىشىپ ياخشى قىلىشىپ بەردى . . مومامنى يەرلىكىگە قۇيۇپ قىرىق كۈنگىچە ، سارىخان مومام مەن بىلەن قۇنۇشۇپ ئۆينىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرمىدۇق . مەن بۇ جەرياندا تالا -تۈزىگىمۇ چىقماي ،، بوۋام بىلەن مومامنىڭ سۆرىتىنى قۇچاقلاپلا ئولتاردىم . تولا يىغلاپ كۆز ياشلىرىممۇ قۇرۇپ كەتتى . ئىليارغا مومامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى يېزىپ نەچچە رەت خەتلەرنى يازدىميۇ ، پوچتىخانىگە بېرىپ سېلىشقا كۆڭلۈم ئۈنىمىدى . چۈنكى ئۇنىڭ ئىمتىھان مەزگىللىرى بۇلۇپ ، تەتىلگە چىقىشىغا بىر ئايلا ۋاقىت قالغان ئېدى . شۇڭا پەرەكەندە قىلىشنى خالىمىدىم . مەھەللىدىكى ئېقىپ يۈرگەن گەپلەرنى سارىخان مومام بەزىدە ئانچە - مۇنچە دەپ بېرەتتى .— گۈزەلئاي قىزىم ، مومىڭىزنىڭ قىرقى نەزىرىدىن كېيىن بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۈپلا كىرىڭ . ئۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدەكلا ئۆي . مەن كۈندۈزى دائىملا سىزگە ھەمرا بۇلۇپ بۇلالمايمەن ، ئۆزىڭىز يالغۇز بۇ ئۆيدە ئەمدى تۇرسىڭىز بولمايدۇ . مومىڭىز سىزنى بىزگە تاپشۇرغان ئىكەن ، بىز ئۇنىڭ ۋەسىيسىگە ئەمەل قىلمىساق بولمايدۇ . بويىغا يېتىپ قالغان قىز بالا ئۆيىدە يالغۇز تۇرسا ، باشقىلار كەينىڭىزدىن گەپ تاپمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ . ھازىرمۇ مەھەللىدە سىز ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ بۇلىۋاتقان سۆزلەر ئاز ئەمەس ، بىرلىرى بىزگە گەپ ئېيتىپ سىزنى بالدۇرراق ياتلىق قىلىشنى دەپتۇ . مەن ئۇلارغا ‹ مومىسىنىڭ كىرپىگىگە تېخى توپا قۇنماي تۇرۇپ ، بۇنداق قىلساق بولمايدۇ › دەپلا قويدۇم بالام .— رەھمەت سارىخان موما ، مېنىڭ ھازىرچە بۇ ئىشلارنى ئويلاشقۇم يوق . سىزلەرگە يۈك بۇلۇپ قالمىساملا بۇلاتتى ؟— ۋاي نەدىكى گەپنى قىلىسىز قىزىم ، سىزنىڭ ئۇ چىۋەر قوللىرىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە كىرسىڭىز مېنى پىنسىيەگە چىقىرۋېتىشتىن يانمايدىغان تۇرسا ، يۈك بۇلۇپ قالامەنمىكىن دەپ ھەرگىز جىق ئويلىماڭ . ئەمما كۆڭلىڭىزدە ئېليارنىڭ بارلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن . لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر .. .— بىلىمەن موما ، ئەمما مەن چوقۇم ئىليارنىڭ كىلىشىنى ساقلايمەن — سىز بۇنداق دەپ تۇرىۋالسىڭىز مەيلى قىزىم . بىزمۇ سىزنى مەجبۇرلىمايمىز . مومىڭىزمۇ ماڭا شۇنداق دەپ تاپىلىغان .
سارىخان مومامنىڭ گېپى بىلەن كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشكەن بولسىمۇ، كېيىنكى كۈنلىرىمنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ ، مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئاشۇ ۋاپاسىز ، مەسئۇليەتسىز ئاتا- ئانامغا نەپرىتىم قوزغىلاتتى . لېكىن شۇنداق چاغلاردا ئېليارنىڭ ‹ ئاتا-ئاناڭدىن نەپرەتلەنمىگىن ، بەلكىم ئۇلار شۇ چاغدا شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالغاندۇ ، كىمنىڭمۇ ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىسىنى تاشلىۋەتكىسى كېلىدۇ ، ئۇلار بۇ ئىشىدىن ئۆمۈر بويى ۋىجدان ئازابى تارتىپ ياشىشى مۇمكىن .› دېگەن سۆزلىرى يادىمغا يېتىپ ، ئۆزەمنى ئۆزەم بەزلەپ ، كۈنلەرنى خىيال دۇنيارىمغا بېكىنىپ دېگىدەك ئۆتكۈزۈپ كەلدىم، بۇ جەرياندا ئىليار چۈشۈمگە كىرمىگەن ، ئۇنى ئويلىمىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق . ئۇنىڭ بىلەن خىيالىمدا مۇڭدۇشۇپ ، تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم . نەچچە رەت خەتلەرنىمۇ يازدىم . ئەمما يازغان خەتلىرىمنى يەنىلا ياستۇقىمنىڭ تېگىدە خۇددى ئىليارنى يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە ساقلىغاندەك ساقلاپ ،ئۇنى پاراكەندە قىلىشنى خالىماي ، ئۇنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۈنلەرنى كۈنگە ئۇلاپ كېلىۋاتقان كۈنلەردە ، سارىخان مومامنىڭ كۆتۈرىپ كىرگەن ئىليارنىڭ بىر پارچە خېتى خىيالى دۇنيارىمنى ئاستىن -ئۈستىن قىلىۋەتتى . خەت قىسقىلا يېزىلغان بۇلۇپ ، بۇرۇنقىدەك سېغىنىشلىق سۆز ئىبارىلەرمۇ يوق ئېدى . ‹‹ سالام گۈزەلئاي ، ياخشى تۇرۇۋاتامسەن ؟ يىقىندىن ئىمتىھان بېرىمەن دەپ ساڭا خەتمۇ يازالمىدىم ، ئۆي ئىچىڭ تېچلىقتۇ-ھە ؟ بىز كىېلەر يىلى مەكتەپ پۈتتىردىغان بولغاچ ، مەكتەپتىن بىزنى تەتىلدە پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ . شۇڭا ئۈرۈمچىدە پىراكتىكا قىلىمىزكەن . يۇرتقا بېرىپ قىلايلى دېسەك ، مەكتەپ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بوپتۇ . شۇڭا بۇ تەتىلدە ئۆيگىمۇ قايتالمىغىدەكمەن . ئۆزەڭنى كۆپرەك ئاسرا گۈلۈم ، پىراكتىكا جەريانىدا پۇرسەت چىقسىلا سېنى كۆرگىلى بارىمەن . سېنى سېغىنىپ ئىلياردىن ››خەتنى ئوقۇپ ئولتۇرغان جايىمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم . ئىليارنىڭ بىر ئايدىن بېرى يازغان خېتىنىڭ بۇنداق مەزمۇندا يېزىلىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئېدىم . خەتنى قۇلۇمغا ئالغاندىكى خوشاللىقىمنى سارىخان مومامدىنمۇ يۇشۇرالماي قېلىشلىرىمچۇ تېخى ! مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىۋاتقان ياش خەتنى قۇلۇمغا ئالغاندىكى خوشاللىقىمنى ئاچچىق تەمى بىلەن يۇماقتا ئېدى ! ئۆزەمچە بۇ خەتكە چوقۇم تاتلىق سېغىنىش ، ئىزتىراپلىق كۈتۈشلەر كەشتىچى قىزنىڭ چىرايلىق قىلىپ كەشتىلىگەن قول ياغلىقىدەك دانە -دانە قىلىپ قەغەز يۈزىگە كەشتىلەنگەن بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ ، يۈرىكىم خوشاللىق ھەم ھاياجاندىن دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتكەن ئېدى . راستىمنى دېسەم ،بۇ بىر ئاي داۋامىدا ئۆزەمنى تۇرمۇشتىن ئايرىپ ، يەككە -يىگانە ، قاراڭغۇلۇققا قاپسىلىپ قالغان بىچارە قۇشتەك ھېس قىلىدىغان ، مېنى بۇ قاراڭغۇلۇقتىن پەقەت ئىليارلا قۇتقۇزالايدۇ دەپ ، ئۇنىڭغا زور ئىشەنچ ، ئۈمۈتلەرنى باغلاپ كىلىۋاتقان بولساممۇ ، ئەمما كۈتۈش بىلەن سېغىنىش نەپسىمنى سىقسا ، يالغۇز يىگانە قېلىشىم گېلىمنى بۇغۇپ ، ياداپ قۇناق شېخىغىلا ئوخشاپ قالدىم . ياشلىرىمنى سارىخان مومامدىن يۇشۇرالمىدىم ، بېشىمدا ماڭا ئەجەپلىنىپ قاراپ تۇرغان بۇ ئاق كۆڭۈل مەسۈمنىڭ قۇچىقىغا ئۆزەمنى ئېتىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم . سارىخام مومام نېمىنىدۇ چۈشەنگەندەك ؛—قىزىم ، بولدى يىغلىماڭ . ئىليار خېتىدە كېلەلمەيمەن دەپتىمۇ ؟، —دېدى مېھرىبانلىق بىلەن چاچلىرىمنى سېلاپ تۇرۇپ .— ئۇ ئۈرۈمچىدە پىراكتىكا قىلىمەن ، تەتىلدە قايتمايمەن دەپتۇ ،—دېدىم ئوكسۈپ تۇرۇپ .—ۋاي قىزىم شۇنىڭغىمۇ شۇنچىلىك يىغلاش كېتەمدۇ ، ناھايىتى شۇ پىراكتىكا قىلىدىكەنغۇ ، پىراكتىكىسى تۈگىسە چوقۇم كىلىدۇ .بولدى يىغلىماڭ قارىڭە ئەپتىڭىزگە ، چىرايلىق غۇنچە بويلىرىڭىز بۇ بىر ئايدىن بېرى ئۇرۇقداپ كۈزدىكى ئۈششۈگەن ياپراققا ئوخشاپ قالغىلى تۇردىڭىز . سىزنىڭ بۇ ھالىڭىزغا قاراپ مېنىڭمۇ ئىچىم سېلىرىلىپ كېتىۋاتىدۇ . ئەمما ئۈمۈتسىزلىنىپ كەتمەڭ قىزىم . ئىليار چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ . ئۇنىڭ ۋاپادارلىقىغا مەنمۇ ئىشىنىمەن . ئەمما نەچچە كۈندىن بېرى مەھەللىدە ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر ئىشنى تۇيغاندەك بولغانتى .ئەسلىدە مۇشۇ ئىشكەندە !—سارىخان موما سىزدىن بىر ئىشنى ئۆتىنەي ، ئىليار خېتىدە قايسى ئىدارىدە پىراكتىكا قىلىدىغىنىنى دىمەپتۇ ، سىز ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بۇنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن .— بۇنى سۈرۈشتۈرۈشقۇ ئاسان ، ئىليارنىڭ ئاپىسى مۇشۇ تاپتا ‹بالام ئۈرۈمچىدە پىراكتىكا قىلىپ شۇ يەردە خىزمەتكە چۈشۈدۇ › دەپ ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ يۈرەمىش . ئەمما بۇنى سوراپ نېمە قىلماقچى سىز قىزىم ، يا سىزمۇ ئۈرۈمچىگە بېرىشنى ئويلاپ قالمىغانسىز ؟ ھەرگىز بۇنداق خىياللاردا بولماڭ ، مەن مومىڭىزغا ۋەدە بەرگەن . ناۋادا ئىليار بىلەن توي قىلالمايدىغان ئىش بولسىمۇ ، سىزنى بىرەسىگە ئەل قاتارى ياتلىق قىلىپ مومىڭىزنىڭ ۋەسىيىسىنى ئادا قىلمىساق بولمايدۇ .— ياق موما ، مەن ئىليارنى مۇشۇ يەردە ساقلايمەن ، ھەم ئۇنىڭدىن باشقا بىرسىگىمۇ ياتلىق بولمايمەن . ئۇنىڭغا يازغان خەتلىرىم بار ئېدى ، شۇنى ئەۋەتەي دېگەنتىم . —سىلەر ياشلار ھازىر نېمىنى ئويلايدىكەنسىلەركىن تاڭ بالام ، بىزنىڭ زامانلاردا چوڭلار پالانچىنىڭ بالىسى ياخشى چوڭ بوپتۇ ، چوڭلىرىمۇ ئوبدان كىشىلەر دەپلا بېشىمىزنى قوشۇپ قۇيۇدىغان .مەن مەمەت بوۋىڭىز بىلەن توي قىلغاندا ئۇنى ئىلگىرى بىرە قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان ئېدىم . توي خېتىنى ئالدىغان چاغدا تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئېدى ، توي خېتىنى ئېلىپ ئىككىنچى كۈنىلا تويىمىز بولغان . مانا ھازىر توي قىلغىنىمىزغا 46 يىل بوپتۇ . بۇ جەرياندا بىر -بىرىمىزنى چۈشۈنىشىپ ، يول قۇيۇشۇپ باللىرىمىزنى قاتاغا قوشۇپتۇق . ئۆي دىگەندە جىدەل -ماجرا بولمايدۇ دېگىلى بولمايدىكەن . بەزىدە سوقۇشۇپ ، ئاپامنىڭكىگە يامانلاپ كەتكەن چاغلىرىممۇ بولغان . لېكىن يەنە بالىلارنى دەپ ‹ئۆزى كەتكەن يارەي ، ئۆزى كەلگەن يارەي › دېگەندەك يەنە بوپامنى قولتۇقلاپ قايتىپ كېلەتتىم . تۇرمۇش ئادەمنى ھەممە ئىشقا كۆندۈردىكەن بالام . مانا ئەمدى بىر -بىرىمىزگە كۈنۈپ قالدۇق ، بىردەم -يېرىمدەم يوقاپ كېتىشسەك بىر -بىرىمىزدىن ئەنسىرشىپ ئىزدىشىپلا تۇرىمىز . قاراڭ ئەنە ، بوۋىڭىز كىلىۋاتىدۇ .مەن سارىخان مومام كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم ، دېگەندەك مەمەت بوۋام ھاسىسىنى توكىلدىتىپ بىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى . چېھرىدىن ئاپتاپتەك ئىللىق تەبەسسۇم كەتمەيدىغان مەمەت بوۋامنىڭ پۇتىنى ئات تېپىۋەتكەنلىك بىلەن ھاسىغا تاينىپ ماڭىدىغان بۇلۇپ قالغان ئېدى . ئەمما ئۇ يەنىلا شۇنداق تېتىك ، روھلۇق كۆرۈنەتتى ، چىرايىدىن نۇر يىغىپلا تۇرىدىغان ، كەكە ساقاللىق مەمەت بوۋامنىڭ بۈگۈنكى چىرايىدىكى جىددىچىلىكتىن ئالىقانداق بىرە ئىشقا ئالدىراپ كىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلا ئېدى . ئۇ بىزگە يىقىنلاپ كىلىپلا ؛— بۇلە سارىخان ، ئۆيگە كىرىپ تەييارلىقڭنى قىل ، ئۈرۈمچىگە بارىمىز ،— دېدى ھاسىرغان ھالدا .—ۋۇي نېمە دەيلاھۇي ! تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا گەپ قىلىۋاتىدىغۇ بوۋىڭىز قىزىم ، — دېدى سارىخان موماممۇ ئەجەپلەنگەن ھالدا ماڭا بىر قاراپ قۇيۇپ . — تۇلۇمدىن توقماق چىقمىدى موماي ، سېنىڭ ئۆمرۈڭدە بىر كۆرۈش ئارزۇيۇڭ بار ئېدىغۇ ئۇ ئۈرۈمچىنى ، مانا بۈگۈن دەل ۋاقتى سائېتى توشقان چېغى ، قايسى كۈنى مەسچىتنىڭ ئالدىدا مەھەللىدىكىلەر بىلەن ھەرەمگە بېرىش توغرۇلۇق گەپ بولغانتى ، مەن ئۇلارغا ‹‹ بىزلەر بۇ ئۆمرىمىزدە ھەرەم تۇرماق ئۈرۈمچىگە بولسۇمۇ بىر بېرىپ كىلىش نېسىپ بۇلارمۇ ؟›› دېگەنتىم ، بۇ گېپىم باللانىڭ چوڭىنىڭ قولىقىغا قانداق يەتتىكىن ، مانا قارا ھازىر ئوغلۇمىز ئۈرۈمچىنىڭ ئاپتۇۋۇز بېلىتىدىن ئىككىنى ئېلىپ ، ئالمايمەن دېسەممۇ ئۇنىماي بۇ پۇللارنى ماڭا زولاپ تۇتقۇزدى ،— دەپ يانچۇقىنى كولاپ ئىككى تال بېلەت بىلەن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ سارىخان مومامغا ئۇزاتتى . سارىخان مومام قۇلىدىكى بېلەت ھەم پۇللارغا قاراپ ھاياجان ئىلكىدە بوۋامغا قاراپ ؛— مېنىڭغۇ شۇنداق ئارزۇيۇم بار ئېدى ، ئەمما بالىلارغا ئېغىرلىقىمىزنى سېلىپ نېمە كەپتۇ دادىسى ، قېنى ئوغلۇمىز سىز بىلەن كەلمەپتۇغۇ ؟— ئۇ كىچىك ئوغلۇڭ ئەنۋەرنىڭكىگە ماڭدى — باللىرىمىزنىڭ ئىنساۋىغا ھەشقاللا دادىسى ، ئاللا ئېگەم ئۇلارنىڭ ئىنساپ -توپىقىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن . لېكىن بىز بۇ ئىككى قېرى مۇشۇ ياشقا كەلگىچە بۇ توپىلىق مەھەللىدىن چىقىپ باقمىغان دېسەكمۇ بۇلىدۇ . ئۇ چوڭ شەھەردە ئادىشىپ ، نەلەردە تەمتىرەپ يۈرىمىز ؟— سەن ئويلىغاننى مەنمۇ شۇ چاغدا ئويلاپ يەتكەن ، ئەمما باللىرىمىز ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بوپتۇ ، بىزنى ئەنۋەر ئېلىپ ماڭىدىكەن ، مەمەت شاڭخەيلەرمۇ ئەتە ئۈرۈمچىگە بارامىش ، ئۇ يۇرت كۆرگەن ئادەم بولغاچقا بىزنى شۇلار ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيدىغان ، ئاندىن ئەنۋەر بىزنى ئايلاندۇرۇپ كىلىدىغان بوپتۇ . ئەسلى بىر ئاپتۇۋۇزدا ماڭغان بولساق ياخشى بۇلاتتىكەن ، ئەمما ئەتىنىڭ بېلىتى سېتىلىپ بوپتۇ ، شۇڭا بۈگۈن كەچنىڭ بېلىتىنى ئېلىپتۇ . ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرماي تېزراق بولغىن موماي ، تېز كىرىپ تەيارلىقىڭنى قىلغىن ، گۈزەلئاي قىزىم ئەمدى سىز بىر نەچچە كۈن ئەنۋەر ئاكىڭىزنىڭ ئۆيىدە يەڭگىڭىز جەمىلە بىلەن تۇرۇپ تۇرۇڭ ، بىزمۇ جىق تۇرمايمىز ، مومىڭىزغا بىر چاغلاردا ‹ ئاللا خالىسا چوقۇم ئاپىرىمەن › دەپ ۋەدە قىلىپ قويغانتىم ، مانا بۈگۈن مومىڭىزنىڭ ئارزۇسىنى دەپ باللىرىمنىڭ كۆڭلىنى ياندۇرمىدۇم بالام . — ماقۇل بوۋا ، خاتىرجەم بېرىپ كېلىڭلار ، مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن ، —دېدىم بوۋامغاھەۋەس بىلەن قاراپ . چۈنكى بوۋامنىڭ ‹‹مومىڭىزغا قىلغان ۋەدەمنى دەپ ›› دېگەن سۆزلىرى بايامتىن ئىليارنىڭ خېتى بىلەن يېرىم بولغان كۆڭلۈمنى يۇرۇتىۋەتكەن ئېدى . ئىليارمۇ ماڭا ‹ ئوقۇش پۈتتۈرسەم چوقۇم بۇ مەھەللىگە قايتىپ كېلىپ ، بۇ توپىلىق مەھەللەمنى ئۆزگەرتىپ ، باغۇ -بوستانلىققا ئايلاندۇرىمەن › دەپ ۋەدە بەرگەن ئېدى . شۇڭا ئۇنىڭمۇ خۇددى بوۋامدەك ۋەدىسىنى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەن ئېدى . 8بۈگۈن ھاۋا ساھىپخاننىڭ چېھرىدەك كۈلۈپلا تۇراتتى . مەمەت بوۋاملار كەتكىلىمۇ بەش ئالتە كۈن بولدى ، ئۇلارنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ ، ياق ئېنىقراقىنى دېسەم ئىليارنىڭ خەۋىرىگە تەلمۈرۈپ ،نەچچە رەت تاختا كۆۋرۈككە بېرىپ كەلگىنىمنى بىلمەيمەن ، ئۇ يەردىكى غەيۋەتچى خوتۇنلارنىڭ ماڭا ھومۇيۇپ قاراپ بىر -نىمىلەرنى كۇسۇرلاشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي ، كۆۋرۈك يېنىدىكى قارىياغاچ كۆتىگىدە ئولتۇرۇپ ئىليار بىلەن پىنھان پىچىرلىشىۋاتاتتىم . ‹‹ جېنىم ئىيار ، مۇشۇ تاپتا نېمە قىلىۋاتقانسەن ؟ خەتلىرىمنى مومام چوقۇم ساڭا بەردى ، بەلكىم خەتتىن مومامنىڭ تۈگەپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ ، كۆڭلۈڭ يېرىم بولدى ، چۈنكى سەنمۇ مومامغا ئامراق ئېدىڭ . رەھىمسىز تەغدىر يىقىن كىشىلىرىمنى بىر -بىرلەپ يېنىمدىن ئېلىپ كەتتى . ئەمدى سېنىڭدىن باشقا غەمگۈزارىم يوق ، شۇڭا ساڭا تەلپۈنۈپ تۇرغان بۇ قەلبىمنى ھېجران ئۇچاقلىرىدا تاۋلايمەن دېمەي ، يېنىمغا تېزراق قايتىپ كېلىشىڭنى كۈتىمەن ››— گۈزەلئاي ، ھەي گۈزەلئاي ! — توساتتىن چاقىرغان ئاۋاز بىلەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ، مەھەللە كومىتىتتىكى ئاسىيە ھەدەم ئوپكىدەك قىزىرىپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى . — گۈزەلئاي قىزىم ، تېزراق ئەسقەر ئاكىڭىزغا خەۋەر قىلىڭ ، ھازىر بىر تېلىفۇننى تاپشۇرۋالدىم ، سارىخان موماملار چۈشكەن ئاپتۇۋۇز يولدا ئۆرىلىپ كېتىپ ھازىر ئۇلار دوختۇرخانىدىكەن . بۇ گەپ بىلەن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ دەلدەڭشىپ بېرىپ كۆۋرۈككە يۈلىنىپ قالدىم . كوۋرۈك بېشىدا ئولتۇرغان بىكارچى خوتۇنلار ئاسىيەم ھەدەمنىڭ ئەنسىز گېپىدىن چۆچۈشۈپ ئۆپۈر -دۆپۈر بۇلۇشۇپ كېتىشتى . — نېمە دەيسىز ھەدە ! ئۇلار نەدىكەن ھازىر ، مومام بوۋاملار ساقتۇ ؟— كوچا ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا ئىكەن ، ئەھۋالىنىڭ قانداقلىغى توغرۇلۇق ئېنىق دېمىدى ،— دېدى ئاسىيە ھەدەممۇ ئەنسىرگەن قىياپەتتە ؛— ۋاي ئايىسە خانقىز ، تېلىڭىزنى چاينىماي ئېنىقراق دەڭە ، ئۇلارغا بىر ئىش بولماس ؟ — دېدى پاكار بوي ، بۇغداي ئۆڭ كەلگەن مەريەمخان ئىسىملىك ئايال . — بۇلارغا ئەمدى نېمە كىلىشمەسلىكتۇ ، بىر ئوبدان كىشىلەر ئېدى . خۇدايىم ساقلىغاي ! — دېدى كۈپتەك سېمىز ، خەقنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ، ئۈستىدىن ئۆسەك سۆز تاپمىسا ، يىگەن تامىقى تاماق بولماي زەھەر بۇلىدىغان خۇشخۇيخان ئىسىملىك يەنە بىر ئايال . مەن قوققىنىمدىن پۈتۈن ھۇجۇدۇم تېترەپ ، ماغدۇرسىز پۇتلىرىمنى بار كۈچۈم بىلەن يۆتكەپ ئەسقەر ئاكاملارنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم . ئاسىيە ھەدەمنىڭ ئۇلارغا دېگەن سۆزلىرىمۇ قۇلۇقىمغا كىرمىدى . ئەسقەر ئاكام خەۋەرنى ئاڭلاپ يۈگۈرگىنىچە ئويدىن چىقىپ كەتتى ، مەن ھەم خەيرىنسا ئاچام بىر -بىرمىزگە قارىشىپ ئۈنتىنسىز ئولتۇراتتۇق ، جەمىلە ھەدەم چىرايلىرى تامدەك تاتارغان ، كۆزلىرى ياش يۇقى ھالدا كېرىپ كەلدى ؛ — ئەسقەر ئاكام قېنى ؟ ئۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بارىمەن ، ئەنۋەر ئۇ ، — دېگىنىچە خەيرىنساخان ھەدەمگە ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاپ كەتتى . مەن كۆز ئالدىمدا يۈز بىرىۋاتقان بۇ ئىشلارغا قاراپ گاڭگىراپلا قالدىم . ئەسقەر ئاكام بىر ماشىننى باشلاپ كىلىپ جەمىلە ھەدەم بىلەن خەيرىنىسا ھەدەملەرنى ئېلىپ دوختۇرخانىگە قاراپ يولغا چىقتى . شۇنداق ئىناق ، تىنىچ كىتىۋاتقان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى بۈگۈنكى شۇم خەۋەر ئارامىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ ، يۈرەكلىرىنى لەختە قىلىۋەتكەن ئېدى . ئەنسىزلىكتە كۈننى تولىمۇ تەستە كەچ قىلدىم ، ئىچىمنى بىر قۇرت غاجاۋاتقاندەك ، كۆڭلۈم بىر خىل ئېغىپ كۆزلىرىمگە ئۇيقا كېلەي دېمەيتتى . سارىخان مومام بىلەن مەمەت بوۋامنىڭ نۇر يىغىپ تۇرغان چىرايى كۆز ئالدىمدىلا ئەگىپ يۈرەتتى . ‹ئۇلارنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن ئىلاھىم › دەيتتىم ئۆز -ئۆزەمگە . ئەسقەركامنىڭ ئىككى بالىسى كىچىك بولغاچقىمۇ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىزدەك تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى . تۇرۇپلا مەنمۇ شۇ غەمسىز بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم . ‹ شۇ چاغلار ياخشىكەندۇق ، باشقىلار مېنى يىتىم ئوغلاق دېسىمۇ ، ئەمما يېنىمدا بوۋام ، مومام ، يەنە ئىليار بار ئېدى ، سارىخان مومام ئۆيىمىزگە كۈندە كىرىپ ، مومام بىلەن نېمىلەرنىدۇ مۇڭدۇشۇپ كۈلۈشۇپ ئولتۇردىغان ، ھازىرچۇ ؟ رەھىمسىز دۇنيا ، باغرى يۇمشاق كىشىلىرىڭگە نىمانچە رەھىمسىزلىك قىلىسەن !› مەن ئەنە ئاشۇ گادىرماش خىياللار بىلەن كېچىنى تاڭغا ئۇلىدۇم . يەر ئاستىدىن كىلىۋاتقان يىغا ئاۋازى بىلەن چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھويلىغا يۈگۈرەپ چىقتىم . كۆزلىرىمگە ، قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم . دەرۋازا ئالدىغا كىلىپ تۇختىغان ماشىنىدىن قان يىغلاپ ئەسقەر ئاكام ، خەيرىنسا ھەدەم ، جەمىلە ھەدەملەر چۈشۈپ كەلدى . ماشىنىدا قاتىرسىگە ئۈچ گەۋدە سوزۇلۇپ ياتاتتى . ئاھ خۇدا ، رەھىمسىز پەلەك ! ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالغۇچە مېنىڭدەك قارا يىتىمنىڭ جېنىنى ئالساڭچۇ ؟!!! ئۇلارنىڭ بالا -چەۋرىلىرى بارغۇ ؟ مېنىڭچۇ ؟! دېگىنىمچە بېرىپ خەيرىنىسا ھەدەمگە ئېسىلدىم . . . يازنىڭ تىنجىق ئىسسىقىدا جىمجىتلىققا چۆمگەن مەھەللە بىردەمدىلا يىغا -زارە بىلەن مۇسىبەت قاينىمىغا غەرىق بولدى . ئەسقەر ئاكامنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ دېگەنلىرىدىن ، ئاپتۇۋۇز يولدىن چىقىپ كېتىپ تېرەن بىر ئېقىنغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ، ئاپتۇۋۇزدىكى ئادەملەردىن 32 نەپەر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۇق . بۇنداق بىر ئائىلىدىن تەڭلا ئۈچ ئادەمنىڭ قازا قىلىشى پۈتۈن مەھەللىدىكىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى تىترىتىۋەتكەن ئېدى .
بۇ سىرلىق ئالەمدە ، ئۇنىڭغا ئاپرىدە بولغان جىمى نەرسە ئالەمنىڭ سىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ . سەن مەلۇم بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىي ئۆزىنى تاپقان چېغىڭدا ئاشۇ سىرلىق قۇلۇپلارنىڭ بىرسى ئېچىلغان بۇلىدۇ . قۇياش چىقىدۇ ، ئالەمنى يۇرۇتۇپ ھەممىگە ھاياتلىق لەززىتىنى تېتىتىپ ، قاراڭغۇلۇق قوينىغا شۇڭغۇپ كېتىدۇ . ھېچكىم ئۇنىڭ چىقىشىنى ، پېتىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ . ئۇ سېنىڭ ، نە خوشاللىقىڭ ، نە كۆز يېشىڭ بىلەن زادىلا كارى يوق . مانا بۈگۈن مەمەت بوۋاملارنىڭ يەتتە نەزىر كۈنى . تولا يىغلاشتىن كۆزلىرى قىزىرىپ ،ئىشىپ كەتكەن ئەسقەر ئاكام ، ھويلىدىكى تامغا يۈلەنگەن ھالدا ، خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك تۇراتتى . بىر كۈندىلا مېھرىبان ئاتا -ئانىسىدىن ، ھەم بىردىن-بىر ئىنىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئېچىنىشلىق پاجىئە ، ئۇنىڭ ئەرلەرگە خاس ئېگىلمەس گەۋدىسىنى چىۋىقتەك ئېگىپ ، ساڭگىلاپ تۇردىغان قوساقلىرى ئىچىگە تارتىشىپ قالغان بۇلۇپ ،نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەكلا كۆرۈنەتتى . ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قارىغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ يۈرىكى چىدىمايتتى . ئۆي ئىچىدىن ئاڭلىنىپ تۇرغان ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازىدىن ، ھويلىغا كىرگەن ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىگە ئىختىيارسىز ياش ئەگىتەتتى . مەن ھويلىدا يۈگۈر -يىتىم ئىشلارغا ياردەملىشىپ ، ھېلى ئۆيگە ، ھېلى قازان بېشىغا يۈگۈرەيتتىم . ئىچ -ئىچىمدىن ئىسيان كۆتۈرۋاتقان پىغانلىق ياشلىرىمنى تۇتىۋېلىشقا شۇنچە تېرىشساممۇ ، ئەمما كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىپ ، يۇيىۋاتقان قاچىلىرىمنى تەڭ يۇياتتى . مېنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغان نۇرغۇن قورقۇنىشلىق خىياللارنى ھەرقانچە ئويلىماسلىققا تېرىشساممۇ ، ئەمما ماڭا ئەگىشىپلا يۈرەتتى .—رەھىمسىز دۇنيا ! — دەيتتىم قايتا -قايتىلاپ پىچىرلاپ . — سېنىڭ مۇشۇ رەھىمسىزلىكىڭ بىلەن مەن يەنە يالغۇز قالدىم ، مەن نېمانچىلا شور پىشانىدۇرمەن ! بوۋام ، مومام تۈگەپ كەتكەندە ھەر قانچە ئازاپلانساممۇ ، سارىخان مومامنىڭ مېھرىبانلىقىدا يالغۇز قالغىنىم ئانچە بېلىنمەپتىكەن . مانا ئەمدى بۇ مېھرىبانلىرىممۇ مېنى تىكەندەك يالغۇز قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى . تۈنۆگۈن ئەسقەر ئاكام ‹ ئەمدى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇڭ › دېگىنى بىلەن خەيرىنىسا ھەدەمنىڭ شۇ چاغدىكى چىراي ئىپادىسىدىن ئانچە خالاپ كەتمەيدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ . جەمىلە ھەدەمنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى مېنى كۆرسە بوينىنى ئېتىپ ، گەپ قىلماي يۈرۈشلىرىنى ھېچ چۈشۈنەلمىدىم . ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن ؟ بۇ مەھەللىدە كىم مېنى قانات ئاستىغا ئالار ؟ ئىليارغىغۇ ئىشىنىمەن ، ئۇ چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ . ئەمما شۇ چاققىچە يەنە نېمە ئىشلار يۈز بېرەر ؟ مەيلى نېمە ئىش بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ئىليارنى چوقۇم ساقلايمەن . ئىليار مۇشۇ تاپتا يېنىمدا بولغان بولساڭ قانچىلىك ياخشى بۇلاتتى -ھە ؟ ! ... خىيال بىلەن بۇلۇپ كېتىپ بېشىمدا ماڭا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرغان جەمىلە ئاچامنىڭ يېنىمغا قاچان كەلگىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن . ئۇنىڭ بۇ ئەلپازىدىن ئەندىكىپ تۇرۇپ كەتتىم . قۇلۇمدىكى يۇيىۋاتقان قاچىمۇ داسقا توككىدە چۈشۈپ ، داستىكى يۇندا ئىشتانلىرىمغا چاچراپ كەتتى . — ھەممىگە سەۋەپچى بولغان سەن جۇۋاينىمەك ، ھو تېگى پەس بۇزۇق ! سەندەك نەس باسقان يىتىم ئوغلاقنى بۇ ئۆيگە ئەكىرىپ ، مانا ئەمدى ھەممىمىزنى نەس باستى . سېنىڭ كاساپىتىڭدىن بوۋاڭ ، موماڭمۇ ئۆلۈپ تۈگىگەن . مانا ئەمدى بۇ پوقىڭ بىزگە چاپلىشىپ ، بۇ ئۆيدىكىلەرنىمۇ تىرىك يىتىم قىلدىڭ . ئەسلىدىنلا سېنىڭ بۇ ئۆيدە تۇرىشىڭنى خالىمايتتۇق . ئاپام بىلەن دادامنىڭ چىڭ تۇرىشى بىلەن مەيلى دىيىشكەن . بۇنداق بۇلىدىغىنىنى بۇرۇنراق ھېس قىلغان بولساق ، ھەرگىزمۇ بوسۇغىمىزنى ئاتلاتتۇرمايتتۇق، ئەمدى بۇ يەردىن يوقال ! — دېدى قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ . تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىدىن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي داسمالنى مىجىغدىغىنىمچە تۇراتتىم . ئوي ئىچىدىن بىر قانچە مەھەللىنىڭ خوتۇنلىرى ياق ، گەپ تاپار غەيۋەتچىلىرى يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ جەمىلە ھەدەمگە بۇلۇشقىلى تۇردى .— شۇ ئەمەسمۇ ، ئاتا-ئانىسى ھارامدىن تېپىپ قۇيۇپ ، شۇڭا تاشلىۋەتكەن بىرنېمە بۇلىشى مۇمكىن . بۇنداق نەس باسقۇر كىمنىڭ ئۆيىگە بارسا شۇنى نەس باسىدۇ . ئىلگىرى شۇنچە ياخشى يەرلەردىن ئەلچى كەلسە تەگمىدى ، نەدىكى ئىگىز شاپتوللارغا قول ئۇزۇتۇپ . ئەپتىڭگە قاراپ باققىنە ، ئىليارغا تىگەرمىش تېخى ! ئىليارنىڭ ئاپىسى سەندەك ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاقنى ئېلىپ بېرەما ؟ يەنە كىلىپ خەق دېگەن چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇدى ، چوڭ شەھەرلەردىكى ئاپپاق يۈزلۈك شەھەرلىك سەتەڭلەرنى ئالماي ، قۇرۇپ قالغان قۇناق شېخىدەك سېنى ئالامدا ؟! غۇنچىدەك چاغلىرىڭدا بىرسىنىڭ پېشىغا ئېسىلۋالغان بولساڭ ، موماڭ بىلەن بوۋاڭمۇ يەرلىكىدە خاتىرجەم ياتقان بۇلاتتى . مانا ئەمدى مەھەللىمىزدىكى سەن بىلەن دىمەتلىك قىزلاردىن سەنلا قالدىڭ . سەندەك قېرى قىزنى كىم ئالاتتى ؟ ئالسىمۇ سېنى ئالغان ئادەمنى نەس باسىدۇ ! — دېدى قوللىرىنى كۆزىمگە سېيىپ تۇرۇپ خۇشخۇيخان ھەدەم . — راست دەيلا راست ، - دېيىشتى ئەتراپتىكىلەرمۇ ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ . بۇ چاغدا دەرۋازىدىن يۈگۈرىپ كىرگەن ئەسقەر ئاكام ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ؛— بۈگۈن دادام بىلەن ئاپامنىڭ نەزىرىنى قىلىۋاتىمىز ، جەمىلە سىزنى خېلى ئەقىللىق كېلىن دەپ يۈرەتتىم . بۇ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغان چاغما ؟ يەنە سىلىمۇ خۇشخۇيخان ھەدە ، ئاغزىڭىزغا بېقىپ گەپ قىلىڭ . گۈزەلئاينى دادام ئاپاملار ئۆز قىزىنىڭ ئورنىدا كۆرەتتى . بۇ قىزدا نېمە گۇنا ؟! گەپ دەپلا دەيدىغان گەپ ئەمەس . كەتكەنلەرنىڭ روھى قۇرۇنۇپ قالمىسۇن دېگەنلەرنى ئويلىساڭلار نېمە بۇلا ؟ئەسقەر ئاكامنىڭ گېپى بىلەن ئۇلار قىلغانلىرىدىن خىجىل بولدىمۇ بىر -بىرگە قارىشىپ باشلىرىنى تۆۋەن قىلغان ھالدا سىرتقا ماڭدى . ئىشىك تۆۋىدە بۇلىۋاتقان ئىشلارغا ئارلاشماي قاراپ تۇرغان خەيرىنىسا ھەدەم ، ئۇلار ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ ؛— گۈزەلئاي ، ئەسقەر ئاكىڭىز سىزنى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرسۇن دېدى . ئەمما مەن بۇنىڭغا تازا قوشۇلمايمەن . سەۋەبى ، كۆرگەنسىز ئاۋۇ ئاياللارنىڭ قانداقلىغىنى . بۇرۇنمۇ سىز بىلەن ئەسقەر ئاكىڭىز ئۈستىدىن گەپ تېپىپ تاس قالغانتىم ئاجىرشىپ كەتكىلى . ئەمما مومىڭىزنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ قۇرۇق گەپلەرگە ئىشىنىپ قالغىنىمغا پۇشايمانمۇ قىلغان . بۈگۈن ئاكىڭىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا سىز ئۈچۈن گەپ قىلدى . كىم بىلىدۇ ئەتە ئۇلار يەنە نېمە گەپلەرنى تېپىپ مەھەللىدە چۆچەك قىلىدىغىنىنى . شۇڭا مەن سىزنىڭ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرىشىڭىزنى خالاپ كەتمەيمەن . تۇرماڭ دىمەيمەن تۇرۇڭ . لېكىن تېزراق بىرەسى بىلەن توي قىلىپ چىقىپ كېتىڭ . سىزنى بىراقلا ئۆيدىن چىقىرۋېتىشقا بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ . سىزنىڭ يا بىر ئۇرۇق -تۇققىنىڭىز يوق . شۇڭا گېپىمىزنى ئاڭلاپ ئەمدى ئۇ ئىليارنى ساقلايمەن دېمەي ، بىز دېگەن يەرگە كۈنۈپ ، شۇ يەردە جېنىڭىزنى جان ئېتىڭ . جەمىلە ھەدىڭىزمۇ ئەنۋەر ئاكىڭىزدىن ئايرىلىپ ، قورسىقىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىسىنىڭ دادا يۈزىنى كۆرمەيلا يىتىم قالغىنىغا چىدىماي ئىگىز -پەس سۆزلەپ قويدى . ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ سىڭلىم . مەنمۇ بۇ گەپلەرنى سىزگە ئەسلىدە كېيىنچە دەرمەن دەپ ئويلىغان . بۈگۈن بۇ گەپ بۇلۇپ قالدى ،شۇڭا دەپ سالدىم .— ئەمدى تېزىنى باسسام بېزى دېگەندەك سەن جۆيلىگىلى تۇردۇڭغۇ ئەمدى ،بولدى قىلىشساڭلارچۇ ! — دېدى ئەسقار ئاكام ئايالى خەيرىنسا ھەدەمگە نارازى بۇلۇپ . مەن نېمە دىيەلەيتتىم . مۇشۇ ۋاقىتتىكى مەن خۇددى ئىشىك تۆۋىدە بويۇن قىسىىپ تۇرغان تىلەمچىگىلا ئوخشاپ قالغان ئېدىم .
9ھايات دېگەن شۇكەن ، ئۇ ئۆزىنىڭ تەغدىر ناملىق غەلۋىرىدە ئادەملەرنى تاسقايدۇ . شۇڭا گاھىدا ئۇرۇلىسەن ، گاھىدا سوقۇلىسەن ، بەزىدە ئۇنىڭ تۆشۈكلىرىدىن ئۆتۈپ ئۆزەڭ ئويلىمىغان يەرلەرگە چۈشىسەن ، سېنى ئۇ يەردە كۈتىدىغىنى باھار ئاپتىۋى ، زىمىستاننىڭ مۇزدەك چىرايى ياكى كۈز پەسلىنىڭ سارغايغان كۆڭلى . شۇڭا ھايات بىلەن تەغدىر ھامان سېنىڭدىن غالىب ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە ماڭماي ئامالىڭ يوق ، مۇشۇ تاپتا تەغدىر كۆرسەتكەن چىغىر يولدا كېتىپ بارغان ئادەملەرنىڭمۇ ئويلىغانلىرى ، ھېس -تۇيغىلىرى بىر -بىرسىگە ئوخشۇمايدۇ . مانا ھازىر بەزىلىرى ئەزرائىلنىڭ ئالقىنىدا جان قايغۇسىدا ، بەزىلىرى خوشاللىقنىڭ يۈرىكىدە توي شاتلىقىدا ، جىمى مەۋجۇدات ئەركەك -چىشى دەپ ئايرىلغىنىدەك ھېسسىي دۇنيادىكى تۇيغۇلارمۇ ئالەمنىڭ بۇ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلغان .مەن ئەلەمدىن ماغدۇرسىزلانغان پۇتلىرىمنى سۆرەپ دەريا بۇيىغا كەلدىم . قۇمۇشلار ئارىسىدىكى بىر جۈپ تېرەكتىن ، ھېچنىمىدىن غەم يىمەي شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان دەريا سۇلىرىدىن خوشاللىق ئىزدەپ كەلگەن ئېدىم ، شامالدا يەلپۈنىپ تۇرغان كۆپكۆك قۇمۇشلاردىن، دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى چىملىقلاردىن بالىلىقتىكى غەمسىز چاغلىرىمنى سوراپ ، ئىليار بىلەن قول تۇتۇشىپ ماڭغان گۈزەل دەقىقىلەرنى ،دەريانىڭ زۇمرەت سۇلىرى بىلەن بىر جۈپ تېرەكنى گۇۋاھلىققا تارتىپ بېرىشكەن قەسەملىرىمىزنى يەنە بىر رەت ئاڭلىغىلى كەلگەن ئېدىم .ئەمما يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن ھەسرەتلىك كۆزلىرىم ، دەريا بۇيىدىكى شۇنچە گۈزەل مەنزىرىنى ئازاپ ئىچىدە قالغاندەك كۆرمەكتە ئېدى .قۇلىقىمغا دەريا سۈيىنىڭ قىرغاقلارغا ئۇرۇلىشى خۇددى ئۇنىڭ يىغىسىدەكلا ئاڭلاندى . ھايات دېگەن ھەجەپكەن ، سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ ، ئۇ شۇنچە مېھرىبان ، شۇنچە گۈزەل كۆرۈنىدۇ . يىغلاپ تۇرۇپ قارىساڭ ، ئۇ شۇنچە بىچارە ، مەنىسىز ، رەھىمسىز ، قورقۇنچلۇق كۆرىنىدۇ . مەن بىقىشىپ ئېقىۋاتقان سۇغا قاراپ خىيالغا پاتتىم . ‹ئەمدى بۇ يەردە ئىليارنى كۈتۈپ ئولتۇرالمايدىغاندەك قېلىمەن ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئىليارنى ئىزدەي ، ئۇنىڭ ئوقۇشىمۇ پۈتىدىغانغا نەچچە ئايلا قالدى ، شۇنچە يىل ساقلىدىم ، ئەمدى بۇ نەچچە ئايمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ . لېكىن بۇ يەردە ساقلىشىمغا بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ ، شۇڭا ئەتىلا يولغا چىقاي ! ئەمما ئىليارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قايسى ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلمىسەم ، ئاڭلىسام ئۇ يەرنى بەكلا چوڭ شەھەر دەيدۇ ، مېنىڭ يا بىرە تۇنۇش -بېلىشىم بولمىسا ، ئۇنى قانداق ئىزدەپ تاپارمەن ؟ ئىليارنىڭ ئاتا- ئانىسى تېخىچە قايتىپ كەلمىدى ، بۇنى كېمدىن سۈرۈشتۈرەمەن ؟ سارىخان موماملار بەلكىم ئىليار بىلەن كۆرۈشكەن بولغۇيتتى -ھە ؟! ئۇ يازغان خەتلىرىمنى كۆرۈپ چوقۇم جاۋاپمۇ يازغان بولغۇيتتى . ئەمما سارىخان موماملارنىڭ يۈك -تاقىلىرى ماشىنا ئاۋارىيەسىدە ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەچ ، ئەسقەر ئاكام ئۆزى تۇنۇغان نەرسە -كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ كەپتۇ ، لېكىن ئارىسىدا خەتتەك نەرسىلەر يوق ، يەنە كېلىپ بەلەت ئالغۇدەك پۇلۇممۇ يوق ، قانداق قىلسام بۇلا ؟ ئەسقەر ئاكامغا بۇ ئويلىرىمنى دېسەم نېمە دەر ؟ ناۋادا ئۇلارغا دېمەي جىملا كەتسەم شۇنچە ۋاقىتتىن ئۇلارنىڭ تۇز تامىقىنى يەپ بۇنداقلا تۇزكورلۇق قىلسام قانداق بۇلىدۇ ؟! ناۋادا ئۈرۈمچىدە ئىليارنى تاپالمىسام قانداق قىلىمەن ؟ نەدە يېتىپ ، نەدە تۇرىمەن ؟ ھەي ئىليارىم ، بۇنداق جىم تۇرۇۋالماي بىرە ئۇچۇرىڭنى بەرسەڭچۇ ؟ مەيلى نېمىلا ئىش بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر چوقۇم ئۈرۈمچىگە بېرىشىم ، سېنى ئىزدەپ تېپىشىم كېرەك ، ‹ كەچ قويغان خۇدايىم ، ئاچ قويماپتۇ › دەپتىكەن . پىشانەمگە پۈتۈلگىنى كۆرەرمەن ، سېنى شۇنداق سېغىندىم ئىليار ، مۇشۇ سېغىنىشلىرىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ ئاللا ئېگەم ماڭا مەدەت بەرگەيسەن ،چوقۇم ئىليارنى تېپىشىمغا مەدەت بەرگەيسەن ! ›توساتتىن كەينىمدىكى قۇمۇشلار كۈچلۈك شىلدىرلاپ ، بىرەيلەننىڭ ھاسىراپ - ھۆمۈدىگەن ئېغىر تىنىقلىرى ئاڭلاندى . مەن ئىتتىك كەينىمگە بۇرۇلدۇم ، ئالدىمدا چېكىلىرىدە مۇنچاق -مۇنچاق تەرلىرى يالتىرىغان ، چىرايىدىن ئەنسىزلىك بىلەن ئىزتىراپلىق چىرمىشىپ كەتكەن ئىليار تۇراتتى . كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، بۇ ئوڭۇممۇ ياكى چۈشۈممۇ دەپ بولغۇچە ئىليار غۇلاچلىرىنى كەڭ يېيىپ كېلىپ مېنى مەھكەم قۇچاقلىدى ۋە چاچلىرىمنى پۇراپ تۇرۇپ ؛— كەچۈرگىن گۈلۈم ، سەن ئازاپلانغان چاغلاردا يېنىڭدا بۇلالمىدىم ، سېنىڭ يالغۇزلىقىڭغا ھەمرا بۇلالمىدىم ، مېنى كەچۈرگىن ! ئەمدى سېنى يالغۇز قويمايمەن ،—دېدى ئۇتلۇق مېھرى بىلەن . ئۇنىڭ پۈتۈن ھۇجۇدى تېترەيتتى ، قۇلاقلىرىمغا توختۇماي سۆيەتتى . ئىليارنىڭ باغرىدىن چىقىۋاتقان ئوتلۇق ھارارەتتىن ۋۇجۇدۇم ئىللىپ ، روھىم ئۇرغۇپ ، مامكاپ گۇلىگە ئوخشاپ قالغان جىسمىمغا جان كىرىپ ،پىلدىرلاپ ئۆچۈپ قالايلا دەپ قالغان شامدەك كۆزلىرىمگە نۇر تولدى . ھاياجاندىن ئاغزىمغا پەقەت ‹ بۇ راستلا سەنمۇ ئىليار › دىگەندىن باشقا گەپ كەلمەيتتى . — مەن شۇ گۈلۈم ، تۈنۈگۈن بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاڭلاپ ، قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم . شۇنىڭ بىلەن ئىدارىدىكىلەردىن مومام بىلەن بوۋام قازا قىلىپتۇ دەپ رۇخسەت سوراپ ، ئاپام ،داداملارغىمۇ دېمەيلا كېچىچە يول يۈرۈپ كېلىشىم . سەندىن بەكلا ئەنسىرىدىم.نېمىشقا ماڭا خەت يېزىپ گۈلئايىمخان مومامنىڭ تۈگەپ كەتكىنىنى دېمەيسەن جېنىم ، بۇ ئازاپلارغا ئۆزەڭ يالغۇز قانداق چىدىغانسەن ؟ئىليارنىڭ بۇ سۆزلىرى بىلەن قىزارغان كۆزلىرىمدىن ئۇزىغان ياش ئۇنىڭ كەڭ، قاۋۇل مۆرىسىنى بويلاپ ئېقىپ ئانا زىمىنغا سىڭماقتا ئېدى . ھارغىن قۇياش تاغ كەينىگە ئۆزىنى ئېتىپ ، كائىنات ئاستا -ئاستا گۇگۇم قوينىغا سىڭگەن چاغدىلا ئىليار بىلەن قول تۇتۇشۇپ مەھەللىگە قايتتۇق . يازنىڭ تىنجىق ئىسسىقىدا ئۆيلىرىدىن چىقىپ تاختا كۆۋرۈكتە سالقىنداپ ئولتۇرغان كىشىلەر ، قول تۇتۇشۇپ كىلىۋاتقان بۇ ئىككى گەۋدىگە بويۇنچىلاپ قارىشىپ بىرنىمىلەرنى دىيىشىپ گۇدۇڭشىشاتتى . ئىليار مېنى يىتىلگىنىچە ئەسقار ئاكامنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىردى ۋە ، سالام- سائەتتىن كېيىن ؛ — ئەسقەر ئاكا ، ئەتە گۈزەلئاينى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن ، يىقىندىن ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالغىنىڭلارغا رەھمەت . بۇ ياخشىلىقىڭلارنى ھامان قايتۇرىمەن . بىزگە دۇئا بەرگەن بولساڭلار !— نېمە دەيسەن ھوي ئىليار ، بۇنىڭغا ئاتا -ئاناڭ رازىمۇ ؟ يەنە كىلىپ ئۈرۈمچىدە سەنغۇ خىزمەت قىلارسەن ، گۈزەلئايچۇ ؟ بارىمىز دەپلا بارىدىغان تۆۋەنكى دۆڭ مەھەللە ئەمەس ئۇ ئۈرۈمچى دېگەن ئۇكام ! — ئۇلار ھازىرنىڭ ئۆزىدە چوقۇم رازى بولمايدۇ . ئەمما ئۇلارمۇ ھامان بىر كۈنى چۈشۈنىپ يېتىدۇ . گۈزەلئاي ئوقۇغان قىز ، ئۈرۈمچىگە چىقىپ بىرە كەسىپ ئۆگەنسە ،ئۇڭغىچە مەنمۇ مەكتەپ پۈتتەرسەم ، ھەر ئىككىمىز بىرلىكتە تېرىشىپ ئىگىلىك ياراتمامدۇق . ئۇ چاغدا ئاتا -ئاناممۇ گۈزەلئاينى ‹ خىزمىتى يوق › دېيەلمەيدۇ . — گەپلىرىڭغۇ ئورۇنلۇق ئۇكام ، ئەمما ئوقۇش ئۈچۈن ئىقتىسات كېتىدۇ ، سەن تېخى ئوقۇغۇچى ، ئۇنداقتا گۈزەلئاينىڭ ئوقۇش راسقۇتىنى ئويلاشتىڭلارمۇ ؟— ئۈرۈمچى دېگەن شەھەردە تېرىشىپ ئىشلەيچۇ دېسەڭ ئاكا ، سېنى كۈتىۋاتقان نى -نى ئىشلار بار ، پەقەت سېنىڭ ئىرادەڭگە باغلىق . جاپاغا چىدىيالىساڭ ھامان بۇ ئىشتىن تېگىشلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىسەن . بىز گۈزەلئاي بىلەن مەسلىھەتلەشتۇق . گۈزەلئاي ئالدى بىلەن بىرە جايدا بىر نەچچە ئاي ئىشلەپ ، ئوقۇش پۇلىنى جەملىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇيدۇ . مەنمۇ ھازىر پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن ، كۈندۈزى ئىدارىدە ئىشلىسەم ، كەچلىكلىرى يەنە ئۆز ئالدىمغا باشقا ئىشلارنى قىلىپ گۈزەلئاينى جاپادا قويمايمەن . خاتىرجەم بۇلۇڭلار ئاكا . — يارايسەن ئۇكام ، ئوغۇل بالا دېگەن‹ ياپسام پىشارمۇ ، كۆمسەم پىشارمۇ › دەپ ئولتۇرماي ، ئالدى بىلەن ھەرقانداق ئىشقا تەۋەككۈل قىلىپ بېقىشى كېرەك . گۈزەلئايمۇ سېنى دەپ شۇنچە يىل ساقلىدى ، ئەمدى ئۇمۇ كۈلۈپ ياشاپ باقسۇن . سىلەرگە مەسلىكىم كىلىۋاتىدۇ ئۇكام .ئەمىسە سەپىرىڭلەرگە ئۇتۇق تېلەيمەن ، دادام ، ئاپاملار بولغان بولسا چوقۇم بۇنىڭدىن خوشال بولغان بۇلاتتى .ئەسقەر ئاكامنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى . مېنىڭ كۆز چاناقلىرىممۇ نەملىنىپ بۇ مېھرىبان كىشىلىرىمگە قىيمايۋاتقان ئېدىم . ئۇلار گەرچە مېنىڭ ئۇرۇق -تۇققىنىم بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلىقىنى خېلى ئادەملەر قىلىپ كېتەلمەيتتى . — مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن ئەسقەر ئاكا ، ئىليار بىلەن شۇنداق دىيىشتۇق ، مەھەللىمىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇردىغان كەسىپتىن بىرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگۈنىپ قايتىپ كېلىمەن . ئىككىمىزنىڭ ئارزۇلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بوۋام موماملارنىڭ نامىدا بىزگە دۇئا بېرىڭ ،— مەن مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىمنى ئەسقەر ئاكامغا تىكتىم ، خەيرىنىساخان ھەدەم ھېلى ئەسقەر ئاكامغا ، ھېلى ئىليارغا قاراپ گاڭگىرغىنىچە سۇپىدا ئولتۇراتتى . ئەسقەر ئاكامنىڭ ‹‹ ئامىن ›› دەپ قول كۆتۈرىشى بىلەن ھەممىمىز تەڭ قول كۆتەردۇق .10چەكسىز قۇملۇق ئىچىدە يىلان باغرىدەك سۇزۇلغان يولدا ئىرغىنىپ كېتىۋاتقان ئاپتۇۋۇز قۇياش ئۇپۇقتىن كۆتۈرلۈپ ، كەڭ زېمىننى ئۆزىنىڭ ئالتۇن نۇرىغا پۈركەشكە باشلىغان چاغدا بىكەتكە كىردى . ئاپتۇۋۇزدىن چۈشۈپ بۇ ناتۇنۇش شەھەرگە قىزىقىش ئىچىدە قارىدىم . ئىگىز ،ئاسمان پەلەك بىنالارغا قاراپ ‹ توۋا شەھەردىكى ئادەملەر جاھاننىڭ قەھرىسىدە ياشامدىغاندۇ ؟› دەپ ئويلىسام ، مىغىلداپ بىر -بىرنىڭ كەينىدىن قوغلۇشۇپ كىېتىۋاتقان ماشىنىلارغا قاراپ ‹ ئۇلار شۇنچە ئالدىراپ نەگە ماڭغاندۇ ؟ شەھەرنىڭ يوللىرى ئەينەكتەك پاكىز تۇرىدۇ دەپ ئىلياردىن ئاڭلىغىنىم راستكەندە ، شۇنچە ماشىنا ماڭسىمۇ يوللاردىن توپا چىقاي دىمەيدىكىنە ، يول بۇيىدىكى ياپيېشىل دەرەخلەر ئاستىدىكى رەڭمۇ -رەڭ ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەر پاھ ، نېمىدىگەن چىرايلىق ! نېمىدىگەن جىق دۇكان ، ئاشپۇزۇللاردۇ ؟ بۇ يەردىكى كىشىلەر نېمىگە شۇنچە ئالدىرايدىغاندۇ ؟ بىر -بىرسىگە ئۇدۇلمۇ -ئۇدۇل كەپ قالسىمۇ ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم دېيىشمەي كېتىۋېرىدىكىنە ، › دەپ ئىليارغا سۇئال نەزىرىدە قارايتتىم . ئىليار بۇ قاراشلىرىمدىن بىر نەرسىنى چۈشەندى بولغاي مىيىقىدا لۈپ تۇرۇپ ؛— قانداق بۇ شەھەر بۇلامدىكەن گۈلۈم ؟ مەھەللىمىز بىلەن سېلىشتۇرساڭ ئاسمان -زېمىن پەرقى بار ، شۇڭا كەلگۈسىدە بىزنىڭ مەھەللىنىمۇ مۇشۇ شەھەردەك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش سەندەك ، مەندەك ياشلارنىڭ تېرىشچانلىقىغا باغلىق . قانداق ياتسىراۋاتمايدىغانسەن بۇ يەردىن ؟— ياق ئىليار سەن يېنىمدىلا بولساڭ مەن ھەممىگە كۈنۈپ كېتىمەن . بۇ يەرمۇ كىيىن ئۆز مەھەللەمدەكلا ماڭا تۇنۇش يەرگە ئايلىنىدۇ . —سەن شۇنداقلا ئويلىساڭ ، چوقۇم ئارزۇلىرىمىز ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ . ئادەم دېگەن ئىرادىلىك بۇلۇشۇ كېرەك سەندەك !— بۇ ئىرادىنىمۇ سەن ماڭا بەرگەن ئىليار ، شۇنداق چۈشكۈنلەشكەن چاغلىرىمدا سېنىڭ سۆزلىرىڭ ماڭا ئىلھام بۇلۇپ ، مانا مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتىم . ئەمدى بۇ كۈنلەرنى چوقۇم قەدىرلىشىم كېرەك . ....بىز قىزغىن پاراڭلار بىلەن بىر بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختۇدۇق . ئىيارنىڭ دېيىشىچە بۇ ئۇنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىدارىسىنىڭ ياتاق بىناسى ئىكەن . يۈك -تاقلارنى كۈتۈرۈپ بىنانىڭ 6 -قەۋىتىگە چىقتۇق . ياتاققا 4 كارۋات قۇيۇلغان بۇلۇپ ، شۇنداق رەتلىك ، ئازادە ئېدى . بىر كارۋاتنىڭ بېشىغا ئېسىقلىق تۇرغان تولىمۇ تۇنۇش بىر سۆرەت ، پۇتلىرىمنى سۆرەپ يېنىغا باشلاپ باردى ؛— ئىليار بۇ سېنىڭ كارۋىتىڭكەندە ؟! قاچانلاردىكى سۆرۈتۈم بولغۇيتتى بۇ ؟ قارا بۇنى بۇ يەرگە ئېسىپ قويغۇنىڭنى ئادەمنى خىجىل قىلدۇرۇپ ،— دېدىم مەن قىزلارچە نازاكەتلىك بىلەن .
ئىليار مېنى دېرىزە تەرەپتىكى كارۋاتقا ئولتۇرۇشنى تەكلىپ قىكدى .— بۇ سېنىڭ كارۋىتىڭ ئىكەندە ؟ — ھەئە ، شۇڭا ئازادە ئولتارغىن ، ياتاق تۇرمۇشى مۇشۇنچىلىك بۇلىدىكەن . ساڭا ئۇسۇلۇق قۇيۇپ بېرەي ، بىردەم ئارام ئېلىۋالغان ، ئاندىن چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى . — ماقۇل ، بۇ ياتاقنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ دارىلمۇئەللىمدە ئوقۇغان چاغلىرىم ئېسىمگە كىلىپ قالدى . بىزنىڭ ئۇ ياتاقتا سەككىزىمىز ياتاتتۇق . — بولدى كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ، ئاللا خالىسا ئەمدى يەنە ئوقۇيسەن ، شۇ چاغدا بۇنداق ياتاق تۇرمۇشىدىنمۇ زېرىكىپ ، ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتارغىڭ كېلىپ كېتىدۇ . — ۋاي نېمە دەيدىغانسەن ، ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلدە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردىغان نەدىكى پۇلكەن ئۇ ؟— ئۇنداقلار يوق ئەمەس بار . نەچچىسى بىرلىشىپ بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ، تاماقنى ئۆزلىرى ئېتىپ يەيدىغانلار بار ، ئۇلار دەرستىن سىرت يەنە نۇرغۇن جايلاردا ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ . مۇنۇ بىزنىڭ بىر ساۋاقدىشىمىز شۇنداق ، ئۇ ياتىقىدا ياتماي ، بىر نەچچەيلەن ئوي ئىجارىگە ئېلىپ ، ئىشتىن سىرت يەنە باشقا خىزمەت قىلىپ يۇرۇيدۇ . سېنى شۇ قىزنىڭ ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيسام ، قانداق دەيسەن ؟— ئۇ قىز بۇنىڭغا ئۇنارمۇ ئىليار ؟ ساڭا دېمىگەن بىلەن بايامتىن ‹مەن كەچتە نەدە تۇرامەن › دەپ ئەندىشىگە چۈشكەن ئېدىم . — ئەخمەق ! خاتىرجەم بولغىن ، ھەرقانچە بولسۇمۇ سېنى بۇ يەردە ياتىسەن دېمەسمەن ، ھى ھى ھى — ھا ھا ھا ، قارا گېپىڭنى مەن كۈلدۈم ، مېنىڭ بۇنداق كۈلۈپ باقمىغىنىمغا خېلى زامانلار بوپتىكەن . كىتاپلاردا دېيىلگەندەك ‹مۇھەببەت ئاجايىپ نەرسە ، ئۇ سېنى قاقاقلاپ كۈلدۈرەلەيدۇ ، ھەم قار -يامغۇر يىغلىتالايدۇ › دېگىنى راست ئىكەن دەپ قالدىم . شۇنداق قىلىپ مەن ئىليار دېگەن قىزنىڭ ياتىغىدا يېتىپ تۇرماقچى ، ئەتىدىن باشلاپ ئىش ئىزدىمەكچى بۇلۇشتۇق . سەھەر ...مەن ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزارغان كۆزلىرىمنى دېرىزىنىڭ سىرتىغا تىككىنىمچە بۇ يېڭى ھاياتى قەدىمىمنى نەدىن باشلاشنى ئويلاپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇتتىم . ئىشىك يىنىك چېكىلىپ ، ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ئىليار كىرىپ كەلدى ؛— خەيرىلىك سەھەر ، تېنىچ تۇرۇپسەنمۇ گۈلۈم ؟ قانداقراق ئۇخلاپسەن ؟— خەيرىلىك سەھەر ، ئۇنى بىر دېمە ، كېچىچە قۇلۇقىمنىڭ تۆۋىدىلا غۇيۇڭلاپ ئۆتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئاۋازىدا بىر ئۇخلىيالىغان بولسام . بۇ شەھەرلىكلەر ئۇخلىغىچە قۇلىقىغا پاختا تىقىپ ئۇخلامدىغاندۇ ؟ — ھا ھا ھا ، گېپىڭدىن قارىغاندا كېچىچە ئۇخلىيالماپسەندە ، قارا كۆزلىرىڭمۇ قىزىرىپ كېتىپتۇ . شەھەرنىڭ شاۋقۇن -سۆرەنلىرىگە ئاستا -ئاستا كۈنۈپ كېتىسەنھەرقانداق ئادەمنى باغرىغا سىڭدۈرۈپ كېتىدىغان ،شۇندان مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى بۇ گۈلۈم . سەندەك تالانتلىق قىزنى ئەلۋەتتە ئۇزۇنغا قالمايلا سىڭدۈرۈپ كېتىدۇ . — سېنىڭ بۇ گېپىڭدىن ، سەن كۈنۈپ قاپسەندە بۇ شەھەرگە ، ئۇنداقتا يۇرتىمىزغا كېتىدىغان ئىشلارچۇ ؟— يۇرتۇمىزغا ئەلۋەتتە كېتىمىز ، ئەمما قۇرۇق قول كەتسەك بولمايدۇ-دە ! ئالدى بىلەن مەلۇم ئىگىلىك ، تەجىربە توپلايمىز ، ئاندىن يۇرتقا بارساقمۇ كېچىكمەيمىز . ھازىر جاھان تەرەققى قىلدى ، بىزدەك زىيالىلارنى ھوكۈمەت ئۆز ئالدىمىزغا ئىگىلىك تىكلەيمىز دېسەك قوش قوللاپ قوللايدۇ ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ھازىرغىچە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ . بىز ئۆىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزىشىمىز كېرەك . لېكىن بۇ جەريان جاپالىق جەريان . شۇنداقتىمۇ تېرىشساق ھامان بىر كۈنى يېزىمىزنىمۇ مۇشۇ شەھەردەك قىلالمىساقمۇ ، ئەمما كىشىلەرنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە ئىشەنچەم بار !— يا ئاللا ، پو دېگەننى ئەتتىگەندە ئايىمايلا ئاتقىلى تۇردۇڭ ئىليار ، ئەمما غەيرىتىڭگە قايىلمەن . دېگىنە ئۇزۇندىكى گەپنى قىلماي ، ماۋۇ ھازىرنى ، مەن بۇ ياتاقتا كۈندە سېنىڭ تامىقىڭغا شېرىك بۇلۇپ بىكار ئولتارسام بولماس ، چىقىپ بىرە ئىش قىلىدىغان يەرنى ئىزدىمەمدۇق . بۈگۈن تەلىيىمىزگە شەنبە ئىكەن ، سەنمۇ ئىشلىمەيسەن ھەقىچان ، ئەمما ...— نېمىگە ئەمما دەپ تۇرۇپ قالدىڭ ؟—ئويدىكىلىرىڭ چوقۇم بۇ ئىككى كۈندىن دېرىكىڭنى قىلىپ كەتتى . شۇڭا تاغاڭلارنىڭ ئۆيىگە بىر بېرىپ كەلگىن ، ئۇلارمۇ خاتىرجەم بۇلۇپ قالسۇن . — مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ، سەن چېيىڭنى ئىچكەچ تۇرۇپ تۇرغىن ، مەن بېرىپلا كېلىمەن ، ئاندىن چىقىپ قىلىدىغان خىزمەت ئىزدەيلى . — خىزمەت دەپ كەتتىڭغۇ ئىليار ، مەندەك تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا تۈزۈكرەك ئوقۇمىغان ئادەمگە خىزمەت نېمە قىلسۇن ، بىرە ئاشخانىدا قاچا - قۇچا يۇغىدەك ئىش بولسىمۇ بولدى . — سېنى ئۇنداق ئىشقا سېلىپ قۇيۇپ مېنىڭ يۈرىكىم قانداق چىدايدۇ جېنىم ؟— ھازىر ئۇنى ئويلىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىليار ، كۆڭلۈڭنى چۈشۈنىمەن ، ئەمما مېنىڭ ھازىرقى بۇ ئەھۋالىمدا مەن خىزمەتنى ئەمەس ، خىزمەت مېنى تاللايدۇ . شۇڭا مەن سەن ئۈچۈن ،ھەم كېيىنكى ئارزۇ -ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن ھەرقانداق جاپاغا چىدايمەن . نەدىمۇ جاپا تارتماي ھالاۋەت بولسۇن ئىليار !— راسلا مۇشۇنداق ئويلىغان بولساڭ ، مەن خاتىرجەم بولدۇم . راست دەيسەن ئىككىمىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ماڭماقچى بولغان يولىمىز ھەقىقەتەن مۈشكۈل ھەم جاپالىق بۇلىشى مۇمكىن . ئەمما بىر -بىرىمىزگە تەسەللى بۇلۇپ تېرىشساق ، ئىشىنىمەن چوقۇم غەلبە قازىنىمىز . — بۇلىدۇ ، ئەمىسە گېپىڭ راست بولسا ئالدى بىلەن چوڭلارنىڭ يېنىغا بېرىپ كەلگىن ، مەن سېنى ساقلاپ تۇراي . — بولمىسا ئىككىمىز تەڭلا بارايلى — ئادەمنى قورقاتمىغىنە ، ئاپاڭ مېنى كۆرسە سېنى ئۇرۇپ كېتەرمىكىن ! مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمنى بىر كۈن ئوقمىسا بىر كۈن ياخشى ، ناۋادا ئۇقۇپلا قالسا ساڭىمۇ ياخشى كۈن يوق ، بىز بەكلا تەۋەككۈلچىلىق قىلدۇق بۇ ئىشتا ئىشقىلىپ ! — ھېچقىسى يوق ، ئاپام ئىككىمىزگە قارشى تۇرغىنى بىلەن دادام بەك بەلەن ئادەم ، ئۇ چوقۇم بىزنى قوللايدۇ . ئەمما سەن دېگەندەك ھازىرچە ئۇلار سېنىڭ بۇ يەردىكىلىكىڭنى بىلمەي تۇرسۇن ، كېيىن يۇرتقا قايتقاندا چوقۇم بىلىدۇ . شۇ چاغدا بىرگەپ بولسۇن . ئەمما ھازىر ئىككىمىز بىرگە بېرىپ سەن تالادا تۇرۇپ تۇرساڭ ، مەن ئۆيگە كىرىپ بىردەمدىلا چىقىمەن . ئاندىن شۇ يەردىنلا جەنۇبى كىچىك قۇۋۇققا بېرىپ ساڭا خىزمەت ئىزدەيلى .— جەنۇبى كىچىك قۇۋۇق دېگىنىڭ نە ئۇ ئىليار ، ھەجەپ ئۇدۇللا شۇ يەرنى دېدىڭغۇ ؟ — ئۇ يەر كىيىم -كېچەك توپ سېتىش ئورنى ، ھەرقايسى ناھىيە ، شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك مۇشۇ يەرگە كېلىپ مال ئالىدۇ . جۈرە كېتىۋاتقاچ ساڭا دەپ بېرەي . بىز بىنادىن چۈشۈپ بىر ئاپتۇۋۇزغا قىستىلىشىپ يۈرۈپ چىقىپ خېلى يول يۈرگەندىن كېيىن بىر يەردە چۈشتۇق . ئاپتۇۋۇزدىكى ئادەملەرنىڭ قىستا -قىستاڭچىلىقى ، ھەم ئاپتۇۋۇز ھەر بىر توختۇسا ئۈزۈلمەي چىقىپ -چۈشۈپ تۇرغان ئادەملەرگە قاراپ ‹ توۋا ، بۇنچىۋالا ئادەم ھېلىمۇ بۇ شەھەرگە سېغىدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئالدىراشچىلىقىچۇ تېخى ؟! بىر -بىرسى بىلەنمۇ كارى بولماي ، ھەممە ئۆز ئىشى بىلەنلا › دەپ ئويلاپ ، مەھەللىمىزدىكى ئىشىكتىن چىقسىلا نەگە ماڭغاندۇ دەپ غەيۋەت قىلىشىغان ‹ ئىللىق چىراي › خۇلۇم -ىوشنىلىرىم بىلەن بىر سېلىشتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئېدىم . ئىليار تاغىسىنىڭ ئۆيىدىن بېشى ساڭگىلغان ھالدا چىقىپ كەلدى ، مەن ئۇنىڭ بۇ ئەپتىدىن چوقۇم ئاپىسىدىن تىل ئىشىتكەنلىكىنى پەملەپ بولدۇم . — نېمە بولدۇڭ ئىليار ، ئاپاڭ بىرنېمە دېدىما ؟ ، —دېدىم تاقاتسىزلىك بىلەن ، ئەمما ئىليار گەپ قىلماي ماڭدى . مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە پەقەت چىداپ تۇرالماي، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ؛— نېمىلا ئىش بولسا دېگىنە ، مېنى تولا قىينىماي ئىليار ، مەن ھەرقانداق گەپكە كۈنۈك ! چىرايىمدىكى جىددىلىككە بىر ھازا قاراپ تۇرغان ئىيار توساتتىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ، ۋە كۈلكىسىنى تەسلىكتە توختۇتۇپ ، — سېنى قانداق قىلىدىكىن دەپ ھى ھى ھى قەستەن شۇنداق قىلدىم ، ئاپاملار تېخى مېنىڭ مەھەللىگە بارغىنىمدىن خەۋەرسىز ئىكەن ،— دېگىنىچە شوخلۇق بىلەن ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى . — ئەسكى ، ئەسكى ... ئادەمنى شۇنداقمۇ ئەخمەق قىلامسەن ! -دېگىنىمچە ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلىدىم . 11— بۇ قىز بۇرۇن بىرە جايدا ئىشلەپ باققاندۇ ؟ — ياق ، ئەمما بۇ قىز بەكلا تېرىشچان ، چوقۇم سىزنىڭ كۈتكىنىڭىزدەك قىلىپ كېتەلەيدۇ . — خەنزۇچىنى ئوبدان سۆزلىيەلەمدۇ ؟— بۇ ، بۇ ...ئوبدان سۆزلىيەلمىگەن بىلەن ئاڭلاپ ھەممىنى چۈشۈنىدۇ . ئەمما ئۇ چوقۇم ئۆگۈنىپ كېتەلەيدۇ خۇجايىن !ئىليار ھە دەپ ئالدىدىكى 30 ياشلار چامىسىدىكى ، ئاق پىشماق ، ئۇرۇقلىغىغا باقماي تار بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىپ ، چاچلىرىنى ساپسېرىق بۇيۇۋالغان دۇكان خۇجايىنى خەنزۇ ئايالغا مېنى تۇنۇشتۇرۋاتاتتى .ئۇ ئايالنىڭ خوشاقمىغان ھالدا ماڭا قارىشىدىنلا كۆڭلۈم ھەممىنى سېزىپ ئىليارنى ئاستا نۇقۇپ تۇرۇپ ؛ —بولدىلا ئىليار ، بۇ يەر ماڭا ماس كەلمەيدىغاندەك تۇرىدۇ ، باشقا يەرگە بېرىپ باقايلى ،—دېدىم يېلىنىش ئاھاڭدا . ئىليارمۇ كۆزلىرىمدىكى ئۈمۈتسىزلىكنى چۈشەندى بولغاي ، ئۇنچە تارتىشىپ تۇرمايلا ئۇ خۇجايىن ئايالغا ‹ ئاۋارە قىلدۇق › دەپ قۇيۇپ دۇكاندىن يىنىپ چىقتۇق . مۇشۇ ئاساستا بىر بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن تۆتىنچى قەۋىتىگىچە چىقىپ چۈشتۇق ، نۇرغۇنلىرى مېنىڭ ئۈستى -بېشىمغا بىر قاراپ قۇيۇپلا بېشىنى لىڭشىتتى . ئىليارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە بىرەسىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىدى . بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپلا ، ئىليارنىڭ ئىلگىرى ماڭا ‹ شەھەرلىكلەر بىر -بىرگە يۈز خاتىرە قىلىشىپ كەتمەيدۇ ، نۇرغۇنلىرى پايدا -زىيان مەنپەئەت ئۈچۈنلا بارمۇ سەن دەپ ئەھۋاللىشىدۇ › دېگەنلىرىنىڭ تولىمۇ توغرا ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىپ يەتتىم . ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە بىنادىن چۈشۈۋاتساق بىر قىزنىڭ ‹‹ئىليار ئاكا !›› دەپ توۋلىغان ئاۋازى دىققىتىمىزنى تارتتى . ھەر ئىككىمىز ئاۋاز چىققان تەرەپكە تەڭلا بۇرۇلدۇق . كەينىمىزدىكى دۇكاندىن يۈگۈرۈپ چىققان زىلۋا بوي ، ئاق پىشماق كەلگەن ، مەڭزىدىكى ئىككى زىنىقى گۈزەل چىرايىغا تېخىمۇ چىرايلىق ھۆسۈن قوشقان بىر قىز بىزگە كۈلۈمسىرەپ كېلىۋاتاتتى .— ۋۇي سىز بۇ يەردە نېمىش قىلىپ يۈرۈيسىز رىزۋان ؟ -دېدى ئىليار ئۇ قىزغا ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ . — نېمىش قىلاتتىم ، ئاشۇ دۇكاندا ئىشلەۋاتىمەن ، تەتىلدە بىكار ئولتۇرساممۇ ئولتۇرغىدەكمەن ، ئۇنىڭدىن بۇ يەرگە كىلىپ ئىشلەپ ئازراق بولسىمۇ ئاتا-ئانامنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتەي دېدىمغۇ ؟! بۇ قىز كىم بۇلىدۇ ؟ گۈزەلئاي ئاچاممۇيە ؟ — دېدى قىز ماڭا بېشىنى لىڭشىتىپ سالام قىلغاچ . —ھەئە ، گۈزەلنۇ رئاچىڭىز شۇ ، كۆزىڭىز بەك يامان ئىكەن جۇمۇ ، بىر قاراپلا بىلىۋالدىڭىز دېسە !— ئەلۋەتتە بىلىۋالىمەندە ، بىر قاراشتىلا بىر جۈپ قوشماقلاردەك كېتىۋاتساڭلار ھى ھى ھى ، ئىسمىم رىزۋان ، ئىليار ئاكام بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيمەن ، ئۈرۈمچىدىن ،ئۆزەمنى ئۆزەم تۇنۇشتۇرۋەتتىم مانا ! —دېدى قىز شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ .— ياخشىمۇ سىز ، سىز بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن خوشالمەن ،—دېدىم مەنمۇ قىزنىڭ ئۇچۇق -يۇرۇق مىجەزىدىن خۇرسەن بۇلۇپ . — بۇ يەرگە ئاچامغا كىيىم ئېلىپ بەرگىلى كەپسىزدە ئىليار ئاكا ، يارايسىز جۇمۇ ! — ئۇ كۈنلەرمۇ ھامان كىلىدۇ رىزۋان ، ئەمما بۈگۈن بىز كىيىم سېتىۋالغىلى ئەمەس ، خىزمەت ئىزدەپ كېلىۋىدۇق ، ئەمما بىز ئويلىغاندەك ئاسان ئىش يوقكەن .— ھەئە مۇنداق دەڭلار ، ۋاي بۇ يەردىكىلەر قوسۇقىڭىزدىكى بىلىمگە ئەمەس ، ئاغزىڭىزدىكى گەپكە قارايدۇ . كەلگەن خېرىدارنى چىرايلىق گەپلەر بىلەن تۇتۇپ ، ماللىرىڭىزنى ماختاپ ئۇچۇرالىسىڭىز سىز نوچى ھېساپلىنىسىز . —ئەمما گۈزەلئاي خەنزۇچىنى راۋان سۆزلىيەلمەيدۇ ئەمەسمۇ ؟!— ۋاي ئاكا ، سىز دىققەت قىلمىدىڭىزمۇ ، ھەممە دۇكاننىڭ خۇجايىنى خەنزۇ ، ھەر بىر دۇكاندا بىردىن خەنزۇ بىلەن بىردىن ئۇيغۇر قىزىنىڭ تۇرغىنىنى ، ئۇلار بىزدەك ئۇيغۇرلارنى شۇ ئۇيغۇر خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلسۇن دەپ ئىشقا ئالىدۇ . چۈنكى بۇ يەرگە جەنۇبى شىنجاڭدىن نۇرغۇن خېرىدارلار كېلىدۇ . تولىسى خەنزۇچىنى چۈشۈنمەيدۇ ، شۇڭا بىزدەكلەرنى تۇرغۇزۋالسا ئۇلارغا پايدا .— ھەئە ، مۇنداق دەڭ ، شۇ قارىسام تولىسىدا ئۇيغۇر قىزلىرى باركەن ، لېكىن بىز كىرگەنلىكى دۇكان خۇجايىنى ئۇنداق نىيىتى يوقمۇ بىلمىدۇق ، تولىسى بېشىنى لىڭشىتىپ رەت قىلدىغۇ ! — بۇنداق دېسەم گۈزەلئاي ئاچا كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ، سىز ئۈستى -بېشىڭىزدىكى كېيىملەرنى ئەتە يېڭىلاپ ، چىرايلىق ياسىنىپ كېلىڭ . قېنى شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ باش لىڭشىتقىنىنى كۆرەي !مەن بۇ قىزنىڭ بۇ سۆزىگە ئەجەپلىنىپ ئىليارغا قارىدىم ، ئىليار دەرھال بىر ئىشنى چۈشەنگەندەك ‹ توغرا › دېگىنىچە چاۋاك چېلىپ بىرنى سەكرىۋەتتى ۋە ماڭا ؛— رىزۋان راست دەيدۇ گۈزەلئاي ، ھازىرقى كىشىلەر باشقىلارغا باھا بېرىشتە قوساقتىكى بىلىمگە ئەمەس ، يۈرۈش -تۇرۇشىغا ، كەيگەن كىيىمىگە قاراپ باھا بېرىدىغان بۇلۇپ كەتتى . بۇلۇپمۇ كېيىم -كېچەك ساھەسىدە بۇنىڭغا بەكلا دىققەت قىلىدۇ . بىز بۇ نوقتىنى ئۇنتۇپ قاپتۇق . — ئەمما ئىليار مېنىڭ ...— بۇنى بىلىمەن ، خاتىرجەم بولغىن مەن بىر ئامال قىلىمەن — ياق ئىليار ، ھېلىمۇ يول كىرا ، تاماق ھەممىنى سەن چىقاردىڭ ، سەن يا بىر رەسمىي خىزمەتچى ئەمەس ، پىراكتىكا قىلىۋاتىسەن . سېنىڭ پۇلۇڭمۇ قالمىدى ، ئەمدى يەنە ئاتا-ئاناڭدىن پۇل سورىساڭ بولماس . مەيلى ئىليار ئۇلار مېنى ئىشقا ئالمىسا ، ئاشخانىدەك يەرلەرگىمۇ بېرىپ باقايلى ، قىلغۇدەك ئىش تېپىلىپ قالار .ئىككىمىزنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاپ تۇرغان قىز بۇ چاغدا ؛— ئىليار ئاكا ، گۈزەلئاي ئاچا ، گېپىڭلاردىن ماڭا چۈشۈنىشلىك بولدى ، ناۋادا گۈزەلئاي ئاچام خالىسا مەن كىيىملىرىمدىن نەچچە قۇرنى بېرەي ، سىز ئەتە كىيىپ كەلسىڭىزلا بولدى . بۇ يەرگە كەلگەندە دۇكانغا قايسى كىيىم يېڭىدىن كەلسە شۇنى كىيىپ خېرىدارلارغا كۆرسۈتۈمىز . قارىڭە ئۇچامدىكى كىيىمنىڭمۇ ماركىسى ئېسىقلىق تۇرمامدۇ ، كۈندە مۇشۇنداق يېڭى كەلگەن ماللارنى كىيىپ يۈرىمىز ، پەقەت ئىشتىن چۈشكەندىلا ئۆزىمىزنىڭ كىيىملىرىنى كېيىپ قايتىمىز . سىز خاتىرجام بۇلۇڭ ، ئەتە كەلسىڭىز مەن بىر نەچچە دۇكانغا باشلاپ كېرىمەن ، ئۇلارغا تۇققۇنىم دەپ تۇنۇشتۇرسام چاتاق يوق سىزنى ئالماي قالمايدۇ ، —دېدى كەسكىنلىك بىلەن . مەن خوشاللىقتىن بېرىپ ئۇ قىزنىڭ قۇلىنى سىقىپ تۇرۇپ؛ — رەھمەت سىزگە ، چوڭ ئىشىمىزغا ياردەم قىلغۇدەكسىز ، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن،-دېدىم ھاياجان ئىچىدە . — رەھمەت رەيھان ، بىزگە قىلغان ياخشىلىقىڭىزدىن خۇدايىم بەختىڭىزنى بېرە . بۇ ياخشىلىقىڭىزنى چوقۇم قايتۇرىمىز . — ۋۇي ئىليار ئاكا ، قاچاندىن موللام بۇلۇپ كەتتىڭىز ھا ھا ھا ، كېرەك يوق . كىمنىڭ بېشىغا كۈن چۈشمەيدۇ ئاكا ، قوينىڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا دەپتىكەن ، بىر -بىرىمىزگە ياردەم قىلىپ ئۆتسەك ياخشى ئەمەسمۇ ، ئەمىسە مەن كىيىملىرىمنى ئۆيدىن ئېلىپ سىلەرنى ئىزدەپ باراي ، سىلەر نەدە تۇرىۋاتىسىلەر ؟— نەدە تۇراتتۇق رىزۋان ، شۇ ئىدارىنىڭ ياتىقىدا . — ھەئە بىلدىم ، ئەمىسە مەن كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشۈپ بارىمەن . —ھەئە بۇلىدۇ 602 ياتاق . — ماقۇل ، ئەمىسە خوش ، خۇجايىنىم تىللاپ كەتمىسۇن ، مەن كىرىپ كېتەي ، — خوش ئاللاغا ئامانەت ! كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەن چاغدا رىزۋان بىر سومكىنى كۆتەرگەن ھالدا ياتاققا كېرىپ كەلدى ، ھەم مېنى ئولتۇرغۇزۇپ يۈزلىرىمگە ئالىقانداق مايلارنى سۈركەپ ، كۆزلىرىمنى بىردەم ئېچىڭ ، بىردەم يۇمۇڭ دەپ، خۇددى مەن سەھنىگە ئۇيۇن قويغىلى چىقىدىغاندەك ئەتراپىمدا پەرۋانە بولغىلى تۇردى ، گەرچە مەن بۇنداق قىلىشنى خالىمىغان بولساممۇ ، ئەمما تۈنۈگۈنكى دۇكان خۇجايىنلىرىنىڭ ماڭا سىڭايان قاراشلىرىنى ئويلاپ ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە ئولتۇرۇپ بەردىم . بىر چاغدا ئۇ ؛— پاھ ،پاھ ! توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان گۆھەر ئىكەنسىز ئەمەسمۇ ؟! ئىليار ئاكامنىڭ كۆزى راسلا مال تۈنىيدىكەن ، نېمىدىكەن گۈزەل سىز . سەل ئىچىم تارلىق قىلىۋاتىدۇ سىزگە ھى ھى ھى ... —دېدى شوخلۇق بىلەن . مەن ئەينەككە قاراپ ئۆزەممۇ ھەيران قالدىم . ئەينەكتە ئاپپاق،ئىككى مەڭزى قەشقەرنىڭ ئانىرىدەك بىر قىز ماڭا قاراپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ بۇلاقتەك قاپقارا كۆزلىرى، قىياقتەك كىرپىكلىرى ، جىنەستىدەك لەۋلىرى، ئۆرىمەيلا قۇيۇۋېتىلگەن ئۇزۇن چاچلىرى رىۋايەتلەردىكى ساھىپجاماللارنى ئەسلىتەتتى ، ئىچىمدە ‹ توۋا ، بۇ مەنمۇ › دەپ ئويلاپ رىزۋاننىڭ بۇ ھۆنىرىدىن قايىل بولماي تۇرالمىدىم ؛— قۇلىڭىز گۈلكەنغۇ رىزۋان ، قارىڭە بىردەمدىلا مېنى باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدىڭىز .— قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ دېگەننى ئاڭلىغان بولغۇيتتىڭىز ، مەن پەقەت ئازراقلا كۈچەپ قويدۇم . سىز ئەسلىدىنلا چىرايلىق ئىكەنسىز ، ئەمدى بۇ كىيىملەرنى كېيسىڭىز ئىليار ئاكام تۇنۇيالماي قالمىسىلا بۇلاتتىغۇ سىزنى .— شۇنداقمۇ قىلارمۇ ھا ھا ھا ...— ھا ھا ھا . . .‹ئادەم دېگەن كۆڭۈل گادىيى› دەپ گۈلاخمىنىڭ كۆمىچىگە ئوخشاپ قالغان چىرايىم بىر نەچچە كۈندىلا خېلى ئوڭشۇلۇپ رەڭ تۈزەپمۇ قالغان ئېدىم . رىزۋان باشلاپ ئەكىرگەن دۇكان خۇجايىنىمۇ ئارتۇق گەپ قىلمايلا مېنى ئىشلىتىشكە ماقۇل كۆردى . ئەمما تاماق مەسىلىسى مېنىڭ بېشىمنى سەل قاتۇرۇشقا باشلىدى . چۈنكى خۇجايىن ئالدىن مائاش بېرىشنى رەت قىلدى . ئىليارغا ئەمدى يەنە يۆلىنىۋېلىشقا ئەسلا بولمايتتى . شۇڭا ئۇنىڭغا‹‹ خۇجايىن چۈشلۈك تامىقىمنى كۆتۈرىدىكەن ›› دەپ يالغان سۆزلەشكىمۇ مەجبۇر بولدۇم . ئەزەلدىن ئىليارنى ئالداپ ، ئۇنىڭغا يالغان سۆزلەپ باقمىغان ئادەم ، مۇشۇ ئىشقا كەلگەندە ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىدىم . قايسى بىر كىتاپتا ‹مۇھەببەت ئۈچۈن يالغان سۆزلەش گۇناھ ئەمەس › دەپ يېزىپتىكەن ، شۇنداق بولغۇسى ئىلاھىم !خىزمەتكە چۈشكەن بىرىنچى كۈنى دۇكانغا خېرىدارلار خېلى كۆپ كىردى ، ئەمما مەن تۇنجى كۈنى بولغاچقىمۇ ياكى بۇرۇن بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باقمىغاچقىمۇ ئۆزەمنى ئەركىن تۇتاي دەپ خېلى تېرىشىپ باقساممۇ ، ئەمما بىر يەرلىرىمدىن قورۇنۇش ، تارتىنىش مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمغا توسقۇنلۇق قىلاتتى . خۇجايىننىڭ ماڭا پات -پات قاراشلىرىدىن ئۇنىڭ نارازىلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى . شۇنداق ياتسىراش ، تەمتىرەشلەر ئىچىدە چۈش بولدى ، خۇجايىننىڭ‹ تاماق يەپ كىرگىن › دېگەن سۆزىگە ‹ قوسۇقۇم ئاچمىدى ، ئەتتىگەن بەك جىق تاماق يەۋالغان ئىكەنمەن › دېگەننى باھانە قىلىپ چىقمىدىم . خۇجايىنمۇ ‹ ھەئە › دەپ قۇيۇپ ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش يۈردى . قوسۇقۇم ئاچقاندا سۇ ئىچىپ كۈننى كەچمۇ قىلدىم . بۇ يەر توپ سېتىش مەركىزى بولغاچ چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىلا تاقىلىدىكەن . شۇڭا مېنىڭ كاللامغا ‹ شۇنچە بالدۇر ئىشتىن چۈشىدىكەنمىز ، بۇنداق بولغاندىكىن يەنە باشقا بىرە ئىش قىلسام ، قوسۇقۇمنىڭ مەسىلسىنى ھەل قىلىشىمغا ياردىمى بولامدۇ قانداق ؟› دېگەن ئوي كەلدى . مەن بۇ خىيالىمنى ئىليارغا كەچتە دىيىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ ئالدىراپلا ياتاققا قايتتىم .12ئىليار خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپ ، ئىدارىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنىپ قالغاندەك تۇراتتى ، مەن ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا ئەزەلدىنلا ئىشىنىپ كېلىۋاتقاچ ، ئۇنىڭ كېيىنكى خىزمەت ئىشلىرىدىن قەتئى ئەنسىرمەيتتىم . ياتاقتىكى بىر قىزنىڭ دېيىشىچە ، ئىليارنىڭ باشلىقى ئۇنى بەكلا ياختۇرۇپ قاپتۇمىش ، شۇنداق بولغاندا پىراكتىكا تۈگىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ يەردە قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى ئېدى . مەن بۇنىڭدىن خوشال بولساممۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ مەھەللىدە ‹ ئوغلۇم شەھەردە خىزمەت قىلىدۇ ، ئۇنىڭغا شەھەرلىكنى ئېلىپ بېرىمەن ›دەپ يۈرگەن گەپلىرى ئېسىمگە كېلىپ ، سەل ئارامىمنى بۇزاتتى . مۇشۇنداق چاغلاردا توساتتىنلا ئۆزەمدە جاپاغا چىداپ ئىشلەش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ ،‹ قانداق شارائىتتا بولمىسۇن چوقۇم بىر كەسىپ ئۆگۈنىشىم كېرەك › دەپ ئۆز -ئۆزەمنى رىغبەتلەندۈرەتتىم .دۇكاندا دەسلەپ نەچچە كۈن خېلى تەمتىرىدىم ، خۇجايىندىنمۇ خېلى گەپلەرنى ئىشىتتىم ، ھەتتا مېنى ‹ بولدى كەتكىن ، سەن بۇ ئىشنى قىلىپ كېتەلمەيدىغاندەك قىلىسەن › دەپ نەچچە رەت قوغلاپمۇ باقتى . ئەمما ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچەم مېنى بۇ ئۇڭۇشسىزلىقلاردىن قۇتۇلۇشىمغا ياردەم قىلدى . خۇجايىننىڭ تىل ھاقارەتلىرىگە ، قوغلاشلىرىغىمۇ كۈلۈمسىرەپلا قويدۇم . مەندىكى بۇ جاھىللىقتىن خۇجايىن زېرىكتىمۇ ياكى ماڭا بىر پۇرسەت بېرەي دېدىمۇ ، كېيىن مېنى ‹كەت › دەپ قوغلىمايدىغانمۇ بولدى . شۇنداق قىلىپ بارا -بارا بۇ كەسىپنىڭمۇ ئېپىگە كىرىۋالدىم . . خەنزۇچىنى راۋان سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىمدىن خەۋىرى بار خۇجايىنىم ، خەنزۇ خېرىدارلارغا ئۆزى سۆزلەپ چۈشەندۈرەتتى ، مەن بولسام ئۇلارغا ماللارنى ساناپ ئۆتكۈزۈپ بېرەتتىم . ئۇيغۇر خېرىدارلار ئىلگىرى بۇ دۇكانغا ئاز كىرەتتىكەن ، ئەمما مەن بۇ يەردە ئىشلىگەندىن بېرى ئۇيغۇرلارمۇ خېلى كۆپىيىپ ، دائىملىق خېرىدارغا ئايلانغانلارمۇ نۇرغۇن بولدى . خۇجايىنىمنىڭمۇ چىرايىدا كۈلكە پەيدا بۇلىشقا باشلىدى .مەن ئۆز نىشانىمغا يىتىش ئۈچۈن قىلچىمۇ ئىزىلەڭگۈلۈك قىلغۇم كەلمەيتتى . ئىشتىن چۈشۈپلا كەچلىك بازار ئۈچۈن ئالدىرايتتىم . چۈنكى ئاشۇ دەسلەپتە كاللامغا كەلگەن خىيالىم ، مېنى باش قېتىنچىلىقىمدىن قۇتۇلدۇرغان ئېدى . شۇ چاغدا بۇ ئويۇمنى ئىليارغا دېسەم ئۇ قوشۇلماي ؛— بۇنداق نەچچە يەردە ئىشلىسەڭ چارچاپ قالىسەن ، مەن بىر ئوغۇل بالا تۇرۇپ ، سېنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك ئېدى . ھېلىمۇ جاپادا قۇيۇۋاتىمەن ، ئەمدى يەنە ئىشلەيمەن دېسەڭ ، مەن ۋىجدان ئازابى تارتىپ قالىمەن گۈزەلئاي ! —دېدى كەسكىن قىياپەتتە . — بىزنىڭ بەختلىك كۈنلىرىمىز تېخى ئالدىمىزدا ئىليار ، يەنە كېلىپ مەن ھازىرمۇ شۇنداق بەختلىك ،چۈنكى سېنى كۈندە كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن ، شۇڭا ئۆزەمنى قىلچىمۇ جاپا تارتىۋاتقاندەك ھېس قىلمىدىم . ئىككىمىزنىڭ پىلانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن ؟ —دېدىم يېلىنغان ھالدا ئىليارغا . —ئۇنتۇپقۇ قالمىدىم ، سەن بىر قىز بالا تۇرۇپ بۇنداق ئىشلەپ يۈرسەڭ ، مەن ئەنسىرمەي تۇرالامدىم ؟!— ۋاي ۋۇي ئىليار ، بولدى ئەنسىرمىگىنە ، ماڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ ، مېنى پارنىكتا ئۆسكەن شەھەرنىڭ خام سويمىسىغا ئوخشۇتۇپ يۈرمەيۋاتقانسەن ؟ ئۆزەڭ بىلىسەن ، مەن مەھەللىمىزدە ئېتىزدا كەتمەننى چىڭ -چىڭ چېپىپ بىلەكلىرىم خېلى تاۋلانغان ، كېچىلەردە خاماندا بوغداي ئېلىپ ھەممىگە پىشىپ يىتىلگەن توڭ تاشتەك تۇرسام ، مېنى خېلى خېلى بوران -شاماللارمۇ ئۇچۇرۇپ ، بوينۇمنى ئۈزۈۋېتەلمەيدۇ . يەنە كېلىپ مەندە شۇنداق بىر تۇيغۇ بار ، مەن چوقۇم ئىككىمىزنىڭ دېگىنىدەك مەلۇم كەسىپنىڭ ئېگىسى بۇلۇپ كېتەلەيدىغاندەكلا . شۇڭا مېنى قوللىغىن ئىليار . — نېمە ئىش قىلىش توغرۇلۇق كۆڭلۈڭدە سان بارمۇ قانداق ؟ — ئەسلىدە بىر ئىش قىلايچۇ دېگەننىلا ئويلىغان ، ئەمما بايام يولدا كېلىۋېتىپ ،ئىككىمىز كەچتە تاماق يىگەن كەچلىك بازار بۇلىدىغان كوچىدىن ئۆتكەندە ، كاللامغا بىر خىيال كەلدى . مەنمۇ شۇ يەردە يايما يېيىپ كىچىك سودا قىلسام بولماسمۇ ئىليار ؟— كەچلىك بازاردا سودا قىلىدىغانلارنىڭ تىجارەت قىلىش گۇۋانامىسى بار ، ئۇ بولمىسا ساتقىلى قويماسمىكىن . — ئۇنى كىيىنچە چوقۇم بىجىرىمەن . ئەمما ھازىر كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ساتسام ، مەسىلەن قىزلارنىڭ پايپىقى دېگەندەكلەرنى . كېيىن قۇلۇمغا پۇل ئېشىنغاندا تىجارەت كىنىشكىسىنى بىجىرۋالسام ، قانداق دەيسەن ؟— مەنغۇ ماقۇل دەيمەن ، ئەمما بازا باشقۇرۇشنىڭ كۆرۈپ قالسا ، ماللىرىڭنى مۇسادىرە قىلىۋالىدۇ . — ئالدى بىلەن سىناپ باقاي ، بازا باشقۇرۇشتىكىلەرگە ئۇچراپ قالسام ، دەرۇ قاچمامدىم ، ئۇنتۇپ قالدىڭما ، مەكتەپتە ئۇزۇنغا يۈگۈرەشتە بىرىنچى بۇلىدىغىنىمنى ھا ھا ھا —ھا ھا ھا ، ئەمىسە تەۋەككۈل قىلىپ باقايلى . مەن شۇ سۆھبەتتىن ئەتىسى رىزۋاندىن 50 سوم قەرىز ئېلىپ ،توپ سېتىش دۇكىنىدىن قىزلارنىڭ ھەم ئۇغۇللارنىڭ پايپىقىدىن ئىككى توپتىن سېتىۋالدىم ھەم، شۇ كۈنى كەچتە كەچلىك بازاردا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ساتتىم . دەسلەپكى كۈنى بىرنىمۇ ساتالماي ئاچ قۇساق ، ھېرىپ -ئېچىپ ياتاققا قايتىپ كەلدىم . بۇنى ئىليارغا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ، چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتىپ تۇرۇپ ‹ بۈگۈن پايپاق سېتىپ 6 كوي پايدا ئالدىم › دەپ خۇددى 600 كوي پايدا ئالغان چوڭ دۇكاندەردەك قىياپەتتە شوخلۇق بىلەن ئىليارغا 6 كوي پۇلنى تەڭلەپ تۇرۇپ ئەركىلىدىم . ئەسلىدە ئۇ 6 كوي پۇل بولسا ، پايپاق ئېلىپ ئاشقان پۇل ئېدى . ئۇنىڭغا تاماق يېيىشكە كۆزۈم قىيماي ، يەنە ئالدىنقى كۈندىكىدەك سۇ ئىچىپلا كەچ قىلغان ئېدىم . ئىليار قۇلۇمدىكى 6 كوي پۇلغا قاراپ ‹ يارايسەن گۈلۈم ، مانا بۇ دەسلەپكى قەدەم ، كېيىنكى قەدەملەر چوقۇم ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ ، ئەتىدىن باشلاپ مەنمۇ ئىشتىن چۈشۈپ ساڭا ياردەملىشىپ پايپاق ساتاي › دېدى . ئىككىنچى كۈندىن باشلاپ خۇداغا شۈكرى ، ھەر ھالدا نەچچە پايپاقنى سېتىۋالدىم . شۇ چاغدىكى خوشاللىقىمنى دېمەيلا قۇياي . چۈنكى مەن تۇنجى قېتىم ئىشلەپ پۇل تاپقان بولغاچقىمۇ ، تولىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئېدىم . مانا شۇنداق قىلىپ دوستلۇق يولىدىكى كەچلىك بازار مېنىڭ كىچىك قۇۋۇق توپ سېتىش مەركىزىدىن قايتىپ كېلىپ ئشقا چۈشۈدىغان ئىككىنچى ئىش ئورنۇمغا ئايلاندى .
ئاخىرى بار..........
دولانلىق تورىدىن ئېلىندى. http://s.dolanlik.com/forum.php
ئاپتورى دولانلىق تورىدىكى ‹‹مېھرىيە1›› دېگەن تورداش.