بىردەمدىلا ئەتراپىمىز ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى،كىشىلەر ئارىمىزغا كىرىپ بىزنى ئايرىشقا كىرىشتى،ھەنىپە بىر جايدا تۇرۇپ توختىماي يىغلاۋاتاتتى،بىردەملىك ۋاراڭ-چۇرۇڭ جىدەل ماجىرالاردىن كېيىن،باشقىلار بىزنى ئايرىپ ئەنۋەرنى بۇ يەردىن كەتكۈزىۋەتتى،ھەنىپە ئىككىمىز دۇكاندا يەنە يالغۇز قالدۇق،باياتىن قىززىقچىلىقتا ھىس قىلمىغان بىلەن،مۇش يىگەن جايلىرىم ھەمدى ئېچىشىپ ئاغرىۋاتاتتى،ھەنىپە توختىماي مىشىلداپ يىغلايتتى،ئۇنىڭغا قاراپ بىئارام بولۇپ،بەدىنىمدىن بەكىرەك يۈرىكىم ئېچىشىۋاتاتتى.
-كەچۈرۈڭ مۇھەممەت،سىزنى بالاغا قويدۇم-ھەنىپەنىڭ ماڭا قارىغان كۆزلىرىدە ياش ھەم ئامالسىزلىق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.
-نېمىگە كەچۈرۈم سورايسىز،ئۇ ھايۋاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتەلمىگنىمگە پۇشايمان،قىلىمەن،شۇمۇ ئادەم بولدىمۇ ئەمدى.
-ئۇغۇ كەتتى تۈگىدى،بىراق -ھەنىپە بىر ئىشتىن ئەندىشە قىلغاندەك ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتالمىدى.
-بىراق نېمە،نېمىدىن ئەنسىرەيسىز-مەن ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭغا تىكىلدىم.
-بۈگۈن بۇ يەردە خەققە بىر مەيدان ئويۇن قويۇپ بەردۇق،ئەمدى بۇ ئىشتىن ئاكىڭىزمۇ خەۋەر تاپىدۇ،ئاندىن ئۆيىڭىزدىكىلەرمۇ بىلىدۇ،ئەمدى مېنى نېمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ،ئەل-خالايىق مېنى نېمە دەپ قالىدۇ،مەن ئەمدى قايسى يۈزۈم بىلەن بۇ دۇكاندا ئىشلەيمەن،ئۇ ئىت مېنى رەسۋا قىلدىغۇ،ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولمىساق بوپتىكەن،
-ھەنىپە كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ مەن يېنىڭىزدا بار،سىزنىڭ قانداقلىقىڭىز ماڭا ئايان،ئاكاممۇ سىزنىڭ قانداق قىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدۇ ،ئۆزىڭىزگە ئاق بولسىڭىزلا كۇپايە،خەق بىلەن نېمە كارىڭىز-ئاغزىمدا ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسەممۇ،كۆڭلۈمدە مەنمۇ ئەندىشىگە چۈشتۈم،ئاكام بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ قالسا ،ھەنىپەگە يەنە بۇرۇنقىدەك ئىشىنەرمۇ،ئۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالار،ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا ئۇنى قانداقمۇ قايىل قىلارمەن دەپ ئويلاپ،قېنىم قىززىقلىق قىلغىنىمغا سەل پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم.
-ھەنىپە بايام دېگەن گەپلىرىڭىز راسمۇ سىز راس مېنى ياخشى كۆرەمسىز-دېدېىم مەن ھەنىپەنىڭ بايىقى سۆزلىرىنى ئېسىمگە ئېلىپ ھاياجانلىنىپ.
-ئۇقمايمەن-دېدى،ئۇ ئېغىر بىر تىنۋەتكەندىن كېيىن-سىزنى ياخشى كۆرسەم نېمە ئىش بولماقچىتى،ئەنۋەر مېنى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلدى،ئەمدى ھېچكىم ماڭا بۇرۇنقىدەك قارىمايدۇ،بەرىبىر ئاخىرى چىقمايدۇ،بۇ ئىشنىڭ ،ئەمدى ئۇنداق ئويلاپ ئۆزىڭىزنىمۇ مېنىمۇ قىينىماڭ بولامدۇ.
-كىم ئاخىرى چىقمايدۇ دەيدۇ،نېمىشقا ئاخىرى چىقمۇغۇدەك،مەن ئەنۋەرگە ئوخشىمايمەن ،قىلىمەن دېگەن ئىشىمنى چوقۇم قىلىمەن.
ھەنىپەنىڭ ئۇقمايمەن دېگىنىمۇ قەلبىدە ئازراق بولسىمۇ ماڭا مۇھەببەت بارلىقىنىڭ ئىسپاتى ئېدى،ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ بايىقى تاياق ،ئەندىشە دېگەنلەر ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كېتىم.قەلبىمنى خۇش ھاياجان قاپلىدى.
-قىلىسەن ،سەن قىلمىساڭ كىم قىلىدۇ نوچى-تۇيۇقسىزلا كەينىمدە ئاكامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،دېمەك باشقىلار ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزۈپ بولغان گەپ-كەلگىنىڭگە بىر يىل بولماي تۇرۇپ،پۈتۈن شىياۋشىمىننى زىلزىلگە كەلتۈرىۋەتكىدەك ئويۇندىن بىرنى قويۇپسەن ئەمەسمۇ،يۈرە مەن بېلەن.
ئاكام ھەنىپەگە ماڭا بېشى بىلەن سىرىتنى ئىشارە قىلغاندىن كېيىن ھەنىپەگە قاراپ ھومىيىپ قويدى.شۇ تاپتا ھەنىپە خۇددى يىڭنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك پۈتۈن بەدىنى نومۇستىن تىترەپ كېتىۋاتاتتى.مەن ئاكامنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە سەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ گەپ-سۆزسىزلا كەينىدىن ئەگەشتىم.
-ھەنىپە بىلەن تېپشىۋالغىنىڭ راسمۇ-دېدى ئاكام بىز ئۇنىڭ ماشنىسىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن .
مەن گەپ سۆز قىلماي جىم تۇردۇم،بۇ مېنىڭ راس دەپ تەستىقلىغىنىم ئېدى.
دېمەك راسكەندە، يەڭگەڭ بۇرۇنلا-بۇ بالا بىرسى بىلەن تېپشىۋاپتۇ،بوممىسا ئۆي ئايرىپ چىقمەن دەمتى،دېسە ئۇنىڭغا ئىشەنمەي،سەن خاپا قىلغان گەپ دەپ ئۇرشۇپ يۈرۈپتىمەن،ئۆتكەندە ئۆيگە بارغان چاغدىمۇ،ھەنىپەنى كۆرۈپ،يەڭگەڭ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويسا ئىككىڭلارنى ئاقلاپ ئۇنى تىللاپتىمەن،ئەسلىدە شۇچاغدىن باشلاپلا ئىككىڭلا ئۆي تۇتۇۋاپتىكەنسىلەردە، مەن سېنىمۇ ،ئۇ مەينەتنىمۇ بوش چاغلاپ قاپتىمەن،ساڭا قانداق سېھىر ئىشلەتتى سېنى ئۆزىگە بۇنچە مەپتۇن قىلىۋالغۇدەك.
-ئاكا مېنى نېمە دەپ تىللىساڭ مەيلى لېكىن ئۇنى ھاقارەتلىمە،ئۇ پاك قىز،ئارىمىزدا سەن ئويلىغاندەك ھېچقانداق ئىش يوق-ئاكامنىڭ ئۇنى مەينەت دېگىنىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم پىچاق سالغاندەك ئېچىشىپ كەتتى.
-نېمە مەينەت دېسەم چىدىمايۋاتامسەن،بۈگۈن ئۇنى دەپ خەق بىلەن مۇشلىسىپسە،ئەمدى ئەتە مەن بىلەن مۇشلىشىدىغان ئوخشىمامسەن،ئۇقۇپ قوي مەن سېنىڭ ئاكاڭ،ماڭا بۇنداق يوسۇندا گەپ قىلما،ساڭا ئىشىنىپ كەلگەن يېرى مۇشۇ،ئەمدى نېمە دېسەڭمۇ بېكار،ئەتىدىن باشلاپ ئۇنى ئىشتىن بوشتىمەن،بۇندىن كېيىن ئىككىڭلارنىڭ كۆرىشىشگە رۇخسەت يوق،بۈگۈنلا مەن بېلەن ئۆيگە قايتىسەن،بۇندىن كېيىن سېنى ئۆزۈم ئاپىرىپ ئەكىلىمەن.
-ئۇنى ئىشتىن بوشاتساڭ بولمايدۇ ئاكا،ئۇنىڭ ھېچقانداق گۇنايى يوق،ھەممە گۇنا مەندە،ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن لېكىن ئۇ مېنى ئۆز ئېنسىدەكلا كۆرىدۇ،مېنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشۈمنى پەقەت خالىمايدۇ،ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلما،ئەمدى ئۇنىڭ دەرتى كۆتۈرگۈچىلىكى يوق-ئاكامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەنىپەنىڭ يىغلاۋاتقان ئامالسىز ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى.
-بولدى قىل ،مەن دېگنىمنى قىلىمەن،ئەمدى ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاغزىڭغىمۇ ئالغۇچى بولما.
-ئەگەر ھەنىپەنى دۇكاندىن قوغلايدىغان بولساڭ،مېنىمۇ ھەيدىۋەت،ئۇ كەتسە مەنمۇ تۇرمايمەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېتىمەن.
-نەگە كېتىسەن، ماقۇل سېنى كەتكۈزىۋېتەي،سەھراغا كەت ،ئېتىزلىقتا كەتمەن چېپىپ،توپىغا مىلنىپ ياشا.
-مەيلى بۇ جايدا ئېزىلىگىنىمدىن ،يۇرتقا بېرىپ ئانام بىلەن دادامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەتمەن چاپقىنىم مىڭ ياخشى-شۇ گەپنى قىلىپ بولۇپلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم.ئاكاممۇ ھېچنىمە دېمەي،جىمجىتقىنە تۇرۇپ كېتىپ-بوپتۇ دۇكانغا كىرىپ كەت،ئۇ كەتمىسۇن،لېكىن بۈگۈندىن باشلاپ مەن بىلەن ئۆزگە بىللە كېتىسەن -دېدى.
ھەر نېمە بولسا بۇ بالادىن قۇتۇلدۇم دەپ خۇشال بولۇپ دۇكانغا كىرىپ كەتتىم،ھەنىپە يەنىە شۇ غەمگە چۆكۈپ ئولتۇراتتى.
-ھەنىپە ،كۆڭلۈڭىزنى يېرىم قىلماڭ ،ئەمدى مەن يېنىڭىزدا بار،ئاكامغا ھەممە ئىشنى ئېيتتىم ،ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا قوشۇلدى، ئەمدى مەن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمەن،ئىككىمىز بىر -بىرىمىزگە يۆلەك بولۇپ بىر ئۆمۈر ياشايمىز بولامدۇ-مەن ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۆرىسىگە قولۇمنى قويدۇم.
-بۇ گەپلىرىڭىز راسمۇ،مۇھەممەت-ھەنىپەنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى .
-راست،ئاكام راست قوشۇلدى.
-مەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ھەرگىز مۇمكىن بولمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئاكىڭىزنىڭ بۇنداق تېزلا ماقۇل بولىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن-دېدى ھەنىپە ھاياجانلىنىپ-بۇرۇن سىزنى ئۆزۈمنىڭ ئىنىم دەپ ئويلايتىم،قاچاندىن بېرى سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن،لېكىن،سىزنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى ئويلىساملا،بۇ خېياللىرىمدىن قورقۇپ كېتەتتى،مانا ئەمدى بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ،قەلبىم ئىشەنچكە تولغاندەك بولدى،ئەمدى سىزنى قورقماي ياخشى كۆرەلەيدىغان بولدۇم،بىراق يېشىمىز شۇنچە كۆپ پەرىقلىنىدىغان تۇرسا،ئاتا-ئانىڭىز نېمە دەپ قالار.
-ئەندىشە قىلماڭ ،ئۇلارمۇ چوقۇم قوشۇلىدۇ،ئانام،دادام بىر بىرىدىن ساددا ئاقكۆڭۈل ئادەملەر،سىزدەك ياخشى قىزنى چوقۇم كېلىن قىلىۋالىدۇ،ئەمدى ياشنىڭ گېپىنى قىلماڭ ،ياش پەرقى مۇھەببەتكە سەۋەب بولالمايدۇ،ئىككى يۈرەكتىكى مۇھەببەت ئوخشاش بولسىلا ،ئۇ ئىككى ئىنسان مەڭگۈ بىرگە بولالايدۇ.
شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا پۈتۈن بەدىنىم ئوت ئالغاندەك قىززىپ ھاياجانغا تولدى.
-رەھمەت ،مۇھەممەت،سىزنى خۇددى مەن ئۈچۈنلا يارالغاندەك، مېنىڭ قايغۇمنى ئازابلىرىمنى تۈگتىش ئۈچۈنلا يېنىمغا كەلگەندەك ھېس قىلىمەن،ھەر قېتىم ،قىيىن كۈنگە ئۇچىرىغاندا سىز ئۇنى يوق قىلىپ مېنى خۇشال قىلىسىز-ھەنىپەنىڭ كۆزلىرى ماڭا مېھىر بېلەن تىكىلدى.
-مەن سىزنىڭ ،مەن سىز ئۈچۈن يارالغان-مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ قولىنى ئالقىنىمنىڭ ئىچىگە ئالدىم،شۇ قەدەر ئىللىق بىر ئېقىم ئالقىنىمدىن تۈرۈپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئىللىتىشقا باشلىدى.
ھەنىپە ئىككىمىز كەچكىچە مۇڭدۇشۇپ بىر -بىرىمىزگە شېرىن ۋەدىلەرنى بېرىشتۇق،كەچتە ئاكام دېگىنىدەكلا مېنى ئالغىنى كەلدى.ئۆيگە بارسام ،يەنە يەڭگەمنىڭ سوغاق مۇئامىلسىى،لېكىن ،ئۇ ھەنىپە ئىككىمىز توغرىلىق ھېچنەرسە دېمىدى،دېمەك ئاكام ئۇنىڭغا بۇ ئىشلارنى دېمىگەن بولسا كېرەك.
ھاياجان ،خۇشاللىق ئىچىدە ئۇخلىيالماي ھەنىپەگە تېلفون قىلدىم،ئۇنىڭ تېلفونى ئېتىك ئېدى،توكى قالمىغان ئوخشايدۇ دەپ،ئۆزۈمنى ئەللەيلەپ مەجبۇرى ئۇيقۇغا كىرىشتىم.
ئەتىسى ھەنىپەنى كۆرۈشكە ئالدىراپ ئاكامنى ساقلىمايلا دۇكانغا ماڭدىم،لېكىن مەن كەلگەندە ھەنىپە تېخىچە كەلمىگەن ئېدى،ئۇنى ساقلىدىم ،شۇنچىلىك تەقەززا بولدۇم،لېكىن ئۇ كەچ بولغۇچە كەلمىدى،تېلفون قىلسام تېلىفونى ئېتىك،زادى نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ ئويلاپ ئەندىشە بېلەن بىر كۈننى ئاران كەچ قىلىپ ،ئاكامدىن سورىدۇم.
ئاكام-مەن ئۇقمايمەن،يا ماڭا دەپ قويمىدى،ئۆيىدە بىر ئىش چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ ئەتە كېلىپ قالار-دېدى.
قەلبىمدە ئاكامغا نىسبەتەن يەنىلا بىر چوڭ گۇمان بار ئېدى،شۇنداق بولسىمۇ ،يەنە بىر كۈن ساقلاپ بېقىش قارارىغا كېلىپ ئۇنىڭ بېلەن ئۆيگە قايتتىم.كېچىچە ھەنىپەگە نەچچە قېتىم تېلفون قىلغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،ئۇنىڭ تېلفونى يەنىلا ئېتىك ئېدى.زادى نېمە ئىش بولغاندۇ،ھەنىپە تېخى تۆنۈگۈنلا ماڭا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى قىلغان ئېدىغۇ؟ئەجىبا ئەنۋەر بىلەن يەنە..............،ياق ئۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس،لېكىن ئۇ نېمە ئۈچۈن بۈگۈن مەن بىلەن بىر قېتىممۇ ئالاقىلاشمايدىغاندۇ،تېلىفون قىلىپ دەپ قويسىمۇ بولاتتىغۇ-ھەرخىل خىياللار قەلبىمنى ئېزەتتى،سېغىنىش ،ئەندىشە ئىچىدە قانداق ئ.ۇخلىغنىمنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن،سەھەر سائىتىم چىللىغان ۋاقىتتا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،يەنە ئالدىراپ دۇكانغا مېڭىپ كەتتىم.پۈتۈن ۋوجۇدۇم تىترەيتتى،بۈگۈن ھەنىپەنى دۇكاندا كۆرۈشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم،ئەپسۇس مەن كەلگەندە ئۇ يەنە يوق،ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن چۈشكىچە ساقلىدىم-دە،بولالماي دۇككاننى تاقاپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدىم،،ئىشىك قوڭغىرىقىنى شۇنچە باسساممۇ ئاچىدىغان ئادەم يوق،يېرىم سائەتتەك ھەپىلەشكەندىن كېيىن ،ئۈمۈدسىزلىنىپ ،جانسىز پۇتلىرىمنى سۆرەپ يېنىپ چىقتىم.
يولدا كېتىۋاتىمەن،كاللامدا تۈمەن مىڭ خىيال، ھەنىپە زادى نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ،تېخى ئىككىمىز تۆنۈگۈنلا مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا ۋەدىلەشكەن ئېدىققۇ،ئاكام بىر نەرسە دېگەنمىدۇ،يا،ئاكام بىر نەرسە دېگەن بولسا دۇكانغا كەلمىسىلا بولاتتىغۇ؟نېمىشقا ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە جىمجىتقىنە يوقاپ كېتىدۇ؟ئەنۋەر بىلەن يەنە تېپشىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس تېپشىۋالىدىغان بولسا،تۆنۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ يۈرمەس بولغىيتى،ئۇنىڭغا زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟يۇرتىدا بىرەر ئىش چىقىپ قالمىغاندۇ؟مۇمكىن ئەمەس،ئۇنچىۋالا چوڭ ئىش بولىدىغان بولسا ماڭا چوقۇم دەپ قوياتتى،ئۇ مېنى تاشلاپ كېتىپتۇ،مېنى ئالداپتۇ.مەن نېمە دېگەن بېچارە،ئۆز-ئۆزۈمگە توختىماي پىچىرلىماقتا ئېدىم.
تېخى تۆنۈگۈنلا مېنى بىر كۈنگىمۇ يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە،ئۆز مۇھەببىتى بىلەن ئېلھاملاندۇرۇپ،شېرىن ھېسلار بېلەن قەلبىمنى ھاياجانلاندۇرۇپ،يۈرىكىمدە ئىشىق ئوتىنى يالقۇنجىتىپ،روھىمنى بىر دەملىك شاد-خورام تۇيغۇلار بېلەن ئەللەيلەپ قويۇپ،ئەمدىلىكتە چۈش كەبى ئەتراپىمدىن جىمجىتقىنە غايىپ بولغان ھەنىپەنىڭ سىماسى خېيال ئېكرانىمدا توختىماستىن قويۇلۇپ،نېرۋېللىرىم قاتتىق چىڭقالماقتا،غايىبتىن كەلگەن بۇ تويۇقسىز ھېجىراندىن قەلبىم پۇچۇلۇنۇپ،روھىم تېنىمدىن جۇدا بولغاندەك ئازابلانماقتا .
داۋامى بار
ئەسلى مەنبە: http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=21765