باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! چۈشلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يەكشەنبە
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئۆگزىدىكى مۇھەببەت، پېشايۋاندىكى ۋەدە (1)

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:11:08

‹‹ئۆگزىدىكى مۇھەببەت، پېشايۋاندىكى ۋەدە (1)›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

 

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى

 

- كىم سېنى شۇنداق دېدى؟

-....

- گەپ قىلە! كىم سېنى شۇنداق دېدى دەۋاتىمەن؟ زۇۋانىڭ تۇتۇلۇپ قالمىغاندىكىن گەپ قىل دېدىم!

    ۋەلىگاڭ ئىچ-ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغلايتتى، خۇددى كىچىككىنە يۈرىكىنى بىر قارا قول رەھىمسىزلىك بىلەن سۇغۇرۇپ چىقىۋاتقاندەك، مەيدىسىگە مۇشتلاپ ئۆكسۈۋاتاتتى. بالىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق ئىچ-ئىچىدىن يىغلاپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئادالەتخان كايىشتىن توختاپ، يېتىم قالغان باچكىدەك تىترەۋاتقان ۋەلىگاڭنى مېھرى بىلەن باغرىغا باستى.

    ۋەلىگاڭ بۇ مەھەللىدىكى باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئاق پىشماق سۈزۈك كەلگەن چىرايى، تۆكۈلۈپ تۇرغان قاش كۆزلىرى شۇنداقلا، زىيادە پاكىزلىقى ئۇنى ھەممىدىن پەرقلىق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. راستىنى دېگەندە، ئەخلاق جەھەتتىنمۇ بىرەيلەن ئۆگىتىپ قويغاندەكلا ئەدەبلىك چوڭ بولغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ چوڭ بولغان بۇ ئۆيدە يەنە ئۈچ بالا بار، ئۇ بالىلارنىڭ بىر بىرىدىن ئۆتە شوخ، ئەدەبسىزلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، پەقەت مۇشۇلا بەخت ئەلچىسىدەك، كىملا كۆرسە ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان بالا بولدى.

     ۋەلىگاڭ نېمىشقىدۇر باياتىن قېرىنداشلىرىدىن ئاڭلىغان گەپنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئاپىسىغا دەپ سالغانلىقىدىن سەل پۇشايمان قىلدى. شۇڭا كىمنىڭ دېگەنلىكىنى ئەمدى دېسە بولمايتتى، چۈنكى ئاپىسى ئۇنىڭغا زىيادە ئامراقلىقىدىن، ئۇنى بوزەك قىلغانلىكى ئادەمنىڭ راسا ئەدىپىنى بەرمىسە كۆڭلى تىنمايتتى. ۋەلىگاڭ بولسا، مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك قېرىنداشلار ئارىسىدا يۈزى چۈشۈپ كېتىشنى، ھەمدە كېيىنچە باشقا پۇرسەتلەرنى تېپىپ ئۆزىدىن ئۆچ ئېلىشىنى ئويلاپ خېلىلا قورقۇۋاتاتتى. 

    ئادالەتخان ۋەلىگاڭنىڭ ئۇخلاپ قېلىشى بىلەن ئايۋاندا ئۆگزىدە ئۇخلاشقا تەمشىلىۋاتقان بالىلىرىنىڭ يېنىغا چىقتى. ئۇ ئەمدىلا شوتىدىن چىقىشىغا شۇنداق شادىمان ئويناۋاتقان بالىلىرىنى كۆردى، ئۆگزىنىڭ لېۋىگە قويۇلغان كىچىككىنە ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، بۇ كەپسىز بالىلىرىغا قاراپ خىيالغا پاتتى. ئەسلىدە ئۇلارنى ئەدەپلەپ قويماقچى ئىدىيۇ، ئەمدىلىكتە ئىچىدىن بىر ئوت يېلىنجاپ كۆيۈپ، بۇرنىنى ئېچىشتۇرۇشقا باشلىدى. 

   ئۈچىلا بالا تېرىسى قارىغا مايىل بۇغداي ئۆڭ بولۇپ، كۆزلىرى ئۇنچە چوڭمۇ ئەمەس، قېشىمۇ بىر-بىرىنىڭكىدىن شالاڭ ھەم كەڭ، ئېغىزى چوڭراق ھەم كالپۇكى دورداي ئىدى. ئەزەلدىن بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، ئۆزئارا قوغداپ ئىناق ئۆتۈۋاتقان بۇ ئۈچ قېرىنداش قاچانلاردىن بۇيان ئاپىسىنىڭ نەزىرىدە كەپسىز، قىلىقسىز بولۇپ قالغان بولغىيدى؟ ھە، توغرا، ۋەلىگاڭنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنلا ھەممە ئۆزگەردى. ئەسلىدىكى ئۆز پەرزەنتلىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى بىراقلا ۋەلىگاڭغا ئاتالدى. ئەلۋەتتە، ھەممىسى ئوخشاش بالا تۇرسا، قانداقمۇ ئاپىسىنىڭ مېھرىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلمىسۇن؟ ئوخشاش بولمىغان مۇئامىلە بالىلاردا ئوخشىمىغان پىسخىكا شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ ئەمەسمۇ... «ھەي، ئەسلى ھەممىنى قىلغان ئۆزۈم!» دەپ ئويلايتتى ئادالەتخان. «ھەممىسىگە ئوخشاش كۆيۈنگەن بولسام، بەلكىم ۋەلىگاڭمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئوينايتتى. ئەمما، ئۇ قىز بالىدەك نازۇك چوڭ بولدى. كېچىسى قاراڭغۇدىن قورقىدۇ، سۇدىن قورقىدۇ. ھەم ئارتۇق گەپ قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغانمۇ يەنە مۇشۇ ئۈچ بالا ئىدى. ئۆز قارنىنى يېرىپ چىققان تۆت بالىنىڭ بۇنچىلىك پەرقلىق بولۇشىنى ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەيتتى. بايا ۋەلىگاڭنى «ۋەلى خېنىم، ئاپئاق خېنىم، ئاي خېنىم!» دەپ ھاقارەت قىلىپ كىچىككىنە غورۇرىنى يەرگە ئۇرغانلارمۇ دەل مۇشۇلار ئەمەسمۇ!؟ ۋەلىگاڭنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن ئادالەتخان ئىچىدىن چىققان بىر ئاچچىق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، ۋارقىرىغان پېتى ئۈچ بالىنىڭ يېنىغا كەلدى:

   - ھۇ، شاۋچى گۇتوزىلار! سەنلەرنىڭ دەردىدە ئۆلسەممۇ گۆرۈمدە تىك ئولتۇرىمەنغۇ مەن زادى! قايسىڭ ۋەلىگاڭنى تىللاشتىڭ؟

   بالىلار چۇرقىرىشىپ. پومىداقلىشىپ ئويناۋاتقان جايىدا قىمىر قىلالماي تىترەپ تۇراتتى. ئاپىسىنىڭ پەيلىنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ، بىردىنلا يوتقانلىرىغا چىڭ پۈركىنىپ، كېلىۋاتقان مۇشتۇم-شاپىلاق ھۇجۇمىدىن قوغدانماقچى بولدى.

   - چىقىشە، ھەممىڭ چىقىش يوتقاندىن! - ئادالەتخان شۇنداق دەپلا، بار كۈچى بىلەن ھەممىسىنىڭ يوتقانلىرىنى يۇلۇپ ئېلىپ، توپا يەرگىلا ئاتتى. ئەمدى بىچارە بالىلار تېخىمۇ تىترەشكە يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن كىمنىڭ دېگەنلىكىنىمۇ پەرق ئېتىش تەس. - تۇرە ئورنۇڭدىن! سەنمۇ تۇرە! تۇر دېدىم! ئاغزىمغا نېمە گەپلەر كەمەيدۇ ھەي مۇشۇ شۇملارنىڭ دەردىدە!

    ئادالەتخاننىڭ بۇزۇق كانايدەك چىققان سەت ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغانغان ساتتاراخۇن پەستە تۇرۇپلا ئۆگزىگە قاراپ ۋارقىرىدى:

   - ھوي، ئېشەكچىدەك سۈرەن سالماي، ئاستا گەپقىلساڭ ئۆلەمسە؟! قولۇم-قوشنىلار ئاڭلاپ قالسا سەت ئەمەسمۇ؟! ئىزا تارتىشنى ئۇقمايدىغان بىشەم!

   - ھە سەن بەك ئۇقىسەن بەك ئۇقىسەن! ئاتا بولۇپ قالغىنىڭ سېنىڭ ئىسىت ئىسىت! تام تۈۋىدىن تېپىۋالغان بالىدەك كارىڭمۇ بولمايدۇ، ما بالىلار بىلەن مەن ئالدىراشچىلىقتا ئۆلسەممۇ كارىڭ يوق! 

   - ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەندىكىن، ئەتە دېيىشسەڭ بولىدۇغۇ؟!- ئايالىنىڭ بىشەم يولسىزلىقىنى بىلگەن ساتتاراخۇن سەل پەسكويغا چۈشكەنىدى، ئۇ بوشقىنا ئاۋازدا ئەمما چىڭقىلىپ سۆزلىدى:

  - بالىلار بىر ئۇيقۇسىنى ئۇخلىۋالسۇن، ئەتە دە نېمە ئىش بولسا، يېنىپ چۈش! 

   ۋەلىگاڭ بۇ جېدەللەرنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلەپ ئىچ-ئىچىدىن بىئارام بولۇۋاتاتتى. ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن بۇ نازۇك يىگىتنىڭ كۆڭلىمۇ شۇ قەدەر ئاق ئىدى. ئۇنىڭ بالىلىقى شۇ تەرىزدە، قېرىنداشلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراش، ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ تۈگىمەس جېدىلىگە سەۋەب بولۇش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.

    

    تۇرپاننىڭ ياز پەسلىدىكى ھاۋاسىنىڭ ئىسسىقلىقىغا گەپ ئۇدۇل كەلمەيدۇ، خۇددى تونۇرنىڭ ئۆزىدە! تەككە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن موتوسىكىلىت مىنىدىغانلار بىلىدۇ، يۈزگە ئۇرۇلغان ئىسسىق شامال دەل شۇ تونۇرنىڭ ھۈرى! ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈگەپ، نەتىجە ساقلاۋاتقان شۇ مەزگىللەردە، ۋەلىگاڭ ئاپىسى ئادالەتخانغا ياردەملىشىپ تەككە باراتتى. ئۈچ جاھانگىر قېرىندىشى غەنى، سەمى، ئەلىلەر بولسا ئاللىبۇرۇن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ بولغانىدى. ئۇلار مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇمىغان، كۈندە دېگۈدەك دەرستىن قېچىپ، كىچىكلا تاماكا-ھاراققا ئۆگىنىۋېلىپ، قىز ساۋاقداشلىرىنى تولا بوزەك قىلىپ مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگەنىدى. بۇ كىچىككىنە بازاردا ئۇ ئۈچ جاھانگىرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغانلارغا قۇيقا چېچى تىك تۇراتتى دېسەكمۇ ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمايدۇ. چۈنكى ھەممەيلەن ئۇلارنى «ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان جوھوتلار» دەپ تىللايتتى. ساتتاراخۇن سودا ئىشلىرى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈرگەچكە، ئۆيدە ۋەلىگاڭ ئاپىسىغا ھەمراھ بولۇپ، ئېغىر-يېنىك ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقاتتى. ئەمما ئىككىسى يالغۇز قالغاندا بولسا شۇنچىلىك بەختىيار ھېس قىلاتتى، ئەپسۇس بۇنداق مىنۇتلار بەكمۇ ئاز. بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئۇ ئۈچ جاھانگىرنىڭ بالىلىرى ھە دېسىلا كىرىۋېلىپ، ئۆينى قالايمىقان قىلغاننى ئاز دېگەندەك، بىردەم قارىمىسىلا ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ، پەسكە بىر نېمە تاشلاپ ياكى ئۆزى سەكرەپ قورقۇتۇپ جاننى ئېلىپ ياندا قوياتتى. 

    -ئۇف، بۇ گۇتوزىلارمۇ مۇت ئاتىلىرىنى تارتىپلا چىقىپتۇ مانا! ھامان بىر كۈنى بېشىمغا بالا بولىدۇغۇ بۇلار!

   ئادالەتخان نەۋرىلىرىگە قاراپ ئۇھسىنىپ قوياتتى. بىردەم بىكار بولسىلا كىتاب ئوقۇيدىغان ئامراق ئوغلى ۋەلىگاڭغا قاراپ مەستلىكى كېلەتتى. ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ:

   - ۋەلىگاڭ، نېمە كىتاب ئوقۇۋاتىسەن، ئۇف، ھېرىپمۇ كەتتىم، ماڭا بىر يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇپ بېرىپ باقا! 

   - سەن قىزىقارسەنمۇ ئاپا، تارىخىي رومان ئىدى... بوپتۇ، ئوقۇپ بېرەي، ئاڭلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قالارسەن...

  ئوغلىنىڭ كۆيۈمچانلىقىدىن سۆيۈنگەن ئادالەتخان بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى. ۋەلىگاڭ قولىدىكى باھادىرنامە رومانىنىڭ ئىككىنچى كىتابىنى ئوقۇشقا باشلىدى. دېگەنكىدەك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بۇ ئايالغا رومان خۇددى ئەللەي ناخشىسىدەك بىردەمدىلا ئۇيقۇغا باشلاپ قويدى. ۋەلىگاڭ قولىدىكى كىتابنى قويۇپ، ئاپىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، يۈزىگە قونماقچى بولۇپ ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرگەن بىزەڭ چىۋىنلارنى قورۇپ ئولتۇرغاچ، ئاپىسىنىڭ قورۇق باسقان يۈزىگە، ئاقارغان چېكە چاچلىرىغا قاراپ خىيالغا چۆمدى. 

    ئارىلىقتىكى كارىۋاتقا سېلىنغان گىلەم ئوتقاشتەك قىزىل رەڭدە بولۇپ، ئۈستىگە سېلىنغان كۆرپىدە سۇنايلىنىپ ياتقان ئادالەتخان بىخارامان ئۇخلاۋاتىدۇ، ۋاپادار ئوغلى بولسا يېنىدا چىۋىن قورۇغاچ چۈشىنىكسىز خىياللار ئىلكىدە كەلگۈسىگە زور ئۈمىدلەر بىلەن بېقىۋاتىدۇ.

   

  ھەر يىلى ئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدىن يەتتىنچى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان بىر ئاي ئىچىدە، يىراقتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بالا-ۋاقىلىرىنى يەنە ئۇنى ئاز دېگەندەك قولۇم-قوشنىلىرىنى ئېلىپ، قۇمغا كۆمۈلگىلى كېلەتتى، ئەلۋەتتە، بۇ ئۆيدە يېتىپ-قوپىدىغان بولغاچقا، مېھمان كۈتۈش بىلەن جۇلىقى چىقاي دېگەن ئادالەتخاننىڭ بۇرنىنى تارتقۇدەك ماجالى قالمايتتى. ئەمدىغۇ، مېھمان كەلگەن ئۆينىڭ بەرىكىتىنى ياراتقۇچى ئۆزى بېرىدۇ دەيدىكەن، مېھماندارچىلىق بار ئۆي بازاردەك قايناق بولىدۇ، ئەمەسمۇ! مانا بۇ يىلمۇ يەنە چوڭ-كىچىك بولۇپ، 17 ئادەم بىر كېچىدىلا بۇ ئۆيگە چۈشتى. بۇ قېتىم كەلگەن مېھمانلار ئىچىدە، ۋەلىگاڭ بىلەن تەڭتۇش قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللارمۇ بار ئىدى. ئىككىسىنىڭ بوي-بەستى، چىراي-تۇرقىمۇ شۇ قەدەر ئوخشاشكى، باشقىلار قەيەرىدىن پەرقلەندۈرۈشنى ئۇقالماي قالاتتى. ۋەلىگاڭنىڭ زىيادە تارتىنچاقلىقى، بۇ ئىككى شەھەرلىك قىزنىڭ شوخلۇقى خۇددى مۈشۈك-چاشقان ئويۇنى ئوينىغاندەك، ۋەلىگاڭ قېچىپ، ئۇلار قوغلاپ دېگەندەك ئۈچ كۈن ئۆتتى. 

   - ۋەلىگاڭ، جېنىم بالام، قىزلىرىمنى بازارغا ئەكىرىپ بىر ئايلاندۇرۇپ چىققىن، قوزىلىرىمنىڭ ئىچى سىقىلىپ قالمىسۇن بۇ يەردە! 

   شەھەردىن كەلگەن ھاممىسى، يەنى شۇ قوشماق قىزلارنىڭ ئاپىسى رەت قىلغۇسىز يۇمشاق تەلەپپۇزدا ۋەلىگاڭدىن ئۆتۈندى. ۋەلىگاڭمۇ ئامالسىز ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتقا قېلىن كۆرپىنى سېلىپ، ئىككى تەرەپكە ياستۇقنى تىكلەپ قويۇپ، قىزلارنى ئولتۇرغۇزۇپ بازارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ قىزلار ئەزەلدىن بۇنداق قاتناش قورالىدا ئولتۇرۇپ باقمىغاچقىمۇ، بىر-بىرىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ، توختىماي كۈلەتتى، بىر چەتتىن قولىدىكى ئايفونىدا رەسىمگە چۈشۈپ زېرىكمىدى. بۇ كۈلكىدە مەسخىرىمۇ ئارىلاشمۇ تاڭ، ئىشقىلىپ ۋەلىگاڭنى خېلىلا بىئارام قىلدى. يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ئوچۇقلا كىيىنگەن بۇ ئىككى قىزغا بىر قاراپ، ئالدىدىكى دوپپا كىيگەن شوپۇر بالىغا بىر قاراپ قوياتتى. توپا يوللاردىن، كاتاڭ تاشيوللاردىن ئۆتۈپ، سىلىق سىمونت يولغا چىققاندا، ئاللىبۇرۇن بازار ئىچىگە كىرىپمۇ قالغانىدى، بۇ چاغدا ئاچىسى گۈلفىزە يىگىتنى نوقۇپ توختاتتى:

   - بازار ئىچىدىمۇ مۇشۇ موتوسىكىتتا ئايلىنىپ يۈرەمدۇق؟ 

   سىڭلىسى دىلفىزە ھەيرانلىق بىلەن ئاچىسىغا قارىدى، ئۇ ئاچىسىنىڭ نېمىشقا بۇنداق دەيدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئەزەلدىن بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ، يېزىدىكى تۇغقانلىرىدىنمۇ نومۇس قىلىدىغان بۇ قىز ھازىرمۇ شۇنىڭدەك ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتتا ئايلىنىپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلىۋاتاتتى. ۋەلىگاڭ چەتكىرەك توختاپ، كەينىگە قاراپ قىزلاردىن سورىدى:

   - نېمە بوپتۇ؟

   - ياقەي، ھېچ، ھېچنېمە، شۇ ئەمدى، پىيادە ئايلانساقمۇ بوپتىكەن...- گۈلفىزە ئالدىدىكى بۇ كېلىشكەن يىگىتنىڭ مەنىلىك قارىشىدىن ئەيمىنىپ قالدى بولغاي، سۆزىنى ئەينەن ئېيتالمىدى. دىلفۇزە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ جىممىدە ئولتۇراتتى، ۋەلىگاڭ ئىككى قىزغا سوئال نەزىرىدە قاراپ قويۇپ:

   - ماقۇل، چىدىيالىساڭلار مېڭىڭلار، ئاۋۇ سايىغا توختىتىپ قوياي، ھازىر چۈشۈپ قېلىڭلار!

   - قانداقلا بولسا مەيلىتى، پىيادە ئايلانساق بەك ئۇزۇن ۋاقىت كېتەرمۇ؟!-دىلفۇزە خۇددى بىر ئىشقا ئالدىراۋاتقاندەك، يەنە بىر قارىسا ئاچىسىنىڭ پىكرىدىن نارازىدەك قىلاتتى. ۋەلىگاڭ دىلفۇزەنىڭ سۆزىگە ئېتىبار قىلماستىن سايىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 

   - ھەي، بۇ تۇغقىنىمىز سەھرالىق بولغىنى بىلەن قەتئىي يېزا چىراي ئەمەسكەن-ھە! قارىغىنە يۈزىنىڭ تېرىسى بىزنىڭكىدىنمۇ ئۆتە سۈزۈك ھەم ئاقكەن. كىرپىكلىرى ھەم بىزنىڭكىدىن ئۇزۇنكەن. ھا ھا ھا ھا ! توۋا بىزنىڭ شەھەرنىڭ بالىلىرىدىنمۇ بۇنچە كېلىشكەنلىرى بەك ئاز ئۇچرايدۇ جۇمۇ!

   - كىرپىكلىرىگىمۇ دىققەت قىپ چىقتىڭما سەن؟! -دىلفۇزە ئاچىسىنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا سورىدى،-ھە راست، موتوسىكىلىتتا ئولتۇرۇشتىن نومۇس قىلدىڭ ھە؟!

   - ۋاي، قويە، مۇشۇ كىيىملىرىمىز بىلەن شۇ موتوسىكىلىتتا ئولتۇرساڭ خەق نېمە دەپ قالىدۇ؟! بايا كۆرگەنسەن، يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ قانداق قارىغانلىقىنى... ئۇف، پۈرلىشىپ كېتىپتۇ كۆينىكىم، كەينىمگە قارىغىنە توپا بوپتىما؟

   - ياق، بىر چىرايلىق ئۆز پېتىچە تۇرۇپتۇ،- دىلفۇزە ئاچىسىنىڭ بۇ قىلىقىنى پەقەت قوبۇل قىلالمىدى. 

    شەھەرلىك ئىككى قىز توختىماي كىيىم-كېچەك بازىرىنى ئايلاندى، سەھرالىق يىگىت ۋەلىگاڭ بولسا ئۇلارنىڭ سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى كۆتۈرۈپ، كەينىدە ماڭدى. ئۇ ئىككى قىزنىڭ چىراي-تۇرقىنىڭ شۇ قەدەر ئوخشاشلىقىغا باقماي، مىجەز-خاراكتېرىنىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى سېزىپ، ئۇلارنى كۆزىتىشكە باشلىدى. ئۇ تولاراق دىلفۇزەگە دىققەت قىلدى، خۇددى يۈرىكىگە ئوت چۈشكەندەك، ئىچىدىن بىر خىل ئىللىق سېزىم بۆرتۈپ چىقىپ، بۇ شېرىن تۇيغۇ تومۇر-تومۇرلىرىغىچە تارايتتى. دىلفۇزەنىڭمۇ بىردە-بىردەم كەينىگە قاراپ قويۇشلىرى، يېقىن كەلسىلا:

   - سىزنى جاپادا قويدۇق، بۇنى بولسىمۇ ئۆزۈم كۆتۈرىۋالاي،-دەپ تەكەللۇپ قىلىشلىرى ئۇنى شۇ قەدەر سۆيۈملۈك كۆرسەتسە، ھەر بىر قېتىم ئاچىسىنىڭ سۆزلىرىگە خاپا بولۇپ دومسايغان چاغدىكى ئۇچلانغان گىلاستەك لەۋلىرى، شۇنداقلا ھەربىر كەينىگە ئۆرۈلگەندە يەڭگىل يەلپۈنگەن سارغۇچ چاچلىرى، ۋەلىگاڭغا قارىغاندا باشقىچە ئوتلۇق بولۇپ كەتكەن شەھلا كۆزلىرى ئۇنى تەڭداشسىز گۈزەل كۆرسىتەتتى. 

    ئۈچەيلەن ھېرىپ-چارچاپ مىڭ تەسلىكتە ئۆيگە كېلىۋالدى. چوڭ شامالدۇرغۇچ ئاستىدا ئوق تەگكەندەك قول-پۇتىنى كېرىپ سوزۇپ ياتقان گۈلفىزە، يېنىدا تۇرغان ئەر كىشى زاتىدىنمۇ نومۇس قىلىشنى ئۇقمىسا كېرەك. ئۇ بىخارامان ھالدا كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ، لەپتىلا ئولتۇرغان دىلفۇزەگە قاراپ بوش ئاۋازدا:

   - سەنمۇ بىردەم يېتىۋالە! ئاندىن قوپۇپ، كىيىملىرىمىزنى سىنايمىز...-دېدى، دىلفۇزە قولىدىكى سومكىلارنى رەتلەپ قويغاچ ئاچىسىغا جاۋاب بەردى:

   - ئۆيگە كىرىپ ياتساڭچۇ، ھويلىدا سەت تۇرىدىكەن!

    سىڭلىسىنىڭ يۆلەپ ئىتتىرىشلىرى ئارقىسىدا ئەركىلەپ يۈرۈپ ئۆيگە كىرگەن گۈلفىزە يۇمشاق كۆرپىگە دۈملا چۈشۈپ ئۇيقۇغا كەتتى. دىلفۇزە سومكىدىن نېمىنىدۇر چىقىرىپ، مەيدىسىگە چىڭ چاپلاپ قۇچاقلاپ، بوسۇغىدىن ئاتلىدى. ئۇ ھويلىغا چىقىپ، كىمنىدۇر ئىزدەۋاتاتتى. تەلىيىگە ھازىر ئۆيدىكى چوڭ-كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى سايدىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا كەتكەن بولۇپ، بۇ چوڭ قورو بايا بازاردىن چىققان ئۈچ ياشقا ئوڭچە قالغانىدى. دىلفۇزە ھەممە ئۆينى ئالا قويماي ئاقتۇرۇپ چىقتى، يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىنى تاپالمىغان بالىدەك، ئۈمىدسىزلىك بىلەن سالپىيىپ ئارىلىقتىكى كارىۋاتقا كېلىپ ئولتۇرۇپ، باياتىندىن بېرى قۇچاقلاپ يۈرگەن كىتابنى يانغا تاشلاپ قويدى. ئۇ يەنە شۇ ئوماققىنا ئاغزىنى ئۇچلاپ، ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ بىر نېمىلەرنى غودۇراپ ئولتۇراتتى. ئۆگزىدە تۇرۇپ ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغان ۋەلىگاڭ، يېنىدىن بىر كىچىككىنە داڭگالنى ئېلىپ دىلفۇزەگە ئاتتى. دىلفۇزە چۆچۈپ كېتىپ ئالدى بىلەن ئەتراپقا، ئاندىن ئۆگزىگە قارىدى. ۋەلىگاڭنى كۆرۈش بىلەنلا يۈزىگە تەبەسسۇم قوندى، ئۇ سەل قىزارغانچە بىردە يەرگە، بىردە ئۆگزىگە قاراپ قويدى. 

    -ئۆگزىگە چىقالامسىز؟ 

    - چىقىپ باقمىغان، قانداق چىقىمەن؟

   - ئاۋۇ تەرەپتە ئۆينىڭ بىقىنىدا پەلەمپەي بار، شۇنىڭدىن چىقىڭ. 

   - ھە ماقۇل.

   ئىككىيلەن ئۆگزىدە كونا كارىۋاتتا خېلىلا ئارىلىق ساقلاپ ئولتۇردى. ۋەلىگاڭ:

  - باياتىندىن نېمە ئىزدەۋاتقانتىڭىز؟

  - ھېچ، ھېچنېمىنى...

  - ھە، دەپ بەرگۈڭىز بولمىسا مەيلى...

  - بۈگۈن بەك چارچىتىۋەتتۇق ھە سىزنى؟! 

  - ياقەي...

  - ئوغۇللار ئەزەلدىن بازار ئايلىنىشقا ئۆچ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟!

  ۋەلىگاڭ بۇ گەپتىن كېيىن دىلفۇزەگە سوئال نەزىرىدە قاراپ:

  - ئوغۇللار؟ ھەممىسىنىڭ شۇنداقلىقىنى قانداق بىلىسىز؟

  - ھەئە، داداممۇ شۇنداق، ئاكاممۇ شۇنداق ئىدى،- دىلفۇزە ۋەلىگاڭنىڭ چىراي ئىپادىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلماي، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

  - قارىسام سىز كىتاب ئوقۇشقا بەك ئامراقكەنسىز، شۇڭا مەن ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىتابنى سىزگە سوۋغا قىلاي، بۈگۈنكى بىز ئۈچۈن چەككەن جاپايىڭىز ئۈچۈن...

  ئۇ شۇنداق دەپلا، قولىدىكى «ئۇيقۇسىز كېچىلەر» ناملىق كىتابنى ۋەلىگاڭغا سۇندى. ۋەلىگاڭ ھەيرانلىق بىلەن قىزغا قاراپ قويۇپ، سۇنۇلغان كىتابنى قولىغا ئالدى. 

  

ئاخىرى بار، ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى يوللىنىدۇ.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2