ھەنىپە ئاچامنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن،ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئۆيگە قايتتىم،مەن ئەتىنىڭ بالدۇرراق كېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم،ھەنىپە ئاچامنىڭ ئەتىگىچە پىكىرىنىڭ ئۆزگۈرۈپ قالماسلىقىنى تىلەيتتىم،ھەم بىر خىل جىددىيلىق ھەم مەندە ھېچقاچان بولمىغان بىر خىل شېرىن ئېقىم ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىپ،قاچانلاردىدۇر ئۇخلاپ قالغىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن،لېكىن ئاخشام كۆزلىرىمگە ھېچ ئۇقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەسلىكى ھېلىمۇ يادىمدا،كۆزۈمنى ئاچقاندا تاڭ سۈزۈلۈپ قالغان ئىدى،ئادىتىم بويىنچە ئالدىراپ نامىزىمنى ئوقۇپ بولۇپلا دۇكانغا قاراپ ماڭدىم،بۈگۈن پېلان زور،ھەنىپە ئاچام،ياق ھەنىپە خېنىم دېيشىم كېرەك،ھەنىپە خېنىمنى ئالدىرىتىپ بۈگۈنلا ئۆيىگە بارمىسام بولمايدۇ،ئەگەر ھېلىقى ئالدىراڭغۇ ئەلچىلەر ئالدىراپ كېتىپ تويلۇق ئەكىلىپ قالسا،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېلىپ قالسىلا ھەممە ئىش سۇغا چىلىشىدۇ.شۇڭا ئالدىرىشىم كېرەك.بۈگۈن مەن بىلەن قېرىشقاندەك جىددىيلەشتۈرۈپ ئۇ مەن دۇكان ئېچىپ بولغىلى بىر سائەت بولۇپ كېتىۋاتسىمۇ تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى.
-ئۆيدىكىلەرگە دېدىڭىزمۇ .ھەنىپە-دېدىم مەن ئۇ دۇكانغا كېلشىگە سالام-سائەتمۇ قىلماستىن .
-ئاللا،ئاللا سىزگە نېمە بولدى ئەمدى،مەن ئالدىرىمىسام سىز نىمانچە ئالدىراپ كېتىسىز مېنىڭ ئىشىمغا.
ھەنىپە ئاچامنىڭ سۆزىدىن سەل خىجىل بولۇپ قالدىم.
-ئەمدى سىزنىڭ ئىشىڭىزغا ئالدىرىمىسام بولماس ھەنىپە خېنىم بىز قانداقتۇق دەيمەن.
-ۋاي ئۇنداق غىدغىمنى كەلتۈرۈپ قېرى خوتۇننى چاقىرغاندەك خېنىم ،خېنىم دەۋەمىڭە دەيمەن.
-بىزنىڭ قەشقەردە كىچىك قىزلارنى ئاشتا خېنىم دەيدۇ،چوڭ ئاياللارنى چوكان دەيدۇ،ئەمدى گېپىمىزگە كېلەيلى قانداق بولدى-سوئالىمنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە ئالدىرايتتتىم.
-دېدېم،غوجدم دېدىم،لېكىن سىزلىكىڭىزنى دېمىدىم،يېگىتىمنى باشلاپ كېلىمەن دېدىم شۇ،ھەي ماڭا بۇ ئىشلار پەقەتلا قاملاشمايدىغاندەك تويۇلىۋاتىدۇ جۇمۇڭ.
-ئۇنداق ئاغزىڭىزنى ئۈشۈتمىڭە،قاملىشىدۇ دەپ تۇرىڭە ،بىز كىمۇ ؟قاملاشتۇرىمىز دەيمەن،ھەرقانداق قاملاشمىغان ئىشنىمۇ؟
-ئاخسالىق قىلماڭ جۇمۇڭ،ھە.كەچتە يېلىڭىز چىقىدۇ تېخى ئاتامنىڭ ئالدىغا بارغاندا كۆرىمىز قالغان ئىشنى.
ھەنىپە (ئەمدى ھەنىپە دەپ ئاتاي)ئىككىمىز چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ ماڭا بىر قۇر شىم كەستۇن سېتىۋالدۇق،قالدىم،كېيىم-كېچەكنىڭمۇ ئادەمنىڭ سىرىتقى قىياپىتىگە بېرىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەن.شىم -كەستۇننى كىيگەندىن كېيىن،ئۆزۈمگە قاراپ، يېشىمدا ئىككى -ئۈچ ياش ئۆزگۈرۈش بولغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.بىز كەچكىچە نەچچە قېتىم كەچتە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا دەيدىغان گەپلەرنى رېپىتسىيە قىلىپ ،چېنىپ قالماسلىق ئۈچۈن گەپلىرىمىزنى بىرلىككە كەلتۈردۇق.
-قىلىدىغان گەپلىرىڭىزنى ئويلىشىۋالدىڭىزمۇ-دېدى ھەنىپە بىز كەچتە ئۇنىڭ ئۆيىگە ماڭغۇچە ئەندىشە قىلىپ،ئۇنىڭ چىرايىدىن ماڭا ئوخشاشلا جىددىيلىشىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.مەنمۇ ئاغزىمدا پو ئېتىپ،ئالدىرىغان بىلەن،شۇ تاپتا پۇت قۇلۇپ بوشۇشۇپ،يەرگە ئارانلا دەسسەپ تۇرىۋاتاتتىم،مۇشۇ ھالىتىمدە كىرىدىغان بولسام،گەپنى ئېگىز پەس قىلىپ،جۆيلۈپ قېلىشىم ئېنىق ئېدى،شۇڭا ئىمكانقەدەر ئۆزۈمنى بېسىشقا تىرىشاتتىم،ئۆز-ئۆزۈمگە-تىرىشقىن مۇھەممەت،تىرىشقىن،بەلكىم بۇ سېنىڭ بەختىڭنى قولۇڭغا ئالىدىغان پۇرسەت بولىشى مۇمكىن،سۇڭا جانلانغىن،ئۆزۈڭنى قولۇڭغا ئالغىن،بۈگۈنكى ئىپادەڭ،سېنىڭ پارلاق كەلگۈسۈڭنى،ئۆمۈرلۈك خۇشاللىقىڭنى بەلگىلشى مۇمكىن-دەپ پىچىرلايتتىم.
-سىزگەپ گەپ قىلىۋاتىمەن-ھەنىپەنىڭ بىلكىمدىن سىلكىپ تۇرۇپ ئېيىتقان سۆزى مېنى ھوشۇمغا كەلتۈردى.
-خاتىرجەم بولىڭە ھېلى كۆرىسىز -ئاغزىمدا پو ئاتساممۇ كۆڭلۈمدە يەنىلا شۇ جىددىيچىلىك.
-بالام ئۇ يىگىت سەن بىلەن بىرگە كەلمىدىمۇ؟-دېدې ھەنىپەنىڭ ئانىسى ھەنىپە ئاچام ئىككىمىز بىلەن سالاملىشىۋەتكەندىن كېيىن مېنى ئۆيگە باشلىغاچ،ھەنىپەگە قاراپ .
-ئۇ،شۇ بالا شۇ-ھەنىپە كۆز ئىشارىتى بىلەن مېنى كۆرسەتتى،ئۇلارنىڭ مېنى كۆزى كۆرمىگەنگە قارىغاندا ،بىزنىڭ بۈگۈنكى ئىشىمىز تازا ئوڭۇشلۇق بولمايدىغاندەك قىلاتتى.ھەنىپەنىڭ ئاتا-ئانىسى،بۇ قانداق ئىش دېگەندەك ھەيرانلىق ئىچىدە بىر-بىرىگە ئاندىن بىزگە قاراپ قويدى،ئاندىن چاندۇرماستىن ھەنىپەنى چاي دەملەپ كىرىشكە بۇيرىدى.ھەنىپەنىڭ ئانىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىقىپ كەتتى،ئۆيدە ئۇنىڭ دادىسى ئىككىمىزلا قالدۇق.ئۆزۈمنى شۇنچىلىك تۇتۇۋېلىشقا تىرىشقان بولساممۇ،كىرىسلودا ئولتۇرغان تىزلىرىم تىترەپ بىر-بىرىگە تىگىپ جاق-جاق قىلىپ ئاۋاز چىقاتتى.
-بالام ،سىز ھەنىپە بىلەن بىر دۇكاندا ئىشلەيسىزغۇ دەيمەن-دېدى،ئۇ ئارىمىزدىكى سۈكۈتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ.
-ھەئە-دېدىم بوش ئاۋازدا،ئاندىن ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسالدىم،60 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بۇ ئادەم ،مېنىڭ تولا جاپا تارتىپ قوللىرى ئوتاندەك قېتىپ كەتكەن،ئېتىزلىقنىڭ ئاپتىپىدا چىرايى كۆيۈكتەك قارىداپ كەتكەن دادامغا قارىغاندا كۆپ ياش كۆرىنەتتى،ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىدىن ماڭا ھېچ ئاچچىقلانغاندەك قىلمايتتى.
-ھەنىپە بىلەن بىللە ئىشلىگىنى خېلى ئۇزاق بولدىغۇ دەيمەن،ئىسمىڭىز نېمىتى.
-مۇھەممەت.
-بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز.
-21 ياشقا كىردىم.
تېخى كىچىكككەنسىز-ئۇنىڭ چىرايى سەل تۈرۈلدى-چىرايىڭىزدىنمۇ چىقىپ تۇرىدۇ،بىزنىڭ ھەنىپەدىن كىچىكلىكىڭىز.
يېشىمنى قەستەن 3ياش چوڭايتىپ ئېيىتساممۇ ،ئۇنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ،ھەرنىمە بولسا ئۆز يېشىمنى ئېيىتمىغانلىقىمغا ىۇش بولغاندەك بولدۇم،ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ گەپ سۆز قىلماستن سىرىتقا چىقىپ كەتتى.
-يالغۇز قالدىڭىزمۇ بالام-بىر ھازادىن كېيىن ھەنىپەنىڭ ئانىسى بىلەن دادىسى تەڭلا كىرىپ كەلدى،دېمەك ئۇلار بىر مەسلىھەتنى پۇشۇرۇپ كىرگەنلىكى جەزمەن ئىدى.
-ياقەي-مەن خۇددى ھايات-ماماتىم ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز سۆزىگە باغلىق بولۇپ قالغاندەك ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قارىدىم.
-بالام ياش پەرقىڭلار خېلى باركەن،سىز ئۇنىڭدىن تۆت-بەش ياش كىچىك بولماي،تۆت-بەش ياش چوڭ بولغان بولسىڭىزمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق ئېدى.يىگىتنىڭ قىزدىن كىچىك بولىشى ئەزەلدىن قائىدىمىزگىمۇ توغرا كەلمەي چەتكە قېقىلىپ كەلگەن،كېيىن توي قىلىپ قالساڭلارمۇ،سىز بىر نەرسە دېمىسىڭىزمۇ،ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ياخشى نەزەردە قارىمايدىغانلىقى ئېنىق،ھەنىپە مېنىڭ بىر تاللا قىزىم،مەن ئۇنىڭ كېيىن جاپا تارتىپ قېلىشىنى خالىمايمەن،شۇڭلاشقا ئۇنى مۇشۇ ياشقا كىرسىمۇ،بىرەرسى بىلەن زولاپ تويىنى قىلىپ قويۇشنى خالىمىدىم،ئەڭ ياخشىسى ئىككىڭلار ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتسەڭلار ياخشى بولارمىكىن،سىزمۇ ياخشىراق ئويلىنىپ باققان بولسىڭىز-ھەنىپەنىڭ دادىسى كىرىسلوغا كېلىپ ئولتۇرۇپ تەمكىنلىك بىلەن شۇنداق دېدى،ئۇنىڭ مۇشۇنداق دېيىشىنى كۆڭلۈم تۇيىغان بولسىمۇ ،لېكىن بۇنچە تىزلا ئېيتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.
-سىزنىڭ ئەنسىرىگىنىڭىزمۇ توغرا،لېكىن مەن ھەنىپەنى راستىنلا ياخشى كۆرىمەن،چىن يۈرىكىمدىن سۆيىمەن،قائىدىگە كەلسەك،ھەممىمىز ئىسلام ئۈممىتى،مۇسۇلماندۇرمىز،دېنىمىزدا ئۆزىدىن چوڭ ئاياللار بېلەن توي قىلسا بولمايدۇ-دېگەن قائىدىمۇ يوق،پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى ئايالى خەدىچەمۇ،ئۆزىدىن 15-20ياش چوڭ ئىدىغۇ،ئۆيدىكىلەرگە كەلسەك ئۇلارنى ئۆزۈم قايىل قىلىمەن،ئاتا-ئاناممۇ ئۇنداق جاھىل ئادەملەردىن ئەمەس،ئاقكۆڭۈل،ساددا ئادەملەر،ھەنىپەگە چوقۇم ئۆز قىزىدەك ياخشى قارايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەنىپەمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ،ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بولسڭلار ئىككىمىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئايرىۋەتمىگەن بولساڭلار.
بىزگە چاي قۇيۇپ بېرىۋاتقان ھەنىپە مېنى باشقىدىن تونۇۋاتقاندەك ماڭا سەپسېلىپ قاراپ قويدى.ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى ماڭا باشقىدىن ئۈمۈت بېغىشلىدى.
-بالام ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسىز.
راسلا ياخشى كۆرىمەن ئۇنى جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرىمەن.
-ئەخلاقلىق ،ئاقكۆڭۈل بالا ئىكەنلىكىڭىز ماڭا ئايان بولدى،ئۆيىڭىزدىكىلەر ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى بىلەمدۇ؟
-ياق تېخى بىلمەيدۇ،لېكىن پات ئارىدا چوقۇم خەۋەر تاپىدۇ.
-بۇندىن كېيىن ھەنىپەنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيمەن دەپ ۋەدە قىلالامسىز.
-ۋەدە قىلالايمەن،بۇندىن كېيىن ھەنىپەنىڭ كۆزىدىن بىر تامچىمۇ ياش ئاققۇزمايمەن.
-
ھەنىپەنىڭ يېشى بارغانسىرى چوڭ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ،بۇنى سىزمۇ بىلىسىز،قىز بالا بەك چوڭ بولۇپ كەتسە ئاتقا ياخشى ئەمەس،شۇڭا ئۇنى راس ياخشى كۆرىدىغان بولسىڭىز،ئۆيىڭىزدىكىلەرنى بالدۇرراق قايىل قىلىپ،توينى ۋاقتىدا قىلىشقا ئالدىراڭ ،مەن سەمىمىيتىڭىزنى شۇنىڭدىن بىلەي.
ھەنىپەنىڭ دادىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ،يۈرىكىم يايراپ كەتتى،مېنىڭچە بولسا ئەتىلا توي قىلىپ ئۇنى ئۆيۈمگە ئەكىلۋالغۇم بار،بىراق ھەنىپە بۇنىڭغا ئۇنىمايدۇدە،مەن ئەتىگەن قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يەنە بىر يىل توختىتىپ تۇرۇشقا ۋەدە قىلغان ئەمەسمۇ، مەن خالىساممۇ ،ئۇ خالىمىسا مەندە نېمە ئامال بار.ۋەدەمگە ئەمەل قىلماسلىققا.
-مېنىڭمۇ بالدۇرراق قىلغۇم بار بىراق،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىشقا ئازىراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە پات يېقىندا دادام بىلەن ئانامنى ئۈرۈمچىگە ياندۇرۇپ كەلمەكچى بولىۋاتقانتۇق،شۇڭا بۇ ئىشنى ئۇلار كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئېيتاي دېگەن،تېلفوندا دېگەنگە قارىغاندا ئەمەلىيەتتە دېگىنىم ياخشىراق بولارمىكىن دەپ ئويلىغان ئېدىم.
-ھە ئۇنداق بولسا مەنمۇ سىزنى بەك ئالدىراتماي،بىر مۆھلەت بېكىتىپ بېرىڭ شۇ ۋاقىتقىچە ساقلاي.
-بىر يىل،يەنە بىر يىل ۋاقىت بەرسىڭىز مەن ھەممە ئىشنى پۈتتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلاي.
-بولىدۇ سىزگە بىز يەنە بىر يىل ساقلايلى،بالام ئەمىسە مەن سىزنىڭ ۋەدىڭىزگە ئىشەندىم،ھەنىپەنى داغدا قويۇپ،ئىشەنچىمنى يەردە قويماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
داۋامى بار
ئەسلى مەنبە http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=21765