باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئاشخانىڭىزدىكى تېتىتقۇلار ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنى بىلەمسىز؟

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-25 02:55:22

‹‹ئاشخانىڭىزدىكى تېتىتقۇلار ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنى بىلەمسىز؟›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !


                                ئاشخانىڭىزدىكى تېتىتقۇلار ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنى بىلەمسىز؟

  يېمەكلىك ماي
\
  ئۇ بىر خىل يېنىك تىپتىكى پەسەيتكۈچ بولۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمى كۆيۈپ قالغاندا، يېمەكلىك مايدىن يارىدار بولغان جايغا سۈرۈپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، ھاشاراتلار چېقىۋالغاندىمۇ، ئىللىتىلغان ماينى جارائەت ئېغىزىغا سۈرۈپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ئەگەر ئاشقازان يارىسى بولسا، ھەر كۈنى ئەتىگەن - كەچتە ئىككى قوشۇق خاسىڭ مېيى ئىستېمال قىلسا بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ. بۇنىڭ يەنە قەۋزىيەتكىمۇ پايدىسى بار. ئەگەر كىچىك قۇرت قۇلاققا كىرىپ كەتسە، نەچچە تامچە تېمىتىپ قويساقلا، قۇرت يېنىپ چىقىدۇ.


 ئاشتۇزى

\


  سوغۇق تەسىرىدە قورساق ياكى دۇۋسۇن ئاغرىسا، ئاشتۇزىنى خالتىغا قاچىلاپ قورۇپ قىزىتىپ، قورساق قىسمىغا قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزسە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. جىددىي چەكلىمە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى بولۇپ، تېرە قىچىشسا، تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ بەرسە بىئارامچىلىقنى توختىتىدۇ. ھەر كۈنى تۇز سۈيى بىلەن كۆزنى يۇيۇپ بەرسە، تراخومانى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى؛ تۇز سۈيى بىلەن چاچنى يۇيۇپ بەرسە، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. سەھەردە ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر تۇز سېلىنغان قايناقسۇ ئىچىۋەتسە، قەۋزىيەتكە پايدىلىق. ئېغىزنى تۇز سۈيى بىلەن چايقاپ بەرسە، ئېغىزدىكى مىكروبلارنى ئۈنۈملۈك تازىلايدۇ.

   
  شىكەر

\


  قىززىپ قالغاندا، شىكەر سېلىنغان سۇ ئىچىپ بەرسە قىزىتمنى ياندۇرۇشقا پايدىسى بار، شىكەر سۈيى يەنە ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.


   جياڭيۇ
   

\


  بەدەننىڭ مەلۇم بىر ئورنى كۆيۈپ قالغاندا، جياڭيۇدىن ئازراق سۈرۈپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ؛ قول بارماقلىرى ئىششىپ ئاغرىغاندا، جياڭيۇ بىلەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ، بارماقنى چىلاپ بەرسە ئاغرىقنى پەسەيتىپ، ئىششىقنى يوقىتىدۇ.


   زەنجىۋىل

\


    زەنجىۋىل ئۇۋىقىنى ئاغرىغان جايغا سۈرسە، ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، زەنجىۋىل ياپراقچىسىنى قۇياش پەللىسىگە چاپلاپ بەرسە، باش ئاغرىشنى توختىتىشتا ئۈنۈمى ياخشى.

   زەنجىۋىل شورپىسىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تۆت پەسىلدە زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    زەنجىۋىلنى كىندىككە قويۇۋالسا قاتناشقا چىققاندا كۆڭلى ئاينىشنى پەسەيتىدۇ.


  

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2