باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ش.ئا.ھۈكەر: ئوتى ئۆچكەن مەش (پوۋېست)

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-02 12:53:10

‹‹ش.ئا.ھۈكەر: ئوتى ئۆچكەن مەش (پوۋېست)›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

data-cke-saved-src=http://imgbaxlan.baxlan.com.cn/uploadfile/2015/1202/20151202125314443.jpg

 

شىرزات ئادىلجان 1995-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 2013-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن. ھازىر شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ 2014-يىللىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقىۋاتىدۇ.ئاپتورنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 2008-يىلى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئانامنى ساقايتىۋالدۇق» دېگەن ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «ئىلى دەرياسى»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «شىنجاڭ گېزىتى» ... قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا «ئاق قۇچقاچ»، «تونۇر»، «رېمونتخانىدا»، «ساتىراچخانىدا»، «چۈش بىلەن ئادەم بولدۇم» قاتارلىق شېئىر ۋە ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان.

 

ئوتى ئۆچكەن مەش

 

(پوۋېست)

 

شىرزات ئادىلجان ھۈكەر

 

تاڭ سەھەرنىڭ چوغ رەڭگىدىكى قىزىل شولىسى ئۇنىڭ كونا ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن چۈشۈپ تۇراتتى. كۈنمۇ ئۇپۇقتىن ئاستا–ئاستا كۆتىرىلىپ قىيامىغا يېتىشكە ئاز قالغاندا، ئۇ ياتقان ئۆي ئىچىمۇ لامپۇچكا ياققاندەك تامامەن يورۇپ كەتتى. ئوڭ–تەتۈر تاشلىنىپ قالغان يوتقان–كۆرپە ئۈستىدە ئۇنىڭ چىرايى ھېلىلا جېنى چىقىپ كەتكەن مۇردىدەك قېتىپ قالغان ئىدى.

ئۆي ئىچىدىن قاڭسىق ھاراقنىڭ پۇرىقى گۈپۈلدەپ بىخسىپ تۇراتتى.بۇنداق سېسىق پۇراققا ئادەم تۇرماق چېۋىنمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيتى. توپىسى تېشىغا تېپىپ، قىللىرى ئۆز قېلىپىدىن ئاجراپ ۋەيرانە، تىتما–تىتما بولۇپ كەتكەن كىگىز، تاملاردىكى شالتاق، بەلغەم تۈكۈرۈكنىڭ قېتىپ قالغان قەقەشلىرى، ئىشىك–دېرىزىنىڭ كونىلىقىدىن ئادەمگە يىغا تۇتقۇزىدىغان كۆرىنىشلەردىن نامراتلىق ،غېرىپلىقنىڭ ئېغىر كۆلەڭگىسى ئالۋاستىدەك ئەلەڭلەيتى . ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى . ئۇ ئۇيان–بۇيان ئۆرۈلۈپ ، ئاستىدىكى كۆرپىنى تېپىپ بىرنىمىلەرنى قىلىۋەتتى .قان ئۇيۇپ قالغان كۆزىنى سېغىزرەڭ چاپاقلار ئارىسىدىن تەستە ئاجراتتى ، قولىنى تېرەنچۈك قىلىپ ئورنىدىن تەستە تۇردى-دە سۇپىغا پۇتىنى ساڭگىلاتتى .كىرلەشكەن ئالقىنىنى ئېچىپ يىرىك ساقال باسقان يۈزىنى بىر قۇر سىلىۋەتتى .ئورنىدىن مىڭ يىل كېسەل تارىتقان ئادەمدەك ئاستا قوپۇپ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ قالغان ئىشكاۋىدىن بىر پۇچۇق چىنىنى ئېلىپ ھويلىغا چىقتى . قىش ياز ئېقىپ توختىمايدىغان تۇرۇبىنىڭ ئالدىغا كەلدى چىنىگە پۇچىقىدىن سۇ سىرغىپ چىققۇچە سۇ تولدۇرۇپ ئىشتىھا بىلەن بىر تىنىقتىلا كۆتىرىۋەتتى . ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئوت كەتكەن ئىدى ئۇ قولىدىكى چىنىنى يەرگە ساڭگىلىتىپ بىر ھازا تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئېقىپ تۇرغان تۇرۇبا سۈيىگە پۇتىنى سۇندى .ئۇنىڭ يىرتىلىپ تامتىقى قالمىغان ئايىقى ئارىسىغا غۇرۇلداپ سۇ كىرىشكە باشلىدى .سۇ ئۇنىڭ پۇتىدىن سەسكەنگەندەك تېزلا كىرىپ تېزلا چىقىپ كەتمەكتە ئىدى . ئۇ ئوڭ سول پۇتىنى شۇ تەرىقىدە بىردەم سۇغا سالغاندىن كېيىن مالاچلاپ دەسسەپ ئۆيىگە ماڭدى . قولىدىكى چىنىنى بايامقى ئورنىغا قويۇپ يانچۇقىنى ئاختۇردى . يانچۇقتىكى تېرىق چوڭلۇقىدىكى بارلىق ئۇششاق نەرسىلەرنى قېقىشتۇرۇپ بىر قەغەزگە تۆكۈپ تاماكا بۇرىدى ھەم ئۇچىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ شوراشقا باشلىدى . تاماكىدىن چىققان يۇندىرەڭ ئىس ئۇنىڭ بايامقى جەسەتسىمان يۈزىنى خىرە قىلىپ قويدى توختاۋسىز چىقىۋاتقان تاماكا ئىسى تاملارغا، دېرىزىلەرگە ئۇرۇلغاندىن كېيىن مەلۇم بىر ئاراچلاردىن خۇددىي تاماكا چەككۈچىدىن سەسكەنگەندەك غۇرقىراپ قاچماقتا ئىدى . ئەمما ئۇ تاماكا بىلەن ھاراقنىڭ قۇسۇقتەك سېسىق پۇرىقىدىن بىرخىل لەززەتلىك سېزىمگە چۆمگەندەك بولاتتى . ئۇ بىر چىنە سۇ ، بىر بۇرام تاماكا ئىسى بىلەن ئەتىگەنلىك ناشتىنى تاماملىغاندەك قىلاتتى . ئەمدى ئۇ ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدىغان بىر ئىشنى قىلمىسا زادى بولمايتى . چۈنكى بۇ ئىش ئىككى يىلدىن بېرى تۇرمىشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى ، ئەنە شۇ ئىشى بىلەنلا ئۇنىڭدا زەررىچە بولسىمۇ ئادىمىلىكنىڭ ئۆلچىمىنى سېزىۋالغىلى بولاتتى .ئۇ يەنە ھېلىقى بىردىن بىر مۈلۈك بولغان ياغاچ جاۋەننىڭ يېنىغا كەلدى . قولىنى ئۇزۇن سوزۇپ جاۋەننىڭ ئۈستىدىكى رومان كىتاپ چوڭلۇقىدىكى بىر نەرسىنى قولىغا ئالدى ، ئەلۋەتتە بۇ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ يالدامىلىرى ، خوشال ھاياتنىڭ جەزبىلىرى چۈشۈرۈلگەن ئەلبوم ئىدى . ئۇ ئەلبومنى ۋاراقلاشقا باشلىدى . ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى سۈرەتلىرىگە قاراپ ھازىرقى ئەپتىگە ماس كەلمىگەن ھالدا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قويدى . ئۇ يەنە ۋاراقلاشنى داۋاملاشتۇردى ئېغىر تىنىق بىلەن بىر جايغا كەلگەندە توختاپ قالدى شۇ ھامان ئۇنىڭ كۆزىگە لىققىدە ياش كەلدى . ئۇ قولىنى يېنىك سوزۇپ رەسىمنىڭ يۈزىنى سىلاپ قويدى بۇ ئۇنىڭ ئەتىگەنلىك روھىي جەھەتتىن ئوزۇقلىنىشى بولۇپ ھېساپلىناتتى . ئۇ سۈرەتنى سۆيدى ، يۈزلىرىگە ياندۇرۇپ ياندۇرۇپ ياقتى ئۇ بۇ سېغىنىشلىرىنى ئەلبومنىڭ كۆكسىدە قالدۇرۇپ ئاستا ، ئاۋايلاپ ياپتى ھەم جايىغا ئېلىپ قويدى ۋە كوچىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ خوجايىنلىقىنى قىلىۋاتقان غېرىبانە ئۆي ئىگىسىنىڭ ئارقىسىدىن بوينىنى قىسقىنىچە قاراپ قالدى . نەم ئايىقى بىلەن دەسسەپ توپىلىق يولدىكى توزاندىلارنى ئايىقىغا قوندۇرۇپ بۇ ئاياقنىڭ ئىلگىركى خۇنىك تۇرقىنى تېخىمۇ سەتلەشتۈردى ياز پەسلىنىڭ گۈزەللىكى تەبىئەت دۇنياسىدا مانا مەن دەپ جىلۋە قىلاتتى . ساپ ھاۋا ،  چىرايلىق مۇھىت كىشىگە بىر خىل ئازادىلىك بەخىش ئېتەتتى ، يولمۇ تاشلىق بولغىنىغا قارىماي ئىللىق قۇياش نۇرىنى قانغۇچە سۈمۈرۈپ كىشىگە راھەت ئاتا قىلاتتى ، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا غۇجمەكلىشىپ ئۆسكەن مامكاپ ، يېشىل چىملار ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە خوشاللىق ئاتا قىلسا ، ئوتخور ھايۋانلارنىڭ نەپسىنى تاقىلدىتاتتى .

ئۇنىڭ ھېسسىياتى بۇ گۈزەللىك بىلەن ئەپ ئەمەستەك ئىككى يىلدىن بېرى كۆڭلىنى ھاراق – تاماكىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە تارتمايدىغان بولۇپ قالدى . ئۇنىڭ ئۈچۈن باياشات تۇرمۇش ، بەخىت ، تەبىئەتنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلغۇچى زوقى كېرەك ئەمەس ئىدى . ئۇ شۇنچە چۈشكۈن ، شۇنچە غېرىپ ئىدى ، ئەگەر ئۇنىڭ شۇ ھالدىكى ئەبگا تۇرقىنى تۆت كوچا ئېغىزىدا سازايى قىلىشقا توغرا كەلسە ئىدى نۇرغۇن بارىغا شۈكرى قىلمايدىغان ئازغۇن بەندىلەر ياقىسىنى تۇتۇپ توغرا يولغا ماڭغان بولاتتى ، ئۇ شۇ يىللاردا پەقەت ئىككىلا يولدا ماڭغىنىنى ھەم ئەڭ كۆپ ئاياغ باسقان يولىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ ، ئۇنىڭ بىرى مەھەللىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان لەنەت تەككۈر قاۋاق ، يەنە بىرى ھەممە ئادەم بېرىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان ، ئەمما ھامىنى بېرىشى قانۇنلىشىپ مۇتلەقلىشىپ كەتكەن قەبرىستانلىق . ئۇ شۇنداق ئاۋارە ھالەتتە مېڭىپ ئۆزىنىڭ يەنە بىر ماكانى بولۇپ قالغان بوتكىغا كەلدى ، ئۇ يالغۇز ئەمەس ئىدى ، خۇددىي ئۇنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇرغاندەك بىر نەچچە ئۈلپەتلىرى قاۋاق ئالدىدا شۈمشەرىشىپ تۇرۇشماقتا ئىدى .

- ۋاھ  سېخى جەمشىت كەلدى ، يەنە ھاراقسىز قالمايدىغان بولدۇق . ئۇنىڭ ئالدىغا رەڭگى تۆمۈردەك كۆكەرگەن ، ھېلىلا سېسىپ كەتكەن جەسەت چىراي بىرى غۇلاچ يايغىنىچە بىرى كەلدى . ئۇلار توپ بولۇپ بايامقى قاۋاققا كىرىشتى ، قاۋاق خوجايىنى بۇلارنى كۆرۈپ سىرلىق ئەلپازدا چىرايىغا غەلىتە كۈلكە يۈگىرتتى ، ئۇنىڭچە بولغاندا بۇنداق زابايلار قوشۇنى قانچە كۆپەيسە ئۇنىڭغا ھەر تەرەپتىن خوشاللىق ئېلىپ كېلەتتى ، ئۇنىڭ ھارىقىدا ئۆلگەن نۇرغۇن ياشلار  بولسىمۇ ، ئەمما ھېچقايسىنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقىدىغان ئۇلارنى شۈركەندۈرىدىغان تۇيغۇدىن ئەسەرمۇ بولمايتتى ، شۇڭا بۇ توپ ئازىيىشتا يوق كۈندىن-كۈنگە ئاۋۇشقا باشلىماقتا ، قاۋاق خوجايىنىنى خوش قىلماقتا ئىدى . ئۇلار ساق ئادەم مىنۇت تۇرالمايدىغان بۇ قاۋاقنىڭ تىزىپ قويۇلغان ئەبگا بەلدىڭلىرىگە بىر ئەپلىك جايلاشتى-دە ، دىۋانە بايغا تەلمۈرگەندەك خوجايىنغا قۇللارچە تەلمۈردى :

- يەنە نىسىگە ئىچەمسىلەر؟

- قائىدىمىزغۇ لوبەن قاچان سىزنى ئاۋارە قىلغان ، مانا مەن يىغىپلا بېرىمەنغۇ ، بىلىسىزغۇ مېنى سەپكە مۇنۇ ئاغىنىمىز يېڭىدىن قېتىلدى قورىقماڭ بېرىۋېرىڭ دىدى ئۇ كۈچۈكلەنگەن ھالدا . ئەركىن بۇنداق سايراپ كەتمىسىمۇ بۇ خوجايىننىڭ يالغان پوپۇزىسى بولۇپ بەرىبىر ئۇلارغا ھاراق بېرەتتى ھەم بەرگەن نەرسىلىرىنىڭ پۇلىنى ئۇلارنىڭ تاپىنىدىن قېنىنى شورىغاندەك شوراپ ھەسسىلەپ ئۈندۈرىۋالاتتى .

- مانا سەن خەق ئىچىدىغان ھاراق ، قاۋاق خوجايىنى يالغان ماركا چاپلانغان بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئۇلارغا سۇندى . زابايلار قۇملۇقتا سۇغا تەشنا بولغان ئادەمگە ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا يولۇققاندەك ، چىرايلىرى ئېچىلىپ بىر يۇتۇمدىن ئىچىۋېلىشقا شۇنچە تەشنا بولۇپ كېتىشتى . ئەركىن قولىدىكى ھاراقنىڭ ئاغزىنى بىر چىشلەپلا ئېچىۋەتتى ، ئاندىن ئۈستەلگە قويۇپ قويۇلغان ئاستىدا ئازراق ھاراق يۇقى قېلىپ قالغان رۇمكىغا ھاراق قۇيدى ئۇ رۇمكىنى قولىغا ئېلىپ خوشە دەپ ئۈلپەتلىرىنىڭ ئالدىدىن يېرىم ئاي شەكلىدە ئايلاندۇرىۋەتتىدە گۈپ قىلىپلا ئىچىۋەتتى ، ئاچقۇرساققا ئىچىلگەن ھاراق دەقىقە ئۆتمەيلا ئۇنىڭ چىرايىغا تەپتى . ئارقىدىن ئۇ يېرىم تولدۇرىلغان رومكىنى بايا ئۆزى بىلەن يېڭى تونۇشقان ئاغىنىسى باراتقا تەڭلىدى :

- قېنى ، ئىچە ئاغىنەم ، بۇ سېنىڭكى ئاستىدا قالدۇرۇپ قويماي كۆتىرىۋەت دەپ خۇشخۇيلۇق بىلەن رومكىنى باراتقا تۇتقۇزدى ، ئۆزى ئۈستەلگە تۆكۈپ قويغان مۇخۇركىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ تاماكا ئورىدى ھەم ئۈلپەتلىرى كۆڭۈل قىلىپ قويۇپ قايغان قاتتىق –قۇرۇقلاردىن ئېغىز تېگىپ ، ئالدىدىكى سۇنى غۇرتىلدىتىپ ئىچتى . سورۇن رومكا ئىككىدىن ئايلانغاندىن كېيىن بارا –بارا قىزىپ داۋاملىشىشقا باشلىدى، ئەركىننىڭ ئاغزىدىن ئۆرلىگەن ئىس ئۇنىڭ ئىچ باغرىدىكى بارلىق پىنھان سىرلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىۋاتقاندەك مەش كارنىيىدىن چىققان تۈتۈندەك پۇرقىراپ چىقىپ تورۇستا بىردەم لەيلەپ تۇرۇپ قاياقلارغىدۇ غايىپ بولاتتى جوزىغا كەلتۈرۈلگەن ھاراقنىڭ ئىككىنچى بوتۇلكىسى يېرىملاشقاندا ، ئارىدىن بىرى پايپىقىغا يوشۇرىۋالغان پۇلىنى چىقىرىپ ئۈچۈنچى بوتۇلكا ھاراقنى بۇيرۇتتى ، سورۇندىكىلەر قانغا تويمىغان كۆكۈيۈندەك بۇ ھاراققىمۇ چىڭڭىدە يېپىشتى ، ئۈلپەتلەرنىڭ ئەمدى كىچىك تىللىرى چىقىشتىن توختاپ ناخشا ئېيتىدىغان ، شېئىر ئوقۇيدىغانلار ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى .

ئۇ مەلەڭدىن بۇ مەلەڭگە ،

ئويناي دەپ كەلدىم .

مەيلىڭ بارمۇ مەيلىڭ يوقمۇ ؟

سىناي دەپ كەلدىم ...-

 ياشاپ كەت !!!-ھەممىسى ۋىجىككىنە ، قارامتۇل ، سوقىچاق يۈز كەلگەن بىرەيلەنگە مەدھىيە ئوقىدى . ئۇ خېلىلا تەڭشىلىپ قالغان بولۇپ ، ھاياجىنىنى باسالماي قېلىۋاتاتتى . ئۇ ئۆز ئالدىغا كېلىپ قالغان ھاراقنى بىر قولىدا تۇتۇپ يەنە ناخشا باشلىدى :

بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار ،

 غېرىب يولىنى باغلار .

غېرىب ئۆلسە كىم يىغلار ؟

غېرىبقا غېرىب يىغلار...

ئۇنىڭ ئۈلپەتداشلىرىدىن بىرى :

_ ئاداش ، غېرىبقا سەن بىلەن مەندەكلە يىغلايدۇ ، قېنى قولۇڭدىكى ھاراقنى ئىچە . _ دەپ ئۇنىڭغا قارىدى . « ناخشىچى » قولىدىكى ھاراقنى دەس كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتتى . بۇلارنىڭ سورىنى شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ گۇگۇم ۋاقتىغىچە ئۇزاردى . ئۈستەل ئۈستىدە بىرنەچچە ھاراق بوتۇلكىسى دۆۋىلىنىپ قالدى . ئۈلپەتداشلارمۇ خېلىلا تەڭشىلىپ قالغانىدى . ئەركىنمۇ ھاراقنىڭ دەستىدىن خۇدىنى يوقاتقانىدى . بولۇشىغا چەككەن تاماكا ئىسى ئۇنىڭ چىرايىدا قالغاندەك رەڭگى – روھىنى ئۆچۈرۈپلاۋەتكەنىدى . ئۇلار دەلدەڭشىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ قايتىشقا تەمشەلدى . ئۇياق – بۇياققا سەنتۈرۈلۈپ بوتكا ئىشىكىدىن چىقىپ بىردىن – ئىككىدىن تارقاپ كېتىشتى .

تۈن پەردىسى بۇ يېزىغا دېگۈدەك يېيىلىپ بولغانىدى . تۈن ئاسمىنىدا ئاي يېرىم چىققان بولۇپ ئەتراپنى خىرە – شىرە يورۇتۇپ مېڭىشقا ئاسانلىق تۇغدۇردى . يول – يوللاردىكى ئوڭغۇل – دوڭغۇللار ئەركىننىڭ يول يۈرىشىنى تەسلەشتۈردى . ھاراق ئۇنىڭ قەلبىدىكى بارىلىق غەم – قايغۇلىرىنى ، ئازابلىرىنى توپا بىلەن كۆمىۋەتكەن . ھىجران – سېغىنىشلىرىنى تۇمان بىلەن قوشۇپ تارقىتىۋەتكەنىدى . ئەركىن دۇنياغا يېڭى كەلگەندەك ئۆزىنى غىڭشىپ ناخشىغا قويىۋەتتى . ئۇ بىر دەسسەپ ، ئىككى بېسىپ ، يولغا يىقىلىپ ، ئوڭ–سولغا دەلدەڭشىپ ئۆيىنى تېپىپ كېلۋالدى . ئۆينىڭ ھاڭقىرتاي ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكىدن كىرىپ ئۆزىنى سۇپىدىكى يوتقان–كۆرپە ئۈستىگە  تاشلىدى . بىردەم پۇشۇلداپ يېتىپ ، قاتتىق ئۇيقىغا چۆمدى . ھاراق كېچىچە ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋاقىتلىق بولسىمۇ  بېسىپ قالدى .

تاڭ سۈزۈلدى . ئەتىگەنلىك ھاۋا شۇنچىلىك ساپ ، شۇنچىلىك تازا . قۇشلارنىڭ بەس – بەس بىلەن چۇرۇقلاشلىرى ئەتراپنى چاڭ كەلتۈردى . بۇ خىل سەھەر ھاۋاسى ئادەمنى شۇنچىلىك راھەت كەيپىياتقا ئەكىلىپ قويىدىكى دۇنيادىكى بارىلىق خۇشاللىق ۋە بەختنى شۇ ئادەمگىلا بەرگەندەك بەكمۇ شېرىن ئىدى .

بۇخىل ھاۋا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يوقالدى . كۈنمۇ ئىككى كەم چۇشكە تاقاپ قالدى . ئەركىن ئۇياققا ئۆرۈلۈپ ، بۇياققا ئۆرۈلۈپ تەسلىكتە ئورنىدىن تۇردى  . ئۇ تۇرۇپلا بېشىنى بىر ھازا تۇتۇپ كەتتى . چۈنكى ھاراق–تاماكىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدىن بېشى خۇددى قاپاقتەك بولۇپ قالغانىدى . ئۇ شۇ ئولتۇرغانچە خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى . يەنە ھېلىقى ئىشكاپنىڭ ئىچىدىن چىرايلىق پىشقان بازار نېنىدىن بىرنى سۇغاردى . بۇ نان سۇلياۋ خالتا ئىچىدە تۇرۇپ بۇزۇلۇپ قالمىغىنى بىلەن قېتىپ چىش ئۆتمەس بولۇپ كەتكەنىدى . ئەركىن ناننى تەسلىكتە سۇندۇردى . ھەمدە چىنىسىگە سوغۇق سۇ تولدۇرۇپ ناننى چىلاپ ئىچتى . نان ئەركىننىڭ گېلىدىن ئاران ئۆتۈۋاتاتتى . ئۇ ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىنى شۇ نەرسىلەر بىلەن ئۆتكۈزدى . ئەركىن ئېشىپ قالغان نانلارنى سۇلياۋ خالتىغا چىرايلىق يۆگەپ ئۆز جايىغا سېلىپ قويۇپ، ئۆز ئادىتى بويىچە جاۋەن ئۈستىدىكى ئالبۇمنى قولىغا ئالدى . ئالبۇمدىكى سۈرەتلەرنى بىر – بىرلەپ كۆرۈشكە باشلىدى . ئۇ بەزىدە كۈلۈمسىرىسە بەزىدە شۈكلەپ قالاتتى . ئۇ ھەردائىم ماشىنا قىزىل چىراققا يولۇققاندەك شۇ سۈر.ەتنى كۆرسىلا توختاپ قالاتتى . ئۇنىڭ كۈنلىرى ھاراق – تاماكا بىلەن قۇرىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەركىندىكى بۇ سېغىنىش قۇرۇپ قالمىغان ، بەلكى كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىۋاتقانىدى.

 -بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن . - ئۇ بۇرنىنى كۈچەپ تارتىپ ئۆتمۈشكە قايىتتى .

 X                  X                  X

تەبىئەتنىڭ بارچە گۈزەللىكى مۇجەسسەملەنگەن بۇ سەھرادا گۈزەللىك تولۇق نامايەن بولغان . مەھەللىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بەھەيۋەت تاغلار بىرخىل سۈر بىلەن كەڭ يېزا يايلاقلىرىغا سايە تاشلاپ تۇراتتى . يول قاسناقلىرىدا ئاندا – ساندا ئېچىلىپ قالغان گۈللەر ئۈستىدە بىرەر ئىككى تالدىن ھەسەل – ھەرىلىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى . كېچىدە ياغقان يامغۇر يەر يۈزىدىكى توپىلارنى بېسىپ قويغان بولۇپ ئاجىز نەمخۇش ھاۋا دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى . يېشىللىق پايانداز بولغان يېزا يايلاقلىرىدا قوي ، كالىلار توپ – توپى بىلەن ئوتلىشىۋاتاتتى .

بارلىق ھاياتلىقنىڭ جېنىغا جان قاتىدىغان مۇشۇنداق سەھرادا ئەركىن مېھرىبان ئاتا – ئانىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى . ئەركىن 16 ~ 17 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بىلەن ئىسمىنى ئاران يېزىپ بېرەلەيتتى . ئۇ 2 – يىللىققىچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ دادىسى ئۇنى مەكتەپتىن بۇرۇنلا چىقىرىۋالغانىدى . چۈنكى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەركىندىن ئىككى ياش كىچىك بولغان ئاچىسىنىڭ ئوقۇشىغا ئاران يېتەتتى . شۇڭا دادىسى ئۇنى پۇتۇمغا پۇت ، قولۇمغا قول بولسۇن دەپ مەكتەپتىن چىقىرىۋالغانىدى .

ئەركىن مەكتەپتىن چىققاندىن كېيىن بىر  مەزگىل ئۆينىڭ ئىشىنى قىلدى . دادىسى ھەر قېتىم سودا – سېتىق بىلەن بازارغا چىقىپ كېتىپ كەچ ناماز شام ۋاقتىغىچە يېتىپ كېلەتتى . دادىسى ئۆيگە كېلىپ نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ بازاردىكى سودا – سېتىقنى سۆزلەپ يايراپلا كېتەتتى . سەۋەبى ئۇنىڭ ماللىرىنىڭ بازىرى خېلىلا ئىتتىك ئىدى . ئۇ ئادەتتە ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈملەردىن بەلگىلىك مىقداردا ئۈزۈپ كېلىپ ، ئۈزۈلگەن ئۈزۈملەرنى چوڭ داسقا سالىدۇ ھەمدە ئۈزۈملەرنىڭ ساپاقلىرىنى ئۈزىۋېتىپ ، پاكىز يۇيۇپ تېشىدىكى بارىلىق مەينەتچىلىكنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۈزۈملەرنى بىر تالدىن ئېلىپ تېشىدىكى سۈيى قۇرۇپ كەتكۈچە ئاپتاپقا سالىدۇ . ئاندىن ئۆزىنىڭ خاس ئۈزۈم ئېچىتىش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ ، يوغان كۈپنىڭ ئىچىگە سالىدۇ – دە ، ئىچىدىكى ئۈزۈملەرنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، كۈپنىڭ ئۈستىگە كەڭلىكى ئاغزىنى ياپقۇدەك نەرسىنى قويۇپ تەييارلىۋالغان سېرىق لاينى سۇۋايدۇ . شۇ تەرىقىدە 18 ~ 20 كۈن ئەتراپىدا ئۈزۈمنى ھىم ساقلىغاندىن كېيىن كۈپنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋېتىپ بىر – ئىككى كۈن تۇرغۇزۇپ ئۈزۈمنىڭ پوستىلىرى ، ئەتلىرى تىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۈزۈمنىڭ ئېچىغان سۈيىنى ئايرىۋېلىپ ئۈزۈم ھارىقى (مۇسەللەس) تەييارلىنىدۇ. بۇ ئۇنىڭ تىجارەتتىكى مەھسۇلاتى بولۇپ ، بۇ نەرسىنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك ئىدى .

ئەركىننىڭ دادىسى بۇ ئوقەتنى باشتا ئويلاپ باقمىغانىدى . چۈنكى ئۇ ئەركىننى مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقاندا ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى مال – ۋارانلارغا قارىغاچ بىكار بولۇپ قالسىلا ئېتىزلىقتىكى يېڭى چىقىۋاتقان يالپۇز ، بۆلجۈرگەن قاتارلىق تاڭ شەبنىمىنى سۈمۈرۈپ ئۆسكەن نەرسىلەرنى تېرىۋېلىپ ئايالىغا ئاپىرىپ بېرىپ بېرەتتى . ئەتىياز مەزگىلىدىكى بۇ نەرسىلەرنى كۆرگەن ئايالى يايراپلا كېتەتتى . ھەمدە ئۆزلىرىگە تۇشلۇق ئېلىۋېلىپ قالغىنىنى بازارغا ئەچىقىپ ئاز – پاز كىرىممۇ قىلىپ قوياتتى .

كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ ئەركىننىڭ دادىسى بۇ ئىشتىن خېلى نەپكە ئېرىشىپ ، ئەتىيازدىن بېرى يالپۇز ، بۆلجۈرگەن سېتىپ تاپقان پۇلىغا ئازراق سودىلىق قىلىپ كىرىش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىغا كىردى . ئۇ يوللاردىكى كۆڭلىگە ياققان نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۆيىگە باردى . ئۆيىدىكىلىرى ئەكەلگەن نەرسىلەردىن خۇش بولدى .

- ھەممىسى مۇشۇمۇ ؟ - دېدى ئايالى . ئەركىننىڭ دادىسىنىڭ قولىدىكى لازىمەتلىكلەرگە قاراپ :

- ياقەي ، بار پۇلنىڭ ھەممىسىگە سودىلىق قىلىۋالساق كېيىن قانداق قىلىمىز . مە ! ماۋۇ ئاشقان پۇلنى ساقلاپ قوي كېيىن كېرەك بولار . - ئۇ شۇنداق دەپ ئەكەلگەن نەرسىلەرنى سۇپىغا چاچتى . ئەركىننىڭ دادىسى شۇ كېچە يەنە قانداق سودىلىق بارلىقىنى ئويلىدى . چۇنكى ئۇ ناھىيە بازىرىدىكى ھەسەلگە ئولاشقان چۈمۈلىلەردەك ھەر خىل نەرسىلەرگە ئولاشقان ئادەملەرنىڭ سودىگەرلەرگە پۇللارنى ئېتىپ ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، سودىگەرلەرنىڭ ئاغزىدىن ماي تېمىتىپ پۇللارنى ساناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىمۇ ياخشىراق بىر سودا تېپىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى . ئۇ شۇلارنى ئويلىغىنىچە خىياللىرىنى كۆز قارىچۇغىدا قاتۇرۇپ ئۇيقىغا كەتتى . ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ باغقا كىردى . ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى خېلىلا ئىسسىق ، ئىقلىمى مېۋىلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلگەچكە باغدا ھەرخىل مېۋىلەر « مېنى ئۈز » دېگەندەك ئېسىلىشىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئوي يالت قىلىپ ئۆتتى . «بۇ نەرسىلەرنى بازارغا ئاچىقىپ ساتسام قانداق بولار ؟ بازىرى بولارمۇ ؟ » دېگەنلەرنى ئويلىدىيۇ ، لېكىن « ھەممە ئادەمنىڭ بېغى بار ، بازارغا قارىسىمۇ ماڭدامدا بىر ئۇچرايدىغان نەرسە مېۋە – چېۋە ، بۇ نەقلا چەتتە ئولتۇرۇپ توشقاننىڭ كۆتەككە ئۈسسۈۋېلىشىنى كۈتكەندەكلا بىر ئىش » دەپ شۈكلەپ قالدى . ئۇ باغنى ئايلىنىپ چىقىپ پېشايۋانلىرىغا تۇتۇشۇپ كەتكەن باراڭلىققا كۆزى چۈشۈپ قالدى . ئۈزۈملەر ساپ – سېپى بىلەن باراڭنى ھېلىلا تارتىپ چۈشۈرىۋېتىدىغان ھالەتتە ئېسىلىپ تۇراتتى . ئەركىننىڭ دادىسى بىر نېمىنى ئويلىغاندەك قىلىپ بىردەم ئۈزۈملەرگە قاراپ تۇردى _ دە ، بىر ساپاق ئۈزۈمنى ئۈزۈپ سىركايىدىن بىرىگە ئېزىپ سۈيىنى چىقاردى . ئاندىن تېتىپ بېقىپ يايراپ كەتتى : « ۋاھ ، ۋاھ ! ئالامەت بوپتۇ . بازاردا نېمە جىق ؟ ئالما ، ئۆرۈك ، ئۈزۈم ... ھەممىسى مېنىڭ ھويلامدا بار ، بىراق تەييار ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ قويغان ئۈزۈم سۈيى يوق . قېنى مەن بۇنى بازارغا ئاچىقايچۇ خېرىدارلار توپ – توپى بىلەن ئالدىمغا كېلىپ ئۈزۈم سۈيى سورايدۇ . » ئۇ شۇ گەپلەر بىلەن يايراپ ، ئچىلىپ ئۆيىگە كىردى .

- خوتۇن ، بۈگۈن سودىسى ياخشى يۈرىشىدىغان ئوقەتتىن بىرنى ئويلىشىپ قويدۇم . _ ئايالى ھەيرانلىق بىلەن خۇشاللىق ئارىلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى يولدىشىغا تىكتى .

- نېمە ئوقەتكەن ئۇ ؟ سىز ئاندا – ساندا قورۇق گەپ قىلىدىغان بولىۋالدىڭىز ، قېرىپ قالمىغانسىز ھە ! - ئايالىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ خۇشاللىقى شامال تەگكەن قامغاقتەك ئۆز ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتتى .

- ماڭ ، ھويلىدىكى باراڭدىن بىر ساپاق ئۈزۈم ئېلىپ كىر راستمۇ ، يالغانمۇ ئاندىن بىلىسەن . _ ئايالى ئېرىنىڭ گېپىنى يىرالمىغاچقا ھويلىغا چىقتى . ئېسىلىپ مەي باغلىغان ئۈزۈملەردىن بىر ساپاق ئۈزۈپ كىردى، - بۇنى ماڭا بەر ، سەن پىيالىدىن بىرنى ئېلىپ كەل ، ئاۋۇ سۇلياۋ خالتىنىمۇ ئالغاچ كەل . _ دەپ جەۋەننىڭ ئۈستىدە تۇرغان كۆك رەڭلىك سۇلياۋ خالتىنى ئىما قىلدى . ئايالى چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ دېگەن نەرسىلىرىنى ئالدىغا تەق قىلدى . ئەركىننىڭ دادىسى سۇلياۋ خالتىنىڭ ئىچىگە ئىككى قولىنى سېلىپ ئارىسىغا ئۈزۈملەرنى سېلىپ بار كۈچى بىلەن سىقتى . ئۈزۈمدىن چىققان سۇ ئەتراپقا كۈمۈش دانچىلارنى چاچرىتىپ پىيالىگە سىرغىپ چۈشتى . ئۇ پىيالىدىكى ئۈزۈم سۈيىنى ئايالىغا ئۇزاتتى .

- قېنى ، ئىچىپ باق ! _ ئايالى ئۇنىڭ قولىدىكى پىيالىنى ئېلىپ لېۋىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ھەم « بىسسىمىللىلا » دەپ ئىچىۋەتتى . ئۇ ئىچىپ بولۇشى بىلەن بۇلۇتنىڭ كەينىدىن چىققان قۇياشتەك ئېچىلىپ كەتتى .

- ۋاھ ، نېمىدىگەن شېرىن . - ئۇنىڭ ئايالى لەۋلىرىنى تامشىپ يالاپ « يەنە بەر » دېگەندەك قىلىپ پىيالىنى يولدىشىغا ئۇزاتتى .

- قانداق ، مېنى قېرىپ قالدى داۋاتاتتىڭ ، بۇ نەرسە تېتىپ قالدىمۇ ؟ _ دېدى . ئەركىننىڭ دادىسى تەنە ئارلاشتۇرۇپ . ئايالى بىر خىل خىجىل بولغان قىياپەتتە يەرگە قارىۋالدى . بىر ئازدىن كېيىن يەر تېگىدىن باش كۆتۈرۈپ :

- قاراڭ دادىسى سىزنىڭ ئېيىتقىنىڭىزدەك بازاردا ھەممە نەرسە تېپىلىدىكەن ئەمما بۇ ئۈزۈم سۈيىنى بازارغا چىقىرىش سىزدىن باشقا ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كېلىپ باقمىدى . ھازىر ئۆيىمىزدە ئۈزۈم بار . ئۈزۈملەرمۇ تازا پىشىپ مەي بولۇپ قالدى . باشقا لازىمەتلىكلەرنى ئەركىن ئىككىمىز تەييارلايلى ، سىز ئەتە بۇ نەرسىنى بازارغا ئەچىقىپ باقسىڭىز بولامىكىن . - دېدى . ئەركىننىڭ دادىسى يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ :

- ئاخىرى كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭ . ئەمسە سىلەر قىلىدىغان ئىشلارنى ئۆزەڭلار تېپىپ قىلىڭلار ، مەن مەھەللىگە چىقىپ كىرەي . - دەپ دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى .

بىر ئائىلىلىكلەر بۈگۈن كېچىچە ئەتىنىڭ غېمىنى قىلىپ ئۈزۈمنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ خاس بوتۇلكىلارغا قاچىلاپ ئېلىپ ، ئەتە ئەتىگەندىلا ھارۋىغا بېسىپ ماڭسىلا بولىدىغان قىلىپ قويدى . كېچە ئەركىننىڭ دادىسى ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئۈزۈم سۈيىنى قانداق باھادا ، قانچىلىك مىقداردا سېتىشنى پىلانلىدى . ئۆيدىكىلىرىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەن مۇقىم باھا بېكىتىلىپ چىقتى .

تاڭنىڭ ھەمراھى بولغان سالقىن شامال دەرەخ شاخلىرى ، گۈل – گىياھلار ئارىسىدا مېھمان بولۇپ ھەر بىر شەيئىلەرگە ھۇزۇر ئاتا قىلىپ تەبىئەت قوينىدا ئايلىنىپ يۈردى . نەغمىچى قۇشلار ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندەك بەس – بەستە نەغمە قىلاتتى . ئوت – چۆپلەر ئۈستىدە لىغىرلاپ تۇرغان شەبنەملەر تاڭ نۇرىنىڭ خاسىيىتىدىن مەرۋايىتتەك يالتىراپ ئادەمنىڭ كۆز يېغىنى يەيىتتى .

ئەركىننىڭ دادىسى بۈگۈن غەپلەت باستىمىكىن ئەتىگەنكى قۇياش ئۇپۇقتىن پۈتۈنلەي ئاجراپ زېمىنغا ئىللىق نۇر سېپىۋاتسىمۇ ، ئۇ تېخىلا ئويغانمىغانىدى . پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئۇيقۇ دېڭىزىدا لەرزان ئۈزىۋاتقانىدى . تۇيۇقسىز ئەركىننىڭ دادىسى ياتقان ياستۇقنىڭ يېنىدىكى ئالما شەكىللىك قوڭغۇراقلىق سائەت ئەنسىز چىرقىراپ سالدى . ئەركىننىڭ دادىسى ئۇياققا – بۇياققا ئۆرۈلۈپ كۆزىنى تەسلىكتە ئېچىپ ئۆي ئىچىنىڭ خېلىلا يورۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ جىددىيلىك بىلەن سائەتكە قارىدى . « يەتتە » ئەركىننىڭ دادىسى ياتقانلارنى تۈرتۈپ ئويغاتتى .

-قوپۇڭلار ، قوپۇڭلار .... مانا بىزنى شەيتان لەنىتى ئەخمەق قىلىپ  غەپلەتتە قالدۇردى يېڭى كۈننىڭ تۇنجى نۇرى كۆرپە ئۈستىگە چۈشتى ، ئون كۈنلۈك ئۆمۈر قىسقاردى دىگەن گەپ ، مەن قازا نامازغا تەرەت ئالاي ئاللاھ كەچۈرەر دەپ تالادىكى ئوچاقنىڭ يېنىدىن لىق سۇ تولدۇرۇلۇپ تەڭشەپ قويۇلغان چۆگۈننى ئېلىپ ھاجەتخانىغا قەدەم ئالدى .ئۇ پاك ئىخلاسى بىلەن تاھارەت ئېلىپ دالان ئۆيگە كىردى .كارىۋات ئۈستىگە چىرايلىق تىزىپ قويۇلغان جەيناماز بىلەن سۈتتەك ئاق دوپپىنى ئېلىپ بېشىغا جايلاشتۇرغاندىن كېيىن پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن بامدات نامىزىنىڭ قازا نامىزىنى ئوقۇدى ، ئۇ نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ بايا ئالغان جەينىماز ۋە دوپپىلارنى يەنە ئۆز جايىغا رەتلىك تىزىپ قويغاندىن كېيىن ، ئاشخانا ئۆيگە كىرىپلا قايناپ كەتتى .

- ئۇنداق دىمىسىلە دادىسى سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز پاك ، ئۆيدىن چىقارىڭىزدا ئوڭ پۇتىڭىز بىلەن بىسسىمىللاھىر دەپ قەدەم ئاتلىسىڭىز ئىشلىرىڭىز خەيىرلىك يولغا ماڭىدۇ ، ئاللاھ خالىسا سىزنىڭ بۇ سودىڭىز چوقۇم يۈرۈشۈپ كېتىدۇ .دەپ چالۋاقاپ كەتكەن ئېرىنىڭ كۆڭلىگە تەسكىن بەردى ئايالىنىڭ ئەتىگەندىكى شېرىن سۆزىدىن كۆڭلى بىراز ئىللىپ قالغان ئەزىز شېرەنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ بەدەشخاننى قۇردى .ئۇنىڭ چۆرىسىگە ئەنقا قۇشىنىڭ بالىلىرىدەك ئوغلى بىلەن قىزى جايلاشتى . ئايالى بۇسارەم جانغا راھەت بېغىشلايدىغان ئەتكانچاينى بىر بىرلەپ ئۇلارنىڭ قولىغا سۇندى ، ئارقىدىن ئۆزى بىر قوللۇق ئەقىدىلەپ ياسىغان ۋارىنىلارنى ، تېخى بىرنەچچە كۈن ئالدىدىلا تاغدىن ئەكەلدۈرگەن خۇشپۇراق ھەسەلنى شىرەگە تىزىپ ئەزىزنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان ئىتىھاسىنى بىراقلا ئېچىۋەتتى . بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەتىگەنلىك ناشتىنى ئىشتىھا بىلەن قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن نېسىۋىسىگە ھەم بۇ تۇرمۇشىغا ئۇزاقتىن ئۇزاق ھەمدۇ سانالارنى ئېيتىپ دۇئا قىلىشىپ داستىخاندىن تۇرۇشتى . ئەزىز ئاخشام تەييارلاپ قويغان سودا دەسمايىلىرىنى ئەركىن قېتىپ تەييارلاپ قويغان ئېشەك ھارۋىسىغا باستى .

- مەن بىللە بارايمۇ دادا ؟ ئەركىن دادىسىنىڭ بىر نىمە دىيىشىنى كۈتۈپ ئۇنىڭ ئاغزىغا تىكىلدى .

- بولدى بالام ، سەن قېلىپ ئاناڭغا قاراش مەن چۈشتە قايتىپ كېلەلمەسلىكىم مۈمكىن ، شۇڭا ئۆيدىكى مال–ۋارانلارغا قاراشمىساڭ ئاناڭ يېتىشەلمەي قالىدۇ .دەپ ئەركىننىڭ بازارغا بېرىش يولىنى ئەتتى ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپلا ھارۋىغا لىكلا قىلىپ قوندى ، ياخشى بېقىلغان ئېشەك ھارۋىنى يەڭگىل سۆرىگىنىچە ناھىيە بازىرىغا قاراپ جۆنىدى.يېزىنىڭ تېخى ئوڭشالمىغان مۈدىر –چوقۇر يوللىرىدا ھارۋا ئۆزگىچە ئاۋاز بىلەن ئالغا كېتىۋاتماقتا ، سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسى ، يېشىللىق بىلەن قاپلانغان بىپايان قوينى كىشىگە تاتلىق سېزىملارنى ئاتا قىلىپ روھىڭىزنى بۆلەكچىلا كۆتىرىپ قوياتتى ، ياز پەسلىنىڭ بىر ئالاھىدىلىك شەھەرلەرگە قارىغاندا مۇشۇنداق خىلۋەت سەھرالارغا بەك يارىشاتتى ، ئۇ بارلىق مېھرى –مۇھەببەتنى مانا مۇشۇ زىمىنغا بەرگەن ئېسىل ئانىغا ئوخشايتى ، ئەزىز بۇ گۈزەللىكنى ، تەبىئەتنىڭ بۇ مېھرى مۇھەببىتىنى دائىم كۆرۈپ ، سېزىپ تۇرسىمۇ ھەر كۈنى قايتا يېڭىلانغان مۇھەببەتكە ، گۈزەللىككە ئېرىشكەندەك زىمىنغا تويماستىن قارايتى ، ئۇ ئەنە شۇنداق شادىمانلىق ئىلكىدە ناھىيە بازىرىغا كىرىپ كەلدى سەھرا بازىرىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئاۋات بۇ بازارنىڭ قەيىرىگە ماللىرىنى قويۇشنى دەماللىقتا ئەزىز بىلەلمەي قالدى ، شۇڭا بازار ئىچىنى كۆپ ئايلىنىپ ئاخىرى ئۈزۈم ساتىدىغان بىرەيلەننىڭ قېشىغا كېلىپ ھارۋىسىنى توختاتتى ، ئېشەكنى ھارۋىدىن ئايرىپ ، ياندىكى ئات –ئۇلاغلار باغلانغان جايغا باغلاپ قويۇپ ، ئەپچىل ھەرىكەتلىرى بىلەن ھارۋىنىڭ بۇرنىنى بازار تەرەپكە قاراتتى.

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم؟ ساقال بۇرتى ئۆسۈپ ، تېرىسىنى بايقىغىلى بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەن ، غېرىپ چىراي باققال كىشى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ئەزىزگە كۈلۈمسىرىدى.

- ۋا ئەلەيكۈم ئەسسالام ، تېچلىقمۇ ؟ ئەزىز سالامنى تېزلا ئىلىك ئالدى.

- بىرەر ئوقەت قىلاي دىگەنمۇ ؟

- ھەئە ئوقەت بىلەن مۇرىدىن تۈتۈن چىقىرايمۇ دىگەن .

- شۇ باشقا ئىشقا چام يەتمىگەندىن كېيىن ئوقەت بىلەن ئۆينى باققۇلۇق ، بازارغا بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپسىزدە ، ئۇ ئادەم ئەزىزنىڭ ھارۋۇسىدىكى ئۈزۈم سۈيى قاچىلانغان بوتۇلكىلاردىن بىرنى ئېلىپ سورىدى .

- ھەئە .

- نىمە بۇ سوغۇق سۇ ئەمەستۇ ؟

- ياقەي سوغۇق سۇ ئەمەس ئۈزۈم سۈيى دىدى ئەزىز خىجىل بولغاندەك تۇيغۇدا .

- ئۈزۈم سۈيى ، ۋاھ ئاڭلىمىغان پاراڭغۇ بۇ .

- شۇ بازار ئارىلىسام مۇشۇ نەرسە يوقتەك قىلىدۇ ئېقىپ قالارمىكىن دەپ ئىشلەپ باققان ، ئۇ ھارۋىدىكى خۇرجۇنغا سېلىۋالغان ياغاچ چىنىدىن بىرنى ئېلىپ سىز تېتىپ بېقىڭە بولامدىكىن دەپ بىر بوتۇلكا ئۈزۈم سۈيىنى چىنىگە تۆكتى ، باققال كىشى ئاپقۇرنى ئاغزىغا ئەكىلىپ بىسسىمىللا دەپ سۇنى ئاغزىغا تەككۈزۈپ بىر يۇتۇم ئىچىپ بېقىپ ئارقىدىن بىراقلا كۆتىرىۋەتتى .

- پاھ !!! ئابىھاياتقۇ بۇ مەنمۇ ئۇزۇن يىل ئۈزۈمچىلىك قىلىپ بۇنداق لەززەتنى ، بۇنداق كارامەتنى بايقىماپتىمەن-يا ؟!

- مەنمۇ قىلىدىغان ئىش تاپالماي مۇنداقلا سىناپ باققانتىم ئايالىم تەمى بولىدىكەن ، بازارغا ئېلىپ چىقىپ سېتىپ باقساق قانداق بولار دىگەنىدى .

- ئايالىڭىز ئەقىللىق مەزلۇمكەن ، چوقۇم ئىشىڭىز يۈرۈشۈپ كېتىدۇ ، باققال ئەزىز ھەم ئۇنىڭ ئايالىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ تۇرىشىغا :

- بۇ ياققا كەل مۇسا ئۈزۈمىڭنىڭ ناۋاتتەكلىرىدىن ئىككى كىلۇ تارىتقىنە ، ئۆيدە ئۇياتلىق مېھمانلار بار ئىدى، خېلى ئالىپتە كىيىنگەن ئوزايىدىن ئادىمىلىك چىقىپ تۇرىدىغان بىر خېرىدار باققالنىڭ ئالدىغا كەلدى ،

- ئىككى كىلو دىدىڭمۇ ئاداش ، ساڭا بەش كويدىن بېرىمەن.

- بولىدۇ  ،خېرىدار شۇنداق دەپ ئۈزۈملەرنى تاللاشقا باشلىدى.

- ئۈزۈم سۈيى كېرەكمۇ قېرىندىشىم دىدى ئەركىن تولىمۇ تەستە خېرىدارغا قاراپ .

- ئۈزۈم سۈيىمۇ ؟ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ،تېتىپ باقسام بولارمۇ ؟

- ئەلۋەتتە بولىدۇ ، ئاۋۋال تېتىپ بېقىڭ يارىسا ئالارسىز ئەركىن شۇنداق دىگەچ ياغاچ ھېجىرغا بايامقى تېتىش ئۈچۈن قۇيۇپ قويغان ئۈزۈم سۈيىدىن خېرىدارغا قۇيدى ، خېرىدارمۇ بۇنى تېتىپ كۆرۈپ ماختاپلا كەتتى ، ئەزىز گەرچە بىر بۇتۇلكىمۇ ئۈزۈم سۈيى ساتمىغان بولسىمۇ بۇ ماختاشلاردىن بېشى كۆككە يەتكەندەك بولدى ، ئىختىيارسىز ئۆيىدە قالغان ئايالى ۋە بالا –چاقىلىرىنى ئويلاپ قالدى شۇ ئەسنادا ئۈزۈم سۈيىنى تېتىپ كۆرگەن خېرىدار ئۈزۈم سۈيىنىڭ نەچچە سېتىلىۋاتقانلىقىنى سورىدى .

- مەن بۇنى يېڭىلا بازارغا ئېلىپ چىقىشىم ، تېخى نەچچىلىك باھادا سېتىشنىمۇ ئويلۇشۇپ بولالمايۋاتىمەن سىز تۇنجى بەرىكەتلىك خېرىدارىم ئېرىم بولۇپ قالسۇن ئاتىغىنىڭىزنى بېرىپ تۇرۇڭ ئەزىز شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ جىم بولۇپ قالدى خېرىدار يېنىدىن بەش يۈئەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ :

- ئاپلا ماۋۇ ئىشنى قارىمامدىغان پورتمالنى ئۇنتۇپتىمەن يېنىمدا پەقەت ئون يۈئەنلا باركەن . ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم ، سودىڭىز روناق تاپقاي –دەپ مۇسانىڭ ھارۋىسى تەرەپكە بۇرۇلدى

-ئاغىنە ئۈزۈمىڭدىن ھازىرچە بىر كىلو ئېلىپ تۇراي ئۆيگە دىككىدە بېرىپ كېلىپ قايتا سودىلىق قىلاي دەپ تۇرىشىغا ئەزىز :

-ياق ،ياق ئۇنداق قىلسىڭىز مەن خەقنىڭ سودىسىنى تارتىۋالغان بولۇپ قالىدىكەنمەن ئۈزۈمنىمۇ ئېلىڭ ، بوتۇلكىدىكى سۇنىمۇ ئېلىڭ بۇ بەش يۈئەن پۇل ھازىرچە سىزدە تۇرۇپ تۇرسۇن دەپ بەش يۈئەننى خېرىدارغا ئۇزاتتى.

- ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ ، بولدى مەن ئۈزۈمنى يەنىمۇ چۈشۈرۈپ بېرەي ، سىزمۇ سودىڭىزنى قىلىۋېرىڭ دىدى مۇسا مىيىقىدا كۈلۈپ ئوتتۇرىدا قالغان خېرىدار خىجىل بولغان ھالدا :

- سىلەر بەكمۇ ئاقكۆڭۈل ، ساددا سودىگەر ئىكەنسىلەر بۇنچىلىك بولۇپ كەتسەڭلار سودا قىلالمايسىلەر.دىمەكچى بولغىنىم ئانچە –مۇنچە ھىلىمۇ بولۇش كېرەك سودىدا ، بوپتۇ مېنىڭ بۈگۈن كېلىدىغان مېھمانلىرىم ھەشەمەتكە ئانچىمۇ بېرىلىپ كەتمەيدۇ ،شۇڭا سىلەردىن ئالىدىغاننى شۇ بويىچە ئېلىۋېرەي قالدى پۇلنى بىردەمگىچە يەتكۈزۈۋېتىمەن ، ئۇلارنىڭ رايىغىمۇ باقمىدى. مۇسا تارتىپ قويغان ئۈزۈمنى خېرىدارغا ئۇزاتتى ،ئەزىز بوتۇلكىنى ئاۋايلاپ خېرىدارغا تۇتقۇزدى .

- ئالامەت ئاداش بۇ ، مۇسا قولى بىلەن ساقال –بۇرۇتىنى ئوڭشىۋەتكەندىن كېيىن --- ئۆزى مۇنداقراق كۆرۈنگىنى بىلەن قۇرسىقىدا خېلى-خېلى بادراڭ قۇرساقلاردا يوق ئۇماچ بار ناھىيە ئىچىدە نام ئابرويى بار ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرى .

- ھە ، مۇنداق دەڭ ئۆزىمۇ ماڭا باشقىچىرەك مېھرى ئىسسىق كۆرۈنگەن دەپ كۈلۈپ قويدى ئەزىز .-ئاغىنە ئىككىمىزمۇ خۇدا خالاپ ياخشى تونۇشۇپ قالدۇق ، قارىسام سىز ماللىرىڭىزغا ئېنىق بىر باھا بېكىتمەپسىز ، شۇڭا ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىممىتى بولىدۇ ، سىزمۇ ئەجرىڭىزگە ، كەتكەن تەننەرىققە چۇشلۇق بىر باھا بېكىتمىسىڭىز بۇ نەرسىڭىزگە بولمايدۇ. ئېلىشىغا ساتسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكىنىمۇ ھەم مالنىڭ قەدرىنىمۇ يۇق قىلغان بولىسىز .

- بۇگېپىڭىزغۇ بەك بەلەن گەپ بولدى ، ئەمما تۈزۈكرەك  سودا قىلىپ باقمىغان ئادەم نەچچە باھا قويۇشنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن . مۇسا بۇرۇتىنى ھېمىرىپ تۇرۇپ بىر ھازا ئويلۇنىپ كەتتى-دە بوتۇلكىدىن بىرنى قولىغا ئالدى .

- بۇنىڭ ئىچىدىن نەچچە ئاپقۇر سۇ چىقىدۇ ؟

- تەخمىنەن بەش ياكى كەم چىقىدۇ .

- ئۇنداق بولسا بوتۇلكىسىنى بەش كويدىن چىنىسىنى بىر كويدىن سېتىڭ مانا بۇ مۇۋاپىق باھا .

- باشقىلار قىممەت كۆرمەس ھە قارىغاندا ئەزىز بۇ باھاغا قوشۇلغاندەك قىلاتتى ، ئىككى سودىگەر بىر بىرىگە رازىمەنلىك بىلەن قارىشىپ قويدى ، مۇسا يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ ھەرە كېپىكىدەك تاماكىسىنى چىقاردى .

- مۇخۇركا چېكەمسىز ؟ دىدى مۇسا ئەزىزگە تېخىمۇ يېقىنچىلىق بىلدۈرۈپ .

- مەن ئۈگەنمەپتىكەنمەن دىدى ئەزىز كەينىگە داجىپ.- كەچۈرۈڭ بىلمەپتىمەن ،مۇسا سەل ئۇيالغاندەك قىلدى ، تېزدىن قولىغا ئالغان مۇخۇركىنى يانچۇقىغا سېلىۋەتتى ، گەرچە ئىككىسى تونۇشقىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ بىرخىل ئىچكى تۇيغۇ ئۇلارنى بىر بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرماقتا ئىدى.بۇ جەرياندا باشقىلارغا كونا ئۈلپەت بولغان مۇسانىڭ يېنىغا كەلگەن خېرىدارلار  مۇسانىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئەزىزنىڭ ئۈزۈم سۈيىگە خېلىلا ئۈگىنىپ قالدى.ئەزىز شۇنداق قىلىپ بۇ سودىنىڭ ئېپى جېپىنى خېلىلا بىلىۋالدى ھەم تۇرمۇشىدىمۇ ئەتلىنىپ قالدى . بىر كۈنى ئەرزىز ئوغلىنىڭ ياردىمى بىلەن باراڭدىكى مەرۋايىتتەك جۇلالىق ، قاشتېشىدەك سۈزۈك ئۈزۈملەرنى سېۋەتكە ئاۋايلاپ ساپىقىدىن كېسىپ ، تىزماقتا ئىدى ، شۇ ئەسنادا بۇ ئۆينىڭ ياغاچ دەرۋازىسى ئۆمسالا ئېچىلىپ ئەزىزنىڭ قىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھولۇققىنىچە كىرىپ كەلدى .

- ئەزىزكا ، يامان بولدى قىزلىرى ئەقىدە...ئوقۇتقۇچىنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قورقۇنىچ ۋە جىددىلىك سىڭىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ... ، ئۇ... ئەزىز ئوقۇتقۇچى تەرەپكە ئەندىكىپ قارىدى .

- نىمە بولدى ؟ ئەزىزنىڭ چىرايىغا بىر خىل ئېسەنكىرەش ئالامىتى يۈگۈردى .

- قىزلىرى ، بايام ...

- بولدى ، بولدى ، ئەركىن سەن ئاناڭنى ئېلىپ مەكتەپكە بار ، مەن مۇئەللىم بىلەن بارىۋېرەي دىدى- دە قولىدىكى ئۈزۈم سېلىنغان چېلەكنى يەرگە قويۇپ ئوقۇتقۇچى بىلەن يۈرۈپ كەتتى ،  ئەركىن بۇ ئۈزۈملەرنى ئامبارغا ئەكىرىۋېتىپ ئانىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈردى .ئانا قىزىنىڭ پىشكەللىكىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلاپ قويغان –تۇتقىنىنى بىلمەي ھاسىراپ –ھۆمىدىگىنىچە ئەركىننىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يولغا چىقتى .ئەزىز ئوقۇتقۇچى بىلەن مەكتەپكە كىرگۈنىدە  يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇزۇنىسىغا ياتقۇزۇلغان خىشلارنىڭ ئىككى قاسنىقىغا تەكشى ياتقۇزۇلغان خىشلارنىڭ يېنىغا تەكشى يېيىتىلغان ئاسفالىت پىيادىلەر يولى ئىدى، بۇ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا چىرايلىق ئېچىلغان رەڭگارەڭ گۈللەر مەكتەپ مۇھىتىغا ئاجايىپ چىرايلىق ھۆسۈن قوشقان ئىدى . يولنىڭ ئاخىرلاشقان يېرىدە چوڭ بىر ئىشىك بولۇپ كارىدۇرغا تۇتىشاتتى ، دەرۋازىدىن كىرىپ ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلغان ئەمدىلا يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان مەيداندا بىر توپ ئوقۇغۇچى خۇددى توخۇ سۇقۇشتۇرىۋاتقانلارنىڭ توخۇسىنى كۆرىۋاتقان تاماشىبىنلاردەك توپلىشىۋالغان ئىدى.

-  ئاشۇ مەيدان تەرەپكە بارايلى دىدى ئوقۇتقۇچى تەمتىرىگەن ھالدا قەدەملىرىنى تېزلىتىپ توپلاشقانلارنىڭ يېنىغا كەلدى .

- چەتكە تۇرۇڭلار ، مەن قىزىمنى كۆرىۋالاي توپنى ياردى ئەزىز. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا يول بەردى .توپنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ئەزىزنىڭ قىزى ئوڭدىسىغا ھۇشسىز ياتاتتى .پۇت –قوللىرىنىڭ سىڭىرلىرى كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ ،ئاغزىدىن كوپۈك قايناپ چىققان ئىدى ، كۆزىنىڭ قارىسى كەينىگە كەتكەن ئىدى.

- قىزىم ئەزىز يىغلامسىرىغان بىر خىل ئاۋازدا قىزىنى قولىغا ئالدى ، ئايال ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا قىز ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ پۇت –قوللىرىنى توختىماي ئۇگىلايتى ،

-ئەزىزكا ، قىزىڭىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ باقايلى دوختۇرلارنىڭ مەسلەھەتى بىلەن بىر ئىش قىلغان تۈزۈك شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇشمۇ –تۇشتىن ھەرىكەتكە كېلىپ ئەقىدەنى دوختۇرغا ئېلىپ ماڭدى ، بۇ چاغدا ئەقىدەنىڭ ئاپىسىمۇ ئۈن سېلىپ يىغلىغىنىچە يېتىپ كەلدى ، ئۇلار مەكتەپ دەرۋازىسىغا كېلىشىگە ئەركىنمۇ دەرۋازا بېقىنىدا تۇرغان ھارۋىسىنى ئەكىلىپ قىزنى كۆرپە سېلىنغان ھارۋىغا بىر ئەپچىل جايلاشتۇردى .يېزا دوختۇرخانىسىنىڭ ئاددىيغىنە ئىككى ئېغىز ئۆيىدىن گۈپۈلدەپ دورا پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى .ئىشىكتىن كىرگەنلا يەردە ئۈچ –تۆت كېسەل كارۋىتى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى .بۇ دوختۇرخانا شۇنچىلىك چۆلدەرەپ قالغانكى بىر ئاز ئولتۇرغان ئادەم ئىختىيارسىز ئۇيقا دېڭىزىغا غەرىق بولاتتى .

-ئادەم بارمۇ ؟ ئەنسىز ئاۋازدىن دوختۇرخانا چۆچۈپ ئويغاندى .ئىچكەركى ئۆيدىن بىر قىز بېشىغا ياغلىق ئارتقان ھالدا يۈگرۈپ چىقتى .

-قېنى كارۋاتقا ياتقۇزۇڭ دىدى يۈگرەپ چىققان قىز ئىنچىكە ئاۋازدا ،

- دوختۇر نىمە بولغاندۇ ئانىنىڭ يۈرىكىدىن چىققان بۇ ئاچچىق نىدا دوختۇرخانىنىڭ بۇلۇڭ –پۇچقاقلىرىغىچە تاراپ كەتتى .

-ھەدە ئۇنچە ئەنسىرەپ كەتمەڭ دوختۇر ھازىر كىرىدۇ ، دىدى قىز ئەقىدەنىڭ ئاپىسىغا قاراپ ، كۆز چاناقلىرىدىن بىر خىل ئەنسىزلىك ۋەھىمە چىقىپ تۇرغان ئەزىز قىزى ياتقان كارىۋاتنىڭ ئاياق تەرىپىدە ئولتۇردى ،

-سىز بولسىڭىزمۇ دوختۇر كىرگۈچە بىر نىمە قىلىپ تۇرغان بولسىڭىز ،قىزىمنىڭ ئەھۋالى ئۇنداق ئاددىي ئەمەستەك تۇرىدۇ دەپ ئۆتۈندى ئەزىز سېستىرا قىزغا قاراپ .

-  سىلەر مەن بىلەن  ھەمكارلىشىپ قىزنىڭ پۇت –قوللىرىنى ئۇۋۇلىشىپ بېرىڭلار ، ئۇنىڭ پەي –سىڭىرلىرى كىرىشىپ قاپتۇ ، ئەسلىگە كېلىشى مۈمكىن دىدى سېستىرا ،

-بولىدۇ ،ئىچ كۆيەر ئانا سېستىراغا ھەمدەم بولۇپ قىزىنىڭ پۇت –قوللىرىنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى ، ئەركىن ئاچىسىنىڭ ئاغزىدىن يانغان كۆپۈكلەرنى ياغلىقى بىلەن سۈرىتتى ، ئەزىزمۇ گاڭگىرىغان ھالدا بۇ ئىشلارغا ياردەملەشتى ، ئۇۋىلاشنىڭ ئۈنىمى كۆرۈلدىمۇ ئەقىدە بارا –بارا ئېسىنى ئۇققاندەك بولدى ، ئۇنىڭ كەينىگە كەتكەن قارىچۇقلىرى مىدىرلىغاندەك قىلاتتى ، بۇ چاغدا ئازراق ھايالشىغان دوختۇرمۇ كىرىپ كەلدى .

- دوختۇر بۇ بىمار بايا مەكتەپتە تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈپ قاپتۇ دىدى سېستىرا ،چاچلىرىنى تەتۈر يۆنىلىشتە تارىۋالغان دوختۇر كارىۋاتنىڭ يېنىغا كەلدى .

- قىزىڭىز نىمە بولغانتى ؟ سورىدى دوختۇر ئەزىزگە قاراپ.

- مەنمۇ بىلمىدىم ، مەكتەپتە بولغان ئىشكەن .

-  قىزىڭىز تارتىشىپ قاپتۇ بۇنىڭ ئۇنچىۋالا قورقۇپ كەتكۈچىلىكى يوق ،داۋاملىق ئۇۋىلاپ بەرسە ياخشى بولۇپ قالىدۇ دىدى دوختۇر ئىللىق كۈلۈمسىرەپ .

-رەھمەت دوختۇر بىز بەك ئەنسىرەپ كەتتۇق ئۆيدىكىلەر ئەقىدەنى ئاۋايلاپ ئۇۋىلىغىلى تۇردى قېرىنداشلارنىڭ مېھىرلىك قولى بىلەن ئەقىدە پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى ، قەلبىنى قورقۇنىچ چىرمىۋالغان ئانا قىزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كۆرۈپ خېلىلا يېنىكلەپ قالدى ، باشقىلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئورنىدىن تۇرىۋالغان ئەقىدە ئەتراپىغا ھەيران بولغاندەك قاراپ :

- دادا ، مەن بۇ يەردە تۇرىمەنغۇ ؟ ئەقىدەنىڭ ئاۋازى بوش چىقتى .

- شۇ قىزىم ، سەن تۇيۇقسىز ئاغرىپ قاپتىكەنسەن ، نىمە بولغانتىڭ دەپ قايتۇرۇپ سورىدى ئەزىز .

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2