ھەنىپەنىڭ دادىسىنى بۇنچىلىك تېز ماقۇل بولار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن، ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى،بۇ ئىش مەيلى ئويۇن بولسۇن،ياكى راس بولسۇن،مەن ئۈچۈن يەنىلا كەلگۈشۈمگە ئۈمۈت بېرىدىغان بىر زور خۇشاللىق ئېدى.
سۆزىمىز تۈگىگەندىن كېيىن بىز كەڭ كۇشادە باشقا پاراڭلارنى قىلىشتۇق،ھەنىپەنىڭ دادىسى بىلەن بىردەمدىلا چىقىشىپ كەتتۇق،ئانىسىنىڭ ئوخشىغان تاماقلىرىغا ئشتىھا بىلەن يىدۇق،بۇ تاماقلار ماڭا سەھرادا قالغان ئانامنىڭ تاتلىق قوللىرىنى ئەسلىتىپ قەلبىمگە ئىللىق ئاتا قىلدى.
-يامانكەنسىز جۇمۇ مۇھەممەت،بۇنچىلىك گەپ قىلالايدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن،سىزنى بوش چاغلىمسام بولغۇدەك،دادامنى ئەجەپ تېزلا قايىل قىلىۋەتتىڭىزغۇ-دېدى ھەنىپە مېنى ئاپتۇبۇس بېكىتىگىە ئۇزىتىپ چىقىۋېتىپ.بېشىمدىن ئايىغىمغىچە قاراپ چەكچىيىپ.
-ۋاي ھەنىپە خېنىم بىزنى بوش چاغلاۋەمىسە ،چاتاق چىقىدا بىكا-دېدىم مەن كۆزلىرىمنى ئوينۇتۇپ تۇرۇپ.
-ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ،بۇ پەقەت بىر ئويۇن جۇمۇڭ،ئەلچىلەر قايتىپ كەتسىلا،ئايرىلىپ كەتتىم دەيمەن ئۆيدىكىلەرگە.
-ئۇنداق دېسڭىز مەيلى لىكىن يەنە سىز زىيان تارتىسىز،ئۇ ئەلچىلەر كەتسە يەنە باشقا ئەلچىلەر كېلىدۇ،تازا.
-ۋۇ ساراڭ،بەك ئەسكىلىشىپ كېتىۋاتىسىز جۇمۇ سىز-ھەنىپە شۇنداق دېگەچ دۇمبەمگە بىر نەچچىنى ئۇرۇپ قويدى.شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى شۇقەدەر بەخىتلىك ھەم يەڭگىل ھېس قىلىپ كەتتىمكى بۇنداق تۇيغۇ مەندە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ئىدى.
ھەنىپە مېنى ئاپتۇبۇس بېكتىگىچە ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن كىرىپ كەتتى،ئۇنىڭ كەينىدىن تاكى قارىسى يۈتكىچە قاراپتۇردۇم،ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلاپ ماڭغان ھەربىر قەدىمى خۇددى بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بېسىلغاندەك،ئوماق كۆرۈنۈپ،قەلبىمدە ھاياجان قوزغىدى.
ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ ،ئۆزەمچە كۈلۈپ باياتىنقى ئىشلارنى ئويلاپ ،ئۆزەمچە كۈلۈپ كەتتىم.ئەتراپىمدىكى كىشىلەر ماڭا خۇددى ساراڭغا قارىغاندەك قارىغاندىلا ئۆزۈمنى بىلىپ توختىۋالدىم،-خەق نېمە دېسە دېسۇن،بۈگۈن مەندىن بەخىتلىك ئىنسان يوق،ساراڭ دېسە دېسۇن،مەن شۇنداق خۇشال شۇڭا كۈلۈشۈم كېرەك-دەپ ئويلاپ يەنە قولۇمنى چىشلەپ تۇرۇپ ئىچىمدە پىخىلداپ تازا كۈلدۈم.ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ،باياتىندىن بېرى قىلغانلىرىمدىن سەل نومۇس قىلغاندەك بولۇپ ،ئۆزەمچە يۈزۈم قىزىرىپ قالدى،بۇ ھاياجان،بۇ خۇشاللىقلار قوينىدا ئەللەيلىنىپ،شۇنداق تاتلىق ئۇخلۇدۇم.
ئارىدىن يەنە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى،ھەنىپە ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋېتى شۇ ئىشتىن كېيىن ،خۇددى مېنىڭ خېيالىمدىكىدەكلا بارغانسىرى يېقىنلىشىپ،ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى،كۆز قارىشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى،ئۇ مېنى كىچىك بالىدەك كۆرمەيدىغان،بۇرۇنقىدەك مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا خۇددى كىچىك بالا بېلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك گەپ قىلمايدىغان بولدى،ئەڭ مۇھىمى مېنى ئۇكام دېيىشنىڭ ئورنىغا مۇھەممەت ياكى ھەي دەيدىغان بولدى،بۇ مېنىڭ قازانغان ئۇتۇقلىرىم ئېدى.گەرچە ئىككىمىز تېخى رەسمىي ئارلاشمىغان بولساقمۇ،مۇشۇنداقلا بولىدىغان بولسا ،بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ روياپقا چىقىش ئېھتىماللىقى زور ئېدى.
-ھەي مۇھەممەت قاراپ بېقىڭە ،ياغلىقىمنىڭ ئالدى جېيىكى چىرايلىق چىقىپتىمۇ؟-دېدى،ئەينەككە قاراپ ياغلىقىنىڭ ئالدىنى بىر قانداق قىلىپ تۈزەشتۈرىۋاتقان ھەنىپە بۈگۈن سەھەردە دۇكانغا چىقىشىمغا مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ياغلىقىنىڭ ئالدىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،ئۇنىڭ ياغلىقىنىڭ ئالدى يۇپيۇمىلاق خۇددى چىرايلىق سوۋېتچە شەپكىنىڭ جېيىكىگىلا ئوخشاپ قالغان ئېدى.
-ھەئە بەك چىرايلىق بوپتۇ خېنىم ،كىم ئۆگىتىپ قويدى بۇ ھۆنەرنى سىزگە كىم ئۆگىتىپ قويدى.
-دەپبەرمەيمەن ،بۇ مەخپى -بۇ ھەنىپەنىڭ تۇنجى قېتىم ماڭا كېيىم كېچەكلىرى توغرىلۇق سوئال سورىشى ئېدى،دېمەك بىزنىڭ مۇناسىۋېتىمىز يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپتۇ،ئىچىمدە ئويلىغان خىياللىرىمدىن ئۆزەمچە خوش بولۇپ كۈلۈپ كەتتىم.
-نېمىگە كۈلىسىز،مېنى زاڭلىق قىلىۋاتامسىز،تېخى ھازىرلا يارىشىپتۇ دەۋاتمامتىڭىز،بەك ئەسكىكەنسىز جۇمۇڭ-كۈلگىنىمنى كۆرۈپ ھەنىپەنىڭ چىرايى تۈرۈلدى.
-سىزگە كۈلمىدىم ھەنىپە،ئۇنداق قېيدىمىڭە،بىر ئىش يادىمغا كېلىپ قالغانتى شۇنىڭغا كۈلدۈم،ياغلىقىڭىز راسلا يارىشىپتۇ،ئىشەنمىسىڭىز باشقىلاردىن سوراپ بېقىڭ.
بولدىلا،ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئۇسۇلۇمدا تۇرۇۋەرسۇن،ماڭا يېڭىلىق ياراشمايدۇ زادى-ھەنىپە شۇنداق دېگىنىچە ياغلىقىنى تۈزەپ بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەكەلدى.ماڭا بايقى شەپكىچە نۇسقىغا قارىغاندا يەنىلا بۇرۇنقىسى بەكەرەك چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى.
-مانا ئەمدى بولدى خېنىم ،يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى،خەقنى دوراپ نىمە قىلىسىز.
ھەنىپەنىڭ چىرايى قىزاردى،ئۇ ماڭا ھېچقاچان قارىمىغان ئويچان كۆزلىرىدە قارىدى،مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن،ماڭا بولغان بىر شېرىن سېزىمنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم،مەنمۇ ئۇنىڭغا تەبەسسۇم قىلدىم،كۆزلىرىمىز ئۇچراشقاندا ،ھەر ئىككىلىمىز بەرداشلىق بېرەلمەي يەرگە قارىۋالدۇق.
-ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم-تۇيۇقسىز قىلىنغان چوڭ سالامدىن كېيىن ،ھەنىپە ئىككىمىز تەڭلا ئىشىك تەرەپكە قارىدۇق،چاچتەك ئىنچىكە كىسىلگەن خاشۇ پەردىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئەنۋەر كىرىپ كېلىۋاتاتتى،ئۇنى كۆرۈپ،ھەنىپەدىنمۇ بەكەرەك مەن جىددىيلىشىپ كەتتىم.ھەنىپە گەپ سۆز قىلماستىن باشقا تەرەپكە قارىۋالدى.خۇددى ئاسمان ھازىرلا ئۈستۈمگە چۈشىدىغاندەك بېشىم پىرقىراپ كېتىۋاتاتتى.
-ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ تېنىچلىقمۇ-ئەنۋەر يېنىمغا كېلىپ ،مەن بېلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ھەنىپەنىڭ يېنىغا كەلدى-ھەر نېمە بولسا ،بۇ يەردە باركەنسىز،كارتىڭىزنى ئالماشتۇرىۋەتكەن ئوخشايسىز تېلىفون قىلىپ پەقەت ئالالمىدىم،شۇڭا مۇشۇ يەردە بارمىدۇ-دەپ ئويلاپ ئۇدۇللا كەلگەن ئېدىم.
-مېنى ئىزدەيدىغان بېرەر ئىشىڭىز بارمىدى-دېدى ھەنىپە ئەنۋەرگە كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ زەردە بېلەن-سىزنىڭ چىرايىڭىزنىمۇ كۆرگۈم يوق،ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى سوراپ كېتىۋېلىڭ.
-سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ھەنىپە،بەك جىق گېپىم بار،لېكىن بۇ يەردە ئېيىتقىلىل بولمايدۇ،سىرىتقا چىقىپ بىرە جاينى تېپىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق بوپتىكەن.
-قانداق گېپىڭىز بولسا مۇشۇ يەردە دەڭ،مېنىڭ سىزنىڭ بېلەن ھېچقانداق يەرگە بارغۇم يوق.
بۇ.....-ئەركىن شۇنداق دەپ ماڭا قارىدى.
-مەن چىقىپ تۇراي ئىككىڭلار پاراڭلىشىۋېلىڭلار-شۇ تاپتا ئەنۋەرنى ئۇرۇپ بۇرنىنى مىجىۋەتكۈم كېلىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ،ھەنىپەنى ئويلاپ ،ئۆزۈمنى ئاران بېسىپ تۇرىۋاتاتتم.مەن شۇنداق دەپ قانداق قىلاي دېگەندەك ھەنىپەگە قارىدىم.
-ئولتۇرۇۋېرىڭ،سىزدىن يوشۇرىدىغان ئىشىم يوق،قانداق گېپى بولسا سىز بار يەردە دېسۇن-دېدى ھەنىپە مېنى ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ-مۇھەممەتتىن ھېچقانداق ئىشنى يوشۇرمايمەن،ئۇ ھەممە ئىشلىرىمنى بىلىدۇ،گېپىڭىز بولسا دەۋېرىڭ.
-ئەمىسە دەۋېرەي-ئەنۋەر ماڭا يەنە بىر قاراپ قويۇپ گەپ باشلىدى-ھەنىپە مەن خاتا قىلغىنىمنى بىلىمەن،شۇ ۋاقىتتا قانچىلىك ئامالسىز قالغىنىمنى سىز بىلمەيسىز،ئانام مەن ئاغرىپ قالدىم دەپ مېنى يۇرتقا ئەكىلىپ ،بىر تۇققىنىمىزنىڭ قىزى بىلەن تويۇمنى قىلىپ قويماقچى بولدى،مېنىڭ كۆڭلۈمدە سىز بولغاچقا مەن قەتئىي قوشۇلمۇدۇم،شۇنداق بولغاچقا بارلىق ئۇرۇق تۇغقانلار مېنى ئەيىبلىدى،ئانام ھەتتا ،مۇشۇ قىزنى ئالمىساڭ ئالدىڭدا ئۆلۈپ بېرىمەن دېدى،شۇنىڭ بېلەن ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭ بېلەن توي قىلدىم،سىزگە قارىغۇدەك يۈزۈم بولمىغاچقا ،تېلفونلىرىڭىزنىمۇ ئالالمىدىم،سىزگە ھېچقانداق خەۋەر يەتكۈزەلمىدىم،توي قىلغاندىن كېيىن ،سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلدىم،ئايالىمنىڭ ھازازۇللۇقلىرىنى كۆرۈپ قەدىرىڭىزگە يەتتىم،قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلدىم،شۇڭا ئۇنىڭ بېلەن ئاجىرىشىپ كېتىپ سىزنى ئىزدەپ كەلدىم،جېنىم ھەنىپە سىزدىن ئۆتۈنەي بىز ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلايلى،ئەمدى سىز نېمە دېسىڭىز شۇنى قىلىمەن،ىسز ئۈچۈن ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن.
-ھا.ھاھا...........-ھەنىپە ئەنۋەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى-بۇ گەپلىرىڭىزگە كىم ئىشنىدۇ،ئۇ گەپلەرنىڭ ۋاختى ئۆتتى،بۇرۇن ئاشۇنداق شېرىن-شېكەر سۆزلىرىڭىزگە ئىشىنىپ كۆرگەن كۈنۈم ئازمۇ مېنىڭ،ئەمدى نېمە دېسىڭىز بېكار،سىزگە ئىشەنمەيمەن،سىزنى كۆرىدىغان كۆزۈم يوق كېتىڭ.
-ھەنىپە ماڭا بۇنداق قىلماڭ.بۇرۇنقى كۈنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ،ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ،سىزدىن ئۆتۈنەي-ئەنۋەر يالۋۇرۇپ ھەنىپەنىڭ قولىغا ئېسىلدى،مەن جايىمدا ئولتۇرالماي قالدىم،شۇ تاپتا ئۇنىڭ ھەنىپەنىڭ قولىنى تۇتقان قوللىرىنى سۇندۇرۋەتكۈم كېلىۋاتاتتى.
-قولىڭىزنى تارتىڭ،چىرايلىق گەپ قىلغاننى بىلىڭ ،قايسى بۇرۇنقى كۈنلەركەن ئۇ،مېنىڭ ئۇ كۈنلەرنى قايتا ئېسىمگە ئالغۇممۇ يوق،ئېسىت سىز بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈم،ئېسىت ،بۇ يەردىن چىرايلىقچە كېتىۋېلىڭ.مېنىڭ ھازىر ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بار،پات ئارىدا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمەن.
ھەنىپەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئويناپ كەتتى،چۈنكى ئۇ مېنى دەۋاتاتتى،مەندىن باشقا يەنە كىمنى دەيتتى،مەن ئۇنىڭ ئۆيىگىچە بارغان تۇرسام،ئۇ راس مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ.
-ھەي جالاپ ئىززىتىڭنى قىلغاننى بىل ھە،ماڭا تەگسەڭمۇ تېگىسەن تەگمىسەڭمۇ تېگىسەن،بولمىسا خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلىمەن،ماڭا نەچچە يىل خوتۇن بولغان دەپ،سەندەك رەسۋانى كىم ئالىدىكىن مەن قېنى بىر كۆرۈپ باقاي-ئەنۋەر ھەنىپەگە ئىتقا ئوخشاش ئېتىلىپ يۈزىگە بىر تەستەك سالدى.
-بولدى بەس-ئەمدى سەۋرىمنىڭ چېكى توشقان ئېدى-ۋۇ ھايۋان ،ئادەم ئەمەس ئېشەك-ئەنۋەرنىڭ ھەنىپەنى ئۇرغان قولىغا چىڭ ئېسلىۋېلىپ يۈزىگە بىر نەچچە مۇش سالدىم.
-ئۇ جالاپنىڭ تاپقان يېگىتى سەن ئوخشىمامسەن،ئۆزۈڭگە ئەر تاپالماي كىچىك بالىنى ئالداپ تېگىۋالاي دېدىڭمۇ ،ۋۇ پاسكىنا،سەندىن باشقىا ئادەمنى ياخشى كۆرمەيمەن،سەن بولمىساڭ ئۆلىۋالمەن دەۋاتىتىڭيا،نېمىشقا ئۆلمىدىڭ-ئەنۋەر مېنى ئىتتىرۋېتىپ يەنە ھەنىپەگە ئېتىلدى.
-قانداق قىلتىڭ ئىشىڭنى قىل ۋۇ ئېشەك،ئۇ كىچىك بولسىمۇ ۋېجدانى بار،ئەركەكلىكى بار، سەندەك ئېشەكتىن پەرقى يوق ھايۋان ئەمەس، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن قانداق قىلاتتىڭ-ھەنىپە يىغلاپ تۇرۇپ گېلىدىن چىڭ تۇىۋالغان ئەنۋەرنىڭ يۈزلىرىنى تاتىلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ سۆزلىرى يۈرەك تارىمنى چېكىپ،قانلىرىمنى ئۇرغۇتىۋاتاتتى.
-قولۇڭنى تات،ۋۇ ھايۋان-بار كۈچۈمنى يىغىپ ئەنۋەرگە قايتىدىن ئېتىلدىم،ئەنۋەر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە خۇددى ئاچ قالغان بۆرىلەردەك ئېتىلدۇق،ئۇنىڭ بازغاندەك چوڭ مۇشلىرى يۈز-كۆزلىرىمنى مىجىشقا باشلىدى،مەنمۇ بوش كەلمەي،ئۇنىڭ .ئاجىز ئورۇنلىرىنى تاللاپ تازا ئۇردۇم،شۇ تاپتا تېنىم ھېچقانداق ئاغرىقنى سەزمەيتتى،پەقەت ھەنىپەگە قول ئۇزاتقان بۇ ھايۋاننى يەر يۈزىدىن يوق قىلىشنىلا ئويلايتتىم.
داۋامى بار
ئەسلى مەنبە: http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=21765