باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

مۇھەببەتنىڭ چىگراسى يوق6

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:08:24

‹‹مۇھەببەتنىڭ چىگراسى يوق6›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

خاناچام ئۆيگە كىرىپلا ئاشخانا ئۆيدە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تىترەپ تۇرغان ھەنىپە ئاچامغا قاراپ زەھىرىنى چاچتى.

-مەن بۈگۈن مۇھەممەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندىكىن ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بېرەي دەپ شۇ-ھەنىپە ئاچامنىڭ چىرايى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.

-ھە شۇنداقمىتىيا،مەن تېخى ئىككىڭلارنى ئۆي تۇتىۋالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن،بىزنىڭ مۇھەممەت تېخى كىچىك ئەمەسمۇ؟ئاكىسىنى ئازدۇرالماي ئۇكىسىنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ يۈرمىگەنسىز ھە.

-ئاغزىڭنى يۇمساڭ بولمامدۇ، ھەنىپە ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەس مەن ئۇنى ئۇبدان بىلىمەن،ئۇ مۇھەممەتنى ئۆز ئۇكىسىدەك كۆرىدۇ.

ئاغزىم قىچىشىپ بىر نەرسە دەي دەپ تۇرشۇمغا ئاكامنىڭ قىلغان گەپلىرى بىلەن يەڭگەمنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ جىمىپ قالدى.

ھەنىپە ئاچام يەڭگەمنىڭ سۆزلىرىدىن كۆڭلى يېرىم بولغاندەك قىلىپ تاماقنى پۇشۇرۇپ بولۇپلا ،ئۆيدە ئىشىم بار ئىدى-دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى،ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىق ھەم كۆڭلىدىكى يېرىمچىلىقنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى.

-ئاچا خاناچامنىڭ گەپلىرىنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ،ئۇنىڭ مىجەزى ئاشۇنداق،سىزمۇ بىلىسىزغۇ ماڭا قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى،ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىشىڭىزغا ئەرزىيدىغان ئادەم ئەمەس-دېدىم مەن ھەنىپە ئاچامنى ئۇزاتقىلى چىقىپ ،ئۇنىڭغا تاكسى توسۇۋاتقان ۋاقتىمدا.

-ھەنىپە -ھېچقىسى يوق -دەپ قويۇپ باشقا گەپ قىلماي تاكسىغا چىقىپ كېتىپ قالدى ،لېكىن ئۇنىڭغا ھار كەلگەنلىكى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى،شۇنداق قىلىپ مېنىڭ 18 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنۈم مۇشۇنداق كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتى.گەرچە ئاكامنىڭ ،ھەم ئۇكىللىرىمنىڭ كەلگىنىدىن كۆڭلۈم خۇشال بولغان بولسىمۇ ،لېكىن خاناچامنىڭ قىلغان قىلىقلىرى ھەنىپە ئاچام ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىنى يىراقلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى،شۇ سەۋەبتىن كۆڭلۈمدە بىر ئەندىشە تۇغۇلماقتا ئىدى.

بىرمۇنچە غەم بىلەن قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن،ئورنۇمدىن تۇرغان چېغىمدا سائەت 6 بولاي دەپ قالغان ئىدى.يادىمغا تۈنۈگۈن ئىشىك ئالدىدا تۇرغان گۈل كېلىشى بىلەن،بىر ئەندىشەمگە يەنە بىر ئەندىشە قوشۇلۇپ،چاققانلىق بىلەن نامزىمنى ئوقۇدۇمدە،دۇكانغا قاراپ يولغا چىقتىم.

دۇكانغا كېلىپ يەنە تۆنۈگۈنكىگە ئوخشاش بىر دەستە گۈلنى كۆردۈم،گۈلنىڭ ئىچىدە كونۋېرت،كونۋېرتنىڭ ئىچىدە تۆنۈگۈنكىدىنمۇ تەسىرلىك قىلىپ يېزىلغان بىر پارچە خەت تۇراتتى.

-ھەنىپە،خېتىمگە ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىغىنىڭىزدىن كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولىۋاتىدۇ،شۇ تاپتىكى ھالىمنى بىر بىلسىڭىز ئىدى،يۈرىكىڭىز تاش بولسىمۇ ئېرىپ كەتكەن بولاتتى،بەلكىم سىز ياخشىراق ئويلىنۋېلىپ ئاندىن جاۋاب بېرەي دەپ ئويلاۋاتقانسىز لېكىن،مەندىكى تەشنالىق بىر مىنۇت سەۋىر قىلىشىمغىمۇ يول قويمايۋاتىدۇ،شۇ سەۋەبتىن يەنە بىر قېتىم سىزگە خەت يېزىىشقا مەجبۇر بولدۇم،سىز ئۈچۈن باغرىم كاۋاپ،يۈرىكىم زەرداب بولىۋاتقان مەندەك بىر ئاشىقىڭىزنىڭ ،دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر،دەريالاردىنمۇ ئۇزۇن،ئاسماندىنمۇ كەڭ سۆيگۈسىنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.كەچتە سىزنى سودا ساراينىڭ ئالدىدا ساقلايمەن.

پەرھات..

خەتنى كۆرۈپ بىر تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلسە بىر تۇرۇپ كۈلكەم قىستىدى،چۈنكى ئۇنىڭ بۇنداق كىتابى تىل بىلەن يازغان كورىيەچە مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى ماڭا ناھايىتى كۈلكۈلۈك تويۇلۇپ كەتكەن ئېدى،گۈل بېلەن خەتنى تۆنۈگۈنكىدەك پاكىزە يىغىشتۇرىۋەتتىم.

كەچتە بۇ خېلىچەم ئاچام بىلەن چىقىپ كېتىۋېتىپ ،ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدا شۈمشىيىپ تۇرۇپ بىزگە قاراۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم.

-نېمە بولدىڭىز،نېمىشقا كۈلىسز-ھەنىپە ئاچام نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمەي تىڭىرقاپ تۆت تەرىپىگە قارىدى.ئۇنىڭ كۆزى ئۆزىگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان پەرھاتنى پەقەتلا كۆرمەيۋاتاتتى.

-ھېچ ئىش بولمىدى ئاچا،يۈرىڭە كېتەيلى-مەن تېخىمۇ بەك كۈلگىنىمچە ھەنىپە ئاچامنى ئېلىپ كېتىپ قالدىم.

گۈل ۋەقەسى بىر ھەپتىگىچە توختىماي داۋام قىلىۋەردى،ئۇ ساراڭ خەت يېزىپ،گۈل ئېۋەتىپ زېرىكمىدى،ھېلىقى كۈندىن بېرى ھەنىپە ئاچام مەندىن ئۆزىنى ئېپقېچىۋاتقاندەك تويۇلۇپ ئاران تۇرغاندا،مەن جىمىقتۇرۇپ بولالماي زېرىكىپ قالدىم،شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى ئۇنىڭ دۇككىنغا بېرىپ-ھەي ساراڭ سېنى ھەنىپە ئاچام ساراڭكەن ،يەنە مۇشۇنداق قىلىۋەرسە ساقچىغا ئەرىز قىلىمەن دەيدۇ-دېدىم،شۇنىڭ بىلەن گۈلمۇ خەتمۇ كېلىشتىن توختاپ قالدى.
گۈللەر كېلىشتىن توختىغان بولسىمۇ ،ئىچىمدە يەنىلا بىر ئەندىشە ،چۈنكى ھېلىقى كۈندىن بۇيان ھەنىپە ئاچام مەندىن قەستەن يىراقلاشماقتى بولىۋاتاتتى،ئىككىمىز بىر دۇكاندا ئولتۇرساقمۇ،ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدەك كۆپ گەپ قىلمايدىغان،كۈلۈپ تۇرۇپ قارىمايدىغان،ئۆيىدە ھەم تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن قىززىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەرمەيدىغان،مەن بىلەن بىللە ئۆيگە قايتىشتىن قاچىدىغان بولىۋالغان ئېدى.بۇنداق بولۇۋەرسە مېنىڭ قەلبىمدىكى خۇشاللىقلىرىم پۈتۈنلەي يوق بولىشى ئېنىق ،شۇڭا تېزراق ئۇنىڭ قەلبىدىكى تۈگۈننى يېشىدىغان بىر ئامال تېپىپ چىقىشىم كېرەك ئېدى.
بۈگۈن ئامال قىلىپ ھەنىپە ئاچامنى قايىل قىلىپ ،ئۇنى ماڭا بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلدىغان قىلمىسام،شۇ خىياللار بېلەن ئەتىگەندە دۇكانغا چىقسام ھەنىپە ئاچام ئېڭىكىنى يۆلەپ،خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپتۇ.

-نېمانداق سەھەر چىقىۋالدىڭىز ئاچا-ھەنىپە ئاچام سوئالىمغا جاۋاب قايتۇرماستىن،غەمكىن پېتى ئولتۇراتتى-خېنېم،نېمە بولدى سىلىگە،مانداق قىمممىسا جۇما،بىز نېمە دېيىشكەن،مەندەك ئىنىلللىرىغا مانداق قىسىللىرى كۆڭلۈمگە كەپ قالىدا قۇما مېنىڭ-مېنىڭ قەشقەر پەدىسىدە ئېيىتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.

-دەردىم كۆپ غوجام ،سىلە ئۇقمايلا دەردىم بەك كۆپ.

-ئاچا نېمە دەردىڭىز بولسا ماڭا ئېيتىڭ،بىز سىرداش ئېدىققۇ،بۇرۇنمۇ قانداق گېپىڭىز بولسا ماڭا دەيتىڭىزغۇ،بۇنداق مەندىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچسىڭىز مەن بەك ئازابلىنىپ كېتىدىكەنمەن،سىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىدىكەنمەن.سىزنىڭ ماڭا بۇرۇنقىدەكلا مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .

-مەن سىزدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچقىنىم يوق نەچچە كۈندىن بېرى بېشىمدا بىر غەم بار،شۇ غەم مېنى قىيناپ بەلكىم سىزگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلالمىغان بولىشىم مۇمكىن-ھەنىپە ئاچام ئېغىر بىر تىنۋەتكەندىن كېيىن گەپ باشلىدى-بوپتۇ سىزگە دەپ بېرەي،سىزگە دېسەم ئىچىم بوشاپ قالا،بىزنىڭ ئۆيگە يۇرتتىن بىر ئەلچىلەر كەپتىكەن،ھەركۈنى كېلىۋېلىپ پەقەتلا ئارام بەرمەيۋاتىدۇ،ئانام بىلەن دادامنى ئاللىقاچان كۆندۈرۈپ بولدى،ئۇلار مېنى،لايىقىڭ بولسا باشلاپ كەل،بولمىسا مۇشۇ يىگىت بېلەن تويۇڭنى قىلىۋېتەيلى -دەپ،بەك قىستاپ كېتىۋاتىدۇ،زادى قانداق قىلشىمنى پەقەتلا بىلەلمىدى،ئويلاپ باقسام 25 كە كىرىپ ئېشىپتىمەن،بىر ھېساپتا ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىراتقىنىمۇ توغرا، بىراق ئۆزۈم قىلچە چۈشەنمەيدىغان بىلىشمەيدىغان بىرى بىلەن توي قىلغۇم يوق.بېشىمنىڭ ئىچىمۇ ،تېشىمۇ بەك قېتىۋاتىدىغۇ.

ھەنىپە ئاچامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى،تۇيۇقسىزلا كەلگەن بىر ئاغرىق يۈرىكىمنى چىڭ قاماللاپ ،ئۆزۈمنى نەپەس ئالالمايۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.

-ئاچا سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بارمۇ؟يوقمۇ؟-بىر پەس جىمجىتلىقتىن كېيىن ئېغىز ئاچتىم.

-قىززىق گەپ قىلدىڭىزغۇ؟بار بولسا سىز بىلمەي قالامتىڭىز.

-سىزنىڭ ئۇ يىگىت بىلەن توي قىلغۇڭىز بارمۇ يوقمۇ؟

-ئەلۋەتتە يوقتە،مەن ئۆزۈم چۈشەنمەيدىغان ئىنسان بىلەن ھەرگىز توي قىلمايمەن،

-سىزنىڭچە مەن قانداقراق-تۇيۇقسىزلا بىر ئامال تاپقاندەك بولۇپ ھاياجان ئىچىدە گەپ باشلىدىم-مەن ھەم ياۋاش،ھەم مۇلايىم گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن،ھەم ۋېجدانلىق،سىزگە ھەممە تەرپىم بەش قولدەك ئايان.

ھەنىپە ئاچام قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.

-تولا چاخچاق قىلمىڭە،سىز تېخىچە شۇ مۇقامدىمۇ؟ئۇكام-ئۇ يۈلىرىمنى كىچىك بالنى ئەكىلەتكەندەك ئەكىلتىپ چىمداپ قويدى.

-ئاچا كۈلمىڭە ،مەن چاخچاق قىلمىدىم،راس دەۋاتىمەن،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىغا مېنى ئاپارسىڭىز قانداق؟شۇنداق قىلساق بۇ توي بالاسىدىن قۇتۇلالايسىز ئەمەسمۇ؟

-ئۇكام مەن سىزگە بۇرۇن نېمە دېگەن،سىز بېلەن مېنىڭ توي قىلالىشىم مۇمكىنمۇ،مەندىن قاچتىڭىز دەيسىز،يەنە مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلسىڭىز قاچماسلىققا ئامالىم بارمۇ مېنىڭ.

-ئاچا،مەن راس توي قىلمىز دېمىدىم ،مېنى باشلاپ بارىسىز ،مەن سىزنىڭ يالغاندىن يېگىتىڭىز بولىمەن،بىر يىلدىن كېيىن توي قىلىمىز دەيمىز،شۇنىڭ بېلەن ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئاغزى بېسىقىپ ،ئۇ ئەلچىلەرنى يولغا سېلىۋېتىدۇ،بىر يىلغىچە كىم بار،كىم يوق،سىزمۇ بەختىڭىزنى تېپىپ قالامسىز،تېخى-ھەنىپە ئاچامنىڭ مېنىڭ سۆزۈمنى قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولسىمۇ ،يەنىلا سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدىم،چۈنكى مۇشۇنداق بولسا ماڭىمۇ پۇرسەت تۇغۇلىدۇ،ھەنىپە ئاچامغىمۇ بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق،چۈنكى مەندىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭغا يالغاندىن يېگىت بولۇپ ،ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كۆرۈشكىلى بارمايدۇ-دە.

ھەنىپە ئاچام ھېچقانداق گەپ قىلماستىن جىمىپ كەتتى،بۇ ئۇنىڭ مېنىڭ سۆزۈمنى ئويلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. مەن ئىچىمدە بۇ جىمجىتلىقنىڭ ئۇزۇنراق داۋاملىشىشىنى تىلەيتتىم،چۈنكى ئۇنىڭ-ياق بولىغۇدەك-دېگەن بىر ئېغىز گەپنى قىلىپ،قىلىشىنى پەقەتلا خالىمايتتىم،ئۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كۆرە،ئۇنىڭ مېنىڭ تەلپىمنى  ئويلىشىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈش ماڭا بەكرەك ھوزۇر بېرەتتى.

ھەنىپە ئاچام تاكى كەچ بولغانغا قەدەر بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق گەپ سۆز قىلمىدى،چۈشتىن كېيىن دۇكاننى تاقاپ،سەنشىخاڭزىغا بېرىپ ھېساب ئۆتكۈزۈپ بولۇپ،ئۆيگە قايتىۋاتقان چاغدىلا ئاندىن ئېغىز ئاچتى.

-ئۇكام بۇنداق قىلساق،ئۇلار ئىشىنەرمۇ؟سىز مەندىن بەكلا كىچىك تۇرسىڭىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار سىزنى تونۇيدۇ،مېنىڭچە بۇ ئىش بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.

-سىز مۇشۇنداق مېنى بىر ئاغزىڭىزدا مىڭ ئۇكام دېسىڭىز ئىشىنەمتى ئاندىن،ئۇلار مېنى تونىغان بېلەن يېشىمنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى بىلەمتى،قىزلار ئۆزىدىن چوڭ ئەرلەرگە تەگسە بولىدىكەن،ئوغۇللار ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنى ئالسا بولمامدىكەن،بىزنىڭ تونۇش بولغىنىمىز ياخشى تېخى ،ئۇلارنى قىلچە گۇمانسىز ئىشەندۈرەلەيمىز.

-ئۇكام دېمىسەم نېمە دەيمەن،ئەمىسە،،خەقنىڭ ئالدىدا سەت تۇرمامدۇ غوجام دەپ يۈرسەم-ھەنىپە ئاچام چاقچاق قىلغاندەك مىيقىدا كۈلۈپ قويدى.

-ئۇكام دېمەيسىز،غوجاممۇ دېمەيسىز،ئەمدى بىر-بىرىمىزنىڭ ئىسمىنىلا چاقىرىمىز،مەنمۇ ئەمدى سىزنى ئاچا دېمەي ھەنىپە دەيمەن.

-سىز ئۇنداق دېسىڭىز بەكلا غەلىتە ئاڭلىندىكەن.

-غەلىتە ئاڭلانسىمۇ چىداڭ ئەمدى ،ھەنىپە خېنىم،ئەمىسە شۇنداق كېلىشتۇق ھە،

-ئالدىن دەپ قوياي،يالغاندىن جۇمۇڭ ،راسقا ئايلاندۇرۇشقا كۈچىمەيسىز.

خوپ خېنىم ،خوپ.

داۋامى بار.....

مەنبە: http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=21765

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2