ئاپېلسىن پۇرىقى: بېسىمنى يېنىكلىتىپ، ئادەمنى تىنچلاندۇرىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، كىشلەر ئاپېلسىننىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندىن كېيىن بېسىمى شۇھامان يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغان. بىر كۈن تىنچ ھالەتنى ساقلىماقچى بولسىڭىز بىر قۇتا ئاپېلسىن پۇراقلىق پۈركۈگۈچ سېتىۋېلىپ، ئەتىگەندە ۋە چۈشتىن كېيىن ئىشخانىڭىزغا چېچىپ قويۇڭ.
ئالما پۇرىقى: ئورۇقلاشقا پايدىلىق. تەتقىقات نەتىجىسىدە ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلەر، ئالمىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان كىشلەرنىڭ ئىشتىھاسى كونترول قىلىنىپ، ئورۇقلاش ئۈنۈمى ئالما پۇرىقىنى پۇرىمىغان كىشلەرنىڭكىدىن ياخشى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېگۈڭىز كەلگەندە ئالمىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ بېقىڭ.
يالپۇز پۇرىقى: جىسمانىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، يالپۇزنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى ناھايتى تېز بولغان. بىر كۈن ئىشلەپ، كەچتە يەنە زىياپەتكە بارماقچى بولسىڭىز، يالپۇز پۇراقلىق پۈركۈگۈچنى چېچىپ بېقىڭ، ھارغىنلىقىڭىز يوقاپكېتىشى مۇمكىن.