كېتىۋاتىمەن مەنزىلىم قايان،قەيەرگە بېرىپ توختايمەن،بۇلار ماڭا قاراڭغۇ،تۈن پەردىسى يېپىلغان،يوللارنىڭ چىراقلىرى يېقىلغان،قەھرىتان قىشنىڭ جاندىن ئۆتكىدەك سوغوق شىۋېرغىنى چىرقىرىماقتا.
قار لەپىلدەپ يېغىپ،چاچلىرىمنى ئاق لېباسقا ئورىماقتا،ئايىغىمدا چەيلەنگەن قارلار،خۇددى مېنىڭ ئازابتىن ئېزىلگەن قەلبىمگە ئوخشاش ئاچچىڭ ئېىڭىراپ غىچىرلىماقتا.
نەدىلىكىمنى،نەگە بېرىشىمنى ،نېمە قىلىشىمنى بىلمەيمەن، بېشىم قايغان،پۇتۇم تالغان تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىمەن.كىملەرنىڭدۇر،ساراڭ بولدۇڭمۇ دەپ ۋارقىراپ،ماشنىلارنىڭ چىرقىراپ تورمۇز قىسقىنىدىن ،ئۆزۈمنىڭ چوڭ يولدا كېتىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن،لېكىن ھەنىپە بولمىغان ھاياتنىڭ ماكا قىلچىلىك كېرىكى يوقتەك ،مەندە قىلچىلىك قورقۇش يوق.ئويلايدىغنىم پەقەت،نېرۋېللىرىمنى چىڭقاۋاتقان بۇ ئازابلىق خېياللاردىن قۇتۇلۇش.
-بالام ،نېمە بولدىڭىز-ئانامنىڭ ئاۋازىدەك يېقىملىق بىر ئاۋازدىن ئويغۇنۇپ كۆزۈمنى ئاچتىم،كۆز ئالدىمدا خۇددى ئانامغا ئوخشاش بىر سىيما،-ئانا -دەپ ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم،بېشىمنى سىلغان ئىسسىق قوللاردىن تارىغان ھارارەت ۋۇجۇدۇمنى ئىللىتتى.
-بالام ،ئۆيىڭىز نەدە،نېمىشقا بۇ يەردە ياتىسىز،سىزگە زادى نېمە بولدى-توختىماي سورالغان سوئاللارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمەي،ئۈستىبېشىمغا قارىدىم،چاچلىرىم توڭلىغان،كىيىملىرىم ئاپئاق قارغا مېلەنگەن ،تۇرقۇم خۇددى جۇلدۇر-كېپەن ،دۇنيادىن ئۈمۈدى ئۈزۈلگەن دېۋانىلەرگىلا ئوخشاپ قالغان ئېدى،كۆز ئالدىمدا تۇرغان ئانام دېمەتلىك ئايالنى كۆرۈش بېلەن ۋۇجۇدۇم نۇمۇستىن ئوت ئاكغاندەك بولدى-دە،ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ ئېتتىك قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كەتتىم.
-توۋا ماڭا زادى نېمە بولغاندۇ؟ئۆزۈمنى خېلى جېگەرلىك ئوغۇل بالا دەپ چاغلاپ يۈرەتتىم،ئەمدى بېشىمغا كەلگەن كىچىككىنە دەرتنى كۆتۈرەلمەي چۈشۈپ قالغان ھالىمنى كۆرمەمدىغان،يا ھەنىپەنىڭ زادى نېمىشقا غايىپ بولغىنىنىمۇ بىلمىسەم ،بۇنچىۋالا قىلشىمنىڭ نېمە ھاجىتى،ئىش ئېنىقلانماي تۇرۇپ ،بۇنچىۋالا بولۇپ كەتسەم،ئۇ راستىنلا ئەنۋەر بېلەن تېپشىۋالغان بولسا،نېمە بولۇپ كېتەرمەن،ئۆزۈمگە كېلىۋالاي،ئەقلىمنى تاپاي-شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن ،ئۈستى بېشىمنى قېقىپ ،تۈزەشتۈردۈم.شۇ ئەسنادا توختىماي جىغىلداپ تىترەۋاتقان يانفونۇمنىڭ سايراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ،يانچۇقۇمغا قولۇمنى سېلىپ ،ئالدىراپ تېلىفوننى ئالدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-سەن نەدە ،ھازىر سائەت نەچچە بولدى بىلەمسەن،نېمانداق ئادەمنى ئەنسىرتىسەن،ئۆيگە قايتىپ كېلىشنى بىلەمسەن يوق،دۇكاننىمۇ بالدۇر تاقاپ كېتىپسەن ،زادى نېمە بولسى ساڭا،نېمىش قىلىپ يۈرۈيسەن-ئاكام توختىماي سوئال سوراۋاتاتتى،ئۇنىڭ ئاۋازىدىن جىددىيلىك ،ئەنسىراش چىقىپ تۇراتتى.ئاكامغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي ئەتراپىمغا قارىدىم،ماڭا پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بولغان بىر يەردە تۇرۇپتىمەن،بۇرۇن ئۈرۈمچى دېگەن مۇشۇ شۇ،دەپ،شىياۋشىمىن ،دۆڭكۆۋرۈك،تېلۋېزىيە ئىستانسىسى ئارىسىدا قاتناپ يۈرۈپ،ئۈرۈمچىنىڭ بۇنچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماپتىكەنمەن،مانا ئەمدىلىكتە ئۆزۈمنىڭ نەدە تۇرغانلىقىمنىمۇ دەپ بېرەلمەيۋاتىمەن.
-بىلمەيمەن.
-نېمە دەيدىغانسەن كاللاڭ جايىدىمۇ سېنىڭ،نەدە تۇرغانلىقىڭنىمۇ بىلمەيۋاتامسەن-ئاكام قايناشقا باشلىدى.
-راس بىلمەيدىكەنمەن بۇ يەرنىڭ قەيەرلىكىنى.
-قانداق يېنىپ كېلىشنى بىلەمسەن.
-ياق .ئازراقمۇ بىلەلمىدىم.
-تاكسىدىن بىرنى توسۇپ كېلە ئەمىسە ،قالغان گەپنى ئۆيگە كەلگەندە ئاندىن دېيىشىلى-دېدى ئاكامنىڭ ئاۋازى سەل پەسلەپ-يانچۇقۇڭدا پۇل باردۇ.
يانچۇقۇمغا قولۇمنى سالدىم ،بىر موچەنمۇ پۇل يوق ئىدى، چۈشتە سودا قىلغان پۇللارنى دۇكاندىكى ئىشكاپقا سېلىپ ،يانچۇقۇمغا سېلۋالغان ئازراق پۇلنى نەگە چۈشۈرۈپ قويغۇنۇمنى زادىلا بىلەلمىدىم.
-يوقكەن.
-ئوغۇل بالا تۇرۇپ يانچۇقۇڭدا 50-60 كوي پۇل يوقما،ئۇنداق بولسا تاكسىدىن بىرنى توسۇپ،ئاق مەسچىتنىڭ ئالدىغا دەپ، كېلە ،مەن شۇ يەردە سېنى ساقلاپ تۇرىمەن.
يەنىلا چوڭنىڭ ئەقلى چوڭچىدە،مەن ئاكام ئويلىغانچىلىك ئويلىيالماپتىمەن ئەمەسمۇ.
-سائەتكە قاراپ باقە ئۇكام ،ھازىر بىردىن ئېشىپ بولدى،مۇشۇ چاققۇچە نېمىش قىلدىڭ،سەندىن قانچىلىك ئەنسىرگىنىمنى بىلەمسەن،ئىزدىمگەن يېرىم قالمىدى،ئانام،داداملارغىمۇ تېلفون قىلغىلى تاس قالدىم.ساڭا زادى نېمە ئىش بولدى-دېدى ئاكام مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تاكسىنىڭ پۇلىنى بېرىپ يولغا سېلىۋېتىپ مېنى ماشنىسىغا چىقىرىپ،گەپ باشلاپ.
-ئاكا ،راس گەپ قىلە ھەنىپەگە سەن بىرنەرسە دېدىڭما-ئاكامنىڭ گەپ سۆزلىرى ھەم تۇرىقى مېنىڭ ئازىراق گۇمانىمنى قوزغاشقا باشلىدى،چۈنكى ئۇ مېنڭ ھەنىپەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلگەن ئىكەن ماڭا نېمە بولغانلىقىنىمۇ ئەلۋەتتە بىلىشى كېرەك ئېدى ھەم مەن يوقاپ كەتسەم بىرىنچى بولۇپ ھەنىپەنى ئىزدەپ بېرىشى كېرەك ئېدى،بىراق ئۇ بىر قېتىممۇ ھەنىپەنىڭ ئىسمىنى ئاغزىغا ئالمايۋاتاتتتى،دېمەك،ئۇ چوقۇم ھەنىپەگە بىر ئىش بولغان بولمىغانلىقىنى بىلىدۇ-دېگەن گەپ.
-مەن نېمە دەپتىمەن،مەن بىر نەرسە دېگۈم بولسا شۇ كۈنىلا دېمەمتىم،سەندىن قوقۇپ ئولتۇرامتىم مەن.
-ئەمىسە ،ئۇ نېمىشقا دۇكانغا كەلمەيدۇ،ئۆيىگە بارساممۇ ھېچكىم يوق.
-ئۇ يوقاپ كەتسە مەندىن سورامسەن،ئۇ يا مەن بېلەن بىر ئۆيدە تۇرمىسا،مەنمۇ ئاچچىقىم كېلىپ ئاران تۇرمەن شۇ تاپتا،ئىككى كۈننىڭ ياقى بىر ئېغىز گەپمۇ قىلماي ئىشقا كەلمىگىنىگە.كىمنى كۆزگە ئىلمايدۇ ئۇ قىز.
-راس سەن بىر نەرسە دېمىدىڭما-ئاكامنىڭ سۆزلىرىگە يا ئىشىنىشنى يا ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمىدىم.
-ياق دېگەن بولسام سەندىن يوشۇرامتىم مەن،ئۇكام ئەمدى بولدى قىلغىن،ئۇنى ئۇنتۇپ كەت،قىزبالا دېگەن يالغۇز ئۇلا ئەمەس،سېنى چۈشىنىمەن،مەنمۇ بۇرۇن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ باققان،بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا قانداق بولىدىغانلىقىنى مانا مەن ئوبدان بىلىمەن،سەن تېخى كىچىك،ئۇنىڭدىن باشقا قىز بالا بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغاچقان،ئۇ كۆزۈڭگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان گەپ،كېيىن ئۆزۈڭدىن كىچىك ،چىرايلىق قىزدىن بىرنى تېپىپ تويڭنى قىلىپ قويساق،ھەنىپەنىمۇ ياخشى كۆردۈم دەپتىكەنمەن دەپ قالىسەن،ئۇ يوقالغان بولسا تېخى ياخشى،ئەمدى ئۇنى ئۇنتۇپ كەت،يات خوتۇننىڭ ئالدىدا مېنى قىسما،خاناچاڭنىڭ مېجەزىنى سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن ئۇكام، ئۇ بىلىپ قالىدىغان بولسا بولۇپ بېرىدۇ،خېتىنى بېرەي دېسەم ئىككى بالا بار،سەن بولساڭمۇ مېنى قىسمىغىن جېنىم ئۇكام،ئاتا-ئانىمىزنى ئويلاپ قويغىن-ئاكام تەسىرلىك يوسۇندا سۆزلەۋاتاتتى،بىراق ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسىرى ئۇنىڭغا بولغان گۇمانىم كۈچۈيىپ بېرىۋاتاتتى،بىراق ئۇنىڭغا يەنە بىر نەرسە دەپ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشنى خالىمىدىم، شۇڭا،ئۇنىڭغا ماقۇل -دەپ كۆڭلىنى تىنىتىپ قويدۇم.
-ۋاي،ۋۇي ماۋۇ نوچى غوجامنى ،قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ يەنە قاپاقنى باشتەك تۇتۇپ كىرىپ كىتىۋاتقىنىنى-ئىشىكنى ئاچقان خاناچامغا قاراپمۇ قويماستىن ھۇجرا ئۆيۈمگە قاراپ كىرىپ كېتىۋېتىپ،ئۇنىڭ سەت چىرقىرىغان ئاۋازى قۇلقۇمغا كىردى،لېكىن بۈگۈن ئۇنىڭ گەپلىرىنى كۆڭلۈمگە ئېلىپ ئانالىز قىلىپ ئولتۇرغۇدەك ۋاختىم يوق ئېدى.
كۆزۈمنى يۇمساملا خېيال سۈرىمەن،ئۇخلاشقا ھەرقانچە تىرىشساممۇ كۆزۈمدە يەنىلا ئۇيقۇ يوق،قانداق قىلىشىم كېرەك،ھەنىپە زادى قەيەرگە كەتكەندۇ، ئەمدى ئۇنى ئىزدىمىسەم بولمىدى،ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن مېنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بولسىمۇ بىلىشىم كېرەك،ئەتىلا ئۇنىڭ تونۇش بىلىشلىرىنىڭ ھەممىسدىن سۈرۈشتە قىلىمەن،تاكى ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئۇققانغا قەدەر توختىمايمەن،ئۆز-ئۆزۈمنى شۇنداق خېياللار بېلەن بەزلەپ مىڭ تەسلىكتە كۆزۈمنى يۇمدۇم.
ئەتىسى ئەتىگەندە دۇكانغا كېلىپلا ھەنىپەنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان بىر نەچچە دوستىدىن ئۇنى سۈرۈشتۈردۈم،ئەپسۇس ئۇلارنىڭمۇ خەۋىرى يوق چىقتى،كەچتە ئۇنىڭ ئۆيىگە يەنە باردىم،يەنە ھېچكىم يوق،قوشنىللىرىدىن سورىدۇم،ھەممىسى دېيشىۋالغاندەكلا بىلمەيدىكەنمىز -دەپ جاۋاب بەردى.
تەقدىر مەن بېلەن قېرىشىۋاتقاندەك،ئەمدىلا ئازراق ئۈمۈتلىنىپ،كەلگۈسۈمدىن كۈلگىدەك بولغاندا،خۇددى يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دېگەندەك،ھەنىپەنىڭ يوقاپ كېتىشى بېلەنلا،پۈتۈن ھېس تۇيغۇلۇرۇم،مامكاپتەك چېچىلىپ قاياقلارغىدۇر غايىپ بولدى.دەرىت -ئەلەم ھەسىرەت جېنىمنى ئېزىپ،يۈرۈكۈم لەختە-لەختە بولدى.
داۋامى بار
ئەسلى مەنبە: http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=21765