ئارىدىن بەش كۈن ئۆتۈپ كەتتى،ھەنىپەدىن يەنىلا خەۋەر يوق،چىرايىمدا قان يوق،پۇت قولۇمدا جان،ۋۇجۇدۇم لەختە-لەختە قان،ھەركۈنى ئۇنى ئىزدەيمەن،ئۇ دائىم بارىدىغان جايلاردىن،ھەركۈنى ماڭىدىغان يوللاردىن ،ئۇنى ئىزدەيمەن،ئۇ خۇددى ھېلىلا يېنىمدا پەيدا بولىدىغاندەك،،بۇ يەرلەرگە مېنىڭ ئالدىمدىلا كېلىپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولۇپ ،كېچىكىپ قالغانلىقىم سەۋەپلىك ئۆزۈمنى ئەيىپلەيمەن،كېچىلەردە ئۇيقۇسىز يېتىپ ياستۇقنى نەملەيمەن.كۆزلىرىم ئۇيقۇغا ئىلىنسە چۈشلىرىمدە يەنە ئۇنى ئىزدەيمەن.
مانا بۈگۈنمۇ دۇكاننى بالدۇرلا تاقاپ ،يەنە ئادىتىم بويىنچە ھەنىپەنىڭ ئۆيىنى يوقلىدىم،سەنئەت مەكتەپنىڭ يېنىدىكى ئۇ ياقتۇرۇپ يەيدىغان راڭپىزىخانىغا كىردىم،ئۇ يەردىن سەندۇڭ بويى بېكەتنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ ئۈستى باغچىسىغا باردىم،بىز بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم مۇشۇ يەرگە ئوينىغىلى كەلگەن ئېدۇق،ھەنىپە بۇ باغچىغا كېلىشكە ،چۆگىلەيدىغان چاقپەلەككە چىقىپ قانغۇدەك ۋارقىرىۋېلىشقا بەك ئامىراق ئېدى،ئەنۋەر ئۇنى تاشلاپ كەتكەندە ،مەن داۋاملىق ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ مۇشۇ باغچىغا كېلەتتىم.
ئەنە ئۇ ئامراق چاقپەلەك چۆگىلىمەكتە،قىزلار قورقۇشۇپ بار كۈچى بېلەن ۋارقىرىماقتا،ماڭا خۇددى ھەنىپە ھازىرلا ئاشۇ قىزلارنىڭ ئارىسىدىن ئالدىمغا چۈشىدىغاندەك تۇيۇلماقتا،
ئەپسۇس ھەممە قىزلار يېنىپ چۈشتى ھەنىپە يەنە يوق،بىردىنلا مېنىڭمۇ چاقىپەلەككە چىقىپ قانغۇدەك ۋارقىراپ،ئىچىمدىكى دەرتلىرىمنى پۈتۈن جاھانغا ياڭىراتقۇمكەلدى.
ۋارقىراۋاتىمەن،بارلىق كۈچۈم بىلەن توۋلاۋاتىمەن كۆزلىرىمدە ياش،ئىچىمدىكى تۈگىمەس غەملەر ئاۋازىم بىلەن بىللە چىقىۋاتقاندەك تېنىم شۇ قەدەر يەڭگىللىمەكتە.
ھەي سىز مۇھەممەتقۇ ،مېنى تونۇدىڭىزمۇ يا-چاقپەلەكتىن چۈشۈپ ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ،ئاڭلانغان تونۇش ئاۋازدىن چۆچۈم كەينىمگە قارىدىم.
ھەئە،مەن مۇھەممەت سىز.......-كەينىمدە ماڭا تونۇش بىر چىراي لېكىن ئۇنىڭ كىملىكىنى پەقەتلا ئېسىمگە ئالالمىدىم.
-مەن گۈلمىرە،ھەنىپە ئاچامنىڭ نەۋرە سىڭلىسى،ئۆتكەندە ھەنىپە ئاچامنىڭ ئۆيىدىكى ئولتۇرۇشتا كۆرۈشكەنتۇق،يادىڭىزغا كەلدىمۇ؟
-ھەئە ئېسىمگە كەلدى،كەچۈرۈڭ ھە سىزنى تونىمىغىنىمنى كۆرمەمدىغان-قىزنىڭ سۆزلىرىدىن ئېسىمنى تاپقاندەك ئەندىكتىم، توۋا ئۆزۈم نەچچە كۈننىڭ ياقى ئىزدەپ تاپالمىغان قىزنى تونىمايۋاتقىنىمنى كۆرمەمدىغان،مەن ئۈرۈمچىگە يېڭى كەلگەن چاغدىكى ھېلىقى ئولتۇرۇشتا ھەنىپە ئاچام بېلەن ئەنىۋەر ماڭا بۇ قىزنى تونۇشتۇرماقچى بولغان ئېدى ،بىراق مەن خالىمىغاچقا قەستەن ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىۋالغان ئېدىم.
-ھېچقىسى يوق،بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز.،يالغۇز كەلدىڭىزما-قىز شۇنداق دېگەچ بىرسىنى ئىزدىگەندەك تۆت ئەتراپىمغا قاراپ قويدى.
-ھەئە،يالغۇز كەلگەن،مەنمۇ سىزنى ئىزدەۋاتقانتىم،سىزنى پەقەتلا تاپقىلى بولمايدىكىنا.
-مېنى ئىزدەيدىغان بىرە ئىشىڭىز بارمىدى-قىز ئەجەبلىنىپ قىزارغىنىچە كۆزۈمگە قارىدى.
-سىزدىن ھەنىپەنى سوراي دېگەنتىم،ئۇ دۇكانغا كەلمىگىلى بىر ھەپتە بولاي دېدى،ئۆيىگە ئىزدەپ بارساممۇ يوق،سىز سىڭلىسى بولغاندىكىن بىلىسىز ھەقاچان.
-ھەي سىز راس بىلمەمسىز ياكى قەستەن مېنى گەپكە سېلىۋاتامسىز،-قىز ھەيرانلىق ئىچىدە ماڭا ئىشەنمىگەندەك قاراپ كەتتى-ھەنىپە ئاچامنىڭ پات يېقىندا تويى بولماقچى،شۇڭا ھاجىم دادام(ھەنىپەنىڭ دادىسى)لار بېلەن شايارغا كەتتى.بىزمۇ ئەتە-ئۆگۈن يولغا چىقىمىز.،ئاكىڭىزنىڭمۇ ھەممە ئىشتىن خەۋىرى باركەنغۇ؟
-نېمە دەيدىغانسىز،مېنىڭ راسلا خەۋىرىم يوق،كىم بېلەن توي قىلىدىكەن قاچانلىققا-قىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇم ،ئاسمان ھېلىلا بېشىمغا كۆمتۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك جىددىيلىشىپ كەتتىم.
-ئۇنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن،ئالدىنقى قېتىم بىر ئەلچىلەر كېلىپ بەك ئالدىرىتىپ كەتكەن شۇنىڭ بىلەن قىلىدىغۇ دەيمەن،ئىشقىلىپ مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدە بولىدىغىنى ئېنىق،ئانامنىڭ دېيىشىچە،شاياردىكى ئۆينىڭ ئازىراق تۈزەشتۈرىدىغان بېزەيدىغان يەرلىرى باركەن شۇنى قىلىپ بولسىلا توينى قىلىۋېتىدىكەن.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ،بېشىم قايغاندەك بولۇپ ،قىزنىڭ تېلىفون نومۇرىنى سورىۋېلىپ-نېمە بولدىڭىز- دېگەنلىرىمۇ قۇلقىمغا كىرمەستىن مېڭىپ كەتتىم،دېمەك مەن ئەنسىرىگەن ئىش يۈز بېرىپتۇ،ھەممىسى ئاكامنىڭ ئىشىكەن،ئۇ چوقۇم ھەنىپەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر نەرسە دېگەن گەپ-شۇ خېياللار بېلەن ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.ئاكام تېخى ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەن ئېدى،خېيال دەرياسىغا غەرىق بولغان ھالدا ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلىدىم،
-ياق بۇنداق بولىشىغا يول قويسام بولمايدۇ،ھەنىپەنىڭ ئۇ يېگىتكە كۆڭلى بولسا مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولسىغۇ بىر گەپ،قاراپ تۇرۇپ ،ئۇنىڭ باشقا يېگىت بېلەن توي قىلىشىغا يول قويسام بولمايدۇ.بۇ توينى چوقۇم توسۇشۇم كېرەك،ئاكام نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ،نېمە ئۈچۈن مېنىڭ بەختىمنى ۋەيران قىلىدىغاندۇ،ئۇنىڭ يۈز-ئابرويى مېنىڭ بەختىمدىنمۇ مۇھىممىدۇ،تۇرۇپلا ئاكامدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم.
ئاكام يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا ئۆيگە كىردى،بۇ چاغ بولغاندا ئۇنىڭ بېلەن دېيىشىپ،ھەر ئىككىلىمىزنىڭ كۆڭلىنى پاراكاندە قىلىشنى خالىمدىم.
بىر كېچە ئوخلىماي ئويلاش ئارقىلىق،ئاخىرى ھەنىپەنى ئىزدەپ بېرىش قارارىغا كەلدىم.
-مەن بۈگۈن دۇكانغا چىقمايمەن،دۇكاننى ئۆزۈڭ ئاچ-دېدىم ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،ئاكامغا ئاچقۇچنى بېرىپ.
-نېمىشقا ،بۈگۈن مىجەزىڭ يۇقمۇيا ،بىرەر ئىشىڭ بارمىدى.
-ئىشىم بار.
-نېمە ئىش؟
-باشقا ئىش يوق،بۈگۈن شايارغا بارماقچى ئىدىم.
-دېمەك ،ھەنىپە سېنى يەنە ئىزدەپتۇدە،ئۇ پاسكىنا ساڭا نېمە دېدى زادى،دادىسى ماڭا بەك چوڭ سۆزلەپ كېتىۋاتىتىيا ،قىزىم ئۇكاڭنى ئىزدەيدىغان بولسا ،ئۆز قولۇم بېلەن پاچىقىنى چېقىۋېتىمەن -دەپ،يەنە سېنى نېمە دەپ ئىزدىدى ئۇ نۇمۇسسىزلار .
-بولدى قىل ئاكا،ئادەمدەك ئىش قىلساڭ بولمامدۇ،نېمىشقا مېنى بۇنداق ئالدايسەن،سېنىڭ مەندە زادى نېمە قەستىڭ بار،نېمىشقا ماڭا بۇنداق قىلىسەن.-ئاكامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سەۋرىپ توشۇپ كەتتى.
-مەن ساڭا يامان بولسۇن دەپتىمەندە،تولا ھەددىڭدىن ئاشما مەن سېنىڭ ئاكاڭ،سېنى باشقۇرۇش ھوقۇقۇم بار،ئاناڭدەك خوتۇننى ئېلىپ ئېمىپ ياتاي دېگەنمىتىڭ،مېنىڭ بۇ شەھەردە ئۆزۈمگە تۇچلۇق يۈزۈم بار،ئەل-ئاغىنەم ،دوس بۇرادارلىرىم بار،سەن مېنىڭ يۈزۈمنى يەر بېلەن يەكسەن قىلماقچىما،ئانام بىلەن دادامنىڭ يۈشىنى قىلىپ گەپ قىلمىغاننى بىل-ئاكامنىڭ كۆزلىرىگە قان تولۇپ ،ھېلىلا كېلىپ مېنى ئۇرۇپ چەيلىۋەتكىدەك ئەلپازغا كېلىپ بولغان ئېدى.ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ،قارشى تۇرۇش ئېرادەم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.
-يۈزىنى قىلمىغان بولساڭ قانداق قىلىتىڭ ،ھېلىمۇ مېنىڭ جېنىمنى ئەپ بولدۇڭ يەنە نېمە قىلماقچىسەن.
-نېمە قىلىدىغىنىمنى ھېلى كۆرىسەن ،بوسۇغىدىن بىر قەدەم ئاتلاپ باقە مەن كۆرۈپ باقاي،ئاكام شۇندق دېگىنىچە ئالدىمغا دېۋەيلەپ كەلدى.
-ئاتلايمەن قانداق قىلىتىڭ،ئەمدى بۇ دوزىخىڭدا تۇرغۇچىلىكىم قالمىدى-مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئىشىككە قاراپ ئېتىلدىم،ئاكام بېلىمدىن چىڭ قاماللاپ ھۇجرامغا قاراپ سۆرىدى.
-ھالىنى بۇنىڭ تازا ئۇرىڭە-بىر تەرەپتە ئويۇن كۆرۈپ ۋالاقلاپ تۇرغان خاناچاممۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ،مەيدىللىرىمنى چىمدىغىنىچە تەڭ ئىتتىردى،قورقۇپ كەتكەن ئېنىللىرىم توختىماي يىغلايتتى،مەن يۇلقۇنۇپ چىقىشقا تىرىشاتتىم،لېكىن ئاكامغا قول كۆتۈرۈشنى خالىمغاچقا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولاتتىم،بىر ئاز ھەپىلەشكەندىن كېيىن،ئاكام مېنى ھوجىرامغا سولاپ قويۇپ،سىرىتقا چىقىپ كەتتى،خۇددى تۈرمىگە سولانغان مەھبۇستەك،بىچارا ھەم ئامالسىز قىياپەتتە تۆت تامنىڭ ئىچىدە قامىلىپ قالدىم،كۆزلىرىمدىن توختىماي ياش قۇيۇلماقتا، ئىشىكنى ئۇرۇپ چېقىۋەتكۈدەك ،گۈم،گۈم قىلىپ مۇشلاۋاتىمەن.لېكىن،ئىنتايىن نېپىز پەنەركە ئىشىكمۇ ھېچ يېرىلاي دېمەيۋاتاتتى،بىردىنلا كارۋېتىمنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇلغان تۆمۈر ئورۇندۇققا كۆزۈم چۈشۈم،ئۇنى قولۇمغا ئالدىم-دە،تېخىمۇ كۈچەپ ئىشككە قارىتىپ ئۇرۇشقا باشلىدىم،ئىشىك يېرىلىپ،پۇلۇپ سېلىنغان گىرەچە ئېچىلىپ كەتتى،مەن ئوقتەك يۈگۈرگىنىمچە ئۆينىڭ ئىشكىگە قاراپ ئېتىلدىم.
-نەگە قاچىسەن ،توختا-خاناچامنىڭ ۋارقىراپ ئېسىلغان قولى مېنىڭ كۈچەپ سىلكىشىمگە بەرداشلىق بېرەلمەيبېلىكىمدىن ئاجىراپ ،ئۆزى يەرگە يىقىلدى.
ئالدىراپ تېنەپ تاكسى توسۇپ بېكەتكە قاراپ يول،ئالدىم،قاتتىق جىددىيلەشمەكتە ئېدىم،بالدۇرراق بېكەتكە بېرىۋېلىشقا ئالدىرايتتتىم،چۈنكى ئاكامنى مېنى ئىزدەپ بېكەتكە كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايتتى.تەلىيىمگە شايارنىڭ ئوننەچچە مېنۇتتىن كېيىن قوزغىلىدىغان ماشنىسىدىن بىرسى باركەن،دەرھال شۇ ماشنىنىڭ بېلىتىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ماشنىغا چىقتىم،شۇ تاپتا،ئاكامنىڭ كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتتىم،بىر تۇرۇپ كەلسە كەلمەمدۇ،نېمە كارىم، ئەمدى ئۇنىڭغا بوزەك بولمايمەن دەپ،ئۆز-ئۆزۈمنى رىغبەتلەندۈرەتتىم،
تەلىيىمگە ماشىنا قوزغۇلۇپ يولغا چىققۇچە ئاكام كەلمىدى،ماشنىنىڭ قوزغۇلىشىغا ئەگىشىپ مەن يانفۇنۇمنى قولۇمغا ئېلىپ،ھەنىپەنىڭ سىڭلىسىغا تېلىفون قىلىپ ئۇنىڭ شاياردىكى ئادىرىسىنى سورىۋالدىم.
ماشىنىنىڭ بەزىدە ئاستا،بەزىدە تېز مېڭىۋاتقان سۈرئىتىگە ئوخشاش ،خېياللىرىم بەزىدە رېتىمغا چۈشۈپ كۆڭلۈم جايىغا كەلسە،بەزىدە ئېگىز-پەسلىشىپ،يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى تىزلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
-ھەنىپە نېمە بولۇپ كەتكەندۇ شۇ تاپ،ئاكام ئۇنىڭ دادىسىغا زادى نېمە دېگەندۇ،ئۇلار مېنى كىرگۈزمىسە قانداق قىلارمەن؟دادىسى مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىمىسا زادى قانداق قىلارمەن؟نېمىلا بولمىسۇن چوقۇم ئۇنى قايىل قىلىشىم كېرەك-، گاچىرماچ خېياللار بېلەن كېتىۋاتسام يانفونۇم سايرىدى،ئىچىمدە چوقۇم ئاكام،مېنىڭ قېچىپ كەتكىنىمنى بىلگەن گەپ-دەپ ئويلاپ ،يانافونۇمنى ئېتىۋەتمەكچى بولۇپ قولۇمغا ئېلىپ قارىسام ئۆينىڭ نومۇرى،ئاكام ئانامغا چېقىشتۇرۇپ بوپتۇ-دە،دەپ غودۇرىغىنىمچە تېلفوننى ئالدىم.
-بالام ،ئاكاڭنىڭ دېگەنلىرى راسمۇ،ئۇنى نېمىشقا بۇنچىۋالا خاپا قىلدىڭ،سەن يۇرتتىن چىقىدىغان ۋاقتا بىزگە نېمە دەپ ۋەدە بەرگەن ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ-ئانام تېلفوننى ئېلشىمغا ئەھۋالمۇ سورىماستىن يىغلاپ تۇرۇپ مېنى ئەيىپلەپ كەتتى-مېنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرمىسەڭ نېمە بولىدۇ جېنىم بالام،سەن بۇنداق بالا ئەمەس ئىدىڭغۇ؟ئاكاڭ بىلەن تەڭ بىر قىز بىلەن توي قىلامسەن جېنىم بالام،يۈزىمىزگە سەت ئەمەسمۇ؟
-ئانا سەن ئۇقمايسەن،ئۇ قىز بەك ياخشى ،مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن،مەن ئۇنىڭسىز ياشىيالمايمەن،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام ئۆلۈپ قالىمەن-ئانامنىڭ يىغسىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولدى،ئەجىبا مېنى چۈشىنىدىغان بىرمۇ ئىنسان يوقمىدۇ بۇ جاھاندا،ئەتراپىمدىكىلەر ماڭا ھەيرانلىق بېلەن بويۇنداپ قاراپ كېتىشتى ئاۋازىمنى سەل پەسلىتىپ گەپنى قىسقارتىش نېيتىگە كەلدىم-ئانا خاتىرجەم بول ،ئۇ قىزنى ئېلىپ سېنىڭ يېنىڭغا بارىمەن،سەنمۇ ئۇنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسەن.
-بالام،بىزنى نومۇسقا ئۆلتۈرەي دەمسەن، نې ئات،نې نومۇس بۇ،ئۆزۈڭدىن چو ياش چوڭ بىر قىزنى باشلاپ ئۆيگە كەلگەندىن كۆرە جېنىمنى ئالساڭ بولمامدۇ؟ئەقلىڭنى تاپ بالام،دەرھال كەينىڭگە يان،ئاكاڭدىن كەچۈرۈم سورا.
-ياق ئانا ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا ھەرگىز بارمايمەن،ئەمدى ئۇنى كۆرەر كۆزۈم قالمىدى.ئەمىسە تېلىفوننى قويۇۋەتتىم مېنىڭ كېلىشىمنى ساقلاڭلار ئاللاغا ئامانەت.-سۆزۈمنى تۈگىتىپلا تېلىفوننى قويۇۋەتتىم.
-ھەنىپە بىلەن بىرگە بولىدىغانلا ئىش بولسا نەدە تۇرسام،نەدە ياشىسام مەيلى،ئۈرۈمچىدە ياشىمىسام نېمە بوپتۇ؟ئانام بېلەن دادامنىڭ مېجەزىنى ئوبدان بىلىمەن،ئۇلار ماڭا چىدىمايدۇ،ماڭا ھەرگىزمۇ ئاكام قىلغاننى قىلمايدۇ،ئەگەر ھەنىپە بېلەن ئۇنىڭ دادىسى قوشۇلۇپلا قالسا ئۇنى ئېلىپ يۇرتقا كېتىمەن،ئەمدى ئاكامنىڭ يېنىغا،ئىككىنچىلەپ ئاياق باسمايمەن.بىراق ھەنىپە مەن بېلەن سەھراغا بىللە كېتىشكە قوشۇلارمۇ؟ -ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئۆز خېياللىرىم توسۇپ قويىۋاتاتتى.بولدىلا بېشىمغا كەلگەننى كۆرمەيمەنمۇ؟ئىشقىلىپ بار كۈچۈم بېلەن تىرىشساملا بولدىغۇ،قالغىنىغا ياراتقان ئېگەم بار. بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن.
داۋامى بار
ئەسلى مەنبە: http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=21765