▲ قارا گۈرۈچ- گۈرۈچلەر ئارىسىدا باھاسى قىممەت بولۇپ ، ھەر100گرام قارا گۈرۈچ تەركىبىدە 3 گرامدىن11گرامغىچە ئاقسىل بولىدۇ .ئادەتتە ئاق گۈرۈچ تەركىبىدە 6 گرامدىن 8 گرامغىچە ئاقسىل بولىدۇ. قارا گۈرۈچ تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ئامىنو كىسلاتاسى ئادەتتە سەككىز خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، ئاق گۈرۈچنىڭ 2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ۋىتامىن مىقدارى، مىس، سېنىك، مولبىدىن، تۆمۈر ، سېلىن قاتارلىق ئېلمېنتلار مول بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قاننى جانلاندۇرىدۇ، نۆۋەتتە كىشىلەر ئۇنى باش قېيىش، قان ئازلىق، چاچ ئاقىرىش ۋە كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىشلەتمەكتە .
▲ قارا پۇرچاقنىڭ ساقلىقنى-ساقلاش ۋە دورىلىق ئۈنۈمى سېرىق پۇرچاقتىن يۇقىرى . قارا پۇرچاق تەركىبىدە ئاقسىلدىن باشقا زور مىقداردا تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى، تۆمۈر، فوسفور، كاروتىن، ۋىتامىنلار بار. قارا پۇرچاقنىڭ بۆرەكنى كۈچلەندۈرۈش، قورساق كۆپۈشنى ياندۇرۇپ يەلنى ھەيدەش، ئىسسىق قايتۇرۇش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. شۇڭا ئۇنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق .
▲سىيادان تەركىبىدە ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە تويۇنمىغان ماي كىسلاتا ، ئاقسىل، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مۇھىم تەركىبلەر بار. سىيادان ئىستېمال قىلىپ بەرسە جىگەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، بۆرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، چاچنى قارايتىپ، ھۆسۈن تۈزەيدۇ . شۇڭا ئۇ ئىنتايىن ياخشى ساقلىقنى ساقلاش ۋە ھۆسۈن تۈزەش يېمەكلىكى .
▲قارا مورنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، قەنت، ۋىتامىن، كالتسىي، فوسفور ۋە تۆمۈر ماددىسى مول. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان ئۆسۈملۈك كوللوئىدى بار. ئۇ بىر خىل تەبىئىي قۇۋەتلەندۈرگۈچى دورا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۈچەيدىكى چاچ قىلىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. قاننىڭ قېتىۋېلىشىنى ئازايتىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، قىزىل تومۇرلارنىڭ قېتىۋېلىشى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
▲قارا گۆشلۈك توخۇنىڭ تەركىبىدە مول ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە ئاقسىل بولۇپلا قالماي، يەنە تويۇنمىغان ماي كىسلاتالىرى بار. ئورۇقلۇق، ئاجىزلىق، تەرلەش، تال زەئىپلىشىش قاتارلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.
▲ قارا موگونىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، مېنىرال ماددا، كۆپ خىل ئامنو كىسلاتاسى ۋە مول سېللولوزا بار بولۇپ، يۇقىرى قان بىسىمى، قاندىكى ماي تەركىبى ئېشىپ كىتىش تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، سەمىرىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.