شۇنداق قىلىپ،تۇنجى قېتىمدىلا ئانامدىن دەككەمنى يەپ مەغلۇپ بولۇپ كەينىمگە چېكىندىم،لېكىن بۇنداقلا قايتىم كەتسەم توغرا بولمايتتى،شۇڭا ھەنىپە بېلەن دېيىشىپ شەھەرگە كىرىپ بىر ياتاققا چۈشۈپ ئورۇنلىشىۋېلىپ،قانداق قىلىشنى كېيىن مەسلىھەتلىشىنى قارار قىلدۇق.
كۆڭلىڭىز يېرىم بولىۋاتامدۇ-ھەنىپەنىڭ سۇلغۇن چىرايى يۈرىكىمنى ئىزەتتى ئۇنىڭغا زادى نېمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلمەيلا قالغان ئېدىم.
-ياقەي،بۇرۇنلا مۇشۇنداق بولۇشىنى پەملىگەن ئېدىم،بۇنچىلىك ئىشلارغا ھېچنىمە بولمايمەن-ھەنىپەنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ ،كۆزلىرىنىڭ قۇيرۇقىدىكى ياشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ،ماڭا ئۆزىنى خۇشال كۆرسەتمەكچى بولۇپ ،زورىغا كۈلۈمسىرىدى.
-مېنىڭ ئوماق خانىشىم،چوقۇم بەرداشلىق بېرىڭ،ئانام ئۇنداق ئەسكى خوتۇن ئەمەس،بىزنى ھامان كەچۈرىۋېتىدۇ،مەن ئانامنى ئوبدان چۈشىنىمەن،چوقۇم ئاكام يوق گەپلەرنى توقۇپ يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىۋەتكەن گەپ،بىر نەچچە كۈندىن كېيىن چوقۇم ئاچچىقى يېنىپ ،بىزنى ئۆيگە كىرگۈزىۋېتىدۇ.
-توغرا چۈشىنىمەن،يېنىمدا سىز بولسىڭىزلا ،بېشىمغا كەلگەن ھەرقانداق كۈلپەتكە تاقابىل تۇرالايمەن،سىز دېگەن مېنىڭ پادىشاھىم ئەمەسمۇ؟
ھەنىپەنىڭ سۆزلىرى كۆڭلۈمنى ئىزىغا چۈشۈردى،بارلىق مېھرىم بىلەن ئۇنى باغرىمغا باستىم.
ئەتىسى ھەنىپەنى باشلاپ يەنە بىر قېتىم ئۆيگە باردىم،بۇ قېتىم دادام ئانام ھەرئىككىلىسى بار بولۇپ،ئالدىنقى قېتىمقىدىنمۇ كەسكىن رەت قىلىشقا ئۇچراپ، قوغلىنىپ يەنە ئۈمۈسىزلىك بىلەن ياتاققا قايتتۇق.
لېكىن بۇ قېتىم ئانام مېنى ئايرىم چاقىرىپ-سەن قاچان مۇشۇ خوتۇندىن ئاجىرىشىدىغان بولساڭ ،شۇ چاغدا ئۆيگە قايتىپ كەل -دېدى،ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى مەن ئۈچۈن ئۆل دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس ئېدى،چۈنكى مېنىڭ ھاياتىمنى ھەنىپەسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئېدى.
-مۇھەممەت ،كاللامغا بىر ئامال كېلىۋاتىدۇ،دېسەم بولارمۇ؟ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ،مەندىنمۇ ئېغىر ھاقارەتكە ئۇچرىغان ھەنىپە،يەنە ماڭا تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ ئېغىز ئاچتى.
دەۋىرىڭ،قانداق ياخشى ئەقىلكەن ئۇ-ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈمۈدلىنىپ ئۇنىڭ ئامالىنى بالدۇرراق ئاڭلاشقا ئالدىراپ ئاغزىغا قارىدىم.
-بىراق بۇنداق قىلسىڭىز باشقىلار سىزنى ۋاپاسىز ئوغۇلكەن دەپ ئويلاپ ،ئۈستىڭىزدىن گەپ تېپىشى ،ئاتا -ئانىڭىزمۇ سىزدىن رەنجىشى مۇمكىن،لېكىن مۇشۇنداق قىلغاندىلا بىز بۇ يەردە قالالايمىز،ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ رەنجىۋاتقىنى،كۆرگۈسى كەلمەيۋاتقىنى سىز ئەمەس بەلكى مەن،ئۇلار يەنىلا سىزگە كۆيىنىدۇ،سىزنى ھامان بىر كۈنى كەچۈرىدۇ.
-ھەي چۆگۈلىتىپ ئولتۇرمايلا ئېيىتسىڭىزچۇ-ھەنىپەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كاللام چۆگىلەپ ،ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم.
-مۇنداق قىلساق قانداق ،ئاۋال،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا ئۆيگە كۆچۈپ كىرىۋالايلى،بىر نىمە دەپ كىرگۈزمەيمەن ،دەپ قالسا،بۇ ئۆيدە مېنىڭمۇ ھەققىم بار ،مېنى ماكانسىز قويۇش ھەققىڭلار يوق-دەيسىز،بىر ئامال قىلىپ،ئۆيگە كۆچۈپ كىرىۋالغاندىن كېيىن ،ئۇلارنى ئاستا-ئاستا قايىل قىلمايمىزمۇ؟
ھەنىپەنىڭ ئامالى بىر ئويلىسام ،بولىدىغاندەكمۇ قىلدىدە،مۇشۇ ئامالنى سىناپ باقماقچى بولدۇم.
ئەتىسى ھەنىپە ئىككىمىز نەرسە كېرەكلىرىمىزنى يىغۇشتۇرۇپلا ئۇدۇل،ئۆيەە باردۇق،ئىشىكنى يەنە ئانام ئاچتى.
-يەنە نېمە دەپ كەلدىڭ،يەنە شۇ ئايالنى باشلاپ كەپسەنغۇ؟-ئانام دەرۋازىنى ياپماقچى بولغاندا،ئۇنى بۇنى دەپ يۈرۈپ،ئۆيگە كىرىۋالدىمدە،ئۇدۇل بۇرۇنقى ھوجىرامغا كىرىپ ئورۇنلىشىۋالدىم،بىز كەلگەندە دادام ئېتىزغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ،ئۆيدە يوق تۇراتتى.ئانام نېمە ئىش بولىۋاتقىنىنى ئاڭقرالمايۋاتقاندەك،بىردە مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ تىللاپ ئىتتىرسە، بىردە ھەنىپەنى -ۋۇ يۈزى قېلىن خوتۇن بۇ يەردىن يوقال-دەپ ھەيدەۋاتاتتى.ھەنىپە ئىككىمىز بولسا ھېچنىمنى ئاڭلىمىغاندەك ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرەتتۇق.ئانام بىز بىلەن بىردەم ھەپىلەشكەندىن كېيىن چارچاپ قالدى بولغاي-داداڭ كەلگەندە بىر نېمە دېسۇن-دەپ قويۇپ باغقا كىرىپ كەتتى،مەن كونا كېيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ،دادامغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئېتىزغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.
-دادا ،كەتمەننى ئەكىلىڭە مەن بىردەم چاپاي-ئېتىزغا بېرىپلا دادامنىڭ قولىدىكى كەتمەنگە ئېسىلدىم.
-ماڭ،ماڭ ساڭا چاپتۇرىدىغان كەتمەن يوق، ئاۋۇ دەيۈزنى يولغا سېلۋەتتىڭمۇ ياق-دادام ماڭا كەتمەننى بەرمەسلىككە ئۇرۇنۇپ،قولۇمغا ئېلىپ بولغان كەتمەننى يەنە تارتىۋالدى.
-ھە.-مەن شۇنداق دەپلا يەنە دادامنىڭ قولىدىكى كەتمەننى تارتىۋالدىم.دەپ،كۈچەپ چاناشقا باشلىدىم،كەتمەن تۇتمىغىنىمغا خېلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ،دېھقاننىڭ بالىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن،يەنىلا كەتمەن تۇتۇشقا ئېپىم بار ئېدى.
-ياخشى قىپسە بالام،ئەمدى ئەقلىڭنى تېپىپسەن-دادام،مېنى ھەنىپەنى يولغا سېلۋەتتى دەپ ئويلاپ مېنى ماختاشقا باشلىدى.ئاكاڭنىڭ يېنىدا تۇرغۇڭ كەلمىسە ،مۇشۇ يەردە تۇر،كەتمەن چېپىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماپسەن تېخى.دېھقان بولغاننىڭمۇ زېيىنى يوق،يەردىن چىققان نان ھەممىدىن تاتلىق ھەم پاكىز بولىدۇ،بالام،تەر چىقىپ ئېرىشكەن نەرسىە بىلەن ئولتۇرۇپ يېگەننىڭ ھوزۇرى پەقەتلا ئوخشىمايدۇ.
-ھە-مەن باشقا بىر نەرسە دېمەي،ھە دەپ قويۇپلا يەنە كەتمىنىمنى چېپىۋەردىم.
-مەن بىلىمەن بالام،سېنىڭ ھەقلىڭ بار،ئۇ خوتۇن سېنى كىچىك دەپ ئازدۇرۇپ كەتكەن گەپ،توي قىلماي تۇرۇپ ئۆيۈڭگە كېلىۋالغان ئايالدىن ساڭا ۋاپا كېلەمدۇ،دەيسەن.
-ھە -دادامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭغا خاتا تەرجىمە يەتكۈزگەن ئاكامغا ئاچچىقىم كېلىم كەتمەننى تېخىمۇ كۈچەپ چاپتىم.
-يەنىلا يېزىنىڭ يۇرتنىڭ قىزلىرىغا يەتمەيدۇ،ياقىدىن توي قىلساڭ ياقىلىق بولۇپ كېتىسەن.ئاكاڭغا قاراپ باقە،جاھىللىق قىلىپ ،ياقا يەردىن ئۆيلىنىۋېلىپ ،مانا ئۆيگە يىلدا بىر قېتىممۇ كىلەلمەيدۇ،ئەگەر يۇرتتىن ئۆيلەنگەن بولسا،ئانام بار دادام بار دەپ،نەچچە قېتىم كېلىپ يوقلاپ بولغان بولاتتى.ياقىدىن توي قىلساڭ مانا مۇشۇنداق،ئەل جامائەتتىنمۇ ،ئۇرۇق تۇغقانلاردىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغان گەپ، خاتىرجەم بول،سېنى بىر يىلغا قالماي ،يۇرتتىن ياخشى قىزدىن بىرنى تېپىپ ئۆيلەپ قويىمەن.
-ھە.
-نېمانداق ھە، ھە لا دەيسەن،چىدىمايۋاتقان ئوىشىمامسەن ئۇ خوتۇنغا ،خاتىرجەم بول ،تېزلا ئۇنتۇپ كېتىسەن.
دادام ئىككىمىز كەچكىچە ئىشلەپ،قاراڭغۇ چۈشۈشكە يېقىن ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق،ئېتىزلىققا باشقا خەۋەرلەرنىڭ كەلمىگىنىەە قاراپ ،ئۆيدە بىرەر ئىش چىقمىغانلىقىغا ئىشىنىپ ،كۆڭلۈم ئىزىغا چۈشتى ،بىراق ،يەنىلا كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى ھەنىپەدىن ئەنسىرەپ مېنى بالدۇرراق ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرىتىۋاتاتتى،چۈنكى ئانامنىڭ يەنە ئۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ دېلىنى رەنجىتىشىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتتى.
-بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئىشقا كېلىدىغان بولۇپ كېتىپسەن،ئەمدى سەندىن ئەنسىرىمىسەم بولغۇدەك-دەرۋازىدىن كىرىۋېتىپ ،دادام ماڭا بولغان رازىمەنلىكىنى ئىپادىلەپ ،مېنى راسا ماختاپ كەتتى-ھوي ئانىسى تەرەتكە سۇ راسلىۋېتىڭلا.
دادامنىڭ ئۆيگە كىرىپ چاقىرىشى بىلەن تەڭ ھەنىپە،ئاشخانا ئۆيدىن بىر ئاپتۇۋا سۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى.
-بۇ دەيۈز خوتۇنغا نېمە بار ،بۇ يەردە،ئۇنى يولغا سېلىۋەتتىم دەۋاتمامتىڭ-دادام ھەنىپەنىڭ قولىدىكى چەينەكنى قولىغا ئېلىپ كۈچەپ يەرگە ئاتتى-دەرھال يوقۇلۇش،ھەر ئىككىڭ كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولۇشما.
-نېمە دېسىڭىز دەۋىرىڭ،بىز كەتمەيمىز،بىزنى بۇ ئۆيدىن قوغلىۋېتەلمەيسىز،بىزنىڭ ئكيىمىز مۇشۇ-مەن دادامغا شۇنداق دېگىنىمچە ھەنىپەنى ئېلىپ ھۇجرامغا قاراپ يۈگۈردۈم،دادام مېنى ئۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىنى سېلىپ ئېتىپ،كەينىمىزدىن قوغلىدى،ئۆيگە كىرىپلا ئىشىكنى گۈپپىدە يېپىپلا ئىچىدىن مەھكەم تاقىۋالدىم.
دادام ھويلىدا تۇرۇپ ئاچچىقلاپ قالايمىقان تىللاۋاتاتتى،ھەنىپە ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ قويۇشتۇق، چۈنكى،بىز بىرگە بولۇش ئۈچۈن يۈزىمىزنى قانچىلىك قېلىن قىلساق شۇنچىلىك پايدىلىق بولاتتى.
دادام بىردەم ۋاقىراپ جاقىراپ تىللاپ ھاردى بولغاي جىمىپ قالدى،ھەنىپە ئىككىمىز زىممىمىزدىن ئېغىر بىر يۈكنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەندەك يەڭگىللەپ بىر-بىرىمىزگە مەنىلىك قاراپ قويۇشتۇق.
-ئانام سىزگە بىرنەرسە دېمىگەندۇ؟
-ياق ھېچنەرسە دېمىدى،ئانام سىز كېتىشىڭىزگىلا باغدىن يېنىپ چىقىپ،ھوجۇرىسىغا كىرىپ كەتكەنچە چىقمىدى،قاراپ باقسام يۆگۈنۈپ يېتىۋاپتىكەن،مىجەزى يوقمىكىن يا،مەن قورقۇپ سورىيالمىدىم.
-ئانام،بۇرۇندىن مۇشۇنداق ،بىر ئىش ئېغىر كەلسە ھېچكىمگە گەپ،سۆز قىلماي يېتىۋالىدۇ،ئورنىدىن تۇرغان چېغىدا ،ھەممە ئىشنى ئۇنتۇپ ،ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
ئاغزىمدا شۇنداق دېگەن بېلەن ،كۆڭلۈمدە يەنىلا ئانامنىڭ بۇ ئىشلارنى ئىچىگە ئېلۋېلىپ ،سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىشىدىن ئەنسىرەۋاتاتتىم.
-بەزىدە ئاتا-ئانىڭىزغا قاراپ،ئىككىمىز خاتا قىلدۇقمۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالىمەن مۇھەممەت،بىزنىڭ مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىمىزنى بۇنداق قاخشىتىش ھوقۇقىمىز يوق ئېدى،بىراق بىز...ھەنىپە گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋېتىپ،مۆرەمگە ئاستا بېشىنى قويدى.
-دېگەنلىرىڭىز ھەم توغرا ھەم خاتا،بىزنىڭمۇ بەخىتكە ئېرىشىش ھوقۇقۇمىز بار،كىچىككىنە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاز كەچسەك ،بىر ئۆمۈر بەخىتسىز بولۇپ ،پۇشايمەن بېلەن ياشايمىز،ئاتا-ئانىللىرىمىزمۇ بىزنىڭ بەختىمىزنى ئويلاپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار بىزنىڭ بەخىتلىك ياشاۋاتقانلىرىمىزنى كۆرگەن چېغىدا ،كۆڭلىمىزنى چۈشىنىپ بىزنى كەچۈرىۋېتىدۇ،جاپا چېكىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن،غەيرەت قىلايلى،بىزنىڭ ۋەدىمىزنى ئۇنۇتماڭ،ئەمدى بۇنداق ئىككى خىيال بولىدىغان ئويلاردا بولماڭ،بولامدۇ جىنىم-ھەنىپەنىڭ يۇمران يۈزلىرىنى سىلاۋاتقان چېغىمدا،ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق بىر جۈپتى ھالالىم بولغانلىقىدىن چەكسىز بەخىت ھېس قىلدىم.
-تاماق ئېتەي دېسەم قازان-قۇمۇچ سەي-كۆكتاتلارنىڭ ئورنىنى تازا بىلمەيدىكەنمەن،شۇڭا ئېتەلمىدىم،ئەمدى ھويلىغىمۇ چىقالمايمىز،بىركۈن كەچكىچە ئىشلەپ ئاچ قالىدىغان بولدىڭىزدە.
-مەنغۇ ئېتىزدا دادام ئەكەلگەن ناننى يىدىم،بىراق سىز ،ھېچنەرسە يېمىگەنسىز ھەقاچان،سىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن،بەك تارتىنچاق.-ھەنىپەنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدىن ئۇنىڭ بىر كۈن ئاچ قالغانلىقىنى سەزدىم،بىردىنلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ ،نومۇستىن يۈزلىرىم ئوت ئالغاندەك قىزىرىپ كەتتى.
-ياقەي مەنمۇ نان يىگەن بايام-ھەنىپە شۇنداق دەپ مېنىڭ كۆڭلۈمنى تىندۇرماقچى بولدى.
-قەيەردىكى ناننى يىدىڭىز نان نەدىكەن؟
-ئاشخانىدىن ئېلىپ يىدىم.
ھەنىپەنىڭ جاۋابلىرى ئۇنىڭ ئاچ قورساقلىقىغا مېنى تېخىمۇ بەك ئىشەندۈردى.چۈنكى ئانام چىۋىن كۆپ دەپ،ئەزەلدىن ئاشخانا ئۆيدە يەيدىغان نەرسە قويمايتتى.
-مەن چىقىپ ئازىراق يەيدىغان نەرسە ئەكىرەي،سىز ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ-مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاۋاز چىقارماي ئاستاغىنە ئىشىكنى ئاچتىم.
-مۇھەممەت ،دادىڭىز كۆرۈپ قالسا ،يەنە بىر ئىش بولۇپ قالمىسۇن،چىقمىسىڭىز ياخشى بولاتتى-ھەنىپە ئەندىشە قىلىپ مېنى توسۇشقا ئۇرۇندى.
-ھېچنىمە بولمايدۇ،سىز مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ،جىدەل بولۇپ قالسىمۇ چىقماڭ.
ھەنىپەگە شۇنداق دەپ تاپىلاپ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ نان قويىدىغان ئۆيگە كىردىم.دادام بىلەن ئانامنىڭ ھوجىرىسى نان قويىدىغان ئۆينىڭ ئىچىدىلا بولۇپ سەللا ئېھتىيات قىلمىسام سېزىلىپ قالاتتىم.
-بىرسى كىرگەندەك قىلدى چىقىپ باقاي-تېخى ناننى قولۇمغا ئالماي تۇرسام دادامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-بولدى قىسىلا دادىسى،ھەقاچان مۇھەممەت يەيدىغان نەرسىگە كىرگەن چېغى،سىلە چىقسىللىرى ئالالماي قالمىسۇن،ھېلىقى خېنىممۇ كەلگەننىڭ ياقى ئاغزىغا گىيا سالمىدى،يا مەن يەڭ دەپ قولىغا بەمىدىم ،بۇ بالىمۇ بىر كۈن ئىشلەپ قورسىقى ئاچقاندۇ-ئانامنى مېنى ئاڭلىمىسۇن دەپ دادامغا پىچىرلاپ تۇرۇپ ئېيىتقان گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىدىم،كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى،يەنىلا ئاتا-ئانا دېگەن ئاتا-ئانىكەن،ئۇلار يەنىلا پەرزەنتىنى ئويلايدىكەن،مەن تېخى ئەمدى دادام بىلەن ئانام مېنى كەچۈرمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن،شۇ خىياللار بىلەن تېخ يېپىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان يۇمشاق ناندىن بىرنى ئالدىم،يەنە پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ چىقىپ كەتتىم.
ھەنىپە ئىككىمىز بۇ ناننى خۇددى شەھەرلەردە ئوخشىتىپ ئېتىلگەن بەتتە پولۇنى يىگەندەك بىر-بىرىمىزگە قاراپ مەززە بىلەن يېدۇق.
ئەتىسىھېچئىش بولمىغاندەك سەھەرئورنىمىزدىن تۇردۇق،دادام بىلەن ئاناممۇ بىزگە ئوشۇق تۆشۈك گەپ -سۆز قىلمىدى. ھەنىپە خۇددى يېزا قىزلىرىدەك،ھويلا ئارامنى پاكىزە يىغۇشتۇرۇپ تازلىدى.
نامازدىن كېيىن ،ھەنىپە راسلىغان داستىخاندا ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدۇق،لېكىن ئانام ناشتىغا چىقمىدى ،ئۇنىڭ ئىچى كۈچلۈك بولغاچقا ،كۆڭلىدە كەچۈرىۋەتسىمۇ،ئەمەلىيەتتە بوي بەرگۈسى كەلمەيتتى،ناشتىدىن كېيىن ،دادام كەتمىنىنى دولىسىغا ئارتىپ، تۆنۈگۈن قالغان ئىشلارنىڭ ئاخىرىنى قىلىش ئۈچۈن ئېتىزغا قاراپ ماڭدى.مەن ھەنىپە تەييارلاپ بەرگەن نان بىلەن چاينى ئېلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.دادام بۈگۈن ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى،ئۇنىڭ-ھا،ھاھا-دەپ كەتمەننى كۈچۈپ يەرگە ئۇرۇشلىرىدىن ،ئىچىدىكى دەرد-ئەلىمىنى مۇشۇ كەتمەندىن چىققان توپىلار بىلەن قوشۇپ يەرگە كۆمۈۋەتكۈسى كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.بۈگۈن ئىش تۈگەپ تۆنۈگۈنكىدىن بالدۇرراق ئۆيگە قايتتۇق.
-ئەسسەلامۇ -ئەلەيكۇم،تىنىچ ئامان كەلدىڭمۇ ئۇكام،قاتىپ كەلگىنىڭ ياخشى بوپتۇ ئۇكام لېكىن پەقەتلا ياخشى قىلماپسەن،ئاتا-ئاناڭغا مەسلىھەتمۇ سالماي ،ئۆزۈڭدىن چوڭ بىر ئايال بىلەن توي قىلۋېلىپ ،يەنە نومۇس قىلماي ئۇنى باشلاپ ئۆيگە ئەكەلگىنىڭنى قارا،
-شۇنى دەيمەن،خېلى يۇۋاش تۈزۈك بالا دېسەك قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭنى قارا.
-جاھان بۇزۇلۇپ كەتتى ،كىممۇ قادىركامنىڭ بالىلىرىنى بۇنداق قىلىدۇ ،دەپ ئويلىغان دەيسىلەر.
مەھەللە دوقمۇشىنى ساقلاپ تۇرغان بىر توپ كىشىلەر ،مېنى كۆرۈشى بىلەنلا ئارىغا ئېلىپ بەس-بەس بىلەن ئەيىپلەپ كېتىشتى.مەن ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى،بۇ كۈنلەرنىڭ ھامان بېشىمغا كېلىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا پەملىگەن بولساممۇ ،ئۇلار مېنى ئەيىپلەۋاتقان چاغدا ،ئۆزۈمنى پەقەتلا تۇتىۋالالمىدىم،بىراق دادامغا بىر قاراپلا يەنە ئۆزۈمنى بېسىشقا مەجبۇر بولدۇم.
-ئاھ،ئاھا-دادام ئېغىر ئىچىگە تىنغاندىن كېيىن ،تېز-تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كەتتى.
-قادىراخۇن بىلەن تۇنساخانغا ئۇۋال بولىدىغان بولدىدە،ۋاي ئېسىت....
ئۇلار نىڭ غەيۋەت شىكايەتلىرىنى ئاڭلىماسلىققا تىرىشىپ ،دادامنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.
دادام ھويلىغا كىرىپلا كەتمەننى زەردە بىلەن يەرگە تاشلاپ،زوڭ ئولتۇرۇپلا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.ئۇنىڭغا قاراپ زادىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالامىدىم.
-دادا ،بۇنداق قىلمىسىڭىزچۇ؟خەق نېمە دېسە دەۋەرسۇن،بىزنىڭ نېمە كارىمىز،نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئىككى ئېغىز سۆزى ئۈچۈن بۇنچىۋالا باغرىڭىزنى ئېزىسىز.
-يوقال،كۆزۈمدىن يوقال،ساڭا گەپ قىلىدىغان ئاغزىم يوق،ئۆزەڭچە قىلغان ئىشلىرىڭنى كىچىك ئىش دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسەن،سېنى 20 يىلنىڭ ياقى باققان ئاتا-ئاناڭغا بىر ئېغىز مەسلىھەتمۇ سالماستىن،بىر خوتۇننى ئۆيگە باشلاپ كىرگىنىڭ سېنىڭچە كىچىك ئىشمۇ، ئاناڭ ئىككىمىزنىڭ يۈرىكىنى قان قىلىۋەتتىڭغۇ؟ئەل جامائەتنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى پوق قىلدىڭغۇ،بالا باققانغا تويغۇزدىڭغۇ.
-دادام مەيدەمدىن ئىتتىرىۋېتىپ يەنە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ پىغان بىلەن يىغلاشقا باشلىدى.
تۇيۇقسىز بىر تەرەپتە يىغلاۋاتقان ھەنىپەگە كۆزۈم چۈشىتى ،توۋا بۇ زادى نېمە كۈنلەر ،نېمە گۇناھىم ئۈچۈن ماڭا بۇ كۈنلەرنى كۆرسىتىۋاتقانسەن كەرەملىك خۇدا،ئەجىبا مەن راس خاتا قىلغاندىمەنمۇ؟ئانام ،داداملارنىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى كۈتۈپ تۇرىشىم كېرەك بولغىيمىدى.-تۇيقسىز كاللامغا كىرگەن ئاغرىق نېرۋىللىرىمنى چىڭقاپ چاراسلىتىۋەتتى.
-ئانا سەنمۇ مېنى كەچۈرمەمسەن،-ئاستا قەدەملەر بىلەن مېڭىپ ئانامنىڭ يېنىغا كىردىم،ئانام گەپ سۆزسىز دۈمبىسىنى قىلىپ ياتاتتى.گەپ سۆزسىز يېنىپ چىقىپ ھۇجىرامغا كىرىپ يېتىۋالدىم،ھەنىپەمۇ كەينىمدىن كىرىپ يېنىمدا ئولتۇردى،شۇ تاپتا ئۇنىڭغا نېمە دېيىشنى ،قانداق قاراشنى زادىلا بىلمەيۋاتاتتتىم،ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تەسەللى بەرگۈم بولسىمۇ،بىراق قەلبىمدە ئۆرلەۋاتقان پىغانىم،ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈدەكمۇ ماجالىمنى قويمىغان ئېدى،تۇيۇقسىز مېڭەم قاراڭغۇلشۇپ،ھوشۇمنى يوقۇتۇپ كۆزلىرىم يۇمۇلدى.
-جېنىم بالام كۆزۈڭنى ئاچقىن مېنى قورقۇتما-كۆزلىرىم ئېچىلغاندا ئۆزۈمنى ئانامنىڭ قۇچىقىدا كۆردۈم،نېمە دېگەن راھەت،نېمە دېگەن خاتىرجەم تۇيغۇ ،ھە،ئاخىرى ئانامنىڭ قۇچقىدا يەنە ياتالىدىم،ئانامنىىڭ باغرى نېمە دېگەن ئىللىق ھە،تويۇقسىز كەلگەن بۇ تۇيغۇلاردىن،ئۆزۈمنىڭ تېخى چوڭ بولمىغانلىقىمنى تولىمۇ كىچىك ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
-ئانا-شۇ بىر ئېغىز گەپنى قىلىپ بولۇپلا يەنە كۆزۈم يۇمۇلدى.
شۇ ياتقانچە بىر ھەپتىدەك يېتىپ قالدىم،ئانام بىلەن دادام ،بۇرۇنقىدەك،خۇددى كىچىك ۋاقىتلىرىمدا پايپىتەك بولغاندەك ئەتراپىمدا چۆگىلەپ،ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئۆچمەنلىكىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى.
-پادىشاھ دېگەنمۇ ئاغرىپ قالامدۇ؟قورقۇتۇپ يۈرىكىمنى ئالدىڭىز-بۇ ھەنىپەنىڭ ھوشۇمغا كەلگەندە ئېيىتقان تۇنجى سۆزى.ئۇنىڭ مۇشۇ سۆزى بىلەن مېنىڭ چىرايىمدا قايتىدىن كۈلكە پەيدا بولدى.
-پادىشاھمۇ ئادەم تۇرسا ئەلۋەتتە ئاغرىپ قالىدۇدە خانىشىم.
-بىر ھېسابتا ،ئاغرىپ قالغىنىممۇ ياخشى بولدى،قارىڭە ئانام بىلەن داداممۇ ،ئەمدى بىزنى كەچۈرىۋېتىدىغان بولدى،
-ئاغزىڭىزنى ئۈشۈتمەڭ ئەسكى.
خۇددى مېنىڭ دېگىنىمدەك،مەن ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن ،ئانام بىلەن دادامنىڭ ماڭا بولغان رەنجىشلىرى پۈتۈنلەي يوقالدى،لېكىن ئۇلار يەنىلا ھەنىپەگە ئاداۋەت تۇتىۋاتقاندەك ،ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ سۆز قىلمىدى،ھەنىپەنىڭ شۇ بىچارە تۇرقىغا قارىساملا ئىچىم سىيرىلىپ كېتەتتى،لېكىن،ئانام داداملارنىڭ،كۆڭلىدىكى تۈگۈننىڭ يېشىلىپ،ھەقىقى ھەنىپەنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن يەنە كۈتىشىمىزگە توغرا كېلەتتى.
داۋامى بار.
ئاپتورى: تاھىرجان يۈسۈپ(ئوغۇز)
ئەسلى مەنبە: http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=21765